قاتتىق دىسكىنىڭ ھۆججەت سىستىمىسىنى ئۆزگەرتىش

ئىنكاس يوللاش [phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/vendor/twig/twig/lib/Twig/Extension/Core.php on line 1275: count(): Parameter must be an array or an object that implements Countable
Omar14
يازمىلار: 150
تىزىملانغان ۋاقتى: يەكشەنبە ئىيۇن 03, 2007 12:48 am
ئالاقىلىشىش:

قاتتىق دىسكىنىڭ ھۆججەت سىستىمىسىنى ئۆزگەرتىش

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Omar14 » سەيشەنبە يانۋار 15, 2008 10:05 pm

يىقىندا بىر تورداش مەندىن مۇنداق سورىدى
توردىن سىغىمى چوڭراق نەسە چۈشۈرسەم دىسكا سىغىمى يىتشمىدى (磁盘空间不足) ئەمەلىيەتتە نەچچە 10G ئورۇن بوش لىكىن زادى نىمىشقا چوڭ سىغىمدىكى نەسىلەرنى چۈشۈرەلمەيمەن دەيدۇ ~
شۇڭلاشقا مەن بۇنىڭ سەۋەبىنى چۈشەندۈرۈپ بوپ باشقا تورداشلارمۇ مۇشۇنداق ئىشقا يولۇققان بولسا ياردىمى تىگىپ قالار دەپ ئۇشبۇ تىمىنى يازدىم .

توردىن (ئىشەك ، VeryCD دىگەندەك بىكەت ۋەدىتاللارنى ئىشلىتىپ) سىغىمى چوڭراق كونكىرىت دىسەك قاتتىق دىسكىمىزنىڭ
ھۆججەت سىستىمىسى ( File System قىسقارتىپ FS دەيمىز ) FAT32 بولغاندا دىسكا رايۇنىغا تاق (ئايرىم بىر ھۆججەت دىمەكچى) ھۆججەتنىڭ سىغىمى پەقەت 4G دىن ئاشمىغان ئەھۋال ئاستىدا ئاندىن ساقلاشقا بولىدۇ ، ئەگەر سىغىمى ئۇنىڭدىن ئىشىپ كەتسە ھىلىقىدەك (磁盘空间不足) دەپ خەت چىقىۋالىدۇ ! ئەگەر دىسكا رايۇنىڭىزنىڭ ھۆججەت سىستىمىسى FAT16 بوپ قالسا ئەلۋەتتە بۇنىڭدا يەنە ئۆزگىرىش يۈزبىرىدۇ يەنى ساقلاشقا بولىدىغان تاق ھۆججەت چوڭلىقى 2G دىن ئاشماسلىقى كىرەك ! بۇنداق بولىشىدىكى سەۋەب بەلكىم دىسكىنىڭ ئۆمرىنى ئۇزارتىشتۇر !
ئۇنداقتا مۇشۇ مەسلىنى قانداق ھەل قىلىمىز !
بۇنى ھەل قىلىشنىڭ ئۇسۇلى ناھايىتى ئاددى بولۇپ سىز پەقەت دىسكىڭىزنىڭ ھۆججەت سىستىمىسىنى بۇرۇنقى FAT تىن NTFS غا ئۆزگەرتىۋەتسىڭىز لا بولىدۇ ! ئۇنداقىتا بۇ ئىشنى پۈتتۈش ئۈچۈن سىستىمىنى قايتا قاچىلاش كىرەكمۇ ؟(سىستىمىنى قايتا قاچىلاشتىن بۇرۇن قاتتىق دىسكىنى فورماتلاش مەشغۇلاتى ئىلىپ بارىدىغان چاغدىمۇ سىستىما بىزدىن قانداق شەكىلدە فورماتلايدىغانلىقىنى سورايدۇ).
ياق بۇنىڭغا سىستىمىنى قايتا قاچىلاش كەتمەيدۇ ! بىر نەچچە قۇر DOS بۇيرىقىنى بىلۋالسىڭىزلا بولىدۇ !
سىز باشلاش تىزىملىكىدىن ئىجرا تۈرىنى تاللاپ cmd نى يىزىپ ئىجرا قىلىسىز ئاندىن چىققان cmd كوماندا كۆزنىكىدە تۆۋەندىكى بۇيرۇقنى يىزىپ ئىنتىر كونۇپلىسىنى بىسىپ ئىجرا قىلسىڭىزلا قاتتىق دىسىڭىزنىڭ FAT ھۆججەت سىستىمىسىنى NTFS ھۆججەت سىستىمىسىغا ئۆزگەرتەلەيسىز !
开始--------运行----------cmd
[code]CONVERT C:/FS:NTFS[/code]
ئەسكەرتىش:
بۇ بۇيرۇقتىكى CONVERT ختى بىلەن بىز ئايلاندۇرماقچى بولغان دىسكا نامى C:/ ئوتتۇرسىدا بىر بوش ئورۇن بار !

[attach]68[/attach]
مانا ئايلىنىپ بولدى ئەمدى كومپىيۇتېرنى قايتا قوزغىتىۋەتسەكلا بولىدۇ!
بۇ بۇيرۇق ئارقىلىق ئاۋۇ دىسكا نامىنى ئالماشتۇرۇپ C,D,E...... دىسكىلارنىڭ ھۆججەت سىستىمىسىنى ئالماشتۇرۇشقا بولىدۇ !


تەۋسىيە:
سىز پەقەت C دىسكىىزنىلا ئايلاندۇرسىڭىز بولىدۇ ~ يەنى Windows سىستىمىسىنىڭ ئەڭ ياخشى ئىشلەش موھىتى دەل NTFS ھۆججەت سىستىمىسىدۇر ھىچ بولمىغاندا Windows2000 مەشغۇلات سىستىمىسدىن كىيىنكى مەشغۇلات سىستىمىسىدا شۇنداق دەپ كىسىپ ئىيتىمەن .
لىكىن بارلىق دىسكىڭىزنى NTFSشەكىلدە قىلىۋالماڭ ~چۈنكى DOS مەشغۇلات سىستىمىسى NTFS رايۇننى بىۋاستە
زىيارەت قىلالمايدۇ ! يەنى NTFS رايۇنىنى تونۇمايدۇ ! شۇ سەۋەپتىن سىستىمىنى Ghost لاش مەشغۇلاتى ئىلىپ بىرىلغاندا شۇ GHO ھۆججىتىنى ساقلايدىغان ياكى ئىچىپ سىستىما ياندۇردىغان ئىشتا NTFS رايۇنىغا زاپاسلاپ ساقلىۋىلىش ياكى مۇشۇ تىپتىكى رايۇندىن ھۆججەت ئوقۇش مەشغۇلاتىنى ئىلىپ بارالمايدۇ ! ئۇنىڭ ئۈستىگە دىسكا بەلگىسىدە ( C,D,E...دىسكىلار ) قالايمىقانچىلىق كىلىپ چىقىپ خاتا ھالدا باشقا دىسكا رايۇنىنى زاپاسلىۋىلىشتەك ئەھۋاللار كىلىپ چىقىدۇ !
شۇڭلاشقا مىنىڭ بەكلا تەكىتلەيدىغىنىم ھەممىلا دىسكا رايۇنىڭىزنى NTFS قىلىۋالماڭ ~لىكىن C دىسكىڭىزنى (يەنى -مەشغۇلات سىستىمىسى قاچىلانغان دىسكا رايۇنى دىمەكچى) چوقۇم NTFS قىلىپ فورماتلاڭ بۇمۇ سىستىمىڭىزدىكى پروگراممىلارنى ئىزداش ئىجرا بولۇش سۈرئىتىگە بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىدۇ .

بۇ ئۇسۇللار بىشمدىن ئۆتكەن بولۇپ ئىشەنچىلىك ئۇسۇل ھىسابلىنىدۇ ! لىكىن بۇ مەشغۇلات دىسكىنىڭ ھۆججەت سىستىمىسى ئالماشتۇرغانلىقتىن تاساددىبى (مۇبادا مىڭدىن بىر پىرسەنىت) ھۆججەتلەرنىڭ يۈتۈپ كىتىشى مومكىن . لىكىن مەن ئۆزەم پەقەت يولۇقۇپ باقمىدىم ، شۇنداقتىمۇ ئىھتىيات قىلىڭ !

NTFS ھۆججەت سىستىمىسىغا ئائىت خەنزۇچە چۈشەندۈرۈش
[url]http://hi.baidu.com/omar14/blog/item/c8f330dd1c0d3ddd8c102946.html[/url]

[[i] بۇ يازمىنى ئاخىرقى قېتىم تەھرىرلىگۈچى: Omar14 ، ۋاقتى: 2008-1-16 04:38 [/i]]



Newruz
يازمىلار: 113
تىزىملانغان ۋاقتى: پەيشەنبە ماي 24, 2007 12:05 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Newruz » چارشەنبە يانۋار 16, 2008 4:55 am

يازمىڭىز ناھايىتى ئەتراپلىق بوپتۇ. مەن ئازراق تولۇقلاپ قوياي.....

................GHO
ھۆججىتىنى ساقلايدىغان ياكى ئىچىپ سىستىما ياندۇردىغان ئىشتا NTFS رايۇنىغا زاپاسلاپ ساقلىۋىلىش ياكى مۇشۇ تىپتىكى رايۇندىن ھۆججەت ئوقۇش مەشغۇلاتىنى ئىلىپ بارالمايدۇ !
............
گوست 8.3 تىن باشلاپ NTFS نى نورمال تونۇيدۇ. بۇ ئەنسىرەشنىڭ ۋاقتى ئوتتى. بۇرۇنقى سەپلىمىلىك قوش يادروسىز ۋە IDE قاتتىق دېسكىلارغا نىسپەتەن يەنىلا سېستىمما رايۇنىنىڭ FAT32 ئىشلىتىشنى تەۋسىيە قىلىمەن. ماتىريال رايۇنىنى NTFS قىلىۋالساق بولىدۇ. ئامال بار ئىشەكنى ئىشلەتمىگەن ياخشى....ئوقۇش يېزىش ئىقتىدارى ئادەتتىكىدەك دېسكىلارنى تېزلا يىنىك بولسىمۇ كاردىن چىقىرىدۇ. ھەممە قاتتىق دېسكىنى ئاسراشچۈن.

[[i] بۇ يازمىنى ئاخىرقى قېتىم تەھرىرلىگۈچى: Newruz ، ۋاقتى: 2008-1-16 11:02 [/i]]

uiim
يازمىلار: 12
تىزىملانغان ۋاقتى: شەنبە ئۆكتەبىر 13, 2007 10:56 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان uiim » شەنبە يانۋار 19, 2008 4:46 am

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!
FAT بىلەن FAT32 ئوخشىمايدىغاندۇ؟
قارىغاندا ئېشەكتىكى بايلىقنى ئۇنتۇپ قالساق بولىدىكەن-دە!:(

ئىنكاس يوللاش
[phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/vendor/twig/twig/lib/Twig/Extension/Core.php on line 1275: count(): Parameter must be an array or an object that implements Countable
[phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/vendor/twig/twig/lib/Twig/Extension/Core.php on line 1275: count(): Parameter must be an array or an object that implements Countable

گە قايتىش

توردىكى ئەزالار

مۇنبەردىكى ئەزالار: 1 ۋە 0 مېھمانلار