SkyOS ﻣﻪﺷﻐﯘﻻﺕ ﺳﯩﺴﺘﯩﻤﯩﺴﻰ

Eltekin
يازمىلار: 193
تىزىملانغان ۋاقتى: يەكشەنبە ئاپرىل 22, 2007 5:28 pm
ئالاقىلىشىش:

SkyOS ﻣﻪﺷﻐﯘﻻﺕ ﺳﯩﺴﺘﯩﻤﯩﺴﻰ

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Eltekin » چارشەنبە ئۆكتەبىر 10, 2007 6:00 am

‎ﺳﻜﺎﻱ ﺋﻮ ﺋﯧﺲ (SkyOS
)
[attach]31[/attach]
[attach]26[/attach]

ﺑﯘ ﻣﻪﺷﻐﯘﻻﺕ ﺳﯩﺴﺘﯩﻤﯩﺴﯩﻨﻰ ﺋﺎﯞﺳﺘﯩﺮﯨﻴﻪﻟﯩﻚ ﺭﻭﺑﯧﺮﺕ ﺳﺰﯦﻨﻠﻲ Robert Szeleney ﺑﺎﺷﻠﯩﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭ ﻗﻮﺷﯘﻟﻐﺎﻥ، ﺩﻩﺳﻠﯩﯟﯨﺪﻩ ﮬﻪﻗﺴﯩﺰ ﺗﺎﺭﻗﯩﺘﯩﻠﯩﭗ، ﻛﯧﻴﯩﻨﭽﻪ ﭘﯘﻟﻠﯘﻕ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺋﯚﺯﮔﻪﺭﮔﻪﻥ .
ﺑﯘ ﻣﻪﺷﻐﯘﻻﺕ ﺳﯩﺴﺘﯩﻤﯩﺴﻰ ﺗﯧﺨﻰ ﻳﺎﺵ ﻣﻪﺷﻐﯘﻻﺕ ﺳﯩﺴﺘﯩﻤﯩﺴﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ 64 ﺑﯩﺘﻠﯩﻖ ﮬﯚﺟﺠﻪﺕ ﺑﯩﺮ ﺗﻪﺭﻩﭖ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﯩﺴﯩﻨﻰ ﻗﻮﻟﻠﯩﻨﯩﺪﯗ ( ﺑﯘ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﻰ BeOS ﻧﯩﯔ ﺋﯧﭽﯩﯟﯨﺘﯩﻠﮕﻪﻥ ﮬﯚﺟﺠﻪﺕ ﺑﯩﺮ ﺗﻪﺭﻩﭖ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﯩﺴﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ OpenBFS ﻛﻪ ﺋﺎﺳﺎﺳﻪﻥ ﺋﯚﺯﮔﻪﺭﺗﯩﭗ ﻳﺎﺳﺎﻟﻐﺎﻥ ).
ﺑﯘﻧﯩﯔ ﺋﺎﻻﮬﯩﺪﯨﻠﯩﻜﯩﺪﻩ ﺋﺎﻟﻤﺎ ﻛﻮﻣﭙﻴﻮﺗﺮ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﻳﯧﯖﻰ ﮬﯚﺟﺠﻪﺕ ﺋﯩﺰﺩﻩﺵ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﯩﺴﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ SpotLight ﻏﺎ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﺗﯩﺰ ﺳﯜﺭﺋﻪﺗﺘﻪ ﮬﯚﺟﺠﻪﺕ ﺋﯩﺰﺩﻩﺵ ﻣﻪﺷﻐﯘﻻﺗﻰ ﺋﯧﭗ ﺑﺎﺭﺍﻻﻳﺪﯗ .
قاچىلاش ئانچە مۇرەككەپ ئەمەس.
[attach]27[/attach]
[attach]28[/attach]
[attach]29[/attach]
[attach]30[/attach]

SkyOS ﻳﻪﻧﻪ ﻛﯚﭖ ﯞﺍﺳﺘﻪ Multimedia ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﯩﻨﻤﯘ ﻧﺎﮬﺎﻳﯩﺘﻰ ﺗﯩﺰ ﯞﻩ ﭘﺮﻭﮔﺮﺍﻣﻤﯩﺮﻻﺭﻏﺎ ﺑﯘ ﺋﻪﯞﺯﻩﻟﻠﯩﻜﺘﯩﻦ ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﯩﻨﯩﺸﺘﺎ ﻗﻮﻻﻳﻠﯩﻖ ﻳﺎﺭﯨﺘﯩﭗ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ.
SkyOS ﻳﻪﻧﻪ ﺋﻮﭼﯘﻕ ﻛﻮﺩ Open Source ﺭﻭﺧﺴﻪﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ ﯞﻩ ﺋﻮﭼﯘﻕ ﻛﻮﺩ ﺩﯗﻧﻴﺎﺳﯩﺪﯨﻦ ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﯩﻨﯩﭗ، GTK ﺳﯘﭘﯩﺴﻰ ﯞﻩ GTK ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﻗﯘﺭﯗﻟﻐﺎﻥ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﯩﻖ ﭘﺮﻭﮔﺮﺍﻣﻤﯩﻼﺭﻧﻰ SkyOS ﻳﯚﺗﻜﯩﮕﻪﻥ، ﻣﻪﺳﯩﻠﻪﻥ FireFox, ThunderBird,Gimp,NViu ( ﮬﻪﻣﻤﻪ ﻧﻪﺭﺳﯩﻨﻰ ﻧﯚﻟﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻼﺷﻨﯩﯔ ﻛﯧﺮﯨﻜﻰ ﻳﻮﻕ) .

SkyOS ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻣﻪﺷﻐﯘﻻﺕ ﺳﯩﺴﺘﯩﻤﯩﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﻗﺎﺭﯨﻐﺎﻧﺪﺍ ﺗﯧﺨﻰ ﻳﺎﺵ ﺑﻮﻟﻐﺎﭺ ﺋﯘ ﻗﻮﻟﻼﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ﺩﯦﺘﺎﻝ ﺗﯜﺭﻟﯩﺮﯨﻤﯘ ﮬﺎﺯﯨﺮﭼﻪ ﺋﺎﺯ ، ﺷﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺋﻪﮔﯩﺸﯩﭗ ﺋﯩﺸﻠﻪﺗﻜﯜﭼﯩﻠﯩﺮﯨﻤﯘ ﺋﺎﺯ ﺳﺎﻧﺪﺍ ﺑﻮﭖ ﻛﻪﻟﻤﻪﻛﺘﻪ .

ﺑﯩﺮ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻳﯧﺮﻯ ﺑﯘ ﻣﻪﺷﻐﯘﻻﺕ ﺳﯩﺴﺘﯩﻤﯩﺴﻰ ﺋﯩﻨﮕﯩﻠﯩﺰﭼﯩﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﺗﯩﻠﻼﺭﻧﻰ ﻗﻮﻟﻼﻳﺪﯗ، ﮬﻪﻡ ﮬﻪﻣﻜﺎﺭﻟﯩﺸﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻼﺭ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﻳﻮﻕ ﺗﯩﻠﻼﺭﻧﻰ ﻗﻮﺷﯘﺷﻘﺎ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ.
[attach]32[/attach]
بىلىك كۇلۇبىدىن گېك يوللانمىسى.



گە قايتىش

توردىكى ئەزالار

مۇنبەردىكى ئەزالار: 7 ۋە 0 مېھمانلار