يانفۇن ساقلاش كارتىسىنى فورماتلىغاندا دىققەت

كومپىيۇتېردا كۆپ ئىشلىتىلىدىغان يۇمشاق دېتاللارنىڭ ھەر خىل ئىقتىدارلىرىنى تونۇشتۇرۇش، ئىشلىتىش ئۇسۇلى ھەققىدە كۆرسەتمە بېرىش ۋە ئاز ئۇچرايدىغان، كۆپ قوللىنىلمايدىغان دېتاللارنى تونۇشتۇرۇش ۋە ئىشلىتىش ھەققىدىكى بىلىملەر قويۇلىدۇ.
Omar14
يازمىلار: 150
تىزىملانغان ۋاقتى: يەكشەنبە ئىيۇن 03, 2007 12:48 am
ئالاقىلىشىش:

يانفۇن ساقلاش كارتىسىنى فورماتلىغاندا دىققەت

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Omar14 » يەكشەنبە دېكابىر 16, 2007 10:55 am

بۇ ئەسلە كومپىيۇتېر مەستانىلىرى ژورنىلىنىڭ مەنلۇم سانىغا بىسىلغان ماقالە بولۇپ ئەسلى ئاپتۇر : نەۋشاد (Omar14) يەنى ئۆزەمنىڭ ماقالىسى ئىدى . تورداشلارنى شۇ ماقالىنى ئوقۇماي ئۆتۈپ كەتكەن بولسا پايدىلانسۇن دەپ بىرىلدى
=============================================================
يانفۇن ساقلاش كارتىسىنى فورماتلىغاندا دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك ئىشلار نۆۋەتتە يانفۇن ئىقتىدارىنىڭ كۈنسايىن ئىشىشىغا ئەگىشىپ يانفۇنغا سىلىپ ئىشلىتىدىغان ساقلاش كارتىسى (多媒体卡) نىڭ تۈرلىرىمۇ يىڭىلنىۋاتىدۇ . شۇنىڭغا ئەگىشىپ يانفۇندىكى ئۇچۇرلارنىڭ يوقاپ كىتىشى ۋە ياكى ساقلاش كارتىسىنى يانفۇننىڭ تونالماسلىقىدەك ئەھۋاللارمۇ ناھايىتى كۆپ يۇز بىرىدۇ . غۇڭلاشقا بىز بۇ ماقالىمىزدە يۇقارقىدەك مەسىللەرنى ھەل قىلىشنىڭ ئۇسۇلى ھەققىدە توختىلىمىز . ▲ يانفۇن ساقلاش كارتىسىنىڭ ھۆججەت سىستىمىسى ھەققىدە ئاۋۋال بىز FAT12 بىلەن تونۇشۇپ چىقايلى ،ئادەتتە بىز ئىشلىتىۋاتقان XP سىستىمىىلارنىڭ ھۆججەت سىستىمىلىرى FAT16ياكى FAT32 بولۇپ FAT12 بولسا ئالدىنقى ئىككىسىنىڭ دەسلەپكى شەكىللىرى بولۇپ ھىسابلىنىدۇ . FAT12 دىگىنىمىز كىچىك سىغىمدىكى دىئلىكتېرېك موھىتقا قارىتىلغان بولۇپ FAT12نىڭ ھۆججەت تەقسىملىنىش جەدىۋىلى FAT16 بىلەن FAT32 گە سىلىشتۇرغاندا كىچىكرەك بولىدۇ بېز XP دا تۇرۇپ دىسكىنىڭ خاسىلىقىنى كۆرگىنىمىزدە بىزگە كۆرسىتىپ بىرىدىغان ھۆججەت سىستىمىسىدا FAT32دەپ كۆرسىتىپ بەرگىنى FAT32 نى كۆرسىتىدۇ ،FAT12,FAT16 دەپ كۆرسىتىپ بەرگىنى FAT ھۆججەت سىستىمىسىدۇر . شۇڭلاشقا FAT12/FAT ھۆججەت سىستىمىسى شەكلىلا يانفۇن ساقلاش كارتىسىنى فورماتلاشقا ماس كىلىدۇ .FAT32 بولسا كومپىيۇتېر قاتتىق دىسكىسى رەقەملىك فوتو ئاپپارات ۋە باشقا تۈردىكى ساقلاش ئۈسكىنىلىرىگە ماس كىلىدۇ . ▲ يانفۇن ساقلاش كارتىسىنى فورماتلاش يانفۇن ساقلاش كارتىسىنى فورماتلاشنىڭ ئىككى خىل ئۇسۇلى بار ،1.يانفۇننىڭ ئۆزىدىلا فورماتلاش 2.كارتا ئوقۇغۇچ ئارقىلىق كومپىيۇتېرغا ئۇلاپ كومپىيۇتېردا فورماتلاش . ئەگەر بىز ساقلاش كارتسىنى يانفۇن ئارقىلىق فورماتلىساق ئەڭ ئۆلچەملىك ئۇسۇلدا فورماتلىغان بولىمىز، بۇخىل ئۇسۇلدا فورماتلىغان كارتىدا سانلىق مەلۇماتنىڭ يوقاپ كىتىشى ، يانفۇننىڭ تونالماسىلىقىدەك ئاۋارىچىلىقلاردىن خالى بولغىلى بولىدۇ لىكىن شۇنى ئەسكەرتىش زۆرۈركى يانفۇننىڭ CPU ۋە ئۇلىنىش ئغىزىنىڭ سۈرئەت چەكلىمىسى تۈپەيلىدىن يانفۇندا كارتا فورماتلاش خلىلا ئاستا ئۇنىڭ ئۈستىگە توكنى خورىتىش ئادەتتىگە قارىغاندا خلىلا كۆپ بولىدۇ ،ئادەتتە 512MB لىق بىر ساقلاش كارتىسىنى يانفۇننىڭ فورماتلاشقا تەخمىنەن 10مىنۇت ئەتراپىدا ۋاقىت كىتىدۇ ،شۇڭلاشقا يانفۇندا كارتا فورماتلىغاندا يانفۇن باتارىيسىنىڭ تولۇق بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش كىرەك . كومپىيۇتېردا فورماتلاش : بۇ خىل فورماتلاش شەكلى ئادەتتە فورماتلاش شەكلىنى توغرا تونۇپ فورماتلاش ئىلىپ بارغاندا ھىچقانداق خاتالىق كىلىپ چىقمايدىغان ئەڭ ئومۇملاشقان ئۇسۇلدۇر . بۇخىل ئۇسۇلدا كارتا فورماتلاش ئۈچۈن ئالدى بىلەن بىزدە بىر USB ئىغىزلىق ئۆزىمىزنىڭ كارتىسىغا ماس بولغان كارتا ئوقۇغۇچ بولىشى كىرەك . بازاردىن نەچچە 10 يۇەن پۇلغا سىتىۋالغىلى بولىدۇ . بۇكارتىنى كارتا ئوقۇغۇچقا سىلىپ ئاندىن USB ئىغىزىنى كومپىيۇتېرغا ئۇلاپ كومپىيۇتىر كارتىنى تونۇغاندىن كىيىن شۇ كارتا دىسكا نامىنى تاللاپ تۇرۇپ مائۇسنىڭ ئوڭ كونۇپوپكىسىنى چىكىپ چىققان تىزىملىكتىن 格式化 تۈرىنى تاللىساق بىر يىڭى كۆنەك چىقىدۇ شۇ كۆزنەكتىن ئىككىنچى تۈردىكى يەنى 文件系统دىگەن تۈردىن FAT نى تاللاپ بىرىپ 开始 كونۇپكىسىنى بىسىپ فورماتلىۋەتسەكلا بولىدۇ



Perhat_k
يازمىلار: 180
تىزىملانغان ۋاقتى: جۈمە ئاپرىل 06, 2007 4:46 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Perhat_k » دۈيشەنبە دېكابىر 17, 2007 4:19 am

ھە، مۇشۇنىڭغا دىققەت قىلمەي، ئۆتكەندە بىر ئاغىينەم يانفۇن كارتىسىنى Fat32 ھالەتتە فورماتلاپ قويۇپتىكەن، تونۇنۇپ بولالماي، تازا ئاۋارە قىلدى بىزنى. :'(
شۇنىڭ بىلەن باشقا يانفۇننىڭ كارتىسىنى كومپىيۇتېرغا سىلىپ، ئۇنىڭ خاسلىقىدىن ئۇنىڭ FAT ھالىتىنى كۆرىۋىلىپ ئاندىن خاتا فورماتلىغاننى قايتىدىن فورماتلاپ ئەسلىگە كەلتۈرۋالدۇق.

Computer
يازمىلار: 88
تىزىملانغان ۋاقتى: جۈمە ئاۋغۇست 31, 2007 3:53 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Computer » دۈيشەنبە دېكابىر 17, 2007 9:57 am

يانفۇندا فورماتلىساق 10مىنۇت كىتىدىغان ئىش بولسا، يەنىلا توغرا شەكلىنى بىلىۋىلىپ كومپىيۇتېردا فورماتلىساق تىز بولىدىكەن ئەمىسە.

Omar14
يازمىلار: 150
تىزىملانغان ۋاقتى: يەكشەنبە ئىيۇن 03, 2007 12:48 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Omar14 » سەيشەنبە دېكابىر 18, 2007 5:32 am

بۇ ئۇسۇل ئەلۋەتتە تىلفۇنىڭىزنىڭ ساقلاش كارتىسىنىڭ سىغىمى 2G دىن كىچىك بولغاندىلا ئاندىن FAT تە فورماتلاشقا بولدۇ ! بۇ سىستىمىغا ئىنىقلىما بىرىلگەندە ئاشۇنداق بەلگىلىگەن (بۇ ئەلۋەتتە ساقلاش كارتىسىنىڭ 介质 سى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ بۇ ھەرگىزمۇ ئۆزگەرمەيدۇ !) ئەمدى PDA (ئالقان كومپىيۇتېرى) غا ئەگەر WindowsMobile قاچىلانغان بولسا (ئەڭ يىڭى نەشىردىكى يەنى 6.0) ئەلۋەتتە بۇنىڭ ھۆججە ت سىستىمىسى FAT بولمايدۇ ئۇنى ئادەتتە قاتتىق دىسكا فورماتلىغاندەك FAT32 دە فورماتلايمىز !

ئىنكاس يوللاش

گە قايتىش

توردىكى ئەزالار

مۇنبەردىكى ئەزالار: 1 ۋە 0 مېھمانلار