رامىزانلىق سوۋغا- ئۇيغۇرچە«يانداش قوراللار»

كومپىيۇتېردا كۆپ ئىشلىتىلىدىغان يۇمشاق دېتاللارنىڭ ھەر خىل ئىقتىدارلىرىنى تونۇشتۇرۇش، ئىشلىتىش ئۇسۇلى ھەققىدە كۆرسەتمە بېرىش ۋە ئاز ئۇچرايدىغان، كۆپ قوللىنىلمايدىغان دېتاللارنى تونۇشتۇرۇش ۋە ئىشلىتىش ھەققىدىكى بىلىملەر قويۇلىدۇ.
Sherari
يازمىلار: 16
تىزىملانغان ۋاقتى: جۈمە ئاپرىل 27, 2007 6:40 pm
ئالاقىلىشىش:

رامىزانلىق سوۋغا- ئۇيغۇرچە«يانداش قوراللار»

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Sherari » چارشەنبە سېنتەبىر 12, 2007 10:47 am

يېقىندىن بېرى يۇمشاق دېتال ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش ئىشلىرىمىزدا خېلى چوڭ مۇۋاپىقىيەتلەر قولغا كەلدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە دوستلارنىڭ ئۇيغۇرچە دېتاللارغا بولغان تەلىپىمۇ بارغانسىرى ئېشىپ بېرىۋاتىدۇ. كومپيۇتېردا بەزى مەشغۇلاتلارنى رويىخەت(تىزىملاش جەدىۋىلى)كە پىششىق بولمىغاندا بىجىرگىلى بولمايلا قالماستىن، سىستېمىنى بۇزۇپ قويىدىغان ئەھۋاللار دائىم كۆرۈلۈپ تۇرىدۇ. رويىخەت ھەقىقەتەن ئوينىشىدىغان نەرسە ئەمەس! مەن خېلىدىن بېرى بەزى رويىخەت ھۆججەتلىرىنى يىغىپ كەلگەن ئىدىم، كۈنلەرنىڭ بىرىدە بۇلارنى يىغىپ ئاددىي بىر دېتال ياساپمۇ قويماقچى ئىدىم. شۈكرىكىم، ئىگەمنىڭ ھىممىتى بىلەن بۈگۈنگە ئۇلىشىپ، مۇشۇنچىلىك بولسىمۇ مىدىرلاپتىمەن.بۇ دېتالدىن سىزگە ئازىراق نەپ تەگسە، مېنىڭ ھاردۇقۇم چىققۇسى.

بۇ دېتالمۇ ئەسلى خەنزۇچە بىكەتلەردىكى ئىقتىدارى مۇشۇنىڭغا تەڭداش بىر دېتال ئىدى، كەمىنە ئۇنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇپ باقماقچى بولۇپ، قېيىنچىلىققا يولۇقتۇم، شۇنىڭ بىلەن بۇنداق ئاددىي دېتالنى ئۆزەملا ياسىمايمۇ دېگەن ئىستەك بىلەن، بىرتەرەپتىن ماتېرىيال كۆرۈپ، ئاخىر بۇنى روياپقا چىقاردىم. ۋاقىت قىس، تەجىرىبەم كەمچىل، ئۇنىڭ ئۈستىگە كەمىنىمۇ VB دا پروگرامما تۈزۈشنى يېڭىلا ئۈگەنگەن، دوستلارنىڭ كەمچىلىكلەرنى سەمىمىيلىك بىلەن كۆرسىتىپ بېرىشنى ئۈمىد قىلىمەن.
پروگراممىنى تۈزۈش جەريانىدا قىممەتلىك پىكىر- تەكلىپىنى ئايىمىغان «سەھران» ئەپەندىگە ئالاھىدە تەشەككۈرۈمنى بىلدۈرىمەن.
ئەسكەرتىش: بۇ دېتالنىڭ ئىقتىدارى كونۇپكىلاردا قەيت قىلىنغان ئىبارىلەر بىلەن بىردەك، ماس كونۇپكا بىلەن ماس مەشغۇلات بىجىرىلىدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسى سىستېما رويىخېتىنى ئۆزگەرتىش ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇ، بۇ رويىخەت ھۆججەتلىرىمۇ قاچىلانغان مۇندەرىجىدە بار. ئەلبەتتە خەنزۇتىلىنى چۈشەنسىڭىز، شۇ ھۆججەتلەرنى ئىجرا قىلسىڭىزلا مەشغۇلات ئىجرا بولىدۇ. تەرجىمە جەريانىدا كەمىنە يولۇقۇپ باقمىغان بەزى ئاتالغۇلار ئۇچرىغانلىقى ئۈچۈن، ئاتالغۇلار دەل جايىنى تاپالماي قالغان، ھەتتا خاتا كېتىپ قالغان جايلىرى بولىشى تەبىئىي. ئەمدى سىز مۇشۇ خاتا جايلارغا يولۇقسىڭىز، ئازغىنە كۈچ چىقىرىپ، بىلىك كۇلۇبى ۋە ئىنتىل سەيناسىدىكى ماس تېمىغا يوللاپ قويغايسىز، شۇندىلا مەن ئۆز ئەمگىكىمدىن رازى بولغايمەن، ھاسىل كالام.

كامالى ئېھتىرام بىلەن: بىلىك، ئىنتىل تەرجىمە گورۇپپىسىدىن: شەرارى

2007-يىلى 12-سىنتەبىر

[[i] بۇ يازمىنى ئاخىرقى قېتىم تەھرىرلىگۈچى: Sherari ، ۋاقتى: 2007-9-13 08:46 [/i]]



Sherari
يازمىلار: 16
تىزىملانغان ۋاقتى: جۈمە ئاپرىل 27, 2007 6:40 pm
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Sherari » پەيشەنبە سېنتەبىر 13, 2007 2:49 am

تۈنۈگۈن چۈشۈرگەن دوستلار ئازىراقمۇ خاتالىق بايقىمىدىڭلارمۇ؟
ئۇنداق ھورۇن بولۇپ كەتمەيلى! تۈنۈگۈن ئالدىراشچىلىقتا مۇندەرىجىسى خاتا بولۇپ، ھېچقانداق كونۇپكىنىڭ رولى يوق بولۇپ قاپتىكەن. بۈگۈن تۈزۈتۈپ يوللاپ قويدۇم.
قېنى ئەمدە سىناپ بېقىڭلار.

DolanliK
يازمىلار: 34
تىزىملانغان ۋاقتى: پەيشەنبە سېنتەبىر 13, 2007 1:13 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان DolanliK » پەيشەنبە سېنتەبىر 13, 2007 3:23 am

بۇ ھۆججەتنى چۈشۈرۈشپ پىرىستىن يىشىپ <يانداش قۇراللار> دىگەن ھۆججەتنى چەكسەم خاتالىق چىقۋالدى . 应用程序初始化失败
دەپ . باشقىلار سىناپ باقتىڭلارمۇ ؟

Sherari
يازمىلار: 16
تىزىملانغان ۋاقتى: جۈمە ئاپرىل 27, 2007 6:40 pm
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Sherari » پەيشەنبە سېنتەبىر 13, 2007 5:27 am

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!
ئەسكەرتىشنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن، بۇ دېتال NetFramework2.0 سۇپىسىدا نورمال ئىشلەيدۇ. بۇنى قاچىلاپ، ئاندىن بۇ دېتالنى نورمال ئىشلەتكىلى بولىدۇ.

DolanliK
يازمىلار: 34
تىزىملانغان ۋاقتى: پەيشەنبە سېنتەبىر 13, 2007 1:13 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان DolanliK » پەيشەنبە سېنتەبىر 13, 2007 5:47 am

شۇنداق ئىكەن . مەن يۇلغۇن تەھرىرلىگۈچنى قاچىلاپ ئاندىن قوزغۇتۇپ سىناپ باقسام نۇرمال ئىشلىدى .:victory:

Computer
يازمىلار: 88
تىزىملانغان ۋاقتى: جۈمە ئاۋغۇست 31, 2007 3:53 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Computer » پەيشەنبە سېنتەبىر 13, 2007 10:11 am

پەچەت چىقىپتۇ.:victory:
لىكىن، ئەپسۇس Windows2003تە ئىشلىمىدى، بۇيرۇق كونۇپكىسىنى باسقاندىن كىيىن regھۆججىتىنى قوشۇمسىز، دەپ ئەسكەرتىش چىقتى، ھە، دەپ جەزىملەشتۈرگەندىن كىيىن، خاتالىق ئۇچۇرى چىقىۋالدى، ھەممە بۇيرۇق ئوخشاش شۇنداق خاتالىق بار.
چىققان ئۇچۇر
打开文件时出错。可能有磁盘或文件系统错误。

Computer
يازمىلار: 88
تىزىملانغان ۋاقتى: جۈمە ئاۋغۇست 31, 2007 3:53 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Computer » پەيشەنبە سېنتەبىر 13, 2007 10:13 am

ئىقتىدارى ھەقىقەتەن مۇكەممەل ئىكەن، جىق مۇھىم بۇيرۇقلار باركەن، كۆرۈنۈشىگە ئازراق ئۆزگەرتىش كىرگۈزسىڭىز، كونۇپكىلار بۇيرۇقى ئالدىغا كىچىك ماس بولغان سىن بەلگىلەرنى قىستۇرسىڭىز، بەكمۇ بەلەن بولغۇدەك.
توغرا يۇقاردىكى خاتالىق چىقىش سەۋەبىنى بىر ئوڭشايلى.

Yawuz
يازمىلار: 38
تىزىملانغان ۋاقتى: سەيشەنبە ئاپرىل 10, 2007 6:36 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Yawuz » جۈمە سېنتەبىر 14, 2007 11:40 am

مەن چۈشۈرۈپ پېرىستىن يېشىپلا ئىجرا قىلسام بىر ھۆججەت ئىجرا بولدىيۇ، لېكىن نىمىگە ئىشلىتىدىغانلىقىنى بىلمەيلا قالدىم

Eltekin
يازمىلار: 193
تىزىملانغان ۋاقتى: يەكشەنبە ئاپرىل 22, 2007 5:28 pm
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Eltekin » شەنبە سېنتەبىر 15, 2007 9:05 am

كومپىيۇتىر ئەپەندىم، Windows2003 دا نۇرمال ئىشلىدى. مەندە مۇلازىمىتىر نۇسقىسى بار ئىدى. نۇرمال ئىجرا بولدى. لىكىن، تىزىملاش جەدۋىلى قۇلۇپلىنىپ قاپتىكەن... بۇيرۇقلارنى ئىجرا قىلىشقا ئامالسىز قالدىم...
مۈمكىن بولسا تىزىملاش جەدۋىلىنى قۇلۇپلاش ياكى ئېچش دىگەن تۈرنىمۇ قۇشۇپ قويغان بولساق.

ياۋۇز ئەپەندىم، ئۇ سىستىما بىر كۇنۇپكا ئارقىلىق، تىزىملاش جەدۋىلىدىكى مۇناسىۋەتلىك جايلارنى ئۆزگەرتىش ئارقىلىق سىستىمىغا ئازراق ئۆزگەرتىشتە ئىشىلتىلىدۇ.
مەسىلەن، ھەممە دېسكا رايۇنىنى يۇشۇرماقچى بولسىڭىز شۇ كۇنۇپكىنى بېسىپ قايتا قوزغاتسىڭزىلا ھەممە دېسكارايۇنىنىڭ يۇشۇرنىۋالغانلىقىنى كۈرىسىز... :) :handshake

Sherari
يازمىلار: 16
تىزىملانغان ۋاقتى: جۈمە ئاپرىل 27, 2007 6:40 pm
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Sherari » جۈمە سېنتەبىر 21, 2007 3:29 am

ئەلتېكىن ئەپەندى، تازا زەن سېلىپ قارىماپسىز، تىزىملاش جەدىۋىلىنى قۇلۇپتىن ئېچىش دېگەن تۈر بار.

ئىنكاس يوللاش
[phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/vendor/twig/twig/lib/Twig/Extension/Core.php on line 1275: count(): Parameter must be an array or an object that implements Countable

گە قايتىش

توردىكى ئەزالار

مۇنبەردىكى ئەزالار: 1 ۋە 0 مېھمانلار