كومپيۇتېردىكى 4 چوڭ شاۋقۇن مەنبەسىنى يوقۇتۇش

كومپىيۇتېر قاتتىق دېتاللىرى ۋە سەپلىمىلىرىنى ئىشلىتىش، قوللىنىش قاتارلىق جەھەتلەردىكى تەجرىبە، يېڭىلىقلار ۋە مۇشۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك بولغان پايدىلىق ئۇچۇر بىلىملەر قويۇلىدۇ.
ئىنكاس يوللاش [phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/vendor/twig/twig/lib/Twig/Extension/Core.php on line 1275: count(): Parameter must be an array or an object that implements Countable
juxkun
يازمىلار: 19
تىزىملانغان ۋاقتى: يەكشەنبە سېنتەبىر 09, 2007 6:10 am
ئالاقىلىشىش:

كومپيۇتېردىكى 4 چوڭ شاۋقۇن مەنبەسىنى يوقۇتۇش

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان juxkun » شەنبە ماي 17, 2008 4:29 am

ئۆلچەمدىن ئېشىپ كەتكەن شاۋقۇن روھى چۈشكۈنلۈك پەيدا قىلىدۇ. بالدۇر چاچ چۈشۈش، چاچ ئاقىرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ ياكى چاچ چۈشۈشنى، چاچ ئاقىرىشنى تېزلەشتۈرۈۋېتىدۇ. ئۈزلۈكسىز داۋاملاشقان شاۋقۇن ئادەمنى بىخۇدلاشتۇرۇپ قويىدۇ. ھەتتا ھامىلدار ئاياللارنىڭ ھامىلىسىگە تەسر يەتكۈزۈپ، ھامىلىنىڭ نورمال ئۆسۈشىنى توسقۇنلۇققا ئۇچىرىتىدۇ. غەيرىي تەبىئىي ئۆزگىرىش، تۇغۇلغاندىن كېيىنكى بوۋاقنىڭ ئېغىرلىقىنىڭ تۆۋەن بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
شاۋقۇن ئادەمنىڭ باش، بويۇن، قۇلاق ئەتراپىدىكى مۇسكۇللارغا تەسىر قىلىپ، ئارتۇقىچە جىددىيچىلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
بىز تۆۋەندە كومپيۇتېردىكى شاۋقۇنلارنىڭ مەنبەسىنى ئىزدەيمىز
1. توك مەنبە شامالچىسىدىكى ئاۋازى
توك مەنبە شامالچىسىدىن چىقىدىغان ئاۋاز ئاسالىقى ئايلىنىش ۋە تىتىرەشتىن كىلىپ چىقىدۇ. ئايلىنىشتىن چىققان ئاۋاز ئادەتتە شامالچى ئوقىنى سىلىقلىغۇچى ماي تۈگەپ كەتكەنلىكتىن بولىدۇ، ھەل قىلىش ئۇسۇلى شامالچىنىڭ ئوقىغا مەخسۇس سىلىقلىغۇچى ماي ياكى كىيىم تىكىش ماشىنىسىنىڭ مېيىنى تېمىتىپ قويساقلا بولىدۇ. بىراق سىلكىنىپ ئاۋاز چىقىرىش بولسا ئادەتتە شامالچى ياپراقچىسىنىڭ تەكشىسىزلىكىدىن ، ياپراقچىنىڭ بوشاپ قېلىشىدىن ۋە ياپراقچا بىلەن ئوق ئارسىدىكى ئارلىقنىڭ چوڭىيىپ كىتىشىدىن كىلىپ چىقىدۇ. ئەگەر ياپراقچىغا توپا-چاڭلار چاپلىشىۋالغان بولسا ، ۋاقتىدا تازلىۋەتسەكلا بولىدۇ. ئەگەر بىرەر ياپراقچە سۇنۇپ كىتىپ تەڭپۇڭلۇققا تەسىر يەتكۈزگەن بولسا ياكى ئوق بىلەن ياپراقچە ئارسىدىكى ئارلىق چوڭۇيۇپ كەتكەن بولسا ئەڭ ياخشىسى يېڭىدىن بىرنى ئالماشتۇرۇش لازىم.

2. CPU شامالچىسىدىن چىقىدىغان ئاۋاز
CPU شامالچىسىنىڭ ئوقى ۋە ياپراقچىسى ئاسانلا شاۋقۇن پەيدا قىلدىغان ئورۇن ، ئۇزاق مەزگىل ئىشلەتكەندىن كىيىن شامالچى ئوقى سلىقلاش مېيى تۈگەپ كىتىشتىن سەۋەبىدىن كۆپ مىقداردا ئۇپىراق كىتىدۇ دە غەلىتە ئاۋاز چىقىرىشقا باشلايدۇ، بۇنىڭغا بىز كىيم تىكىش ماشىنىسىنىڭ مېيىنى تېمىتىپ قويىمىز.
ئەمەلىي مەشغۇلاتى تۆۋەندىكىدەك : بىز ئاۋال شامالچى ئوقىنىڭ ئۈستى تەرپىگە چاپلانغان خاشۇ بەلگنى(标签نى نىمە دەپ تەرجىمە قىلىشنى بىلمىدىم) ئاۋايلاپ ئېچىپ ، ماي تېمىتىپ بولغاندىن كىيىن يەنە چاپلاق قويىمىز. ئەگەر ياپراقچىنىڭ سۈپىتى ياخشى بولمىسىمۇ بىر مەزگىل ئىشلەتكەندىن كىيىن ئىسسىقتا شەكلى ئۆزگىرىپ شامالچىنىڭ يان تەرپىگە تىگىۋالدىغان بولۇپ قالىدۇ دەپ ئاۋاز چىقىرىدۇ.
شۇڭا كومپيۇتېر ئالغاندا CPU نىڭ شامالچىسىنى ياخشى تاللاش لازىم.
CPU نىڭ شامالچىسىنڭ ئوقىغا ماي تېمىتىش ئورنى:
[img]http://it.hinews.cn/bbs/attachment/Day_071218/23_3734_78888d2d7cacf8f.jpg[/img]
[img]http://it.hinews.cn/bbs/attachment/Day_071218/23_3734_86ed65627d51a0d.jpg[/img]
[img]http://it.hinews.cn/bbs/attachment/Day_071218/23_3734_55e0f1c01e257cd.jpg[/img]
[img]http://it.hinews.cn/bbs/attachment/Day_071218/23_3734_110542bdf14948f.jpg[/img]
3. قاتتىق دىسكىدىن چىقىدىغان ئاۋاز
قاتتىق دىسكىدىن چىقىدىغان ئاۋاز ئاساسلىقى قاتتىق دىسكىنىڭ سىلكىنىشىدىن كىلىپ چىقىدۇ ، بۇ ۋاقىتتا چىققان ئاۋاز ئادەمنىڭ قۇلقىنى يەپ كىتىدۇ ، ئۇنىڭدىن باشقا قاتتىق دىسكىنىڭ بىخەتەلىكىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ. چۈنكى ئورۇنلاشتۇرۇش ياخشى بولماسلىق سەۋەبدىن كىلىپ چىققان سىلكىنىش قاتتىق دىسكىنى بۇزىۋېتىدۇ. شۇڭىلاشقا ۋېرىتكال ئورۇنلاشتۇرۇلغان قاتتىق دىسكا چوقۇم ئاساسى ماشىنا ساندۇقى بىلەن پاراللىل ئورۇنلاشتۇرلىشى ، تىك ئورۇنلاشتۇرۇلغان قاتتىق دىسكا چوقۇم ساندۇق تېگىگە تىك قىلىپ ئورۇنلاشتۇرلىشى مايماق بولۇپ قالماسلىقى لازىم. ئەڭ مۇھىمى قاتتىق دىسكىنىڭ مۇستەھكەم ھالىتىنى ساقلاش(قاتتىق دىسكىنى ئورناتقاندا چوقۇم 3 تىن ئارتۇق مىخ ئىشلىتىش لازىم) ، شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە قاتتىق دىسكىنىڭ توك يول تاختىسىنڭ بۇزۇلۇپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، قاتتىق دىسكىنى مۇقۇملاشتۇردىغان مىخ بەك ئۇزۇن بولماسلىقى ۋە بەك كۈچەپ مەجبۇرى چىڭ چىڭىتىۋېتىلمەسلىكى لازىم

4. ئاساسىي ئاپارات ساندۇقىنىڭ تىتىرىشىدىن چىقىدىغان ئاۋاز
شاندۇقنىڭ تىتىرىشىدىن چىقىدىغان ئاۋازنى يوقۇتۇش ئۈچۈن ، بىز كومپيۇتېر سېتىۋالغاندا ئالاھىدە دىققەت قىلىشىمىز لازىم، ساندۇقنىڭ قاتتىقلىق دەرىجىسى ۋە ساندۇق ۋە ساندۇق گەۋدىسىنىڭ ئۇلىنىش شەكلى قاتارلىقلارغا دىققەت قىلىشىمىز لازىم. ماتېريالى بەك نىپىز ۋە بەك «تىجەشلىك» بىلەن ئىشلەنگەن ساندۇقلار پۇختا ئەمەس. قولمىز بىلەن ساندۇقنى يەڭگىل بېسىپ باقساق قاتتىقلىقنىڭ ئۆلچەمگە توشىدىغان توشمايدىغانلىقىنى بىلەلەيمىز. ساندۇق ياپقۇچ بلەن ساندۇق گەۋدىسى بۇرما مىخ بىلەن تۇتاشتۇرۇلغان بولسا بىر قەدەر پۇختا بولىدۇ، بىراق ھېلقىدەك بۇرما مىخ ئىشلىتىلمىگەن ساندۇقتىن ئاسان ئاۋاز چىقىدۇ. ئەڭ ياخشىسى سېتىۋالغاندا ياخش ئويلىنىپ سېتىۋېلىڭ.
ئۇنىڭدىن باشقا قوراشتۇرۇش ۋە ئىشلىتىش جەريانىدا سىلكىنىشنىڭ ئالدىنى ئالدىغان ئۇسۇللىرىنى قوللانساقمۇ بولىدۇ، ياپقۇچ بىلەن ساندۇق تۇتشىدىغان ئورۇنغا 4~3مىللىمېتىر كىلدىغان كۆپتۈرمە خاشۇ لىنتا قىسۇتۇرۇپ ئاندىن چىڭىتساق ئاۋاز چىقمايدىغان بولىدۇ.
_________________________________________
مەنزىل : [url=http://juxkun.blogbus.com/]http://juxkun.blogbus.com/[/url]



ئىنكاس يوللاش [phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/vendor/twig/twig/lib/Twig/Extension/Core.php on line 1275: count(): Parameter must be an array or an object that implements Countable
[phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/vendor/twig/twig/lib/Twig/Extension/Core.php on line 1275: count(): Parameter must be an array or an object that implements Countable
[phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/vendor/twig/twig/lib/Twig/Extension/Core.php on line 1275: count(): Parameter must be an array or an object that implements Countable

گە قايتىش

توردىكى ئەزالار

مۇنبەردىكى ئەزالار: 2 ۋە 0 مېھمانلار