[phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/phpbb/session.php on line 583: sizeof(): Parameter must be an array or an object that implements Countable
[phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/phpbb/session.php on line 639: sizeof(): Parameter must be an array or an object that implements Countable
[phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/includes/functions.php on line 4516: Cannot modify header information - headers already sent by (output started at [ROOT]/includes/functions.php:3262)
[phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/includes/functions.php on line 4516: Cannot modify header information - headers already sent by (output started at [ROOT]/includes/functions.php:3262)
[phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/includes/functions.php on line 4516: Cannot modify header information - headers already sent by (output started at [ROOT]/includes/functions.php:3262)
ئۇيغۇر كومپيۇتېر ئىلىمى جەمئىيىتى • قاتتىق دېسكىنى رايونغا ئايرىش ئۇسۇلى
جەمئىي1 بەتنىڭ 1 - سى

قاتتىق دېسكىنى رايونغا ئايرىش ئۇسۇلى

يېزىلغان: شەنبە فېۋرال 09, 2008 5:09 pm
تەرىپىدىن يوللانغان Jewlaniy
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم كۆپچىلىك، يىقىندا بىلىك كۇلۇبىدىكى Arkam ئىسىملىك بىر قىرىندىشىمىز قاتتىق دىسكىسىنى رايونغا ئايرىش
جەريانىدا قىينالغانلىقى توغرىسىدا بىر تىما يازغان ئىكەن. بۇنىڭغا راشىت ئەپەندى خېلى چۈشەنچە بەرگەن بولسىمۇ دوستىمىز
DM يۇمشاق دېتالىنى ئىشلىتەلمەيدىغانلىقى توغرىسىدا بۇ ھەقتە چۈشەنچە بىرىش ھەققىدە ئىنكاس يىزىپتۇ مەن ئازىراق بىلىدىغانلىرىمىنى يوللاپ قويدۇم، بۇنىڭ بىلەن بۇ دوستىمىزنىڭ مەقسىدى ئەمەلگە ئىشىپ قالسا ئەجەپ ئەمەس، ھەم باشقا
ئۈگەنگۈچىلەرگە ئازىراق نەپ يەتسە ئەجەپ ئەمەس دىگەن ئۈمىدتىمەن.
ئەمسە دىقىتىڭلار تۆۋەندە بولغاي.
DM 9.57 تىنى قوزغاتقاندىن كىيىن چىققان دەسلەپكى تىزىملىككە نىسبەتەن ENTER كونۇپكىسىنى بىسىڭ.
ئاندىن تۆۋەندىكىدەك تىزىملىك كۆرۈنىدۇ:
[img]http://c.99081.com/jewlaniy/Pic/01.gif[/img]
بۇ چىققان تىزىملىكلەردىن«dvanced Options»(دەرىجىدىن تاشقىرى تاللاش)نى تاللايمىز.
ئاندىن تۆۋەندىكىدەك تىزىملىك كۆرۈنىدۇ:
[img]http://c.99081.com/jewlaniy/Pic/02.gif[/img]
بۇ چىققان تىزىلملىكتىن«dvanced Disk Installation»(قاتتىق دېسكىنى رايونغا ئايرىشتا دەرىجىدىن تاشقىرى تاللاش)نى تاللايمىز.
ئاندىن تۆۋەندىكىدەك تىزىملىك كۆرۈنىدۇ:
[img]http://c.99081.com/jewlaniy/Pic/03.gif[/img]
بۇ قاتتىق دېسكا تىپى كۆرسەتكۈچى بۇنىڭدىن «Yes» نى تاللاپ «Enter» كونۇپكىسىنى باسىمىز.
ئاندىن تۆۋەندىكىدەك تىزىملىك كۆرۈنىدۇ:
[img]http://c.99081.com/jewlaniy/Pic/05.gif[/img]
چىققان تىزىملىكتىن«Windows 95 osr2, 98,98se,me,2000,(Fat16 or 32)»نى تاللايمىز.
ئاندىن تۆۋەندىكىدەك تىزىملىك كۆرىنىدۇ:
[img]http://c.99081.com/jewlaniy/Pic/06.gif[/img]
تىزىملىكتىن«Yes»نى تاللايمىز.
ئاندىن تۆۋەندىكىدەك تىزىملىك كۆرۈنىدۇ:
[img]http://c.99081.com/jewlaniy/Pic/07.gif[/img]
چىققان تىزىملىكتىن«OPTION (C) Define your own»(ئۆزىمىز بەلگىلەپ رايونغا ئايرىش)نى تاللايمىز.
ئاندىن تۆۋەندىكىدەك تىزىملىك كۆرۈنىدۇ:
[img]http://c.99081.com/jewlaniy/Pic/08.gif[/img]
بۇ قاتتىق دېسكىڭىزنىڭ چوڭلىقىنى كۆررسىتىدۇ. بۇيەرنى ئۆزىڭىز ھېسابلاپ تولدۇرۇڭ.
(ئادەتتە 1گىگابايت 1024مىگابايت بولىدۇ، Dm دا بۇنى 1075 قىلىپ ئىشلەتسىڭىز بىرقەدەر مۇۋاپىق)
ھەر بىر قېىتم ھېسابلاپ ساننى تولدۇرۇپ بولغاندىن كىيىن«Enter» كونۇپكىسىنى باسىسىز. سانلارنى تولدۇرۇپ رايونغا ئايرىپ بولغاندىن كىيىن، تۆۋەندىكىدەك تىزىملىك كۆرۈنىدۇ:
[img]http://c.99081.com/jewlaniy/Pic/10.gif[/img]
بۇ تىزىملىكتىن«Save and Continue»(ساقلاپ داۋاملاشتۇرۇش ) نى تاللايمىز. (تىزىملىكتىكى 1 ئاساسىي دېسكا رايونى، 2 قوشۇمچە
دېسكا رايونىنى كۆرسىتىدۇ.)
ئاندىن تۆۋەندىكىدەك تىزىملىك كۆرۈنىدۇ:
[img]http://c.99081.com/jewlaniy/Pic/11.gif[/img]
بۇ يەردە كونۇپكا تاختىسىدىن«Alt+C» نى باسىمىز.
ئاندىن تۆۋەندىكىدەك تىزىملىك كۆرىنىدۇ:
[img]http://c.99081.com/jewlaniy/Pic/12.gif[/img]
بۇنىڭدىن«Yes» نى تاللايمىز.
ئاندىن تۆۋەندىكىدەك تىزىملىك كۆرىنىدۇ:
[img]http://c.99081.com/jewlaniy/Pic/13.gif[/img]
بۇنىڭدىن«Yes» نى تاللايمىز.
ئاندىن تۆۋەندىكىدەك تىزىملىك كۆرىنىدۇ:
[img]http://c.99081.com/jewlaniy/Pic/14.gif[/img]
بۇنىڭدىن«Yes» نى تاللايمىز.
ئاندىن تۆۋەندىكىدەك كۆزنەك كۆرۈنۈپ رايونغا ئايرىش باشلىنىدۇ:
[img]http://c.99081.com/jewlaniy/Pic/15.gif[/img]
بىزئاز ساقلىغاندىن كىيىن، تۆۋەندىكىدەك تىزىملىك كۆرۈنىدۇ:
[img]http://c.99081.com/jewlaniy/Pic/16.gif[/img]
بۇيەردە كونۇپكا تاختىسىدىن «Enter» نى باسىمىز.
ئاندىن بۇنداق تىزىملىك كۆرۈنىدۇ:
[img]http://c.99081.com/jewlaniy/Pic/17.gif[/img]
بۇيەردە كونۇپكا تاختىسىدىن «Ctrl+Alt+Del» نى بىسىپ ئاخىرلاشتۇرسىڭىز بولىدۇ.
مېنىڭ بىلىدىغىنىم مۇشۇنچىلىك ئىكەن خاتا يەرلىرى بولسا ئۇستازلار تولۇقلىۋىتەر دىگەن ئۈمىدتىمەن
يەنە چۈشىنەلمىگەن بولساڭلار تۆۋەندىكى ئورۇنغا كىرىپ فىلىم شەكلىدىكى كۆرسەتمىنى كۆرۈڭلار!
[size=5][url=http://you.video.sina.com.cn/b/1914335-1402452287.html]مەرھەممەت[/url][/size]

يېزىلغان: يەكشەنبە فېۋرال 10, 2008 4:44 am
تەرىپىدىن يوللانغان Omar14
DM دىگەنلەر DOS موھىتىدا ئىشلەيدىغان قۇراللار تۇرسا يۇقارقى رەسىملەرنى قانداق تۇتىۋالىدىغاندۇ ! ياسامدىكىن دىسە تېخى پەقەتلا بېىلگىلى بولمايدۇ ئۆز ئەينى شۇ شۇ دىتالنىڭ مەشغۇلات يۈزى !
DM غا قارىغاندا PartitonMagic نى ئىشلىتىش ئاسانمىكىن دەپ ئويلايمەن ! باشقىلار قانداق قارايدىكىن !

يېزىلغان: دۈيشەنبە فېۋرال 11, 2008 7:35 pm
تەرىپىدىن يوللانغان Jewlaniy
[quote]ئەسلى يوللىغۇچى: [i]Omar14[/i] ، ۋاقتى: 2008-2-10 10:44 [url=http://www.ukij.org/munber/redirect.php?goto=findpost&pid=1270&ptid=272][img]http://www.ukij.org/munber/images/common/back.gif[/img][/url]
DM دىگەنلەر DOS موھىتىدا ئىشلەيدىغان قۇراللار تۇرسا يۇقارقى رەسىملەرنى قانداق تۇتىۋالىدىغاندۇ ! ياسامدىكىن دىسە تېخى پەقەتلا بېىلگىلى بولمايدۇ ئۆز ئەينى شۇ شۇ دىتالنىڭ مەشغۇلات يۈزى !
[/quote]
Dos مۇھىتىدا ئىشلەيدىغان بۇنداق بىرقىسىم دېتاللارغا نىسبەتەن XP نىڭ مەشغۇلات يۈزىدىمۇ مەشغۇلات ئىلىپ بارغىلى بولىدۇ.
باشلاش تىزىملىكىنىڭ يۇمشاق دېتاللار تىزىملىكى ئىچىدىكى附件 تىزىملىكى ئىچىدە 命令提示符 قۇرالى بار مۇشۇ قۇرالدىن
پايدىلىنىپ تۇرۇپ Dos مۇھىتىدا خىزمەت قىلىدىغان بىر قىسم يۇلشاق دېتاللارنى قوزغاتقىلى بولىدۇ.
مەسىلەن بۇنىڭدەك :
[img]http://c.99081.com/jewlaniy/Pic/ulge.JPG[/img]
بۇمەن XP مۇھىتىدا DM 9.57 نى قوزغاتقان كۆرۈنۈش

يېزىلغان: چارشەنبە فېۋرال 13, 2008 12:21 pm
تەرىپىدىن يوللانغان A.M.zemzem
虚拟机نى ئىشلەتسىمۇ بولىدۇغۇ؟ يۇقىرقىدەك دەرسلەرنى تەييارلىقاندا تېخىمۇ قولايلىق .

يېزىلغان: يەكشەنبە فېۋرال 17, 2008 4:31 am
تەرىپىدىن يوللانغان Perhat_k
[quote]ئەسلى يوللىغۇچى: [i]Omar14[/i] ، ۋاقتى: 2008-2-10 10:44 [url=http://www.ukij.org/munber/redirect.php?goto=findpost&pid=1270&ptid=272][img]http://www.ukij.org/munber/images/common/back.gif[/img][/url]
... DM غا قارىغاندا PartitonMagic نى ئىشلىتىش ئاسانمىكىن دەپ ئويلايمەن ! باشقىلار قانداق قارايدىكىن ! [/quote]

مەنمۇ شۇنداق قارايتتىم، دائىم دىسكا بۆلۈپ يۈرمىگەندىكىن، بۇ توغۇرلۇق كۆپ بىر نەرسە بىلمەيمەن، لىكىن خىلى بىر قىسىم مۇشۇ ئىش بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلارغا قارىسام DMنى ئىشلىتىپ يۈرۈيدۇ، ھەم سوراپ باقسام DM قولايلىق، تىز، دەپ شۇنداق دەيدۇ.

بۇ تىيمىدىن پايدىلىنىپ DMنى ئۈگىنىۋالساق ئەجەپ ئەمەس.:)

يېزىلغان: يەكشەنبە ماي 17, 2009 4:32 pm
تەرىپىدىن يوللانغان iltipat
تىزىملىك مىنىڭ كومپىيۇتېرىمدا ئېچىلمىدى،تولىمۇ ئاپسۇسلىنارلىق ئىش بولدى،مەن بۇ ھۈنەرنى بەكلا ئۈگۈنۈۋالغۇم بار ئىدى.:L