VirtualBox بىلەن Ubuntu مەۋھۇم كومپيۇتېر قۇرۇش

كومپىيۇتېردا كۆپ ئىشلىتىلىدىغان يۇمشاق دېتاللارنىڭ ھەر خىل ئىقتىدارلىرىنى تونۇشتۇرۇش، ئىشلىتىش ئۇسۇلى ھەققىدە كۆرسەتمە بېرىش ۋە ئاز ئۇچرايدىغان، كۆپ قوللىنىلمايدىغان دېتاللارنى تونۇشتۇرۇش ۋە ئىشلىتىش ھەققىدىكى بىلىملەر قويۇلىدۇ.
Apple
يازمىلار: 37
تىزىملانغان ۋاقتى: دۈيشەنبە ماي 05, 2008 11:02 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Apple » دۈيشەنبە ئاۋغۇست 02, 2010 5:59 am

بۇ دېتال ئارقىلىق ئۇبۇنتۇنى قاچىلىغاندا كومپيۇتېردا ھازىر بار بولغان قاتتىق دېسكىنى ئشىلىتەمدۇ؟ئۇنداقتا قايسى دېسكىنى ئىشلىتىدىغانلىقىنى ئۆزىمىز تاللايمىزمۇ؟ ئۈستىدىكى رەسىمدە بۇ قەدەم يوق ئىكەن.
بۇنى چۈشەندۈرۈپ قويغان بولسىڭىز.



Eagle
يازمىلار: 141
تىزىملانغان ۋاقتى: دۈيشەنبە دېكابىر 01, 2008 9:13 pm
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Eagle » دۈيشەنبە ئاۋغۇست 02, 2010 7:12 am

[quote]ئەسلى يوللىغۇچى: [i]Apple[/i] ، ۋاقتى: 2010-8-2 11:59 [url=http://www.ukij.org/munber/redirect.php?goto=findpost&pid=3108&ptid=586][img]http://www.ukij.org/munber/images/common/back.gif[/img][/url]

بۇ دېتال ئارقىلىق ئۇبۇنتۇنى قاچىلىغاندا كومپيۇتېردا ھازىر بار بولغان قاتتىق دېسكىنى ئشىلىتەمدۇ؟[/quote]

ئەلۋەتتە ئىشلىتىدۇ.

[quote]ئەسلى يوللىغۇچى: [i]Apple[/i] ، ۋاقتى: 2010-8-2 11:59 [url=http://www.ukij.org/munber/redirect.php?goto=findpost&pid=3108&ptid=586][img]http://www.ukij.org/munber/images/common/back.gif[/img][/url]

ئۇنداقتا قايسى دېسكىنى ئىشلىتىدىغانلىقىنى ئۆزىمىز تاللايمىزمۇ؟[/quote]

سىستېما تاللاپ بەرسىمۇ بولىدۇ، ئۆزىڭىز تاللىسىڭىزمۇ بولىدۇ. سىستېمىنىڭ كۆڭۈلدىكى ھالىتىدە سىستېما سىز ئۈچۈن تاللاپ بېرىدۇ. لېكىن بۇ يېرىنى قول بىلەن ئۆزىڭىز تەڭشىسىڭىزمۇ بولىدۇ.

Ubuntu نى قاچىلاش ئۈچۈن ئەڭ كامىدا 2GB قاتتىق دىسكا بوشلۇقى كېتىدۇ. بۇ بوشلۇق بىلەن يەنە باشقا نەرسىلەرنى قىلغىلى بولمايدۇ. شۇڭا ئەڭ كامىدا 3GB بوشلۇق ئەڭ تۆۋەن چەك ھىساپلىنىدۇ.

Windows قا VirtualBox نى قاچىلاپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە Ubuntu مەۋھۇم ماشىنىسى قۇرماقچى بولسىڭىز، ئادەتتىكى نورمال ھالەتتە، VirtualBox يۇمشاق دېتالى بۇ Ubuntu مەۋھۇم ماشىنىسى ئۈچۈن 512MB ئىچكى ساقلىغۇچ ۋە 8GB قاتتىق دىسكا رايۇنى ئاجىرتىدۇ. (بۇ ئەھۋال يۇقۇردىكى رەسىملەردە ئېنىق كۆرسىتىلگەن.) بۇ 8GB دىسكا بوشلۇقى سىزنىڭ Ubuntu نى ھەر قانداق سىناپ ئىشلىتىشىڭىز ئۈچۈن يىتىپ ئېشىپ قالىدۇ.

بۇ رايۇننى VirtualBox يۇمشاق دېتالى نورمال ئەھۋالدا، :C دىسكىدىن ئاجرىتىدۇ. چۈنكى نورمال ئەھۋالدا، VirtualBox دېتالى ئۆزى بولسا
C:\Program Files
ھۆججەت قىسقۇچ ئىچىگە قاچىلىنىدۇ، يەنى :C دىسكىغا قاچىلىنىدۇ. شۇڭا ئادەتتە دىسكا بوشلۇقىنىمۇ :C دىسكىدىن ئاجرىتىدۇ.

ئادەتتە :C دىسكىدىكى بىكار بوشلۇق بۇ 8GB تىن چوڭ بولسىلا، مەن يۇقۇرىدا كۆرسەتكەندەك، سىستېمىنىڭ كۆڭۈلدىكى قىممىتى بويىچە «كېيىنكى قەدەم» دەپ قاچىلاپ كېتىۋەرسىڭىز بولىدۇ.

ئەمدى ئۆزىڭىز قول بىلەن تەڭشىمەكچى بولغاندا، مۇنۇ باسقۇچ
[img]http://i465.photobucket.com/albums/rr17/burkut/vm09.png[/img]
قا كەلگەندە، رەسىمدىكى «Location» دىگەن گەپ «ئورنى» دىگەنلىك بولۇپ، مۇشۇ تېكىست تاياقچە قۇرىنىڭ قۇيرۇقىدىكى ھۆججەت قىسقۇچ سىن بەلگىسىنى چېكىپ، ئۆزىڭىز خالىغان دىسكىنىڭ خالىغان ئورنىنى بەلگىلەپ بەرسىڭىز بولىدۇ. ھەم يەنە مۇشۇ يەردىن ئاجراتماقچى بولغان دىسكا بوشلۇقىنىڭ چوڭلۇقىنى ئۆزىڭىز خالىغانچە بەلگىلىۋالسىڭىز بولىدۇ. تەلەپ، كامىدا 4GB تىن تۆۋەن بولۇپ قالمىسۇن.

[quote]ئەسلى يوللىغۇچى: [i]Apple[/i] ، ۋاقتى: 2010-8-2 11:59 [url=http://www.ukij.org/munber/redirect.php?goto=findpost&pid=3108&ptid=586][img]http://www.ukij.org/munber/images/common/back.gif[/img][/url]

ئۈستىدىكى رەسىمدە بۇ قەدەم يوق ئىكەن.[/quote]

مەن پەقەت ئەڭ تۆۋەن سەۋىيەدىكى ئەڭ ئاددى ئىشلەتكۈچىلەرنى كۆزدە تۇتۇپ بۇ مەزمۇننى تەييارلىغان. ھازىرقى قاتتىق دىسكىلار ئۈچۈن 8GB ھىچ گەپ بولمىغاچقا، ھەم بۇ قول بىلەن تەڭشەش جەريانى سەل ئىنچىكە جەريان بولغاچقا، مەن قول بىلەن تەڭشەش يولىنى بايان قىلماي، سىستېما ئۆزى بەلگىلەپ بېرىدىغان ئەڭ ئاددى يولنى چۈشەندۈرگەن ئىدىم.

[quote]ئەسلى يوللىغۇچى: [i]Apple[/i] ، ۋاقتى: 2010-8-2 11:59 [url=http://www.ukij.org/munber/redirect.php?goto=findpost&pid=3108&ptid=586][img]http://www.ukij.org/munber/images/common/back.gif[/img][/url]

بۇنى چۈشەندۈرۈپ قويغان بولسىڭىز.[/quote]

يەنە چۈشەنمىسىڭىز، سورىسىڭىز بولىدۇ.

يەنە بىر نۇقتا، مەۋھۇم كومپيۇتېر قۇرمايمۇ، Ubuntu نى 4GB لىق بارماق دىسكىغا قاچىلاپ ئىشلەتكىلى بولىدۇ. بۇ بارماق دىسكىنى خالىغان كومپيۇتېرغا سېلىپلا ماشىنىنى قوزغاتسا، Ubuntu قوزغىلىدۇ. بارماق دىسكىنى سالماي، ماشىنىنى قوزغاتسا، ئەسلى مەشغۇلات سىستېمىسى قوزغىلىدۇ.

بۇ نۇقتىدىن Ubuntu ھەقىقى ياندا ئېلىپ يۈرۈشكە بولىدىغان مەشغۇلات سىستېمىسى بولۇپ، بۇنى ھازىرقى Windows XP, Vista, 7 لەر ھەرگىزمۇ ئەمەلگە ئاشۇرالمايدۇ. مۇشۇنداق كىچىك بىر بارماق دىسكىنى يېنىڭىزدا ئېلىپ يۈرگىنىڭىز، خۇددى بىر كومپيۇتېرنى ياندا ئېلىپ يۈرگەن بىلەن باراۋەر.

ئۇنىڭدىن باشقا Ubuntu نىڭ ئىقتىدارى ھەر جەھەتتىن ھەر قانداق Windows نى بېسىپ چۈشىدىغان بولۇپ، (يېقىندا مەن ئىشلەۋاتقان ئىشخانىغا 24 دانە CPU لۇق بىر ئۈستەل يۈزى كومپيۇتېر سېتىۋالغان ئىدۇق. ئۇنىغا XP, Vista, 7 لارنى قاچىلاپ ماڭدۇرالمىدۇق. ھازىر Ubuntu نى قاچىلاپ، بىمالال ئىشلىتىۋاتىمىز.) ئۇنىڭ ھەم بىكارلىقى، ئوچۇق مەنبەلىك بولۇشى، ۋىرۇس يوق بولۇشى ... ئۇنىڭ ئەۋزەللىكلىرىدۇر. ئۇيغۇرلار ئامال بار مۇشۇنداق Linux سىستېمىلىرىنى كۆپلەپ ئىشلىتىشكە يۈزلەنسە، بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزىگە كۆپ پايدىلىق ئىدى.

kaqkuz
يازمىلار: 20
تىزىملانغان ۋاقتى: سەيشەنبە ئىيۇل 31, 2007 5:12 pm
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان kaqkuz » دۈيشەنبە ئاۋغۇست 02, 2010 8:44 am

24CPU لۇق ئۈستەل كومپىيۇتېرى؟؟؟ :funk: :funk: بۈركۈت ئەپەندىم، نىمىگە ئىشلىتىسىلەر بۇ كومپىيۇتېرنى؟؟؟ :funk:

oghuzkb
يازمىلار: 28
تىزىملانغان ۋاقتى: چارشەنبە ماي 21, 2008 1:30 pm
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان oghuzkb » دۈيشەنبە ئاۋغۇست 02, 2010 9:01 am

قولىڭىزغا دەرت بەرمىسۇن Eagle ئەپەندىم، تولىمۇ تەپسىلى چۈشەندۈرۈش بولوپتۇ، باشقىلارغا تەشۋىق قىلغاندا قىينالمايدىغان بولدۇق ئەمدى:)

باش سۈرەت
gheyret
يازمىلار: 125
تىزىملانغان ۋاقتى: چارشەنبە ئاپرىل 04, 2007 12:34 pm
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان gheyret » دۈيشەنبە ئاۋغۇست 02, 2010 12:14 pm

بۈركۈت ئەپەندى سىزگە كۆپ تەشەككۈر.
بۇنداق تەپسىلىي قوللانما بولسا ھەرقانداق ئادەم مېنىڭچە بۇنى نورمال قىلىپ كېتەلەيدۇ. سىزگە كۆپ تەشەككۈر. مەن بۇ تېمىنى ئوغرىلاپ كەنجىسوفىت بېتىگە قويۇۋلماچى بولۇۋاتىمەن. ئەيىبكە بۇيرۇمايسىز.
غەيرەت كەنجى

Eagle
يازمىلار: 141
تىزىملانغان ۋاقتى: دۈيشەنبە دېكابىر 01, 2008 9:13 pm
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Eagle » دۈيشەنبە ئاۋغۇست 02, 2010 12:18 pm

[quote]ئەسلى يوللىغۇچى: [i]Apple[/i] ، ۋاقتى: 2010-8-2 11:59 [url=http://www.ukij.org/munber/redirect.php?goto=findpost&pid=3108&ptid=586][img]http://www.ukij.org/munber/images/common/back.gif[/img][/url]

بۇ دېتال ئارقىلىق ئۇبۇنتۇنى قاچىلىغاندا كومپيۇتېردا ھازىر بار بولغان قاتتىق دېسكىنى ئشىلىتەمدۇ؟ئۇنداقتا قايسى دېسكىنى ئىشلىتىدىغانلىقىنى ئۆزىمىز تاللايمىزمۇ؟ ئۈستىدىكى رەسىمدە بۇ قەدەم يوق ئىكەن.
بۇنى چۈشەندۈرۈپ قويغان بولسىڭىز.[/quote]

بۇنى يەنە رەسىم بىلەن تەپسىلى چۈشەندۈرەي.

مەۋھۇم ماشىنىنى قۇرۇش جەريانىدا، بۇ باسقۇچ
[img]http://i465.photobucket.com/albums/rr17/burkut/vm13.png[/img]
قا كەلگەندە، مەۋھۇم قاتتىق دىسكىنىڭ پارامېتىرلىرىنى قولدا تەڭشەشكە بولىدۇ. (دىققەت، پىششىق ئەمەسلەر پەقەت «كېيىنكى قەدەم» كۇنۇپكىسىنى بېسىپ، كېيىنكى قەدەمگە ئۆتۈپ كېتىڭلار.)

مەۋھۇم قاتتىق دىسكا ئەمىلىيەتتە فىزىكىلىق كومپيۇتېردىكى بىر ھۆججەت بولۇپ، مۇشۇ باسقۇچتا، بۇنىڭ چوڭلۇقى ۋە ساقلىنىش ئورنىنى بېكىتكىلى بولىدۇ. رەسىمدىكى (4) نۆۋەتتىكى چوڭلۇقى بولۇپ، شۇ ئورۇنغا سىز قول بىلەن تەقسىملىمەكچى بولغان يېڭى چوڭلۇقىنى كۇنۇپكا تاختىسىدىن كىرگۈزسىڭىزمۇ (مەسىلەن، 5GB دەپ)، ۋە ياكى سىرىلما تاياقچە (3) نى سۈرۈش ئارقىلىقمۇ ئۇنىڭ چوڭلۇقىنى بېكىتسىڭىز بولىدۇ.

ئۇنىڭ ئورنىنى بېكىتىش ئۈچۈن، سىنبەلگە (2) نى چەكسىڭىز، تۆۋەندىكى يېڭى دىئالوگ كۆزنىكى
[img]http://i465.photobucket.com/albums/rr17/burkut/vm14.png[/img]
ئېچىلىدۇ. بۇنىڭدىكى (1) ئۇنىڭ ئورنىنى، (2) ھۆججەت ئىسمىنى بىلدۈرىدۇ. بۇلارنى سىز مۇۋاپىق بېكىتىپ، (3) نى بېسىپ ساقلىسىڭىز بولىدۇ. نۆۋەتتە بۇ مەۋھۇم دىسكا ئورنىدا خىزمەت قىلىدىغان ھۆججەتنىڭ چوڭلۇقى 8GB بولۇپ، ئىسمى mk1.vd1، ئۇنىڭ ئورنى بولسا:
C:\Documents and Settings\SYS\.VirtualBox\HardDisks

ئاللىبۇرۇن قۇرۇپ بولغان مەۋھۇم ماشىنىنىڭ پارامېتىرلىرىنى تەكشۈرۈشكىمۇ بولىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن ئاۋال، VirtualBox نى قوزغاتسىڭىز، بۇ كۆزنەك
[img]http://i465.photobucket.com/albums/rr17/burkut/vm15.png[/img]
كۆرۈنىدۇ. دىمەك (5) كە قارىسىڭىز بۇ يەردە ئاللىبۇرۇن pc1 نامىدا بىر مەۋھۇم كومپيۇتېر بار. ئۇنىڭ بەزى ئۇچۇرلىرى (6) دە كۆرسىتىلگەن.

مۇشۇ كۆزنەكتە، (2) نى بېسىپ، يېڭى مەۋھۇم كومپيۇتېر قۇرغىلى، (3) نى بېسىپ، نۆۋەتتىكى تاللانغان مەۋھۇم كومپيۇتېرنىڭ تەپسىلى ئۇچۇرلىرىنى كۆرگىلى، (4) نى بېسىپ، بۇنى قوزغاتقىلى بولىدۇ.

(3) نى بېسىپ، بۇ مەۋھۇم ماشىنىنىڭ تەپسىلى ئۇچۇرلىرىنى كۆرمەكچى بولساق، بۇ كۆزنەك
[img]http://i465.photobucket.com/albums/rr17/burkut/vm16.png[/img]
چىقىدۇ. بۇنىڭدا (1) بىز تاللاپ كۆرەلەيدىغان پارامېتىرلار، (2) بولسا شۇ پارامېتىرلارنىڭ تەپسىلى قىممەتلىرىدۇر.

(1) دىن System نى تاللىساق، بۇ كۆزنەك
[img]http://i465.photobucket.com/albums/rr17/burkut/vm17.png[/img]
چىقىدۇ. بۇ يەردىن (1) بولسا، بۇ ماشىنىغا تەقسىملەنگەن ئىچكى ساقلىغۇچنى كۆرسىتىدۇ. (2) بولسا، نۆۋەتتىكى سىرتقى ساقلاش ئۈسكۈنىلىرى ۋە بۇ ئۈسكۈنىلەرنىڭ قوزغىلىش تەرتىپىدۇر. (بۇ ماشىنىدا نۆۋەتتە قاتتىق دىسكا ۋە DVD قوزغاتقۇچلا بار بولۇپ، ماشىنا قوزغالغاندا، ئاۋال قاتتىق دىسكىدىن قوزغىلىدۇ. بۇنى ئۆزىمىز تەڭشىۋالغىلى بولىدۇ.)

بۇ رەسىم
[img]http://i465.photobucket.com/albums/rr17/burkut/vm18.png[/img]
دىن، (1) نى بېسىپ، ساقلاش ئۈسكۈنىلىرىنى كۆرسەك، (2) دىن قاتتىق دىسكىنىڭ ئاددى ئۇچۇرلىرىنى، (3) تىن ئۇنىڭ تولۇق ئۇچۇرلىرىنى كۆرگىلى بولىدۇ. بۇ قاتتىق دىسكا ھۆججىتىنىڭ ئورنى (4) تە بولۇپ، كۆزنەكنى چوڭايتساق، ئۇنىڭ تەپسىلى ئورنى تولۇق كۆرۈنىدۇ:
[img]http://i465.photobucket.com/albums/rr17/burkut/vm19.png[/img]

بۇ VirtualBox دېتالىنى خەنزۇچە Windows قا قاچىلىساڭلار، كۆرۈنمە يۈزى خەنزۇچە چىقىشىمۇ مۇمكىن. (مەندە خەنزۇچە Windows بولمىغاچقا بۇنى سىنىيالمىدىم. غەيرەت ئەپەندىمدىن سوراپ كۆرسەم، ياپونچە Windows قا VirtualBox نى قاچىلىسا، كۆرۈنمە يۈزى ياپونچە چىقىدىكەن.) ناۋادا كۆرۈنمە يۈزى خەنزۇچە بولسا، ئۇ ۋاقىتتا قىيىنچىلىق تېخىمۇ ئاز بولۇشى مۇمكىن.

ئاۋال ئۆزەڭلار سىناپ بېقىڭلار. ناۋادا خەنزۇچە چىقسا، بۇ يەرگە ئىنكاس قىلىپ قويۇڭلار.

Eagle
يازمىلار: 141
تىزىملانغان ۋاقتى: دۈيشەنبە دېكابىر 01, 2008 9:13 pm
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Eagle » دۈيشەنبە ئاۋغۇست 02, 2010 12:42 pm

[quote]ئەسلى يوللىغۇچى: [i]kokkaptar[/i] ، ۋاقتى: 2010-8-2 14:44 [url=http://www.ukij.org/munber/redirect.php?goto=findpost&pid=3113&ptid=586][img]http://www.ukij.org/munber/images/common/back.gif[/img][/url]

24 CPU لۇق ئۈستەل كومپىيۇتېرى؟؟؟ بۈركۈت ئەپەندىم، نىمىگە ئىشلىتىسىلەر بۇ كومپىيۇتېرنى؟؟؟ [/quote]

24 يادرولۇق كومپيۇتېر. بۇ تېخى ئاجىزلىق قىلىدۇ. ھەر بىرى 4 يادرولۇق، تورلاشقان 512 كومپيۇتېرلاربىلەن يەنە بەزى ئىشلارنى ئىشلەيمىز. بۇلارنىڭ ھەممىسى Linux تا ماڭىدۇ. ئاۋۇ 24 يادرولۇقى Ubuntu 10.04 بىلەن ماڭىدۇ. (شۇڭا سىزمۇ Windows نى تاشلاپ، Ubuntu غا كۆچۈڭ.)

بۇنىڭ بىلەن نۇرغۇن ئىشلارنى قىسقا ۋاقىتتا قىلىپ چىققىلى بولىدۇ. مەسىلەن چەمبەر تۇراقلىغىنى تىرىليارت-تىرىليارت خانىگىچە ھىساپلاش، يەر شارىنىڭ ھەركىتىنى ھىساپلاش، تېمپۇراتۇرا، ھاۋا بېسىمى، بۇلۇتلار ھەركىتىگە ئاساسەن ھاۋا رايىنى ئالدىن مۆلچەرلەش، يەر يۈزىدىكى قايسى ئادەم قاچان كىمگە تېلېفۇن قىلدى، كىم قاچان قەيەردىن قەيەرگە قايسى ئايرۇپىلان بىلەن بېرىپ، يەنە كىملەر بىلەن كۆرۈشتى ... (ئەلۋەتتە كېيىنكى ئىشلار ئۈچۈن تېلېفۇن شىركىتى ۋە ئايرۇپىلان شىركىتىدىن كەلگەن سانلىق ئۇچۇرلار بولۇشى كېرەك.) مۇشۇنداق نەرسىلەرنىڭ بەزىلىرىنى بۇ كومپيۇتېردا ھىساپلاپ كۆرىمىز. كېيىنكى تېلېفۇن ۋە ئايرۇپىلان ئۇچۇرلىرى بولسا، بەزى گۇمانلىق ئىشلارنى ئالدىن پەرەز قىلىپ، ئالدىن ھۆكۈم قىلىش ۋە ئالدىنى ئېلىشتا ئىشلىتىلىدۇ. مەسىلەن، ئۆتمۈشتە، جىنايەت ئۆتكۈزگەنلەر بىلەن ئۇچراشقانلار ياكى ئالاقىسى بولغانلارنىڭ نۆۋەتتە ياكى كەلگۈسىدە جىنايەت ئۆتكۈزۈپ قېلىش ئېھتىماللىقى يۇقۇرىراق بولىدۇ. ئاشۇ ئېھتىماللىقلارنى مۇشۇنداق كومپيۇتېرلاردا ھىساپلاپ چىقىرىلىدۇ.

kaqkuz
يازمىلار: 20
تىزىملانغان ۋاقتى: سەيشەنبە ئىيۇل 31, 2007 5:12 pm
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان kaqkuz » دۈيشەنبە ئاۋغۇست 02, 2010 1:30 pm

:o :o :o بۈركۈت ئەپەندىم، ماۋۇ بايانلىرىڭىزنى ئاڭلاپ، NSAنىڭ ھېلىقى Echelon دىگەن سېستىمىسى ئىسىمگە كىلىپ قالدى.
مەن Ubuntu غا 8.4 دىن باشلاپ شۇنداق قىزىقىپ كەلگەن، ئەپسۇس... خىزمەت ۋە باشقا ئېھتىياجلار تۈپەيلى، مەۋھۇم كومپىيۇتېرنىڭ سىرتىغا چىقالمىدىم، بىزنىڭ كەسپى سېستىمىلار، مەن ئىشلىتىدىغان تور بانكا كەسپى دىگەنلەر تۈلكىدە ئەمەس، IE8 دىمۇ نورمال ئىشلىمەيدۇ، شۇڭا ئامالسىز IE6 غا تەلمۈرۈپ يۈرۋاتىمەن.
بىراق مەن ماۋۇ گەپلىرىڭىزدىن بىر نەرسىنى ئىنىق بىلۋالدىم. (Linux (Ubuntu دىگەنلەر، كومپىيۇتېر سەپلىمىلىرىنىڭ ئەڭ كۆپ كۈچىنى، مەشخۇلات سېستىمىسىنى قوزغىتىشقا ئەمەس بەلكى، قوللانمىلارغا سەرىپ قىلىدىكەن. :)

[[i] بۇ يازمىنى ئاخىرقى قېتىم تەھرىرلىگۈچى: kokkaptar ، ۋاقتى: 2010-8-2 19:33 [/i]]

DELL
يازمىلار: 8
تىزىملانغان ۋاقتى: شەنبە ئىيۇل 24, 2010 3:48 pm
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان DELL » دۈيشەنبە ئاۋغۇست 02, 2010 2:37 pm

بۈركۈتكام نۇرغۇن قىممەتلىك ۋاقتىنى سەرپ قىپتۇ. بەك تەپسلىي ياخشى چۈشەندۈرۈپسىز. ئەجىرىڭىزنى خۇدايىم ئۆزى بەرسۇن. بىر ھەپتىنىڭ ئالدىدا Chorme OS نى قاچىلغان ئىدىم. قەدەم باسقۇچىلىرى ئاساسەن ئوخشايدىكەن.:handshake

Apple
يازمىلار: 37
تىزىملانغان ۋاقتى: دۈيشەنبە ماي 05, 2008 11:02 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Apple » دۈيشەنبە ئاۋغۇست 02, 2010 3:34 pm

[quote]ئەسلى يوللىغۇچى: [i]Eagle[/i] ، ۋاقتى: 2010-8-2 13:12 [url=http://www.ukij.org/munber/redirect.php?goto=findpost&pid=3110&ptid=586][img]http://www.ukij.org/munber/images/common/back.gif[/img][/url]


يەنە چۈشەنمىسىڭىز، سورىسىڭىز بولىدۇ.

يەنە بىر نۇقتا، مەۋھۇم كومپيۇتېر قۇرمايمۇ، Ubuntu نى 4GB لىق بارماق دىسكىغا قاچىلاپ ئىشلەتكىلى بولىدۇ. بۇ بارماق دىسكىنى خالىغان كومپيۇتېرغا سېلىپلا ماشىنىنى قوزغاتسا، Ubuntu قوزغىلىدۇ. بارماق دىسكىنى سالماي، ماشىنىنى قوزغاتسا، ئەسلى مەشغۇلات سىستېمىسى قوزغىلىدۇ.

بۇ نۇقتىدىن Ubuntu ھەقىقى ياندا ئېلىپ يۈرۈشكە بولىدىغان مەشغۇلات سىستېمىسى بولۇپ، بۇنى ھازىرقى Windows XP, Vista, 7 لەر ھەرگىزمۇ ئەمەلگە ئاشۇرالمايدۇ. مۇشۇنداق كىچىك بىر بارماق دىسكىنى يېنىڭىزدا ئېلىپ يۈرگىنىڭىز، خۇددى بىر كومپيۇتېرنى ياندا ئېلىپ يۈرگەن بىلەن باراۋەر.

[/quote]

بولسا بۇنىمۇ تەپسىلىرەك چۈشەندۈرۈپ قويغان بولسىڭىز بوپتىكەن،بارماق دېسكىغا قاچىلاپ ئىشلەتسە تېخمۇ قولايلىق بولار ئىكەن.بۇنىمۇ مۇشۇ VirtualBox بىلەن قىلغىلى بولامدۇ؟

ئىنكاس يوللاش
[phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/vendor/twig/twig/lib/Twig/Extension/Core.php on line 1275: count(): Parameter must be an array or an object that implements Countable

گە قايتىش

توردىكى ئەزالار

مۇنبەردىكى ئەزالار: 1 ۋە 0 مېھمانلار