دېتال ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش تېخنىكىسى

كومپىيۇتېردا كۆپ ئىشلىتىلىدىغان يۇمشاق دېتاللارنىڭ ھەر خىل ئىقتىدارلىرىنى تونۇشتۇرۇش، ئىشلىتىش ئۇسۇلى ھەققىدە كۆرسەتمە بېرىش ۋە ئاز ئۇچرايدىغان، كۆپ قوللىنىلمايدىغان دېتاللارنى تونۇشتۇرۇش ۋە ئىشلىتىش ھەققىدىكى بىلىملەر قويۇلىدۇ.
ئىنكاس يوللاش [phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/vendor/twig/twig/lib/Twig/Extension/Core.php on line 1275: count(): Parameter must be an array or an object that implements Countable
afrasyap
يازمىلار: 14
تىزىملانغان ۋاقتى: شەنبە نويابىر 03, 2007 4:24 am
ئالاقىلىشىش:

دېتال ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش تېخنىكىسى

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان afrasyap » دۈيشەنبە ئاۋغۇست 02, 2010 7:47 am

[size=3]ئۇيغۇر تىلى خىرىسقا ئۇچراۋاتقان بۇ كۈنلەردە ئانا تىلىمىزنىڭ كەلگۈسىدىن خەۋپسىرەش كەيپىياتى كۈچەيمەكتە. مۇنبەرلەردە مۇشۇ ھەقتە سۆز بولۇپ قالسا خېلى قايناپ قويىمىز.
قۇرۇق گەپتىن ئەمىلى ئىش ئەۋزەل. بىرەر دېتالنى ئۇيغۇرچە قىلىپ قويساق ياكى ئۇيغۇرچە دېتاللارنى تاللاپ ئىشلەتسەك تىلىمىزغا ئاز-تولا پايدىسى بولىدۇ. ئەلۋەتتە، يۇمشاق دېتالنى ئۆزىمىز ياسىيالىساق تېخى ياخشى. بەزى مونۇپۇللۇق ئورۇندىكى يۇمشاق دېتاللارنى ئۇنىڭدەك ياسىيالمايمىز، ياسىيالمىغاندىكىن تەرجىمە قىلايلى. مۇتلەق كۆپ ساندىكى خەنزۇچە يۇمشاق دېتاللارنىمۇ خەنزۇلار ياسىغان دېتال ئەمەس، ئېنگىلىزچىدىن ياكى باشقا تىلدىن خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلىنغان.
مەن فوتوشوپنى تەرجىمە قىلىپ تارقاتقاندا، بەزىلەر ئۇيغۇرچە فوتوشوپ خەنزۇچىدىن ئاستا قوزغىلدىكەن، ئېغىر ئىكەن دىگەندەك گەپلەرنى قىلدى. يەنە بەزىلەر خەنزۇچىغا كۆنۈپ قاپتىمەن، ئۇيغۇرچىسنى ئىشلىتەلمەيدىكەنمەن دېدى.
كومپىيۇتېرنىڭ پىرىنسىپىدىن خەۋىرى بارلار بىلىدۇ، بىر خەنزۇچە خەتنىڭ سىغىمى ئىككى بايىت (byte) ، شۇنداقلا بىر ئۇيغۇرچە ھەرپمۇ ئىككى بايىت. شۇنداق ئىكەن، ئوخشاش بىر دېتالنىڭ ئۇيغۇرچە، خەنزۇچە نۇسخسىنىڭ ئىجرا بولۇش تېزلىكىدە پەرق بولمايدۇ.
يۇمشاق دېتاللارنى ئۇيغۇرچە قىلىش ئۈچۈن سىزدە ئەڭ تۆۋەن بولغاندا مۇنداق شەرتلەر ھازىرلىنىشى كېرەك.
1. ئۇيغۇر تىلىنى پۇختا بىلىشىڭىز كېرەك.
2. ئۇيغۇر تىلىغا مەسئۇل بولۇش پۇزىتسىيسىدە بولۇشىڭىز كېرەك. ئىملاغا ئالاھىدە دىققەت قىلىشىڭىز، ئاتالغۇلاردا لۇغەتنى ئاساس قىلىشىڭىز، ئۆزىڭىز بىلگەنچە باشقىلار چۈشەنمەيدىغان قالايمىقان سۆز ياسىماسلىقىڭىز، يېڭى ئاتالغۇ ياسىماقچى بولسىڭىز تىلشۇناسلاردىن، شۇ دېتالنىڭ كەسىپ ئىگىلىرىدىن مەسلىھەت سورىشىڭىز كېرەك.
3. ئېنگىلىز تىلى ياكى خەنزۇ تىلىدىن مۇئەييەن ئاساسىڭىز بولۇشى كېرەك.
4. كومپىيۇتېر ئالدىدا كۈنلەپ ئولتۇرالايدىغان ۋاقتىڭىز، يۇمشاق دېتالنى تەكرار-تەكرار سىناق قىلالايدىغان سەۋىرچانلىقىڭىز بولۇشى كېرەك.
5. سىز تەرجىمە قىلماقچى بولغان يۇمشاق دېتال مەشغۇلاتىنى مۇكەممەل ئىگىلىشىڭىز، بىر نەچچە يىللىق كومپىيۇتېر ئىشلىتىش تەجىربىڭىز بولۇشى لازىم.
6. كومپىيۇتېرىڭىزدا ئۇيغۇرسوفىت چوڭ لوغىتى، بىلقۇت، پىلانىتلار لۇغىتى.... قا ئوخشاش بىرەر كومپىيۇتېر لۇغىتى بولۇشى كېرەك.
6. تەرجىمە قىلىش ئۈچۈن يۇنىكودنى (Unicode) قوللايدىغان دېتاللارنى تاللىشىمىز كېرەك. (يۇنىكودنى قوللىمايدىغان دېتاللارنىمۇ تەرجىمە قىلىشقا بولىدۇ، ئەمما، يېزىق مەسلىسنى ھەل قىلىشقا خېلى كۈچ كېتىدۇ ھەم كود قالايمىقانچىلىقى كېلىپ چىقىدۇ، شۇڭا ئۇنى تەۋسىيە قىلمايمەن)
بۇلار سىزدە ھازىرلانمىغان بولسا، بۇ ماقالىنىڭ داۋامىنى ئوقۇمايلا قويۇڭ.
بىز ئۇيغۇرچىلاشتۇرماقچى بولغان دېتاللار چوڭ جەھەتتىن ئىككى تۈرگە بۈلۈندۇ. بىرىنچى تۈردىكى دېتاللار ياسالغاندىلا ياسىغۇچىلار تەرجىمە قىلدىغان ئايرىم تىل بولىقى تەمىنلەيدۇ. بۇلارنى تەرجىمە قىلماق ئاسان. ماس تىل ھۆججىتىنى خاتىرە دەپتەردە ئېچىپلا تەرجىمە قىلساق بولىدۇ. ئادەتتە تىل ھۆججىتى Langguage, Lang ئىسىملىك مۇندەرىجىنىڭ ئىچىدە بولىدۇ. بۇ خىلدىكى يۇمشاق دېتاللارنىڭ تىل ھۆججىتىنىڭ كېڭەيتىلگەن نامى dat, ini بولىدۇ. مەسلەن: Kmplayer, Photoshop....[/size]
[img]http://uyghurye.blogbus.com/files/12349495760.jpg[/img]
ئىككىنچى تۈردىكى يۇمشاق دېتاللارنىڭ ئايرىم تىل ھۆججىتى بولمايدۇ. ئۇلارنىڭ ئىجرا بولدىغان ئاساسى ھۆججىتنى(EXE, DLL ھۆججەتلىرىنى) ئېچىپ تەھرىرلەشكە توغرا كېلىدۇ. بۇنداق تەھرىرلەش دېتاللىرى خېلى كۆپ، يۇنىكودنى قوللايدىغان، نىسبەتەن ئومۇملاشقان دېتال PASSOLO.
PASSOLO دېتالىنى ئىشلىتىش ئۇسۇلنى ئىنتىل مۇنبىرىدىكى مۇڭلان دىگەن يىگىت خېلى تەپسىلى چۈشەندۈرۈپ دەرسلىك ئىشلىگەن، شۇڭا بۇ يەردە ئۇنى چۈشەندۈرمەيمەن.
دېتال تەرجىمە قىلىش بىلەن ھەپلىشىپ باققانلىرىڭلار ھېس قىلغان بولۇشۇڭلار مۇمكىن، بەزى يۇمشاق دېتاللارنى PASSOLO ئارقىلىق تەرجىمە قىلغىلى بولمايدۇ، بەزىلىرىنى PASSOLO ئارقىلىق ئېچىپ تەھرىرلىگەندىن كېيىن، ئىجرا بولمايدۇ.
شۇڭا، مەن PASSOLO ئارقىلىق تەرجىمە قىلىشقا بولمايدىغان يۇمشاق دېتاللارنى تەرجىمە قىلىشقا بولىدىغان، تىل تۈرىگە ئۇيغۇر تىلىمۇ قوشۇلغان (PASSOLO دا ئۇيغۇر تىلى يوق. ئەرەپچە دېگەن تۈر ئارقىلىق ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىمىز) Sisulizer دېگەن يۇمشاق دېتالنى تەۋسىيە قىلىمەن.
Edius,Premiere Pro نى دەل مۇشۇ Sisulizer ئارقىلىق تەرجىمە قىلغان.
[img]http://i683.photobucket.com/albums/vv199/alipanwar/edius1.jpg[/img]

Sisulizer نى ئىشلىتىش ئۇسۇلى

Sisulizer 2008 نى توردىن چۈشۈرۈپ، قاچىلاپ، ئاكتىپلاپ تەييار قىلغاندىن كېيىن ئىجرا قىلدۇرۇپ File تىزىملىكىدىن New نى باسساق يېڭىدىن بىر قۇرۇلۇش قۇرۇلدۇ. (ئاكتىپلانمىسا يېڭىدىن قۇرۇش دېگەن تۈر كۈرۈنمەيدۇ، ئاكتىپلاش نومۇرنى تاپالمىساڭلار [url]http://www.alip.tk[/url] غا ئىنكاس يېزىڭلار مەن ئەۋەتىپ بېرىمەن)

[img]http://www.alip.tk/data/attachment/forum/201008/02/1244107vrycy7zr39o8o6e.jpg[/img]



Select Soruce Type رامكىسىدىن بىرىنچى تۈر Localze a File or Files نى تاللاپ، Next كۇنۇپكىسنى باسىمىز.
Select File كۆزنىكىدىن بىز ئۇيغۇرچىلاشتۇرماقچى بولغان Exe ياكى Dll ھۆججىتىنى تاللايمىز.
Select File Format كۆزنىكىدىن ھۆججەتنىڭ فورماتىنى بەلگىلەيمىز. كۆپۈنچە ئەھۋالدا سىستېمىنىڭ كۆڭۈلدىكى قىممىتىدە قويغىنىمىز ياخشىراق. بەزىدە سىستېما توغرا تاپالماي قالسا ئۆزىمىز بەلگىلەپ بېرىمىز. يەنى ئۇ دېتالنىڭ قايسى پىروگىرامما تىلىدا تۈزۈلگەنلىكىنى دەپ بېرىمىز. مەسلەن: Vb, Vc, C++, Delphi دېگەندەك
Select Languages كۆزنىكىگە كەلگۈچە Next كۇنۇپكىسنى بېسىپ داۋاملاشتۇرىمىز. Select Languages كۆزنىكىدە مەنبە تىل ۋە نىشان تىلنى بەلگىلەيمىز. تۆۋەندىكى رەسىمدىكىدەك

سول تەرەپتىن تەرجىمە قىلماقچى بولغان تىلنى تاللايمىز، مەسلەن: Uighur. ئوڭ تەرەپتىن مەنبە تىلنى تاللايمىز ، مەسلەن: English, Chinese

ئاندىن Next كۇنۇپكىسنى باسساق تەھرىرلەش كۆزنىكى ئېچىلدۇ. بىز سول تەرەپتىكى بايلىق رامكىسىدىن ئۇيغۇرچىلاشتۇرماقچى بولغان تۈرنى تاللاپ، مەسلەن Menu, String, Dialog دېگەنلەرنىڭ قايسسىنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرماقچى بولساق ماس تۈرنى تاللاپ، ئاساسى كۆزنەكتىنى Uighur سىتونىغا ئۇيغۇرچىسنى تەرجىمە قىلىپ يازساق بولىدۇ. Orginal سىتونىدا ئۇيغۇرچىلاشتۇرماقچى بولغان ئەسلىدىكى سۆزلەر كۆرۈندۇ. يەنى، تۆۋەندىكى رەسىمدىكىدەك

[url=http://www.alip.tk]مەنبەسى: ئالىپ تور بېتى. [url]http://www.alip.tk[/url][/url]
ئالىپ تور بېتى يېڭىدىن قۇرۇلدى. زىيارەت قىلىشىڭلارنى، قوللىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن..



ئىنكاس يوللاش [phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/vendor/twig/twig/lib/Twig/Extension/Core.php on line 1275: count(): Parameter must be an array or an object that implements Countable
[phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/vendor/twig/twig/lib/Twig/Extension/Core.php on line 1275: count(): Parameter must be an array or an object that implements Countable
[phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/vendor/twig/twig/lib/Twig/Extension/Core.php on line 1275: count(): Parameter must be an array or an object that implements Countable

گە قايتىش

توردىكى ئەزالار

مۇنبەردىكى ئەزالار: 1 ۋە 0 مېھمانلار