android سۇپىسى ئۈچۈن ئۇيغۇرچە يۇمشاق دىتال ئېچىش

Eltekin
يازمىلار: 193
تىزىملانغان ۋاقتى: يەكشەنبە ئاپرىل 22, 2007 5:28 pm
ئالاقىلىشىش:

android سۇپىسى ئۈچۈن ئۇيغۇرچە يۇمشاق دىتال ئېچىش

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Eltekin » پەيشەنبە مارت 03, 2011 4:51 pm

android سۇپىسى ئۈچۈن ئۇيغۇرچە يۇمشاق دىتال ئېچىش

[attach]85[/attach]
2009-يىلى يىل ئاخىردىكى سىتاستىكىغا ئاساسلانغاندا سىمبىيان ئىشلىتىلگەن يانفۇنلارنىڭ جۇڭگۇ بازىرىدىكى ئىگىلىگەن نىسبىتى 58.4 پىرسەنىت بولغان. android نىڭ بازاردا ئىگىلىگەن نىسبىتى 16.5 پىرسەنتىنى ئىگىلىگەن بۇلۇپ ئاندىرويىد نى ئىشلەتكەن يانفۇنلار ئەقلىي يانفۇنلار بازىرىدا 2-ئۇرۇندا تۇردىدۇ. مىكروسوفىتنىڭ موبايىل بولسا ئارانلا 5.5 پىرسەنتىنى ئىگىلىگەن. بۇنى يەرشارىلاشتۇرۇپ سىتاستىكا قىلغاندا 2009-يىللىق سىتاستىكىغا ئاساسلانغاندا سىمبىياننىڭ يەرشارى ئەقلىي يانفۇنلار بازىرىدىكى ئىگىلىگەن نىسبىتى 43.5 پىرسەنىت. ئۇنىڭدىن قالسىلا قارا بۆلجۈرگەن مەشۇلات سىستمىسى ئىشلەتكەن يانفۇنلار. بىراق بۇ يانفۇننىڭ جۇڭگۇ بازىرىدىكى سېتىلىشى ۋە ئىشىلتىلىشى ئىنتايىن تۈۋەن . ئارقىدىن قالسىلا Android نى ئىشلەتكەن ئەقلىي يانفۇنلار 17 پىرسەنىتىنى ئىگىلىگەن. ئەلۋەتتە ۋىندوۋس موبايىلنىڭ دۇنيادا ئىگىلىگەن نىسبىتى ئاندىرويىد تىن تۈۋەن ئەمەس، ئەمما ئاندىرويىد نىڭ يۇشۇرۇن كۈچىنى ھەممە ئادەم بىلىدۇ.چۈنكى ئۇ ئۇچۇق مەنبەلىك. گەرچە نوكىيا نەچچە يىل بۇرۇن ئىنتىل بىلەن ھەمكارلىشىپ Meego مەشغۇلات سىستىمىسىنى بارلىقققا كەلتۈرگەن بولسىمۇ ئەمما Meego نى ئىشلەتكەن يانفۇنلارنىڭ باھاسى قىممەت بولغاچقا ئاندىرويىد ئىشىلتىلگەن يانفۇنلاردەك بازار تاپالمىغان. موتورىلا، سامسۇڭ، دوپۇدا قاتارلىق داڭلىق كۆپلىگەن يانفۇن ئىشلەپچىقىرىش شىركەتلىرى Android نى ئەقلىي يانفۇنلىرىدا ئىشىلتىۋاتىدۇ. موتورۇلا 2010-يىلى بارلىق ئەقلىي يانفۇنلىرىدا Android نى ئىشىلتىشنى قارار قىلدى ۋە قوللاندى.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان يانفۇن ساھەسىدە android مەشغۇلات سىستىمىسى ئىشىلتىلگەن يانفۇنلار يانفۇن ساھەسىدىكى Nokia . Samsung قاتارلىق ماركىلاردىكى يانفۇنلارغا جەڭ ئېلان قىلىپ نۆۋەتتە يانفۇن بازىرىنى ئاساسلىق ئىگەللەپ بولغان سىمبىيان ۋە موبايىل سىستىمىسى ئىشلىتىلگەن يانفۇن شىركەتلىرىگە زور خىرىس ئېلىپ كىلىپ، يانفۇن مەشغۇلات سىستىمىسى ساھەسىدىن Symbian مەشغۇلات سۇپىسىنىڭ چىكىنىشىگە تۈرىتكە بولدى. نۆۋەتتە نوكىيا شىركىتى كىلەر يىلدىن باشلاپ سىمبىيان مەشغۇلات سىستىمىسى ئىشىلتىلگەن يانفۇنلارنى بازارغا سېلىش، ئىشلەشتىن توختىتىپ، مىكروسوفىت بىلەن ھەمكارلىشىپ موبايىل سىستىمىسى ئىشىلتىگەن يانفۇنلارنى بازارغا سالىدىغانلىقىنى، سىمبىيان تەتقىقاتىنى توختىتىدىغانلىقىنى ،بىراق،Symbian 3^ تەتقىقاتى ۋە يانفۇنلىرى بۇ قارارغا كىرمەيدىغانلىقىنى جاكارلىدى. نوكىيانىڭ بۇنداق تاللىشى بازارنى ئىگەللەشكە باشلىغان android غا تاقابىل تۇرماقچى بولغانلىقىمۇ ياكى مىكروسوفىتنىڭ تەييار مەشغۇلات سىستىمىسىدىن پايدىلىنىپ يانفۇنلىرىنى سېتىشنى ئويلاشتىمۇ بىلگىلى بولمايدۇ. ئۇلارنىڭ ھەمكارلىق تۈزىشى خۇددى ئادەمگە خۇددى ئىككىسىنىڭ باشلىقىنىڭ بىرى يەنە بىرىدىن پارا يىگەندەك تۇيغۇ بىرىدۇ. نوكىيانىڭ مىكروسوفىت بىلەن ھەمكارلىشىپ، نوكىيا يانفۇنلىرى ئۈچۈن موبايىل سىستىمىسىغا بەلگىلىك ئىقتىدار ۋە ئىش قۇشۇش ئۈچۈن بەلگىلىك ۋاقىت كىتىدۇ. بۇ جەرياندا Android ۋە ئۇنى ئىشلەتكۈچى كارخانىلار قاراپ تۇرمايدۇ. چۈنكى بۇ ھەمكارلىق باشقا يانفۇن ئىشلەپچىقىرىش كارخانىلىرى ئۈچۈن زور بىر مەيدان رىقابەت جېڭى بۇلىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ.
android نىڭ قانچىلىك كۈچى بارلىقىنى ھەممە ئادەم ھىس قىلالايدۇ. ئۇندىن باشقا سىمبىياننىڭ كىلەر يىلى ئەقلىي يانفۇن ساھەسىدىن چىكىنىدىغانلىقى Android تەرەققىياتى ۋە كىڭىيىشى ئۈچۈن ئالتۇندەك پۇرسەت. Android بۇ ۇرسەتنى ھەرگىزمۇ قولدىن بەرمەيدۇ. Android نىڭ مەيدانغا كىلىپ تەرەققىي قىلىشى قىسقا. تىز تەرەققىي قىلىپ يانفۇن بازىرىنى ئىگەللەۋاتقان سىمبىيان، موبايىلغا خىرىس قىلالىدى. كەلگۈسىدە ئەقلىي يانفۇن ساھەسىدە Windows Mobile ياكى Android نىڭ رىقابەت جېڭى بۇلىدۇ.، گوگىل بىلەن مىكروسوفىت كەلگۈسىدىكى ئەقلىي يانفۇن بازىرىدا قانداق يېڭىلىقلارنى ئېلىپ كىلىدۇ بۇنى بىر نىمە دىگىلى بولمايدۇ.
ئەمما نۆۋەتتىكى رىقابەتتە Android قاراپ تۇرمايدۇ. Android نىڭ تەرەققىياتى زور. كەلگۈسىدىمۇ ھەم شۇنداق.
ئەمدى مۇلاھىزىمىزدىن چىكىنىپ ئۆز گىپىمىزگە كىلەيلى.

كۆپچىلىك ئاۋال بۇ تېمىنى كۈرۈپ ئۆتكەي:

[url]http://qutblog.com/android/android_programma_tuzush/[/url]

دەرھەقىقەت:
نۆۋەتتە android مۇھىتىدا خىزمەت قىلالايدىغان ئۇيغۇرچە يۇمشاق دىتاللار تۇلىمۇ ئاز. android تا ئۇيغۇرچە بىر تەرەپ قىلىش ، تۇنۇتۇش، كىرگۈزگۈچ قاتارلىق يۇمشاق دىتاللار مەيدانغا كەلگەن بولسىمۇ قوللانما دىتاللارنىڭ ئازلىقى كىشىنى مەيۈسلەندۈردىدۇ. نۆۋەتتە پارتىزان شەكىلدىكى تىرىشچان بىر قىسىم ياشلىرىمىز سىمبىيان دا ئۇيغۇرچە يۇمشاق دىتاللارنى ۋە كىرگۈزگۈچلەرنى مەيدانغا كەلتۈرشى، ئۇيغۇرچىنى ە ھەرپىدىن باشقا ھەرىپلىرىمىزنى تۇنۇتۇش ۋە كۈرۈنمە يۈزلىرىنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش، ھەتتە 98 پىرسەنىت ئۈنۈمگە ئىرىشكەن بولسىمۇ ئەمما android نىڭ يانفۇن بازىرىنى ئىگەللىشى، android ئىشىلتىلگەن يانفۇنلارنىڭ باھاسىنىڭ تۈۋەن، ئىقتىدارى كۈچلۈك بۇلىشى قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلى كەلگۈسىدىمۇ سىمبىيان ئىشىلتىلگەن يانفۇنلاردىن android نى ئىشلەتكەن يانفۇنلارنىڭ رايۇنىمىزدا ئىشلىتىدىغانلارنىڭ كۈپۈيىشى ئىھتىمالدىن يىراق ئەمەس.
بىر قىسىم ھەۋەسكارلار ۋە پىروگىراممىچى دوسلار ئاندرويىد ھەققىدە بەلگىلىك مۇۋاپىقيەتلەرگە ئىرىشىۋاتىدۇ.
ئاندرويىد ئۇچۇق مەنبەلىك سىسىتما بولغاچقا، ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش ۋە ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈش سىمبىيان ۋە ئالمىغا قارىغاندا مۇشكىلات ئەمەس.
شۇڭا كەڭ ھەۋەسكار ۋە پىروگىراممىرلارنىڭ Android ئۈچۈن پىروگىرامما تۈزۈش تىللىرىنى ئۈگۈنىشىنى، كىڭەيتىشىنى، گوگىلغا ئاندرويىد تىكى ئۇيغۇر تىلىغا مۇناسىۋەتلىك مەسىللەر ئۈستىدە تەكلىپ پىكىر بىرىش، ئۇيغۇر تىلى ئۈچۈن بەلگىلىك كۈچ چقىرىشىنى ئۈمۈد قىلىمىز.
تۆۋەندە Android ئۈچۈن يۇمشاق دىتال ئېچىش قۇراللىرى بىرىلدى، كۆپچىلىك پايدىلىنىپ باقسا.
پىروگىراممىر بۇلۇشنىڭ شەرتى يوق. شۇنداقلا ئۇنىڭ باش ئاخىرى دەيدىغان ئۆلچىمى يوق. چۈشۈنۈش ۋە ئىزدىنىش ئىقتىدارىڭىز بولسىلا 0 دىن باشلىماستىن يۇقىرى تىپتىكى پىروگىرامما ياساش بىلىملىرىنى ئۈگەنسىڭىز بۇلىۋىرىدۇ. چۇقۇم 0 دىن باشلاش شەرت ئەمەس. شۇنداقلا زۈرۈرىيىتىمۇ ھەم يوق.
[url]http://www.android123.com.cn/[/url]
يۇقارقى بىكەتتە Android ئۈچۈن پىروگىرامما ئېچىش ھەققىدە بىر قىسىم بىلىملەر ۋە پىروگىرامما ئېچىش قۇراللىرى تەمىنلەنگەن. كۆپچىلىك ئىزدىنىپ باقسا ، بۇ ھەقتە مۇنازىرلىشىپ باقساق دىگەن ئۈمۈدتە بىز.

بۇ يەردە ئۇيغۇر يىزىقى ۋە ئاندرويىد ھەققدىكى مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلار:

[url]http://www.qutblog.net/[/url]

[url]http://www.layli.cn/blog/default.asp?cateID=19[/url]

[url]http://www.jadukoz.com/s.asp?q=Android+%D8%A6%DB%87%D9%8A%D8%BA%DB%87%D8%B1%DA%86%DB%95[/url]
بۇ يەردە تەربىيلەشكە ئائىت ئۇچۇرلار باركەن.
[url]http://www.chinatarena.com/class/class_android.asp[/url]



گە قايتىش

توردىكى ئەزالار

مۇنبەردىكى ئەزالار: 6 ۋە 0 مېھمانلار