ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئۇيغۇر كومپىيۇتېر ئىلىمى جەمئىيتى:
مەن بىر كومپىيۇتېر ھەۋەسكارى، بەزىدە ئۇنى بۇنى قىلىپ بەزى كىچىك يۇمشاق دىتاللارنى تەرجىمە قىلىش، يېڭىدىن ئۇيغۇرچە تۈزۈش قاتارلىق ئىشلار بىلەن ھەپىلىشىپ باقىمەن، بۇمۇ بىر قىزىقىش ۋە ئۈگەنگەنلەرنى ئەسلەپ تۇرۇش، يەنە بىر تەرەپتىن ئۇچرىغان مەسىللەرگە قارىتا ئىزدىنىپ بىلىم ئىلىشنىڭ ياخشى يولى ئىكەن.
مۇشۇ جەرياندا مەن بەزى كىچىك قۇرال دىتاللارنى ياسىسام بۇنى UKIJ تەستىقىدىن ئۆتكۈزۈپ قىلىش ئويۇم بار، مىنىڭ دىمەكچى بولغىنىم، ئەگەر مەن مەلۇم دىتالنى ياساپ UKIJگە يۇمشاق دىتال ھەققىدە ئىلان قويسام، سىلەر سەھىپە ئاجرىتىپ، ياردەم بىرەمسىلەر؟ ھەق ئىلىش ئۇسۇلى قانداق بولىدۇ؟
(بەزى يۇمشاق دىتاللارنى ئۆيدە ئولتۇرۇپ قىلىپ باقىدىكەنمەن، مەن مۇشۇ ئارقىلىق بۇ دىتالنى بازارلاشتۇرۇپ كىرىم قىلىشنى ئويلىغان. يالغۇز ھەممىنى قىلغىلى بولمايدىكەن، ھەم جەمئەتتە تەشۋىق قىلىپ سىتىشنى ئويلىغان :$ )
UKIJگە بىر سۇئال (يېڭى پروگراممام توغرىسىدا)
ئەسسالامۇ ئەلەيكۈم ؛
سىزنىڭ بۇ تەكلىپنى بەرگەنلىكىڭىزدىن خۇشال بولدۇم.
UKIJ بۇرۇنلا « ئىشەنچىلىك» ماركىسى بىرىش پىلانىنى ئوتتۇرغا قويغان.
[img]http://www.ukij.org/uey/images/ishenchlik.gif[/img]
يەنى، مەيلى سىز يۇمشاق دىتالنى قانداق ئىشلىگەن بولماڭ، ئەگەر يۇمشاق دىتالىڭىز ھازىرقى خەلىقئارا سۈپەت تەلىۋىگە ماس بولمىسىمۇ ئەمما كىشىنى قانەئەتلەندۈرەلەيدىغان، قۇلايسىزلىقلارنى كەلتۈرمەيدىغان، داۋاملىق تەرەققى قىلدۇرۇلىدىغان يۇمشاق دىتاللارغا قارىتا UKIJدىكى بىرنەچچە ساناقلىق مۇدىريەت ئەزالىرىنىڭ سىناپ ئىشىلتىپ كۈرىشى نەتىجىسىدا بۇ خىل ماركىنى بىرىشنى ۋە تەشۋىق قىلىشنى پىلانلىغان.
ئەگەر سىز ئىشلىگەن يۇمشاق دىتالغا « ئىشەنچىلىك » [img]http://www.ukij.org/uey/images/ishenchlik.gif[/img] دىگەن نامنى ئېلىشنى ۋە تەشۋىق قىلىشنى خالىسىڭىز يۇمشاق دىتال پۈتكەندە UKIJ مۇدىريىتىگە سۇنسىڭىز ۋە تەكلىپ پىكىرلەرنى ئېلىپ، كەمچىلىكلىرىنى تۇلۇقلاپ ئاندىن رەسمىي تارقىتىشنى قارار قىلسىڭىز ۋە تەشۋىق قىلسىڭىز بۇلىدۇ.
ئۇندىن باشقا« UKIJ نىڭ نىزامنامى» نىڭ « كىرىم مەنبەسى» بۈلىمىدە «
1.3 UKIJ تورىدا ۋاكالىتەن سېتىش
UKIJ تور بېكىتىدە ۋاكالىتەن سېتىلغان ھەر قانداق يۇمشاق دېتال ۋە باشقا بۇيۇملار/ماللار، توردىكى باھاسىنىڭ ٪15نى UKIJ گە ئىئانە قىلىشى كېرەك.
1.4 UKIJ ياسىغان يۇمشاق دېتالىنى/مۇلازىمىتىنى سېتىش
UKIJ مەلۇم يۇمشاق دېتالىنى (ياكى مەلۇم مۇلازىمەتنى) UKIJ نامىدىن ساتسا، ساتقان سوممىنىڭ 30 پىرسەنتى UKIJ نىڭ ھېسابىغا كىرىدۇ، 70 پىرسەنتى شۇ يۇمشاق دېتاللارنى ئىشلىگۈچىلەرگە بېرىلىدۇ. » دىيىلگەن.
شۇنداقلا «
2. «ئىشەنچلىك» (UKIJ تەستىقىدىن ئۆتكەن) دېگەن نامنى بېرىش شەرتلىرى دە :
ئىلتىماس قىلغۇچى شەخس ياكى ئورۇن ئىشلىگەن يۇمشاق دېتال ياكى تور بېكەت ئالدى بىلەن ئۇيغۇرچىغا مۇناسىۋەتلىك بولىشى لازىم
- كونا يېزىق قىسمىنى بىرلىككە كەلگەن (2004-يىل 17-يانۋار) ئۇيغۇرچە Unicode فونتلىرىنى ئىشلىتىپ يېزىشى؛
- لاتىن يېزىقى قىسمىنى بىرلىككە كەلگەن UKY جەدۋىلى بويىچە يېزىشى؛
- خەلق مەنپەئەتىگە زىيانلىق بۇزغۇنچىلىق خاراكتېردىكى مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالماسلىقى؛
- باھاسى مۇۋاپىق بولۇشى؛
- كېيىنكى نۇسخىلىرىنى ياسىغاندا، كونىسىنىمۇ قوللايدىغان قىلىپ ياساشقا كاپالەتلىك قىلىشى؛
- خېرىدارلىرىنى رازى قىلغان بولۇشى؛
- ئۇ ك ئى ج نىڭ نازارەت بۆلۈمىنىڭ تەستىقىدىن ئۆتكەن بولۇشى؛
- ئۇ ك ئى ج نىڭ «ئىشەنچلىك» دېگەن تۇغراسىنى يۇمشاق دېتالىدا ئىشلىتىشى ھەم ئۇلانما ئۈچۈن ئۇ ك ئى ج كۆرسەتكەن، تەكشۈرۈپ بېقىشى ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان ئۇلانمىنى ئۇلىشى لازىم.
ئەگەر يۇمشاق دېتاللار ياكى تور بېكەتلەر يۇقىرىدىكى شەرتلەرنى ھازىرلىسا، ئۇ ك ئى ج مەزكۇر يۇمشاق دېتال ياكى تور بېكەتكە بىردىنبىر نومۇر ۋە «ئىشەنچلىك» دېگەن نامنى بېرىدۇ. بۇ دېگەنلىك مەزكۇر تور بېكەت ياكى يۇمشاق دېتالنىڭ ئۇ ك ئى ج نىڭ تېخنىكىلىق تەكشۈرۈشىدىن ئۆتكەنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ. ...» دىيىلگەن.
يۇقارقى قائىدىلەرگە ئۇيغۇن كەلسىلا UKIJ سىزنىڭ داۋاملىق قىزغىن قارشى ئالىدۇ ۋە كەڭ مەيدان ھازىرلاپ بىرىدۇ.
ھۆرمەت بىلەن : تەشۋىقات بۈلىمىدىن: ئەلتېكىن.

توردىكى ئەزالار
مۇنبەردىكى ئەزالار: 1 ۋە 0 مېھمانلار