ئۇدمىش ئۇيغۇرچە كوررېكتور تارقىتىلدى(ھەقسىز)

كومپىيۇتېردا كۆپ ئىشلىتىلىدىغان يۇمشاق دېتاللارنىڭ ھەر خىل ئىقتىدارلىرىنى تونۇشتۇرۇش، ئىشلىتىش ئۇسۇلى ھەققىدە كۆرسەتمە بېرىش ۋە ئاز ئۇچرايدىغان، كۆپ قوللىنىلمايدىغان دېتاللارنى تونۇشتۇرۇش ۋە ئىشلىتىش ھەققىدىكى بىلىملەر قويۇلىدۇ.
udmish
يازمىلار: 10
تىزىملانغان ۋاقتى: جۈمە ماي 25, 2007 1:39 pm
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان udmish » شەنبە ماي 26, 2007 10:53 am

Saqal ئەپەندىمنىڭ ئەستايىدىللىق بىلەن سىناپ نۇرغۇن مەسىلىلەرنى بايقىغانلىقىغا كۆپ رەھمەت.
[quote]<يۇقۇرى> دېگەن سۆزنى كىرگۈزۈپ ئارقىدىن بوشلۇق كونۇپكىسىنى باسسام ئۇنىماي قويدى، باشقا بەزى سۆزلەرمۇ ئاشۇنداق، ئەمما <يۇقۇرى> دېگەن سۆز باشتىن-ئاخىرى بەك جاھىل[/quote]
مەن ئىشلەتسەم ئۇنداق ئەھۋال كۆرۈلمىدى. <يۇقۇرى> دېگەن سۆز ئاپتوماتىك ھالدا <يۇقىرى> گە ئالماشتۇرۇلدى. پروگراممىدىمۇ خاتالىقنى بىلەلمىدىم. بولسا قايتا قاچىلىپ سىناپ بېقىڭ، ياكى ئويغان كىرگۈزگۈچتە سىناپ بېقىڭ (مېنىڭ شۇ ئىدى).

[quote]ئۇيغۇرچە،خەنزۇچە،ئېنگىلىزچە كىرگۈزگۈچلەرنى مەلۇم كونۇپكا ئارقىلىق ئالماشتۇرغىلى بولامدۇ [/quote]
ياق. مەلۇم تېخنىكا سەۋەبى تۈپەيلىدىن بۇ ئىقتىدارنى قوشماي تۇرغان. بۇ مەسىلىمۇ ئوڭشىلىدۇ.

[quote]tooltip نىڭ تېكىستىنى ئۇيغۇرچە چىقارغىلى بولىشى مۈمكىن.
[/quote]

شۇنداق. مەن بۇ قۇرالنىڭ UKY كۆرۈنمە يۈزىنى تەمىنلىمىگەنلىكىم ئۈچۈن tooltip نى بولسىمۇ UKY دا يازغان ئىدىم. ئەۋەتتە، ئۆزگەرتىۋەتسەممۇ بولىدۇ.
[quote]<ئاپتوماتىك تەكشۈرۈش > ۋە < ئۆزى تەكشۈرۈش> نىڭ نىمە پەرقى بار چۈشەنمىدىم. ئىقتىدارى ئوخشىمىغان تەقدىردىمۇ، يۇقارقى ئىككى سۆزنى پەرىقلەندۈرۈپ ئالساق قانداق بولا ؟
[/quote]

مەيلى ئاپتوماتىك تەكشۈرۈش بولسۇن ياكى ئۆزى تەكشۈرۈش بولسۇن، ھەر ئىككىلىسىنى كومپيۇتېر ئاپتوماتىك تەكشۈرىدۇ. پەقەت تەكشۈرۈڭ ئۇسۇلى ئوخشىمايدۇ.
ئاپتوماتىك تەكشۈرۈشتە بارلىق(ياكى تاللاقلىق) مەزمۇننىڭ ئىملاسى بىراقلا تەكشۈرۈلۈپ خاتا(گۇمانلىق) سۆزلەرنىڭ ئاستىغا قىزىل رەڭلىك بۈدرە سىزىق سىزىلىدۇ. ئۆزى تەكشۈرۈش بولسا ، <يۇلغۇن تەھرىرلىگۈچ> لەرنىڭ تەكشۈرۈش (توغرىلاشمۇ ھەم) ئۇسۇلى بېلەن ئوخشاش.
ئەگەر ئاتاش جەھەتتە ياخشى تەكلىپ بولسا ئۆزگەرتىلى...

[quote]قوشۇمچە ئىقتىدارلار قېتىلماپتۇ، مەسىلەن <سۆز سۈزگۈچ> <تەكرارلىقنى يوقاتقۇچ> قاتارلىقلار. ئامبار باشقۇرۇش ئىقتىدارىمۇ ئىشلىمىدى.
[/quote]

ئامبارنىڭ سۆزلۈق قۇرۇلمىسى ئاددى بولغاچقا (يەنى، بىر سۆز بىر قۇر) ئۇلارنى windows نىڭ خاتېرە دەپتىرىدىلا تەھرىرلەش(بىز ئۈچۈن باشقۇرۇش) قولايلىقتەك قىلىدۇ. شۇڭا <ئامبار باشقۇرۇش> دېگەن كۆزنەكتىن <باشقۇرۇش> نى باسسىڭىز ، ماس ھالدىكى شەخسى ئىملا \ بىرگە بىر ئامبىرىنى خاتېرە دەپتەردە ئېچىپ بېرىدۇ.
بۇ ئىقتىدارىنى تېخىمۇ مۇكەممەل قىلغۇم بار.

[quote]تىزىملىك ئىستونىغا چاشقاننى ئاپارغاندىن كىيىنلا تىزىملىك ئېچىلسا، بىرنى چېكىش ھاجەت بولمىسا.
[/quote]
بەزىدە چاشقاننىڭ مەقسەتسىز ھالدا ئۇلارغا توغىرلىنىپ قېلىشى ئۇلانىڭ ئېچىلىپ كىتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن دەپ ئويلاپتىمەن. ئۇنىڭدىن باشقا پروگرام جەھەتتە ئاشۇ رايۇننىڭ كۆڭۈلدىكى قىممەت ھالىتىدە بىر قېتىم چەككەندە ئاندىن ئېچىلىدىغان ئىكەن.
بۇنى مەن تۈزۈتۈپ سىناپ باقاي باشقا يەرلىرىگە دوقال كېلەمدۇ يوق...

[quote]ياسىنجان (ئەفراسىياپ) نىڭ ياسىغان <پالۋان پۈتۈك> نامىدىكى ئىقتىدارلىق كىرگۈزگۈچىسىدىكدەك ئىقتىدار قېتىلغان بولسا،يەنى ئۇيغۇرچە كونۇپكا تاختىسى تۇتۇپ باقمىغانلارمۇ ئۇيغۇرچە كىرگۈزەلىسە، نىمە دېگەن ئېسىل ئىشلار بولاتتى.
[/quote]

مەن سىز ئېيتقان بۇ قۇرالنى بىلمەيدىكەنمەن. مۇمكىن بولسا چۈشۈرۈش ئادرېسىنى قالدۇرۇپ قويسىڭىز بوپتىكەن.

[quote]UKIJ نىڭ يۇلغۇن تەھرىرلىگۈچ، ئۇيغۇر ئېدىت، پالۋان پۈتۈك ۋە مۇنۇ ئۇدمىش كوررىكتور دېتالىدەك دېتاللارنىڭ ئىقتىدارىنى مۇجەسسەملىگەن بىر تەھرىرلىگۈچ ياساپ چىقىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئىشىنى ئويلۇشۇپ بېقىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن[/quote]

مېنىڭمۇ شۇنداق ئويۇم بار.


ئۇنىڭدىن باشقا ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچنى ئۆزىگىلا قوشۇۋېتىش مەسىلىدە، بىۋاستە ئۇيغۇرچە كىرگۈزۈش ۋە يېزىۋاتقاندا ئاپتوماتىك توغرىلاش ئىقتىدارى ئارىسىدا ئۈسۈشۈش يۈز بەرگەنلىكى ئۈچۈن، ھازىرچە قوشماي تۇردۇم.



پىكىر-تەكلىپلىرىڭىزنى ئايىمىغايسىز.

[[i] بۇ يازمىنى ئاخىرقى قېتىم تەھرىرلىگۈچى: udmish ، ۋاقتى: 2007-5-26 16:59 [/i]]

[[i] بۇ يازمىنى ئاخىرقى قېتىم تەھرىرلىگۈچى: udmish ، ۋاقتى: 2007-5-27 07:41 [/i]]



Saqal
يازمىلار: 23
تىزىملانغان ۋاقتى: پەيشەنبە ماي 24, 2007 11:24 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Saqal » شەنبە ماي 26, 2007 1:13 pm

<يۇقۇرى> نىڭ ئىشى ئوڭشالدى، <ھازىرجاۋاپ تەۋسىيە> ئىقتىدارىنى ئېتىۋەتكەندىن كىيىن ئۇنداق ئەھۋال كۆرۈلمىدى، شۇنىڭغا قارىغاندا تەشەببۇس قىلغان سۆزلەرنى چىقىرىپ بېرىشتە بەزىدە ئىنكاس ئاستا بولۇپ قالسا كېرەك. ئەگەر باشقا دوستلارمۇ شۇنداق ئەھۋاللارغا يولۇققان بولسا، بۇ قىسىم كودنى تەكشۈرۈپ باقسىڭىز بولىدۇ.

ئىملا تەكشۈرۈش ئۇسۇلى يۇلغۇن تەھرىرلىگۈچ قاتارلىقلارنىڭكى بىلەن ئوخشاش بولسا، ئۇنى <سۆزمۇ-سۆز تەكشۈرۈش دەپ ئالساق قانداق بولا ؟

<قوشۇمچە> ئىستونىدىكى قوراللار ئەمەلىيەتتە مۇندەرىجىدە باركەن،، ئەمما پروگرامما تاپالماپتۇ ، بۇ ئاددى بىر ئىسىمنى ياكى مۇندەرىجە ئىسمىنى خاتا يېزىش خاتالىقى ئەمەستۇ ؟

پالۋان كىرگۈزگۈچنىڭ ئادرېسى:
[url=http://www3.webng.com/palwan/]http://www3.webng.com/palwan/[/url]

نۇرغۇن توقۇنۇشلار سىستېما ئىقتىدارى مۇرەككەپلەشكەندە چىقىدۇ، پەرىزىمچە سىلەر دۇچ كەلگەن نۇرغۇن مەسىلىلەر ئورتاق. بىرلىشىپ ھەل قىلىپ كېتىشىڭلارنى ئۈمىت قىلىمەن. بەزى مەسىلىلەر ۋە يېڭىچە ئىدىيىلەرنى ماتېرىيال سۈپىتىدە ئېلان قىلىش مۇمكىن بولسا ئىدى، ئىلمىي ماقالە دېگەن شۇ بولىدۇ.بىز مۇشۇنىڭغا بەك سال قارىساق كېرەك، ئۆزى ئۈچۈن كىچىككىنە بولغان مەسىلىلەر باشقىلار ئۈچۈن بىر قىيىنچىلىق بولىشى مۇمكىن،بۇ ۋاقىتتا شۇنداق ئەرزىمەس بىلىنىدىغان ماتېرىياللار بەك ئەسقاتىدىكەن.

يۇلغۇن تەھرىرلىگۈچنىڭ ئەسلى كودى ئاشكارا ئېلان قىلىنغان، پايدىلانسىڭىز بولىدۇ، خەۋىرىڭىز بولمىسا ئەسكەرتىپ قوياي.

يەنە يۇلغۇن تەھرىرلىگۈچنىڭ 1.7 نۇسخىسى(ئەڭ يېڭى) دا ھەرىپ-بەلگۈلەر توغرا ئۇلانمايدىغان مەسىلە مەۋجۇت ، مەسىلەن : ( 2007-يىلى 6-ئاي) دەپ كىرگۈزۈپ بېقىڭلار.بۇنى ئايرىم تىما قىلىپ ئوتتۇرىغا قوياي دېسەم، مۇھەممەتجان ئەپەندىمنىڭ ئالدىراشچىلىقتا ئاۋارە قىلماي دېدىم. باشقىلارمۇ شۇنداق مەسىلىلەرگە يولۇققان بولساڭلار، مۇشۇ يەردە بىرلىككە كېلىپ مۇۋاپىق ۋاقىتتا يەتكۈزسەك بولىدۇ.

[[i] بۇ يازمىنى ئاخىرقى قېتىم تەھرىرلىگۈچى: Saqal ، ۋاقتى: 2007-5-26 19:14 [/i]]

udmish
يازمىلار: 10
تىزىملانغان ۋاقتى: جۈمە ماي 25, 2007 1:39 pm
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان udmish » شەنبە ماي 26, 2007 2:05 pm

<سۆزمۇ-سۆز تەكشۈرۈش> ناھايىتى ياخشى ئاتاش بولدى...
<يۇقۇرى> سۆزنىڭ مەسىلىسىنى «ئاپتوماتىك توغرىلاش» نى تاقاپ ئوڭشاش «ئاپتوماتىك توغرىلاش» ئىقتىدارىدىن مەھرۇم قىپتۇ... بۇ ئىنتايىن چاتاق ئەھۋال. ئەگەر ئېغىر كۆرمىسىڭىز باشقا كىرگۈزگۈچلەنى قاچىلاپ سىناپ باقسىڭىز. (مېنىڭكىدە يەنىلا نورمال... پروگرامما تۈزگەندە مۇشۇنداق بولىدىكەن، مېنىڭكىدە ساپساق ئىشلەيدۇ،سىزنىڭكىگە ئەپ چىقسام چاتاق،،،،:P )
يۇلغۇن تەھرىرلىگۈچنىڭ ئەسلى كودىنى مەن كۆرۈپ چىققان ، ۋە ئۇنىڭ كود ئايلاندۇرۇش قىسىملىرىدىن پايدىلانغان.

مەن بۇ قۇرالدىكى كۆپچىلىق قىزىققان تېخنىكىلارنى ئاشكارلىماقچى.

Saqal
يازمىلار: 23
تىزىملانغان ۋاقتى: پەيشەنبە ماي 24, 2007 11:24 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Saqal » شەنبە ماي 26, 2007 3:44 pm

ئىشلىتىۋاتقىنىم ئويغان 3.0. پەرىزىمچە كوررىكتور پروگراممىسدىكى مەسىلە،بەلكىم قاچىلاپ بولغاندىن كىيىن كومپيۇتىرنى قايتا قوزغۇتۇش زۆرۈردۇ،بۇ مەسىلە كۆپ كۆرۈلسە، قاچىلاپ بولغاندىن كىيىن قايتا قوزغىتىشنى تەلەپ قىلسىڭىز بولىدۇ.

غەرىپنىڭ پەن-تېخنىكىسنىڭ تەرەققى قىلىشىدا، بىز « ئىلىمي چىرىكلىك> نىڭ ئاساسى دەپ ئاتايدىغان ئىلمي ماقالە ئېلان قىلىش ئۇسۇلى مۇھىم رول ئوينىغانكەن، ئىلمىي ماقالە ئېلان قىلىش ئارقىلىقمۇ مەنپەئەتكە ئېرىشكىلى بولىدۇ، بۇ بىر خىل رىغبەتلەندۈرۈش سىياسىتىكەن، ئەگەر شۇنداق رىغبەتلەندۈرۈش بولمىسا، ئۆزى دەماللىققا ئىقتىسادى قىممەت يارىتالمىسىمۇ،ئەمما جەمئىيەتنىڭ بىلىم يۇغلانمىسىغا ئايلىنىپ قېلىشى مۈمكىن بولغان نۇرغۇن يېڭى بايقاشلار ئىجادىيەتچىلەر تەرىپىدىن كۆمۈلۈپ قالىدىكەنتۇق. ئەسلى كودنى بېرىشىنىڭ ھاجىتى يوق ( گەرچە بۇ Open source چىلارنىڭ تەشەببۇسى بولسىمۇ، مۇھەممەتجان ئەپەندىمگە كۆپ تەشەككۈرلەر !)، مەسىلىنى قانداق ھەل قىلغانلىقنى يېزىپ قويۇشمۇ چوڭ ئەھمىيەتكە ئىگە ، ئۆزىڭىزمۇ كۆپ نەرسىلەرنى خۇلاسىلەپ قالىسىز.تىمىدىن سىرىت بولۇپ قالدى،پەقەتلا تەشەببۇس، ھېچقايسىڭلارنى ئەيىپلەش نىيىتىدە ئەمەسمەن.بەزى يولداشلار ئۇيغۇرچە يۇمشاق دېتاللارنى ئىپتىدائى دەپ ئەيىپلىسە، تېخنىكىنى ئۆستۈرۈشنىڭ يوللىرى ئۈستىدە ئىزدىنىپ باقساقمىكىن دەيمەن.

Intil
يازمىلار: 485
تىزىملانغان ۋاقتى: پەيشەنبە ئاپرىل 12, 2007 4:50 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Intil » شەنبە ماي 26, 2007 6:30 pm

«ئاپتوماتىك» نى بەزى ھاللاردا «ئۆزلىكىن » دەپ ئېلىشنى تەۋسىيە قىلىمەن.

majeed
يازمىلار: 67
تىزىملانغان ۋاقتى: چارشەنبە ماي 23, 2007 5:50 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان majeed » يەكشەنبە ماي 27, 2007 10:11 am

سىستىمىنىڭ خەت شەكلىنى چوڭايتقىلى بولمامدۇ نىمە؟ مەن تاپالمىدىم. سەل چوڭايتىۋالغۇم بار ئىدى.
خەتلەر بەك كىچىك بولغاچقا كۆزۈم ئاغرىپ كەتتى.

bagzada
يازمىلار: 2
تىزىملانغان ۋاقتى: سەيشەنبە ماي 29, 2007 7:27 am
ئالاقىلىشىش:

ئەسسلامۇ ئەلەيكۈم !

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان bagzada » پەيشەنبە ماي 31, 2007 2:30 am

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ئۆدمۈش ئەپەندىم !
مەن ئۆمۈش كورىكتۇرنى ئىشلىتىىپ سىناپ باقتىم ، ئىقتىدارى ياخشىكەن .
ئىشلىتىش جەريانىدا تۆۋەندىكىدەك مەسىلە كۆرۇلدى: يەنى گومانلىق سۆزلەرنى كۆرسەتكەندە خەت نوسخىسى نورمال ئەمەس ( مەن 3- 4 كومپىيۇتىردا سىناپ باقتىم ، نەتىجىسى ئوخشاش ) باشقا يەردىكى خەت نوسخسى نورمال ،( تۆۋەندىكى رەسىمىدە كۆرسىتىلگەندەك :
[img]http://bagwen.cn/rasim1/bag1.jpg[/img]

udmish
يازمىلار: 10
تىزىملانغان ۋاقتى: جۈمە ماي 25, 2007 1:39 pm
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان udmish » پەيشەنبە ماي 31, 2007 3:48 am

bagzada ئەپەندىم:
يۇقارقى مەسىلە كۆرۈلگەن ئىككى رايۇننىڭ خەت نۇسخىسىنى UKIJ Tuz Tor قىلىپ بەلگىلىگەن ئىدىم. پەرىزىمچە سىستېمىڭىزغا ئاشۇ خەت نۇسخىسى قاچىلانمىغان ئوخشايدۇ(ئەسلى بۇ قورال بېلەن بىرگە ئاپتوماتىك قاچىلىناتتى...). شۇڭا سىز تۆۋەندىكى ئۇسۇل بىلەن مەسىلىنى جەزىملەشتۈرۈپ بېقىڭ.
سىستېما مۇندەرىجىسى ئاستدىكى Fonts تارماق مۇندەرىجىسى ئاستىدا UKIJ Tuz Tor ناملىق خەت نۇسخسى بارمۇ يوق؟ ئەگەر بار بولسا، ئۇنداقتا مەسىلە پروگراممىدا دېگەن گەپ. يوق بولسا بۇ قورالنى قايتا قاچىلاپ بېقىڭ ياكى باشقا يەردىن شۇ خەت نۇسخىسىنى تېپىپ Fonts مۇندەرىجىسى ئاستىغا كۆچۈرۈپ ئۇدمىش كوررېكتورنى قايتا قوزغىتىڭ.

bulak
يازمىلار: 7
تىزىملانغان ۋاقتى: پەيشەنبە ماي 24, 2007 1:40 pm
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان bulak » شەنبە ئىيۇن 02, 2007 6:25 am

udmish ئەپەندىم! رەھمەت ھەقىقەتەن ياخشى ئىشلەپسىز، مەنمۇ بىر ھۆججەتنى تەكشۈرۈپ چىقتىم. سۆزلۈك ئامبىرىنى ئىشلەتكۈچىلەر ئۆزى باشۇرالايدىغان ھەتتا خاتا سۆزنى ئامبارغا قوشۇۋېتىپ سالغان بولسا، كېيىن ئامبارغا كىرىپ شۇ خاتا كىرىپ كېتىپ قالغان سۆزنى تۈزىتىش ئىقتىدارى بەك ياخشىكەن. مەن شەخسەن ئىشلىتىش جەريانىمدا تازا كەمچىللىك كۆرمىدىم. ئۆزىڭىز دىققەت قىلغان بولۇشىڭىز مۇمكىن. ئىملانى تەكشۈرۈۇپ ھۆججەتنىڭ يېرىمىغا كەلگەندە، توختىتىپ ياكى ھۆجججەتنىڭ تاقاپ كېيىن قايتىدىن ئېچىپ تەشۈرۈشنى بۇرۇن كەلگەن يەردىن تەكشۈرمەي يەنە باشتىن تەكشۈرۈشكە باشلايدىكەن. ئەسلى نۇر بەلگىسى نەردە بولسا، شۇ يەردىن باشلىسا توغرا بولاتتى.

udmish
يازمىلار: 10
تىزىملانغان ۋاقتى: جۈمە ماي 25, 2007 1:39 pm
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان udmish » يەكشەنبە ئىيۇن 03, 2007 12:15 pm

1-دىن تەكشۈرش سۈرئىتى بىر قەدەر تېز. 2-دىن «ئاپتوماتىك تەكشۈرۈش» ھەممىنى ۋە تاللاقلىق رايۇننىلا تەكشۈرۈش دەپ ئىككىگە بۆلۈنگەن. 3-دىن ھەر قېتىملىق ئىملا تەكشۈرۈشتىن بۇرۇن بارلىق مەزمۇننىڭ ئىملار سىزىقىنى تازىلىۋىتىش زۆرۈر بولدى.(ئاستىغا سىزىپ قويىدىغان قىزىل، كۆك،يېشىل سىزىقلارنى «ئىملا سىزىقى» دەپ ئاتىۋالغان، ئۆزەمچە...) . يۇقارقى سەۋەبلەرنى كۆزدە تۇتۇپ ئۇ ئىقتىدارنى قوشماپتىمەن.
كۆپچىلىكنىڭ ئىشلىتىش جەريانىدا توپلىغان تەجربىللىرى ئارقىلىق تېخىمۇ مۇكەممەللەشكۈسى.

ئىنكاس يوللاش
[phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/vendor/twig/twig/lib/Twig/Extension/Core.php on line 1275: count(): Parameter must be an array or an object that implements Countable

گە قايتىش

توردىكى ئەزالار

مۇنبەردىكى ئەزالار: 1 ۋە 0 مېھمانلار