Windows7 نى ئىشلىتىشتىن تەجرىبىلەر (1)

ئىنكاس يوللاش [phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/vendor/twig/twig/lib/Twig/Extension/Core.php on line 1275: count(): Parameter must be an array or an object that implements Countable
Omar14
يازمىلار: 150
تىزىملانغان ۋاقتى: يەكشەنبە ئىيۇن 03, 2007 12:48 am
ئالاقىلىشىش:

Windows7 نى ئىشلىتىشتىن تەجرىبىلەر (1)

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Omar14 » سەيشەنبە ماي 25, 2010 12:18 pm

سالام كۆپچىلىك!
رايۇنىمىزدا تور كونتورۇل قىلىنىپ ئاران دىگەندى تور ئىچىلغاندا ئىلمى جەمىيەت بېكىتىنىڭ ئىچىلمىغىنى قارىمامدىغان .... بۇگۈن گەرچە خەتەرلىك بولسىمۇ چىداپ تۇرالماي .
ۋاكالەتچى مۇلازىمىتىر ئىشلىتىپ ئاران دىگەندە كىرەلدىم.:handshake ئۇزۇن بولدى كۆرۈشەلمىدۇق .ھەممىڭلارنىڭ خىزمىتىڭلار جايىدا تېنىڭلار سالامەت كىتىپ بارغاندۇ.:victory:
تۈنجى كىرىپ خۇش بولغان يېرىممۇ بار خاپا بولغان يېرىممۇ بار ... خۇشال بولغىنىم بېكەت ھلىمۇ ساق سالامەت مېڭىۋىتىپتۇ.خاپا بولغان يېرىم مۇشۇ بىر يېلغا يەتمىگەن ۋاقىتتا
يوللانغان بېلىم تېمىلىرىنىڭ سانى 10 غىمۇ يەتمەپتۇ :L بوپتۇ بۇندىن كىيىن بولسىمۇ يوللىنا :handshake .
تۆۋەندە «كومپيۇتېر ۋە تۇرمۇش» ژورنىلىغا ئېلان قىلاي دەپ تەييارلىغان بىر ماقالەم بار ئىدى،كۆرۈشۈش سوۋغىسى سۈپىتىدە مۇشۇ يەردىلا ئىلان قىلاي ئەز قىتىپ قالسا ئەجەپ ئەمەس.



Windows7 نى ئىشلىتىشتىن تەجرىبىلەر (1)
مىكرو يۇمشاق دېتال شىركىتى2009-يىلى 10-ئايدا پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدا Windows7 (تۆۋەندە Win7 دەپ ئىلىنىدۇ) مەشغۇلات سىستېمىسىنى بازارغا سالدى.2007-يىلى مىكرو يۇمشاق دېتال شىركىتى Windows Vista مەشغۇلات سىستېمىسىنى بازارغا سالغان بولۇپ بۇ مەشغۇلات سىستېمىسىنىڭ قاتتىق دېتالغا بولغان تەلىپىنىڭ يۇقىرىلىقى بىلەن ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشەلمەي بازاردىن چېكىنەي دېگەندەWin7 بازارغا سېلىندى ،بۇ مەشغۇلات سىستېمىسىنىڭ قاتتىق دېتالغا بولغان تەلىپىنىڭ تۆۋەن بولىشى ، كۆرۈنمە يۈزىنىڭ يېقىشلىق بولىشى، تور ئىقتىدارلىرىنىڭ ئەلالاشتۇرلىشى بىلەن كەڭ ھەۋەسكارلار ۋە ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى .مەنمۇ مىكرو يۇمشاق دېتال شىركىتىنىڭ قوللىغۇچىسى ۋە ئىشلەتكۈچى ھەۋەسكارى بولغاچقا Win7 نى ئىشلىتىپ يېڭىدىن بايقىغان ياكى يولۇققان مەسىلىلەر توغرىسىدا توختىلىپ ئۆتىمەن .
ئەگەر دوستلار مۇشۇ توغۇرلۇق مەسىلىلەرگە ئۇچرىسا ژورنىلىزمىغا سۇئال ئەۋەتسە ياكى كومپيۇتېر تەجرىبىخانىسى تور بېكىتىنىڭ دانىش پىكىر خانىسىغا سۇئال قالدۇرۇپ قويسا ھەۋەسكارلار بىرلىكتە ھەل قىلساق بولىدۇ .

1.قوزغىتىش پروگراممىسىنى ئۆزلىكىدىن يېڭىلاش
قوزغىتىش پروگراممىسى بولسا كومپيۇتېر ئاساسى تاختىسىغا سىرتتىن ئۇلاپ ئىشلىتىلدىغان قاتتىق دېتال بىلەن ئاساسى تاختىنى ئۇلاپ مەشغۇلات سىستېمىسىنىڭ قاتتىق دېتاللارنى نورمال ئىشلىتىشىدە ئاچقۇچلۇق رول ئوينايدۇ. ئىشلەپ چىقارغۇچى شىركەت قوزغىتىش پروگراممىسىنى يېڭىلىغان ئەھۋال ئاستىدا بۇ يېڭى قوزغىتىش پروگراممىسىنى كومپيۇتېرىمىزغا قاچىلىساق ، شۇ قاتتىق دېتال بىلەن سىستېما بىلەن ماسلىشىپ خىزمەت قىلىدۇ دە كومپيۇتېر ئىقتىدارىدا ياخشىلىنىش بولىدۇ .
لېكىن ئىشلەتكۈچىلەر قايسى ۋاقىتتا قوزغىتىش پروگراممىسىنىڭ تارقىتىدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ ،ياكى بىلسىمۇ ھەممىلا ئىشلەتكۈچى قانداق يېڭىلاشنى بىلىپ كېتەلمەيدۇ، لېكىن Win7 دا ئىشلەتكۈچىنىڭ مۇشۇ قىيىنچىلىقى كۆزدە تۇتۇلۇپ «قوزغىتىش پروگراممىسىنى ئۆزلىكىدىن يېڭىلاش» دەيدىغان تەڭشەش تۈرىنى قوشقان .ئىشلەتكۈچى مۇشۇ تەڭشەكنى تەڭشەپ قويسىلا بۇ قۇلايسىزلىقنى ئاسانلا ھەل قىلالايدۇ.بۇنى تەڭشەشنىڭ ئۇسۇلى تۆۋەندىكىچە :
ئاۋۋال سېستىمىنىڭ ئۆزلىكىدىن يېڭىلاش (WindowsUpdate) ئىقتىدارىنى ئېچىۋىتىمىز . يەنى « باشلام ← كونترول تاختىسى ← سىستېما ۋە بىخەتەرلىك ← Windows Update ← تەڭشەكنى ئۆزگەرتىش » دېگەنلەرنى تېپىپ «مۇھىم يېڭىلانمىلار» نىڭ ئىچىدىن «ئۆزلىكىدىن يېڭىلاش»نى تاللايمىز ھەمدە «تەۋسىيەلەنگەن يېڭىلانما» دىن «مۇھىم يېڭىلانمىلارغا ئوخشاش تەۋسىيەلەنگەن يېڭىلانمىلارنى تەمىنلەش» تۈرىنى تاللاپ جەزملەپ چېكىنىمىز .
开始→控制面板→系统和安全→Windows Update→更改设置→重要更新→自动安装更新
→以接收重要更新的相同方式为我提供推荐的更新→确定
ئاندىن «باشلام ← كونترول تاختىسى ← ئەسۋاب ۋە پرىنتېرنى كۆرۈش» لارنى تەرتىپ بويىچە تاپقاندىن كىيىن چىققان رامكىدىن كومپيۇتېرنىڭ سۈرىتى بار « كومپيۇتېر ئىسمى» دېگەن سىنبەلگىنى تاللاپ مائۇسنىڭ ئوڭ كونۇپكىسىنى چېكىمىز ، چىققان تىزىملىكتىن ئۈسكىنە قاچىلاش تەڭشىكى دېگەن تۈرنى تاللىساق يېڭى بىر رامكا پەيدا بولىدۇ، بۇنىڭدىن «بۇ مەشغۇلاتنى ئۆزلىكىدىن ئىجرا قىلىش» تۈرىنى تاللاپ چىكىنسەكلا بولىدۇ .
开始→控制面板→查看设备和打印机→计算机名称→设备安装设置→自动执行该操作

2.Windows بايانچىسى
ئىلگىركى Windows مەشغۇلات سىستېمىلىرىدا مەلۇم تەڭشەك ياكى تىزىملىكىنىڭ رولى بىلمىگەندە شۇ مەشغۇلاتنى قارغۇلارچە قىلىپ كۆرۈپ بېقىش ياكى ياردەم ھۆججىتىنى ئوقۇش ئارقىلىق رولىنى بىلەتتۇق Win7 دا بولسا مەخسۇس Windows بايانچىسى بار بولۇپ بۇ ئارقىلىق كومپيۇتېرنىڭ بىلمىگەن جايلىرىنى،مۇھىم ئىقتىدارلارنى تەڭشەشنى سۆزلەپ(خەنزۇ تىلىدا) بېرەلەيدۇ . بۇنى قوزغىتىش ئۇسۇلى
«باشلام ← بارلىق پروگرامما ← قوشۇمچە ← قۇلاي زىيارەت ← بايانچى »
开始→所有程序→附件→轻松访问→讲述人



Bidar-Qutlan
يازمىلار: 163
تىزىملانغان ۋاقتى: سەيشەنبە ئاپرىل 03, 2007 4:54 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Bidar-Qutlan » يەكشەنبە ئىيۇن 20, 2010 4:59 pm

بۇ مەزمۇندا يازمىلىرىڭىز مۇشۇ تمىا ئاستىدا داۋاملىشىشىنى ئۈمىت قىلىمەن.

tarim222
يازمىلار: 8
تىزىملانغان ۋاقتى: يەكشەنبە ئىيۇن 20, 2010 10:07 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان tarim222 » دۈيشەنبە ئىيۇن 21, 2010 9:01 am

كۆرۈنمە يۈزىنىڭ يېقىشلىقى كىشىگە ئازادىلىك بېرىدىكەن، مەن ياقتۇرۇپ قالدىم بۇ سېستىمىنى .

Jewlaniy
يازمىلار: 29
تىزىملانغان ۋاقتى: يەكشەنبە ئۆكتەبىر 07, 2007 4:34 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Jewlaniy » پەيشەنبە ئىيۇن 24, 2010 4:22 pm

بەزى بىر يۇمشاق دېتاللارنى قوللىمىغىنىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، بۇ مەشغۇلات سېستىمىسىنى XP دىنى كىيىنكى ياخشى چىققان سېستىما دېيىشكە بولىدىكەن. كومپىيۇتېرنىڭ قاتتىق دېتالىغىمۇ بەك چوڭ تەلەپ قويۇپ كەتمەيدىكەن. خېلى كۆپ تونۇشلىرىمنى خوش قىلىپ قويدۇم. قاچىلاپ بىرىپ.

[[i] بۇ يازمىنى ئاخىرقى قېتىم تەھرىرلىگۈچى: Jewlaniy ، ۋاقتى: 2010-6-24 22:24 [/i]]

ئىنكاس يوللاش
[phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/vendor/twig/twig/lib/Twig/Extension/Core.php on line 1275: count(): Parameter must be an array or an object that implements Countable
[phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/vendor/twig/twig/lib/Twig/Extension/Core.php on line 1275: count(): Parameter must be an array or an object that implements Countable

گە قايتىش

توردىكى ئەزالار

مۇنبەردىكى ئەزالار: 1 ۋە 0 مېھمانلار