BSD ۋە BSD ئائىلىسىدىكى مەشغۇلات سىستىمىلىرى

ئىنكاس يوللاش [phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/vendor/twig/twig/lib/Twig/Extension/Core.php on line 1275: count(): Parameter must be an array or an object that implements Countable
Eltekin
يازمىلار: 193
تىزىملانغان ۋاقتى: يەكشەنبە ئاپرىل 22, 2007 5:28 pm
ئالاقىلىشىش:

BSD ۋە BSD ئائىلىسىدىكى مەشغۇلات سىستىمىلىرى

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Eltekin » چارشەنبە ئۆكتەبىر 10, 2007 5:48 am

BSD ۋە BSD ئائىلىسىدىكى مەشغۇلات سىستىمىلىرى
ﯬﺳﺴﺎﻻﻣﯘ ﯬﻟﻪﻳﻜﯘﻡ

BSD ئەسلىدە Berekly Software Distribution نىڭ قىسقارتىلمىسى بولۇپ، بېركلى ئۈنىۋېرسىتى يۇنىكس سىستىمىسى بىلەن بىللە ئىشلىتىش ئۈچۈن تەتقىق قىلىپ ياساپ چىققان پروگراممىلار توپىنى كۆرسىتەتتى . كېيىنچە تېخىمۇ تەرەققى قىلىپ سىرتقا باشقىلارنىڭ ئىشلىتىگە تارقىتىلغاندىن كېيىن كەلگەن تەلەپ پىكىرلەر ئاستىدا تېخىمۇ تەرەققى قىلدۇرۇلۇپ، يۇنىكس ئاساسىدىكى بىر مەشغۇلات سىستىمىسىنىڭ ئۇلى بولۇپ قالغان . 4.3 نەشىرگە يەتكەندە بىر قىسىم پروگراممىرلار بىر گورۇپپا تەشكىللەپ ئەڭ كۆپ تۈردىكى مەركىزى بىر تەرەپ قىلىش سىستىمىسى ئائىلىسىنى قوللاشنى مەقسەت قىلىپ NetBSD گورۇپپىسى بارلىققا كەلگەن ۋە NetBSD نۇسخىسىنى تارقاتقان . بۇ نۇسخا 60 دىن ئارتۇق CPU ئائىلىسىنى قوللايدۇ .
يەنە بىر قىسىم پروگراممىرلار ئىنتىل تىپىدىكى ماشىنىلارنىلا قوللاشقا كۈچىنى مەركەزلەشتۈرۈش ئۈچۈن FreeBSD گورۇپپىسىنى قۇرۇپ چىققان.
بۇ نۇسخا ھازىر دۇنيادا ئەڭ كۈچلۈك مەشغۇلات سىستىمىلىرىدىن بىرى بولۇپ كەلمەكتە ( ياھۇ، ھوتمىل قاتارلىق تور بەتلىرى مۇشۇ سىستىمىنى قوللانغان ۋە ياھو ھازىرمۇ قوللانماقتا ).

1990 . يىللىرىدە يەنە بىر گورۇپ OpenBSD نۇسىخسىنى تارقىتىشقا باشلىغان، ئۇلارنىڭ مەقسىتى بولسا ئەڭ بىخەتەر مەشغۇلات سىستىمىسى ئىشلەپچىقىش ئىدى. ھەقىقەتەنمۇ OpenBSD دۇنيادىكى ئەڭ بېخەتەر مەشغۇلات سىستىمىسى دىيىشكە بولىدۇ . 4 يىل ئىچىدە بىرمۇ يېراقتىن كونترول قىلىش جەھەتتىن چاتاق چىقماي، ياماق پروگرامما چىقارمىغانلىقى بىلەن رىكورد ياراتقان ( ۋىندوزدا ھەر يىلى نەچچە ئون چاتاق چىقىپ تۇرىدۇ ) .

يۇقارقىلار ھەممىسى ھەقسىز تارقىتىلىدۇ، يەنە ئىككى خىل نۇسخىسى ھەقلىق، بۇلار BSD/OS ۋە APPEL نىڭ MAC OS . بۇ نۇسخىلار ھەم بىر بىرىنىڭ تېخنىكىلىرىدىن پايدىلىنىپ تۇرىدۇ ( يادروسى ئاساسەن بىر ) ھەم ھەمكارلىشىدۇ . FreeBSD لىنۇكس پروگراممىلرىنىمۇ قوللايدۇ شۇڭا KDE نى ئىشلەتكىلى بولىدۇ .

مۇشۇ بىر قانچە يىلدا بەزىلەر FreeBSD دىنى ئادەتتىكى كىشىلەرنىڭ نورمال ئىشلىتەلىشى ئۈچۈن FreeBSD نى KDE بىلەن بىرلەشتۈرۈپ PC/BSD ۋە DesktopBSD نۇسخىلىرىنى چىقاردى ..
يەنە بۇ ئائىلىگە قېتىلغان ئەڭ يېڭى ئەزا DragonFlyBSD ، بۇ نۇسخىنى بۇرۇنقى FreeBSD پروگراممىرلىرىدىن مات دىلۇن FreeBSD نى تەرەققى قىلدۇرۇش پىلانىدا بىرلىككە كىلەلمەي FreeBSD نىڭ 5 . نەشىرىگە ئاساسەن ئۆزگەرتىپ ياساپ چىققان، ھازىر خېلى ئالقىشقا ئېرىشكەن ياش سىستىما بولۇپ قالدى.

يۇقىردىكى BSD ئائىلىسىگە بولغان مۇقەددىمە ئىدى . تەپسىلاتىنى كىلەركى يازمىمىزدىن ئوقۇغايسىزلەر .

مۇناسىۋەتلىك تور بەتلىرى
[url]http://www.bsd.org/[/url]
[url]http://www.google.com/bsd[/url]
مەنزىل: بىلىك كۇلۇبىدىن geek يازمىسى.
تۇلۇق ئادرىسى: [url]http://old.bilik.cn/bbs/viewthread.php?tid=12085[/url]



ئىنكاس يوللاش [phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/vendor/twig/twig/lib/Twig/Extension/Core.php on line 1275: count(): Parameter must be an array or an object that implements Countable
[phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/vendor/twig/twig/lib/Twig/Extension/Core.php on line 1275: count(): Parameter must be an array or an object that implements Countable
[phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/vendor/twig/twig/lib/Twig/Extension/Core.php on line 1275: count(): Parameter must be an array or an object that implements Countable

گە قايتىش

توردىكى ئەزالار

مۇنبەردىكى ئەزالار: 1 ۋە 0 مېھمانلار