[يانفۇن ھەۋەسكارلىرىغا] تەقلىدىي Pocket PCنى ئىشلىتىپ كۆرۈڭ

كومپىيۇتېردا كۆپ ئىشلىتىلىدىغان يۇمشاق دېتاللارنىڭ ھەر خىل ئىقتىدارلىرىنى تونۇشتۇرۇش، ئىشلىتىش ئۇسۇلى ھەققىدە كۆرسەتمە بېرىش ۋە ئاز ئۇچرايدىغان، كۆپ قوللىنىلمايدىغان دېتاللارنى تونۇشتۇرۇش ۋە ئىشلىتىش ھەققىدىكى بىلىملەر قويۇلىدۇ.
Perhat_k
يازمىلار: 180
تىزىملانغان ۋاقتى: جۈمە ئاپرىل 06, 2007 4:46 am
ئالاقىلىشىش:

[يانفۇن ھەۋەسكارلىرىغا] تەقلىدىي Pocket PCنى ئىشلى

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Perhat_k » پەيشەنبە يانۋار 17, 2008 9:36 am

[size=3]ھەممەيلەنگە مەلۇم، ھازىر كۆپچىلىكىمىز ئەقلىي يانفۇنلارنى دائىم ئىشلىتىپ تۇرىمىز، ياكى كۆرۈپ تۇرىمىز، بۇنىڭ ئىچىدە بىرقەدەر كەڭرەك ئوموملاشقىنى Symbian OS مەشغۇلات سۇپىسى ئىشلىتىلگەن ئەقلىي يانفۇنلار بىر قەدەر كەڭرەك ئوموملاشقان. مىكروسوفتنىڭ يانفۇن سىستىمىسى بولغان Windows Mobile مەشغۇلات سۇپىسى ئىشلىتىلگەن يانفۇنلار بىر ئاز قىممەت ۋە ئىلىپ يۈرۈشكە ئەپسىز بولغاچقا ئاز سانلىقىمىز ئۇنىڭ بىلەن ئۇچراشقاننى ھىساپقا ئالمىغاندا كۆپ سانلىقىمىز ئۇ مەشغۇلات سىستىمىسى ئىشلىتىلگەن يانفۇننى، يەنى بىز دائىم ئىشلىتىپ تۇرىدىغان كومپىيۇتېر سىستىمىسىدىن Windowsنى بارلىققا كەلتۈرگۈچى مىكروسوفتنىڭ يەنە بىر شۇ مەشغۇلات پۇكىيى بولغان Windows Mobile بىلەن كۆپ ئۇچراشمىغان.
windows ئىشلەتكۈچىلىرى ئەلۋەتتە ئۇنىڭ بىلەنمۇ ئاسان چىقىشىپ كىتەلەيدىكەن.
بەزىدە Symbian مەشغۇلات پۇكىيى ئىشلىتىلگەن يانفۇنلارنى ئىشلتىۋاتقانلارنىڭمۇ مىكروسوفتنىڭ مەشغۇلات پۇكىيى ئىشلىتىلگەن شۇ يانفۇنلارنى سىناپ باققىسى كىلىدىكەن.
تۆۋەندە پۈتۈنلەي تەقىلىدىي يانفۇن يۇمشاق دىتالىنى ئىشلىتىپ، كومپىيۇتېرغا قاچىلاپ، مەشغۇلات قىلىشنى ئۈگىنىۋالسىڭىز، شۇ سىستىملىق يانفۇنلار قولىڭىزغا چىققاندا ئىككىلىنىپ ئولتۇرمايسىز. بۇ يەردىكى تەقىلىدىي دىگەن گەپمۇ سەل ئارتۇقچە، تەقىلىدىي دىگەن گەپ پەقەت يانفۇن قولىڭىزدا يوق، پەقەت كومپىيۇتېردا دىگەن گەپ. باشقا مەشغۇلاتلارنىڭ ھەممىسى راست يانفۇن بىلەن ئوپمۇ ئوخشاش ئىكەن، بارلىق ئىقتىدارلىرى راست يانفۇن ئىشلەتكەندەكلا ئىشلىتەلەيدىكەنسىز. (بۇنداق دىسەم ئەمدى تىلفۇن ئۇرغىلىمۇ بولىدىغان ئوخشايدۇ، دەپ قالماڭ، مەن ئۇرۇپ باقتىم، ئۇرغىلى بولدى، ھەم ئۇلاندى، لىكىن 主板گە SIMكارتىسىنى چاتمىغاچقا ئاۋازىم چىقمىدىمىكىن دەپ قالدىم :lol ) خۇددى قولىڭىزدىكى يانفۇنغا دىتال قاچىلىغاندەك ئۇنىڭغىمۇ دىتال قاچىلىغىلى بولىدىكەن. مۇزىكا، رەسىم ھۆججەتلىرىنى كۆپ ۋاستىلىق كارتىسىغا كۆچۈرمىسىڭىز چىقمىغاندەك، بۇنىڭ ئەقلى كۆپ ۋاستىلىق كارىسىتىغا ھۆججەت كۆچۈرمىسىڭىز ئۇنى قويالمايدىكەنسىز.:D
مەن سىناپ باققان رەسىملەردىن كۆرۈنۈشلەر:
كۆرۈنمە يۈزى:
[img]http://www.uighurtibbi.com/other/bbs/ppc01.png[/img]

تور كۆرگۈچىنى سىناشتا UKIJ باش بىتى ۋە بىلىك مۇنبىرى باش بىتى (ئۇيغۇرچە خەت شەكلىنى قاچىلىغاندىن كىيىن ئاندىن شۇنداق ھەرپلەر كۆرۈندى، قاچىلىماي بىۋاستە ئاچسام، كاتەكچىلەر چىقىۋالدى، بۇ رەسىمدىكىدەك ھەرپلەرمۇ يوق، يەنە تەڭشەپ ئىتىشىپ باقمىدىم، پەقەت خەت شەكلىنى قاچىلاپ سىناپلا باقتىم.):
[img]http://www.uighurtibbi.com/other/bbs/ppc02.png[/img]
[img]http://www.uighurtibbi.com/other/bbs/ppc04.png[/img]

MSNنىمۇ ئىچىپ كۆرۈپ باقتىم:
[img]http://www.uighurtibbi.com/other/bbs/ppc03.png[/img]

پىروگرامما تىزىملىكىدىن بىر كۆرۈنۈش:
[img]http://www.uighurtibbi.com/other/bbs/ppc05.png[/img]

[color=DarkGreen]كومپىيۇتېردا ئىشلىتىش ئۇسۇلى مۇنداق:[/color]

ئاۋۋال بۇ ئۇلانمىدىن [url=http://work.newhua.com/cfan/200704/ppc.rar]http://www.ppcwork.com/...../ppc.rar [/url]مىكروسوفت شىركىتى مەخسۇس ئىشلەپچىقارغان دىتاللارنى چۈشۈرۈپ، يىشىسىز.
[color=DarkGreen]قاچىلاش تەرتىۋى:[/color]
1-قەدەمدە، پىرىسلانغان V1Emulator ھۆججىتىنى يىشىپ standalone_emulator_V1 قاچىلاش پروگراممىسىنى قاچىلايسىز.
2-قەدەمدە netsvwrap دىتالىنى قاچىلايمىز.
3-قەدەمدە (ئەڭ ئاخىرىدا)، ئەڭ چوڭ سىغىمدىكى efp قاچىلاش پروگراممىسىنى قاچىلايمىز.
ئىش تامام.

ئەمدى كومپىيۇتېرىڭىزنىڭ باشلاش- پروگرامما تىزىملىكىدىن Microsoft Windows Mobile 5.0 MSFP Emulator Images دىگەن يىڭى قوشۇلغان تۈرنى ئاچسىڭىز ئىچىگە 6خىل تەقلىدىي يانفۇن پروگراممىسى قاچىلانغانلىقىنى كۆرىسىز.
رەسىمدىكى سىناقلارنىڭ ھەممىسى PocketPC - Coldboot تۈرىدە ئىلىپ بىرىلغان. مىكروسوفتنىڭ يانفۇن سىستىمىسىنىمۇ ئۇنى بۇنى قىلىپ ۋاچاقشىتىپ، ئىتىشىپ باقسىڭىز بولىدۇ، يانفۇنىڭىز بۇزۇلۇپ كىتىدىغان، ئەسلىگە كەلتۈرەلمەي قالىمەنمىكىن، دەيدىغان ئەنسىرەشلەر يوق :lol . [/size]
[flash]http://www.uighurtibbi.com/other/music01.swf[/flash]

[[i] بۇ يازمىنى ئاخىرقى قېتىم تەھرىرلىگۈچى: Perhat_k ، ۋاقتى: 2008-1-17 16:01 [/i]]



Computer
يازمىلار: 88
تىزىملانغان ۋاقتى: جۈمە ئاۋغۇست 31, 2007 3:53 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Computer » شەنبە يانۋار 19, 2008 5:39 am

ۋاھ، مۇنداق ئىشمۇ بار دەيلى تىخى. :victory:

----------------------------------------
بىر سىناپ باقمىسام خەپ، مۇشۇ كاساپەت تىلفۇننى بىر ئىشلىتىپ باقاي دىگەنتىم، ھەقسىز ئىشلەتكۈدەكمەن-دە.

ئىنكاس يوللاش

گە قايتىش

توردىكى ئەزالار

مۇنبەردىكى ئەزالار: 9 ۋە 0 مېھمانلار