[phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/phpbb/session.php on line 583: sizeof(): Parameter must be an array or an object that implements Countable
[phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/phpbb/session.php on line 639: sizeof(): Parameter must be an array or an object that implements Countable
[phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/includes/functions.php on line 4516: Cannot modify header information - headers already sent by (output started at [ROOT]/includes/functions.php:3262)
[phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/includes/functions.php on line 4516: Cannot modify header information - headers already sent by (output started at [ROOT]/includes/functions.php:3262)
[phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/includes/functions.php on line 4516: Cannot modify header information - headers already sent by (output started at [ROOT]/includes/functions.php:3262)
ئۇيغۇر كومپيۇتېر ئىلىمى جەمئىيىتى • ئۇدمىش ئۇيغۇرچە كوررېكتور تارقىتىلدى(ھەقسىز)
جەمئىي3 بەتنىڭ 1 - سى

ئۇدمىش ئۇيغۇرچە كوررېكتور تارقىتىلدى(ھەقسىز)

يېزىلغان: جۈمە ماي 25, 2007 1:40 pm
تەرىپىدىن يوللانغان udmish
مەزكۇر يۇمتال «سەركە ئىملا تۈزەتكۈچ» نامىدا يېڭىلىنىپ، قايتا تارقىتىلماقچى. شۇڭا ۋاقتىنچە چۈشۈرۈش توختىتىلدى.

[[i] بۇ يازمىنى ئاخىرقى قېتىم تەھرىرلىگۈچى: udmish ، ۋاقتى: 2007-6-5 22:29 [/i]]

يېزىلغان: جۈمە ماي 25, 2007 3:44 pm
تەرىپىدىن يوللانغان udmish
مەن تور بەتلەرنى googlePages قا يولىغان ئىدىم. چاتاق يېرى ئۇنىڭ زىيارەت قېتىمىغا چەك بار ئىكەن. مۇشۇ بىرنەچچە كۈن ئىچىدە ئامالىنى قىلىمەن.

ئۇدمىش ئۇيغۇرچە كوررېكتور تارقىتىلدى(ھەقسىز)

يېزىلغان: جۈمە ماي 25, 2007 4:06 pm
تەرىپىدىن يوللانغان pinhan405
بولمىسا مەن بوشلۇق بىلەن تەمىنلەي.... توربىتىم تېخى يېڭى بولغاچقا ئانچە كۆپ ماتىرىيال يوق. خالىسڭىز ئالاقىلىشايلى. [url]www.maral.cn[/url]

يېزىلغان: جۈمە ماي 25, 2007 4:14 pm
تەرىپىدىن يوللانغان heqteyur
[quote]ئەسلى يوللىغۇچى: [i]pinhan405[/i] ، ۋاقتى: 2007-5-25 22:06 [url=http://www.ukij.org/munber/redirect.php?goto=findpost&pid=281&ptid=42][img]http://www.ukij.org/munber/images/common/back.gif[/img][/url]
بولمىسا مەن بوشلۇق بىلەن تەمىنلەي.... توربىتىم تېخى يېڭى بولغاچقا ئانچە كۆپ ماتىرىيال يوق. خالىسڭىز ئالاقىلىش ... [/quote]

بەك ياخشى ئىش بولۇپتۇ ، بۇنىڭ سۆز ئامبىرى يەنە بىر يەرلەردىن تەكلىپ قىلىنغان ئەمەستۇ ھە (ئالدىنقى قېتىمدىكىدەك StarDict ۋەقەسى چىقمىسۇن دەيمىنا :$ )


pinhan405
----------------------------
تور دۇنياسىدا «ساختا» پىنھاندىن يەنە بىرسى پەيدا بولۇپتۇ دە ، ھە ھە ھە !!!:lol (چاقچاق) بولسا مۇشۇ تور دۇنياسىدا بىر قەدەر ئومۇملىشىپ قالغان تورناملىرىنى باشقىلار ئىشلەتمىسە ، پىنھان دېسە ئادەمنىڭ ئىسىگە دەرھال بىزنىڭ «ئۇرۇشقاق» پىنھانجان ئىسىگە كېلىدىكەن ئەمەسمۇ ، بۇ بىر تەكلىپلا خالاس !!!

يېزىلغان: جۈمە ماي 25, 2007 5:08 pm
تەرىپىدىن يوللانغان Obraz
بۇنىڭ ھەقسىز تارقىتىلىشى ئۇيغۇر سوفىت كوررېكتورىغا نىسبەتەن تەسىرى تازا ياخشى بولماسمىكىن :(

يېزىلغان: شەنبە ماي 26, 2007 2:32 am
تەرىپىدىن يوللانغان udmish
بۇ يۇمشاق دېتال مەيلى سۆز ئامبېرى جەھەتتىن بولسۇن، مەيلى ئىقتىدار جەھەتتىن بولسۇن ئۇيغۇر سوفت كوررېكتور بىلەن تەڭلىشەلمەيدۇ. بۇنى ئەسلى مەكتەپتە ئۆتكۈزۈلمەكچى بولغان مۇسابىقە (ئوقۇش پۈتتۈرۈش ماقالەمگىمۇ بۇنىڭدىن مىسال ئالماقچى)گە تەييارلىغان. كۆپچىلىكنىڭ تورلارغا تېما يازغاندا پايدىلىنىشى ئۈچۈن سۇندۇم.

يېزىلغان: شەنبە ماي 26, 2007 4:43 am
تەرىپىدىن يوللانغان udmish
[color=Silver]ئەڭ ئاۋال ۋاقتىنچە بوشلۇق بىلەن تەمىنلىگەن Omar14 كە كۆپ تەشەككۇر .
ئۆزۈم "ئۇدمىش سوفت" باش بېتىگە مۇقىم بوشلۇق ئالغىچە، تور بەت ۋە يۇمشاق دېتاللار Omar14 ئەپەندىنىڭ تور پونكىتىغا تارماق بەت قىلىپ يوللاپ قويدۇم . [/color]
Omar14 غا رەھمەت...
«ئۇدمىش سوفت» ئۈچۈن تور بوشلۇقى ئېلىندى. ئادرېسى:
[url]http://udmishsoft.xj1.sartugh.cn/[/url]

[[i] بۇ يازمىنى ئاخىرقى قېتىم تەھرىرلىگۈچى: udmish ، ۋاقتى: 2007-5-26 16:08 [/i]]

يېزىلغان: شەنبە ماي 26, 2007 7:29 am
تەرىپىدىن يوللانغان Saqal
ئېلانىغا قارىسام خېلى بولىدىغاندەك، چۈشۈرۈپ ئىشلىتىپ باقاي جۇما . 2.75 مىگا ئىكەن ، چوڭمۇ ئەمەس.

يېزىلغان: شەنبە ماي 26, 2007 8:37 am
تەرىپىدىن يوللانغان Saqal
بەك ياخشى دېتالكەن، يېڭىلىق كۆپ، دەسلەپكى باھالاش نەتىجەمنى يوللاپ قوياي.

ئۇيغۇرچە، خەنزۇچە، ئىنگلىزچىنى ئالماشتۇرۇش كونۇپكىسى تەمىنلىنىپتۇ. مۇناسىپ كونۇپكىنى باسساق شۇ خىلدىكى كىرگۈزۈش ئۇسۇلى قوزغىلىدىكەن. ئۆزى ئۇيغۇرچە كىرگۈزۈش ئىقتىدارى بىلەن تەمىنلىمەپتۇ.

خەتنى كىرگۈزگەندىلا توغرىسىنى تەۋسىيە قىلىپ چىقىرىپ بېرىدىكەن. Wordتا ئېنگىلىزچە يازغاندىكى توغرىلاشقا ئوخشاپ كېتىدىكەن،يەنى كىرگۈزگەن چاغدىلا توغرا-خاتالىغىنى بىلىپ بولغىلى بولىدىكەن(ئەلۋەتتە ئامباردا بار سۆزلەرنىڭ).

Wordقا يوللاش ئىقتىدارى ناھايىتى ياخشىكەن، يەنى يېزىپ بولغان نەرسىنى ئاپتوماتىك Wordقا يوللاپ بېرىدىكەن، يازماقچى بولغان نەرسىنى مۇشۇنىڭدا يېزىپ، توغرىلاپ، Word تا تەھرىرلىسەك ناھايىتى قولايكەن.

تىزىملىك پۈتۈنلەي ئۇيغۇرچە، يېڭى تېخنىكىنىڭ ئەۋزەللىكى.


پىكىر-تەكلىپلەر:

<يۇقۇرى> دېگەن سۆزنى كىرگۈزۈپ ئارقىدىن بوشلۇق كونۇپكىسىنى باسسام ئۇنىماي قويدى، باشقا بەزى سۆزلەرمۇ ئاشۇنداق، ئەمما <يۇقۇرى> دېگەن سۆز باشتىن-ئاخىرى بەك جاھىل، باشقا سۆزلەر بىلەن چاپلىشىپ تۇرىمەن دەپ تۇرىۋالدى :lol ، يېزىپ سىناپ باقامسىز ؟ كىرگۈزگۈچنىڭ مەسىلىسىمىكىن دېسەم Word تا ئۇنداق ئەمەس.

كۆچۈرمەكچى بولغان سۆزنى تاللاپ ،تارتىپ ئېلىپ ماڭسا ماڭمايدىكەن، ئۇنداق ئىقتىدار قېتىلماپتۇ، rtf تەھرىرلىگۈچنىڭ ئىشىمۇ ؟

ئۇيغۇرچە،خەنزۇچە،ئېنگىلىزچە كىرگۈزگۈچلەرنى مەلۇم كونۇپكا ئارقىلىق ئالماشتۇرغىلى بولامدۇ ؟ مەسىلەن Ctrl+k دېگەندەك. شۇنىڭغا كۆنۈپ قاپتۇق. چاشقاننى ئىشلىتىش ئاۋارچىلىقكەن.

tooltip نىڭ تېكىستىنى ئۇيغۇرچە چىقارغىلى بولىشى مۈمكىن.

<ئاپتوماتىك تەكشۈرۈش > ۋە < ئۆزى تەكشۈرۈش> نىڭ نىمە پەرقى بار چۈشەنمىدىم. ئىقتىدارى ئوخشىمىغان تەقدىردىمۇ، يۇقارقى ئىككى سۆزنى پەرىقلەندۈرۈپ ئالساق قانداق بولا ؟

قوشۇمچە ئىقتىدارلار قېتىلماپتۇ، مەسىلەن <سۆز سۈزگۈچ> <تەكرارلىقنى يوقاتقۇچ> قاتارلىقلار. ئامبار باشقۇرۇش ئىقتىدارىمۇ ئىشلىمىدى.

تىزىملىك ئىستونىغا چاشقاننى ئاپارغاندىن كىيىنلا تىزىملىك ئېچىلسا، بىرنى چېكىش ھاجەت بولمىسا.


ياسىنجان (ئەفراسىياپ) نىڭ ياسىغان <پالۋان پۈتۈك> نامىدىكى ئىقتىدارلىق كىرگۈزگۈچىسىدىكدەك ئىقتىدار قېتىلغان بولسا،يەنى ئۇيغۇرچە كونۇپكا تاختىسى تۇتۇپ باقمىغانلارمۇ ئۇيغۇرچە كىرگۈزەلىسە، نىمە دېگەن ئېسىل ئىشلار بولاتتى.


UKIJ نىڭ يۇلغۇن تەھرىرلىگۈچ، ئۇيغۇر ئېدىت، پالۋان پۈتۈك ۋە مۇنۇ ئۇدمىش كوررىكتور دېتالىدەك دېتاللارنىڭ ئىقتىدارىنى مۇجەسسەملىگەن بىر تەھرىرلىگۈچ ياساپ چىقىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئىشىنى ئويلۇشۇپ بېقىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن. بۇرۇن بىر ياكى ئىككىلا ئادەم قىلىۋاتقان بولسا، ھازىر بەزى ئىقتىدارلىرىنى بۆلۈپ بەرسەك قىلالىغۇدەك بالىلار باركەن، بۇ ھەم يېتەكلەش، ئۆگۈتۈش-ئۆگۈنۈش بولۇپ قالغۇدەك.

يېزىلغان: شەنبە ماي 26, 2007 9:08 am
تەرىپىدىن يوللانغان Alpha
ياخشى دېتال ئىكەن . ئۇيغۇر سوفىتنىڭ ئەل كوررىكتورى ، غەيرەت توختى كەنجى ئەپەندىنىڭ كوررىكتورى ئەمدى بۇ ئۇدمىش كوررىكتورى ... رىقابەت قانچە كۈچەيسە ، كۆپچىلىك شۇنچە ياخشى مۇلازىمەت ھەم دېتاللاردىن بەھرىمان بولالايدۇ ...