جەمئىي1 بەتنىڭ 1 - سى

سېمبيان S60V5 يانفۇنىدا ئىشلەيدىغان ئۇيغۇرچە كىرگۈ

يېزىلغان: سەيشەنبە ئىيۇن 22, 2010 8:40 am
تەرىپىدىن يوللانغان Awral
ئەسسالامۇ ئەلەيكوم :
نۈۋەتتە سىمبيان S60V5 نەشىرىدىكى ئىدراكلىق يانفۇنلار قوللىنىشچانلىقىنىڭ يوقۇرى بولىشىدەك نۇرغۇن ئالاھىدىلىكلىرى بىلەن كۆپلىگەن كېشىلەرنىڭ ياقتۇرۇپ ئىشلىتىشىگە مۇيەسسەر بولماقتا . سىمبيان سىستېمىسىدىكى يانفۇنلارغا ئۇيغۇرچىنى تونۇتۇش خىلى بۇرۇنلا ئەمەلگە ئاشقان بولسىمۇ، لېكىن سىستېما ئۆزىدىكى سەۋەبلىك «ئە» ھەرىپىنىڭ باغلانماسلىق ئەھۋالىنى تېخىچە تۈزىتىشكە ئىمكان بولمايۋاتىدۇ. بۇ بىزگە يانفۇندا ئۇيغۇرچە تور بەتلەرنى كۆرۈش، ئېلكىتاب ئوقۇش دىگەندەك مەشغۇلاتلاردا بەك زور قولايسىزلىقلارنى كەلتۈرەلمىسىمۇ، لېكىن مۇشۇ 5 - نەشرى ئۈچۈن ئىشلەنگەن مۇككەممەل ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچنىڭ بولماسلىقى ھەقىقەتەن بەكلا ئەپسۇسلىنارلىق ئەھۋال .
مىنىڭچە ھەر خىل سىستېمىدىكى ئىدراكلىق يانفۇنلار ئۈچۈن مۇناسىب ئۇيغۇرچە دىتاللارنى ياساش نۈۋەتتە چوڭ بىر بوشلوق بولۇپ قىلىۋاتىدۇ . بولۇپمۇ ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ ياساش . بولسا UKIJ تەرىپىدىن مۇشۇ ساھەدە مەلۇم ئىقتىدارى بار دوستلارنى تەشكىللەپ بۇ ئىشنى بۇ يىللىق ياكى كىلەر يىللىق خىزمەت پىلانىغا ئالسا قانداق بۇلار دەپ ئويلايمەن . سىلەر قانداق قارايسىلەركىن؟

يېزىلغان: چارشەنبە ئىيۇن 23, 2010 6:43 am
تەرىپىدىن يوللانغان Omar14
كۈمۈش ئوق بلوگىدا ئىلگىرى V3 ئۈچۈن ياسالغان يەنىلا «ئە» ھەرىپى ئۇلانمىغان
[url]http://ko.comxa.com/?p=311[/url] دا مۇشۇنىڭ ئەسلى كودىنى تەمىنلىگەن شۇ ئاساسىدا كۆرۈپ باقسا بولىدۇ

يېزىلغان: چارشەنبە ئىيۇن 23, 2010 5:07 pm
تەرىپىدىن يوللانغان Bidar-Qutlan
Windows Mobileيانفۇنىدا ئىشلەيدىغان ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچكە ھازىرچە سۈكۈت لازىم ئوخشايدۇ، ئەمما ئۇيغۇرچە توربەت ۋە تېكىستلەرنى نورمال كۆرۈشكىمۇ ئىمكان يوقمىدۇ؟

يېزىلغان: پەيشەنبە ئىيۇن 24, 2010 6:21 am
تەرىپىدىن يوللانغان Awral
مىنىڭ بىر خىزمەتدىشىممۇ Windows Mobile سىستېمىلىق يانفۇن سىتىۋالغانتى، ئۇ كۆڭلىدە Windows قا ئۇيغۇرچىنى تونۇتۇش ئاللىقاچان ئەمەلگە ئىشىپ بولغاندىن كېيىن بۇ يانفۇن سىستېىمىسىمۇ ئۇيغۇرچىنى ئاپتۇماتىك تونۇيدۇ دەپ ئويلاپ قالغانكەن . ھازىر ئۇيغۇرچىنى تونۇتالماي سىزگە ئوخشاش بەك جىلى بولۇپ كىتىۋاتىدۇ . ھازىرقى ھىسىياتىڭىزنى چۈشىنمەن، لېكىن ئىشىنىڭ بىزنىڭ ئوت يۈرەك ياشلىرىمىز بۇ مەسىلىنى چوقۇم ھەل قىلالايدۇ.