قاتتىق دېسكنىڭ ئۇچۇر ئالماشتۇرۇش ئېغىزى ھەققىدە

كومپىيۇتېر قاتتىق دېتاللىرى ۋە سەپلىمىلىرىنى ئىشلىتىش، قوللىنىش قاتارلىق جەھەتلەردىكى تەجرىبە، يېڭىلىقلار ۋە مۇشۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك بولغان پايدىلىق ئۇچۇر بىلىملەر قويۇلىدۇ.
ئىنكاس يوللاش [phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/vendor/twig/twig/lib/Twig/Extension/Core.php on line 1275: count(): Parameter must be an array or an object that implements Countable
Omar14
يازمىلار: 150
تىزىملانغان ۋاقتى: يەكشەنبە ئىيۇن 03, 2007 12:48 am
ئالاقىلىشىش:

قاتتىق دېسكنىڭ ئۇچۇر ئالماشتۇرۇش ئېغىزى ھەققىدە

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Omar14 » دۈيشەنبە ئىيۇن 28, 2010 6:27 pm

قاتتىق دېسكا ئۇچۇر ئالماشتۇرۇش ئېغىزى ئادەتتە IDE , SATA , SCSI ، ۋە ئوپتىك كابىللىق ئېغىز دىن ئىبارەت تۆت خىل ئېغىز ئارقىلىق ئۇلىنىدۇ. ئوخشاش بولمىغان ئۇلاش ئېغىزى كومپىيۇتېر بىلەن قاتتىق دىسكىنىڭ ئۇچۇر يوللاش سۈرئىتىنى بەلگىلەيدۇ. IDE , SATA ئېغىزلىق قاتتىق دىسكا ئادەتتە ئائىلە كومپىيۇتېرلىرى ۋە ئادەتتىكى مۇلازىمىتېرغا ئىشلىتىلىدۇ، SCSI ئېغىزلىق قاتتىق دىسكا مەخسۇس مۇلازىمىتېرلارغا ئىشلىتىلىدۇ،ئوپتىك كابىل ئېغىزلىقى ئالاھىدە مۇلازىمىتېرغا ئىشلىتىلىدىغان بولۇپ باھاسى ئىنتايىن قىممەت (ئادەتتە 30 گىگالىق قاتتىق دېسكا باھاسى 1500 يۇەن ئەتراپىدا). دۆلەتنىڭ چوڭ ۋە مۇھىم ئورۇنلىرى ھەربى سانائەت قاتارلىق ئورۇلاردا مۇشۇنى ئىشلىتىدۇ. تۆۋەندە رەسىمى بىرىلدى:

1. IDE ياكى ATA ئېغىزلىق قاتتىق دىسكا
بۇ خىل ئېغىزلىق قاتتىق دىسكا ئەڭ كۆپ ئوموملاشقان بولۇپ ئىنگىلىزچە تولۇق ئاتىلىشى "Integrated Drive Electronics" . بولۇپ قاتتىق دىسكا كونتروللىغۇچ بىلەن دىسكا بىرلەشتۈرۈلگەن قاتتىق دىسكىلىق قوزغاتقۇچ. شۇڭا بۇخىل ئېغىزلىق قاتتىق دىسكا ماسلىشىشچانلىقى ياخشى بولۇش، سۈپىتى ياخشى بولۇش ۋە باھاسى ئەرزان بولۇش بىلەن ئىستىمالچىلارنىڭ قارشى ئىلىشىغا ئىرىشكەن.بۇ خىل ئىغىر بۇرۇنقى چىققان قاتتىق دېسكا ۋە ئوپتىك دېسكا قوزغاتقۇچلاردا كۆپ ئۇچرايدۇ.
[align=center][img]http://i3.6.cn/cvbnm/bb/88/33/b45f508eceb07e61c2bb5e834ccadb56.jpg[/img][/align]

2. SATA ئېغىزلىق قاتتىق دىسكا
بۇ خىل ئېغىزلىق قاتتىق دسكىنىڭ ئىنگىلىزچە تولۇق ئاتىلىشى Serial ATA بولۇپ ، شەخىسلەر ئىشلىتىدىغان كومپىيۇتېر (PC) لارغا ھازىر ئىشلىتىۋاتقان مودا ئېقىمدىكى قاتتىق دىسكا. بۇ خىل دىسكىنىڭ بازارغا سىلىنغىنىغا ئانچە ئۇزۇن بولمىدى. بۇ خىل قاتتىق دىسكا IDE ئېغىزلىق قاتتىق دىسكا بىلەن تۈپتىن ئوخشىمايدىغان بولۇپ، بارلىق مەشغۇلاتنى ئۇلاش ئېغىزىدىكى تۆت تال يىڭنە تاماملىيالايدۇ. بىرىنجى يىڭنە سانلىق مەلۇمات تارقىتىدۇ، ئىككىنجى يىڭنە سانلىق مەلۇمات قوبۇل قىلىدۇ، ئۈچىنجى يىڭنە قاتتىق دىسكىغا توك تەمىنلەيدۇ، تۆتىنجى يىڭنە يەر سىمىدىن ئىبارەت. بۇ خىل ئۇلاش ئېغىزىغا تېخىمۇ يۇقىرى تېخنىكا قوللىنىلغان بولۇپ، ئۇچۇر يوللاش ۋە قوبۇللاش ئىقتېدارى كۈچلۈك، توك سەرپىياتى تۆۋەن، ئايلىنىش داۋامىدا قاتتىق دىسكا ئاسان قېزىپ كەتمەيدۇ. ئادەتتىكى IDE ئېغىزلىق قاتتىق دىسكىنىڭ ئەڭ يۇقىرى ئۇچۇر يوللاش سۈرئىتى 200MB/s (سىكونت\ مىگابايىت) بولۇپ، نۆۋەتتىكى SATA ئېغىزلىق قاتتىق دىسكىنىڭ ئەڭ يۇقىرى ئۇچۇر يوللاش سۈرئىتى 600MB/s (سىكونت\ مىگابايىت) ئەتىراپىدا. بۇ خىل ئېغىزلىق قاتتىق دىسكا ھازىرقى يىڭىدىن چىققان ئانا تاختا نى قوللايدىغان بولۇپ، بۇرۇنقى كومپىيۇتېرلارغا ماس كەلمەيدۇ. باھاسىمۇ ئانچە يۇقىرى ئەمەس، سۈرئىتى خېلىلا يۇقىرى بولۇپ، نۆۋەتتە بارا-بارا IDE ئېغىزلىق قاتتىق دىسكىنىڭ ئورنىنى ئالماقتا.
[align=center][img]http://i3.6.cn/cvbnm/93/31/38/24054742b52714141db0cd73b8a5d187.jpg[/img][/align]

3. SCSI ئېغىزلىق قاتتىق دىسكا
بۇ خىل ئېغىزنىڭ ئىنگىلىزچە تولۇق ئاتىلىشى Small Computer System Interface بولۇپ ( ئۇيغۇرچە كىچىك تىپتىكى ئېلىكتىرونلۇق ھېسابلاش ماشىنا سىستېمىسى ئېغىزى دىيىلىدۇ) IDE ئېغىز بىلەن تۈپتىن ئوخشىمايدۇ. IDE ئېغىز بولسا PC لارنىڭ ئۆلچەملىك ئۇلاش ئېغىزى، لىكىن SCSI ئېغىز مەخسۇس قاتتىق دىسكا ئۈچۈنلا لاھىيلەنگەن ئېغىز ئەمەس بولۇپ، كىچىك تىپتىكى مۇلازىمىتېرلارنىڭ يۇقىرى سۈرئەتتە ئۇچۇر ئالماشتۇرۇش تېخنىكىسىغا قوللىنىلىدۇ. SCSI ئېغىز ئىشلىتىش ئورنى كەڭرى بولۇش، كۆپ يۈكلىمىلىك بولۇش، دولقۇن كەڭلىكى چوڭ بولۇش، CPU نى ئىگىلەش نىسبىتى تۆۋەن بولۇش ۋە ئىسسىق ھالەتتە (خىزمەت ھالىتىدە) ئىلىپ-سىلىشقابولۇشتەك ئالاھىدىلىككە ئىگە. لىكىن، باھاسىنىڭ بىر قەدەر يۇقىرى بولۇش سەۋەبى بىلەن ئالىي مۇلازىمىتېر ۋە ئالىي ئۇچۇر خىزمەت پونكىتىدىلا ئىشلىتىلىۋاتىدۇ.
[align=center][img]http://i3.6.cn/cvbnm/a0/d0/18/3e3a5864070e83775e5ea1238bee4c24.jpg[/img][/align]


4. ئوپتىك كابىللىق ئىغىز
بۇ خىل ئېغىز نىڭ ئىنگىلىزچەتولۇق ئاتىلىشى Fibre Channel بولۇپ، ئۇمۇ SCSI ئېغىزغا ئوخشاش مەخسۇس قاتتىق دىسكا ئۈچۈنلا لاھىيلەنگەن ئېغىز ئەمەس بولۇپ، مەخسۇس تور سىستېمىسىغا لاھىيلەنگەن . بىراق، ساقلاش-ئوقۇش سۈرئىتىگە بولغان تەلەپنىڭ كۈنسىرى ئىشىشىغا ئەگىشىپ قاتتىق دىسكا سىستېمىسىغىمۇ ئىشلىتىلمەكتە. ئوپتىك تالا يوللۇق قاتتىق دىسكىنىڭ مەيدانغا كىلىشى قاتتىق دىسكىنىڭ ئوقۇش-يېزىش سۈرئىتىنى غايەت زور يۇقىرى كۆتۈرۈپ، ئۇچۇر-ئالاقە ئىشلىرىنى تېخىمۇ ئىلگىرى سۈردى. ئوپتىك كابىللق قاتتىق دىسكا مۇلازىمىتېرغا ئوخشاش كۆپ قاتتىق دىسكىلىق مەشغۇلات مۇھىتى ئۈچۈن لاھىيلەنگەن بولۇپ، ئالىي خىزمەت پونكىتى، ئالىي مۇلازىمىتېر، غايەت زور سانلىق مەلۇمات ئامبىرى تورى، نۇقتىدىن نۇقتىغا ئالاقەقىلىش ياكى كۆپ يوللۇق يۇقىرى سۈرئەتلىك ئالاقە قاتارلىقلارنىڭ ئىھتىياجىدىن تامامەن چىقالايدۇ. شۇغىنىسى بۇخىل قاتتىق دىسكىنىڭ باھاسى ھەددىن زىيادە قىممەت بولۇپ، ئائىلىدە ياكى ئىدارە-ئورگانلاردا ئىشلىتىشكە ماس كەلمەيدۇ.
[align=center][img]http://i3.6.cn/cvbnm/36/fe/27/6b1842f98570f731b5c3d4c7c7af4df2.jpg[/img][/align]



ئىنكاس يوللاش [phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/vendor/twig/twig/lib/Twig/Extension/Core.php on line 1275: count(): Parameter must be an array or an object that implements Countable
[phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/vendor/twig/twig/lib/Twig/Extension/Core.php on line 1275: count(): Parameter must be an array or an object that implements Countable
[phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/vendor/twig/twig/lib/Twig/Extension/Core.php on line 1275: count(): Parameter must be an array or an object that implements Countable

گە قايتىش

توردىكى ئەزالار

مۇنبەردىكى ئەزالار: 1 ۋە 0 مېھمانلار