Emule غا ماتىرىيال يوللاش ئۇسۇلى(1)

كومپىيۇتېردا كۆپ ئىشلىتىلىدىغان يۇمشاق دېتاللارنىڭ ھەر خىل ئىقتىدارلىرىنى تونۇشتۇرۇش، ئىشلىتىش ئۇسۇلى ھەققىدە كۆرسەتمە بېرىش ۋە ئاز ئۇچرايدىغان، كۆپ قوللىنىلمايدىغان دېتاللارنى تونۇشتۇرۇش ۋە ئىشلىتىش ھەققىدىكى بىلىملەر قويۇلىدۇ.
ئىنكاس يوللاش [phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/vendor/twig/twig/lib/Twig/Extension/Core.php on line 1275: count(): Parameter must be an array or an object that implements Countable
Jewlaniy
يازمىلار: 29
تىزىملانغان ۋاقتى: يەكشەنبە ئۆكتەبىر 07, 2007 4:34 am
ئالاقىلىشىش:

Emule غا ماتىرىيال يوللاش ئۇسۇلى(1)

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Jewlaniy » دۈيشەنبە ئىيۇن 21, 2010 6:41 pm

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم كۆپچىلىك!
ھەممىمىز بىلىمىز ھازىر توردىن يۈك چۈشۈرگەندە، كۆپ قىسىملىرىمىز توك خېچىرنى(Emule بۇيەردە توك خېچىر دەپ ئېلىنىدۇ) ئىشلىتىدۇ.
چۈنكى ئۇنىڭغا سۈپەتلىك، ۋىرۇسسىز ماتىرىياللار يولىنىدۇ.
ئۇزۇن ۋاقىت بولدى توك خېچىر بىلەن ھەپىلىشىپ يۈرۈپ بۇ دېتالنىڭ ئەلمى- تەلمىنى ئاز-تولا ئېلىپ قالدىم.
شۇنىڭ بىلەن بىلگىنىمنى سۆزلەپ بىقىش مەقسىتىدە توك خېچىر ئارقىلىق ئۆزىمىزدە بار ماتىرىياللاردىن باشقىلار بىلەن تەڭ بەھىرلىنىش ھەققىدە گەپ سېتىپ قويماقچىمەن. مۇشۇ ھەقتە ئىزدىنىۋاتقان ھەم ئۆزىدە بار ماتىرىياللارنى باشقىلارغا تەمىنلەپ بىرىشتە قىينىلىۋاتقانلارغا ئەس قېتىپ قالسا ئەجەپ ئەمەس.
ئادەتتە بىز ئۆزىمىزدە بار بولغان ماتىرىيالنى باشقىلار بىلەن تەڭ بەھىرلىنىش ئۈچۈن ماتىرىيالنىڭ ئورنىنى مۇقىم قىلىمىز . ( مەسىلەن D:\ Movie\ Kurtlar Vdisi Pusu\ )
ھۆججەت قىسقۇچنى بەلگىلىۋالغاندىن كىيىن تەمىنلىمەكچى بولغان ھۆججەتلەر شۇ ھۆججەت خالتىسى ئىچىدە بولىدۇ.
ئۇنىڭدىن كىيىن بىز يوللىماقچى بولغا ھۆججەتلەرنى بەلگىلەيمىز :
分享 نىڭ ئىچىدىن سول تەرەپتىكى 所有的目录 دىگەن تىزىملىكتىن بىر تەمىنلىمەكچى بولغان ماتىرىيالنىڭ ئورنىنى تاللاپ بىرىمىز. يەنى مەن ھازىر 阿凡达 فىلىمى قويۇلغان ھۆججەت خالتىسىنى ئاندىن شۇ ھۆججەت خالتىسى ئىچىدىكى فىلىم ھۆججىتى ۋە يىزىق ھۆججىتىنى كۆرسىتەي
تۆۋەندىكىدەك:
[img]http://i440.photobucket.com/albums/qq130/Jewlaniy/Emule/Emule_01.jpg[/img]

ئۇنىڭدىن كىيىن بۇ ھۆججەتلەرنى تەمىنلەش ھالىتىدە قىلىپ بەلگىلەيمىز، يەنى بۇ ھۆججەتلەرنىڭ ھەممىسىنى تاللاپ ئۈستىدە چاشقىنەكنىڭ ئوڭ تەرىپىنى چىكىمىز. تىزىملىكنىڭ 优先级(上传限制) نىڭ ئىچىدىن 发布نى تاللايمىز. يەنى تۆۋەندىكىدەك:
[img]http://i440.photobucket.com/albums/qq130/Jewlaniy/Emule/Emule_02.jpg[/img]

ئۇنىڭدىن كىيىن توك خېچىرنىڭ ed2k ئۇلىنىش ئادېرىسىنى چىقىرىۋالىمىز.
تاللانغان ھۆججەتلەر ئۈستىدە چاشقىنەكنىڭ ئوڭ تەرىپىنى چىكىپ، تىزىملىكتىن 显示文件链接 تىزىملىكىنى تاللايمىز.
[img]http://i440.photobucket.com/albums/qq130/Jewlaniy/Emule/Emule_03.jpg[/img]

ئۇنىڭدىن كىيىن چىققان كۆزنەكتىن 复制到剪贴板 دېگەن تىزىملىكنى باسساقمۇ ياكى ئۆزىمىز 文件链接دىكى ئادىرىسلارنى كۆچۈرىۋالساقمۇ بولىدۇ.
[img]http://i440.photobucket.com/albums/qq130/Jewlaniy/Emule/Emule_04.jpg[/img]

بۇ مەشغۇلاتلار ئاخرلاشقاندىن كىيىن يۇقارقى ئادېرىسلارنى Verycdنىڭ تور بېتىدە ياكى ئۆزىڭىز تەمىنلەپ بەرمەكچى بولغان دوستىڭىزغا يوللاپ بەرسىڭىز بولىدۇ.
دەۋامى:
[url=http://ukij.org/munber/viewthread.php?tid=798&extra=page%3D1]Emule غا ماتىرىيال يوللاش ئۇسۇلى(2)[/url]

[[i] بۇ يازمىنى ئاخىرقى قېتىم تەھرىرلىگۈچى: Jewlaniy ، ۋاقتى: 2010-8-19 00:44 [/i]]



Awral
يازمىلار: 34
تىزىملانغان ۋاقتى: جۈمە فېۋرال 01, 2008 7:05 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Awral » سەيشەنبە ئىيۇن 22, 2010 1:56 am

بىلىۋىلىشقا تىگىشلىك بىلىملەركەن، رەخمەت سىزگە. مەنمۇ سىناپ باقاي.
ئىنكاسنىڭ ئۇزۇنلىقى چوقۇم 100 بايت بولىشى كىرەككەندە؟ بۇنى ئوڭشاپ قويساڭلارچۇ.

ئىنكاس يوللاش
[phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/vendor/twig/twig/lib/Twig/Extension/Core.php on line 1275: count(): Parameter must be an array or an object that implements Countable
[phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/vendor/twig/twig/lib/Twig/Extension/Core.php on line 1275: count(): Parameter must be an array or an object that implements Countable

گە قايتىش

توردىكى ئەزالار

مۇنبەردىكى ئەزالار: 2 ۋە 0 مېھمانلار