Ubuntuنى تەرجىمە قىلىۋاتقانلار دىققەت!
Ubuntuنى تەرجىمە قىلىۋاتقانلار دىققەت!
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم.
نەچچە كۈندىن بېرى تۇرمۇش ھەلەكچىلىكى بىلەن ئالدىراش بولۇپ كىتىپ كومپيۇتېر بىلەن ھەپىلەشكۈدەكمۇ بولمىغان. بايا ئېچىپ باقمىغىلى ھەپتىدىن ئاشقان Ubuntu نى قوزغىتىپ تۇرسام يېڭىلاش ئۇچۇرى چىقتى. يېڭىلاپ بولغاندىن كىيىن بۇرۇن تاللانمىغان ئۇيغۇرچە تىلنى تاللاشقا بولدى. شۇنىڭ بىلەن كومپيۇتېرنىڭ سېستىما تىلىنى ئۇيغۇر تىلىغا تەڭشەپ كومپيۇتېرنى قايتا قوزغاتىتىم. بەزى جايلار ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىنىپتۇ. بىراق تەرجىمىدە ئىملا خاتالىقى ۋە تەرجىمە خاتالىقى بەك ئېغىر. مەن ئۇچراتقان ئۇيغۇرچە تەرجىمە سۆزلۈكلەردە نۇقسانسىز تەرجىمە قىلىنغان قىسمى پۈتۈن سۆزلۈكنىڭ يېرىمىغىمۇ بارمايدۇ. ھەتتا بەزى تەرجىمىدە ئەسلى مەنا بىلەن تەرجىمە سۆزلۈكنىڭ مەنىسى پەقەتلا يېقىن كەلمىگەن. بۇ سېستىما كومپيۇتېرىمغا ئەسلىدىكى سېستىما بىلەن قوش سېستىما قىلىپ قاچىلانغان بولغانلىقى ئۈچۈن خاتا تەرجىمە قىلىنغان سۆزلۈكلەرنى رەسىمگە تارتىشتا قىينالدىم.
[align=center][img]http://quyash.cn/rasim/ubuntu-hata1.JPG[/img][/align]
شۇڭا مەزكۇر سېستىمىنى تەرجىمە قىلىۋاتقان تورداشلارنىڭ تەرجىمىنىڭ سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن بۇرۇن قىلىپ بولغان تەرجىمىلەرنى قايتىدىن تۈزىتىپ قويۇشىنى ئۈمىت قىلىمەن. ۋە تەرجىمىگە يېتەكچىلىك قىلىۋاتقان غەيرەت ئەپەندىنىڭ بۇ ئىشلارغا كۆڭۈل بۆلۈپ، كىيىنكى تەرجىمە ئىشلىرىدا بۇنداق خاتالىقتىن ساقلىنىش ئۈچۈن تەرجىمىنىڭ سۈپىتىگە دىققەت قىلىپ قويۇشىنى سورايمەن.
ھۆرمەت بىلەن : قۇياش كومپيۇتېر تېخنىكىسى

ئەسسالامۇئەلەيكۇم quyash ئەپەندى،
پىكرىڭىزگە كۆپ تەشەككۈر، دېمەك سىزمۇ Linux نى ئىشلىتىشكە باشلاپسىز، بىلىك كۇلۇبىدا «بىلىمنىڭ زاكىتىنى ئايرىش» دېگەن ھېكمەتلىك سۆز بولىدىغان، مەنمۇ سىزنى Linux نىڭ زاكىتىنى ئايرىشقا دەۋەت قىلىمەن، سىزنى [url]https://launchpad.net/~ubuntu-uyghur[/url] غا تەكلىپ قىلىمەن. تەرجىمىنى [url]https://translations.launchpad.net/ubuntu/intrepid/+lang/ug[/url] دىن باشلاڭ.
بايقىغان مەسىلىلەرنى مۇشۇ يەردە تۈزەتسىڭىز ھەممەيلەن سىزنىڭ «زاكىتىڭىزدىن» نەپ ئالىدۇ.

غەيرەت كەنجى
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام.
لىنۇكىستا تېخى زاكات ئايرىغۇدەك بىلىمگە ئىگە بولمىدۇق.بىزمۇ بىر تەرەپتىن ئۈگەنگەچ بىر تەرەپتىن بىلگەنلىرىمىزنى تورداشلار بىلەن ئورتاقلىشىپ مېڭىۋاتىمىز. بۇرۇن كىنۇكىسنى قاچىلاپ نەچچە كۈن بولا بولماي ۋىندوۋسقا ھاجىتىمىز چۈشسە ئامالسىز دىسكىنى فورماتلاپ ۋىندوۋسنى قاچىلىۋالاتتۇق. شۇنىڭ بىلەن نەچچە كۈن ئۆتۈپ لىنۇكىسنىمۇ ئۇنتۇپ قالاتتۇق. ئۆتكەندە Ubuntuنىڭ 8.10 نەشىرى تارقىتىلغاندا قايتىدىن قاچىلىدىم. نەچچە كۈن ھەپىلىشىپ يۈرۈپ سېستىمىنىڭ ئۈچ كۆرۈنۈشلۈك ئىقتىدارىنى قاچىلاپ، ئۈچ كۆرۈنۈشلۈك ئىقتىدارىغا مەپتۇن بولۇپ نەچچە كۈن بۇ سېستىما بىلەن ھەپىلىشىپ يۈردۈم.كىيىن سېستىمامنى قوش سېستىما قىلىپ قاچىلىۋالدىم. شۇنىڭدىن بېرى ۋىندوۋستا قىلىدىغان ئىشىم بولمىسا Ubuntu نى ئېچىۋالىمەن.
تەرجىمە ئىشىغا كەلسەك، ئېنگىلىزچىدىن چالا ساۋات بولغاچقا تەرجىمانلىققا يارىمايمەن. كەسپى سۆزلەرنى تەرجىمە قىلىشقا سەۋىيەم يەتمەيدۇ. ئەگەر خەنزۇچىدىن تەرجىمە قىلىدىغان ھۆججەت بولسا ئەۋەتىپ بەرسەڭلار چامامنىڭ يىتىشىچە تەرجىمە قىلىشىپ بىرەي.

قۇياش ئەپەندىن تەرجىمە سېپىگە قوشۇلۇشىڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمىز، تەرجىمە قىلىشتا دۇنيادىكى كۆپلىگەن تىللاردىكى تەرجىمىسىدىن پايدىلىنالايسىز، شۇ تىللارنىڭ ئىچىدە خەنزۇچىمۇ بار. تەپسىلاتىنى تۆۋەندىكى تېمىدىن كۆرۈڭ:
[url]http://www.ukij.org/munber/viewthread.php?tid=366[/url]
يۇقىرىقى تېمىدا تەرجىمە قىلىشنىڭ ئېلكىتابى تەمىنلەنگەن. تەرجىمە قىلىش تەرتىپى تونۇشتۇرۇلغان.
[[i] بۇ يازمىنى ئاخىرقى قېتىم تەھرىرلىگۈچى: Sahran ، ۋاقتى: 2008-12-4 14:43 [/i]]

توردىكى ئەزالار
مۇنبەردىكى ئەزالار: 2 ۋە 0 مېھمانلار