كۆپ ئىقتىدارلىق ئايلاندۇرغۇچتا فىلىم بىرلەشتۈرۈش ئۇسۇلى

كومپىيۇتېردا كۆپ ئىشلىتىلىدىغان يۇمشاق دېتاللارنىڭ ھەر خىل ئىقتىدارلىرىنى تونۇشتۇرۇش، ئىشلىتىش ئۇسۇلى ھەققىدە كۆرسەتمە بېرىش ۋە ئاز ئۇچرايدىغان، كۆپ قوللىنىلمايدىغان دېتاللارنى تونۇشتۇرۇش ۋە ئىشلىتىش ھەققىدىكى بىلىملەر قويۇلىدۇ.
ئىنكاس يوللاش [phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/vendor/twig/twig/lib/Twig/Extension/Core.php on line 1275: count(): Parameter must be an array or an object that implements Countable
kulke0997
يازمىلار: 111
تىزىملانغان ۋاقتى: پەيشەنبە نويابىر 29, 2007 10:40 am
ئالاقىلىشىش:

كۆپ ئىقتىدارلىق ئايلاندۇرغۇچتا فىلىم بىرلەشتۈرۈش ئ

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان kulke0997 » يەكشەنبە ئۆكتەبىر 24, 2010 4:55 am

ئالدىنقى قېتىمقى [url=http://www.qutyar.net/mb/read.php?tid=294]كۆپ ئىقتىدارلىق ئۇنىۋېرسال ئايلاندۇرۇغۇچنىڭ قىسقىچە دەرسلىكى [/url]دېگەن تېمىدا دېيىلگەن بويىچە بۈگۈن كۆپ ئىقتىدارلىق ئايلاندۇرغۇچ دېتالىدىن پايدىلىنىپ فىلىم كېسىش ۋە ئۇلاش ھەققىدە قىسقىچە توختىلىپ ئۆتمەكچىمەن.

ئالدى بىلەن دېتالنى قوزغىتىپ «ئالىي دەرىجە» تۈرىگە كىرىمىز؛
[img]http://www.qutyar.net/mb/attachment/Mon_1010/54_3_2167e57e23437bf.jpg[/img]
ئالدى بىلەن«سىن بىرلەشتۈش»نى چېكىپ ئۆزىمىز كەسمەكچى بولغان سىننى «ھۆججەت قوشۇش» كۇنۇپكىسىنى بېسىپ ئەكىرىمىز:
[img]http://www.qutyar.net/mb/attachment/Mon_1010/54_3_f548859c64cd714.jpg[/img]
ئەمدى بىز قارايدىغان بولساق ئەكىرگەن سىننىڭ ئۈستى ئوتتۇرسىدا «تاللانما» دەپ بىر تۈر بار. شۇنى چېكىمىز:
[img]http://www.qutyar.net/mb/attachment/Mon_1010/54_3_ed7b444ae5bc2b5.jpg[/img]
مانا بۇ يەرگە قارايدىغان بولساق سىن قويۇش، توختىتىش، ئاۋاز... قاتارلىق نۇرغۇن تۈرلەر بار. بىز بۇ يەردىن ئاستىدىكى «باشلىنىش ۋاقتى» ۋە «ئاخىرلىشىش ۋاقتى» دېگەن كۇنۇپكىنى ئىشلىتىمىز. مەسىلەن: فىلىمنىڭ بېشىدكى 5 سېكۇنتلۇق يېرىنى كېسىۋېتىپ كەينىدىمۇ1 مىنۇتلۇق يېرنى كېسىۋەتمەكچى بولساق تۆۋەندىكىدەك قىلىمىز:
[img]http://www.qutyar.net/mb/attachment/Mon_1010/54_3_f8679cbcaf3edb2.jpg[/img]
مانا بۇ فىلىمنىڭ باشلىنىش ۋاقتى 5 سېكۇنتتىن تاماملىنىش ۋاقتى 3:44 سېكۇنتقچە بولغان يېرىىنى بىز كېسىۋالدۇق. دېمەك ھازىر بېشىدىن 5 سېكىنۇت، كەينىدىن 1 مىنۇتلۇق يېرى يوق بولدى دېگەن گەپ.( ئەسلى بۇ فىلىم 4:44 فىلىم.)
دىققەت: بۇ يەردىكى باشلىنىش ۋاقتى ۋە ئاخىرلىشش ۋاقتى دېگەن كۇنۇپكىنى بېسىپ فىلىمنىڭ ۋاقتىنى تۇتساقمۇ بولىدۇ ئەگەر فىلىمنىڭ ۋاقتى بىزگە ئېنىق بولسا بىۋاستە ئاستىدىكى سان بار يەرگە كىرگۈزسەكمۇ بولىدۇ. شۇڭا سىز قايسىنى ئاساسن كۆرسىڭىز شۇنى ئىشلىتىڭ.
ئەمدى بېكىتىپ بولغاندىن كېيىن ئۈستىدىكى چىقىرىش تەڭشىكىگە كېلىمىز.
[img]http://www.qutyar.net/mb/attachment/Mon_1010/54_3_be9b9bf7c71e40b.jpg[/img]
بۇ يەردىن بولسا ئۆزىڭىز قايسى شەكىلدە چىقارماقچى بولسىڭىز شۇ شەكىلنى تاللىسىڭىز بولىدۇ. مەن avi نى مىسال قىلىپ سۆزلىدىم.
[img]http://www.qutyar.net/mb/attachment/Mon_1010/54_3_3ebb55311a8cac6.jpg[/img]
بۇ تەكشەكلىرىنى ئۆزىڭىز مۇۋاپىق تەڭشىۋالسىڭىز بولىدۇ. تېلېفونغا قاچىلامسىز ياكى mp4,mp5 مۇ بۇ يەرلەرنى ئىشلەتكۈچى ئۆزى بەلگىلىۋالسا بولىدۇ.
بۇ باسقۇچلار تۈگىگەندىن كېيىن جەزملەشنى بېسىپ فىلىمى ئايلاندۇرۇشنى باشلىساق بولىدۇ.
ئەمدى بۇ فىلىمنىڭ داۋامىغا يەنە بىر فىلىم ئۇلاش ئۇسۇلىمۇ يۇقىرقىدەكلا. يەنى سىز بىرلەشتۈرمەكچى بولغان فىلىمدىن 2 ياكى ئۇنىڭدىن جىقنى ئەكىرىپ ئۈستىدىكىدەك كېسىۋېتىدىغان يەرلىرى بولسا كېسىۋېتىپ بىرلەشتۈرسىڭىز بولىدۇ. باشقا ئالاھىدە تەڭشىكى يوق.
مەنبە: [url=http://www.qutyar.net/mb/read.php?tid=370]قۇتيار مۇنبىرى[/url]



Newruz
يازمىلار: 113
تىزىملانغان ۋاقتى: پەيشەنبە ماي 24, 2007 12:05 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Newruz » سەيشەنبە نويابىر 02, 2010 3:18 pm

مەن چۈشۈرۈپ باقتىم بۇرۇن خەنچىسىنى ئىشلىتىپ باققان قولىڭىزلارغا دەرت بەرمىسۇن.
شۇنىسى مەنتىقىلىق مەسىلىنى بايقاپ قالدىم ئېيتىپ باقاي.
تىل بولىقىدا Chinese Uyghur
دەپ يېزىلىپتۇ بۇنى قانداق چۈشىنىمىز ۋە قانداق چۈشىنىدۇ. بەيدۇ دىن ئىزدىسەم بۇنداق ئۇچۇر چىقتى 百度一下,找到相关网页约66,300篇,用时0.056秒
[url]http://www.google.com.hk/[/url] دىن ئىزدىسەم 获得约 1,920,000 条结果 (用时 0.17 秒)نەتىجە چىقتى. لېكىن Chinese Uyghur
سۆز كۆپ ئەمەس ئېنگىلىزچە لۇغەتكە قاچان كىرگەنلىكىنى بىلمىدىم. :time: بولسا (China) Uyghur
دەپ ئېلىنسا. خەنچىنىڭ ئاددىيسى، خەنچىنىڭ ئەسلى بار. خەنچىنىڭ ئۇيغۇرچىسى دەيدىغىنى يوق. خەنچىنىڭ ۋە يېزىقىمىزنىڭ ھۆرمىتىچۈن توغرا ئاتىساق قانداق؟!
ئۇيغۇر ئەرەپ يېزىقى، ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى، ئۇيغۇر(جوڭگو) سى بار. ئۇيغۇرچىنىڭ خەنچىسى تېخى يوق. يېزىقىمىزنىڭ ۋە خەنچىنىڭ ھۆرمىتىچۈن توغرا ئاتىساق قانداق؟!



سالامى ھۆرمەتلىرىم بىلەن: ئا س نەۋرۈز
........................................................
مەن ئەزەلدىن مىللەتلەر ئىتپاقلىقىنى ھۆرمەتلەيمەن، بىراۋلارنىڭ باشقىچە مەنا توقىماسلىقىننى تۆۋەنچىلىك بىلەن سۆرايمەن!

[[i] بۇ يازمىنى ئاخىرقى قېتىم تەھرىرلىگۈچى: Newruz ، ۋاقتى: 2010-11-4 11:55 [/i]]

kulke0997
يازمىلار: 111
تىزىملانغان ۋاقتى: پەيشەنبە نويابىر 29, 2007 10:40 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان kulke0997 » چارشەنبە نويابىر 03, 2010 10:43 am

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم نەۋرۈز ئەپەندىم قىممەتلىك تەكلىپ بەرگىنىڭىزگە كۆپ رەھمەت.
ئەمدى بۇ يەردە Chinese-Uyghur دە ئېلىشتا باشقا مەقسەد يوق . بۇ دېتالنىڭ ئاپتورى خەنزۇ ئىكەنتۇق. ئۇ ئاشۇ دېتالنىڭ ئىچىدىكى Chinese-Traditional، Chinese-Simplified دېگەن ئىككى تىلنى مۇشۇ بويىچە ئاپتىكەن. كېيىن مەن قارىسام يۇنىكودنى قوللىغاچقا تەرجىمە قىلدىم ۋە ئۇنىڭ بىلەن كۆرىشىپ تىل ھۆججەتنى قوشتۇردۇم. مەن ئۇنىڭغا Chinese-Uyghur دەپ ئەۋەتىپ بەرمىگەن پەقەت Uyghur دەپلا ئەۋەتىپ بەرگەن ئەمما ئۇ ئۆزى ئۆزگەرتىپ شۇنداق قىلىۋاپتۇ. مەن ماۋۇ قېتىمقى نەشىرى چىقىشتىن بۇرۇن ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشۈپ باقاي. ماقۇل كۆرسە Uyghur دەپلا ئۆزگەرتكۈزۋېتەرمەن.
ھۆرمەت بىلەن: كۈلكە

ئىنكاس يوللاش
[phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/vendor/twig/twig/lib/Twig/Extension/Core.php on line 1275: count(): Parameter must be an array or an object that implements Countable
[phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/vendor/twig/twig/lib/Twig/Extension/Core.php on line 1275: count(): Parameter must be an array or an object that implements Countable

گە قايتىش

توردىكى ئەزالار

مۇنبەردىكى ئەزالار: 1 ۋە 0 مېھمانلار