[phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/phpbb/session.php on line 583: sizeof(): Parameter must be an array or an object that implements Countable
[phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/phpbb/session.php on line 639: sizeof(): Parameter must be an array or an object that implements Countable
[phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/includes/functions.php on line 4516: Cannot modify header information - headers already sent by (output started at [ROOT]/includes/functions.php:3262)
[phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/includes/functions.php on line 4516: Cannot modify header information - headers already sent by (output started at [ROOT]/includes/functions.php:3262)
[phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/includes/functions.php on line 4516: Cannot modify header information - headers already sent by (output started at [ROOT]/includes/functions.php:3262)
ئۇيغۇر كومپيۇتېر ئىلىمى جەمئىيىتى • ئاساسى رايۇنى ۋە كىڭەيتىلگەن ريۇنىنى پەرىقلەندۈرۈش
جەمئىي1 بەتنىڭ 1 - سى

ئاساسى رايۇنى ۋە كىڭەيتىلگەن ريۇنىنى پەرىقلەندۈرۈش

يېزىلغان: پەيشەنبە ئۆكتەبىر 25, 2007 3:30 pm
تەرىپىدىن يوللانغان Eltekin
كونا مۇنبەردىن : tebassum نىڭ سۇئالى:
[color=Red]usp.dll ھۆجىتىنى يىڭىلاپ بولغان ئەھىۋال ئاستىدا ئەگەر بىز بىر ئۇيغۇرچە توربەتنىڭ ياكى مەلۇم بىر ماقالنىڭ unicode نىڭ ئاساسى رايۇنىدا ياكى كىڭەيتىلگەن ريۇنىدا يىزىلغانىلىقىنى بىلمەكىچى بولساق قانداق ئۇسۇللار بار . تەپسىلى تونۇشتۇرۇپ قويغان بولساڭىلار.[/color]
[color=Blue]مۇھەممەد ئەپەندىمنىڭ جاۋابى:[/color]
[color=Blue]ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،

سىز ئوتتۇرىغا قويغاندەك، يېڭىراق Windows سىستىمىلىرىدا usp10.dll ھۆججىتىنى يېڭىلىغاندىن كىيىن، تور يۇزىدە كۆرۈنۈشتە ئاساسى رايۇن ۋە كېڭەيتىلگەن رايۇندا يېزىلغان تېكىستلارنى بىۋاستا پەرىقلەندۈرۈش قىيىن. مەن بىلىدىغان ئۇسۇللار تۆۋەندىكىچە:

1. بەتنىڭ HTML مەنبەسىگە قاراش.

ئەگەر ھەرىپلەر نۇمۇرلۇق كۆرسىتىلگەن بولسا (Numeric Character Reference ياكى NCR)، ئاساسى رايۇندىكى ھەرىپلەر ئونلۇق سىستىمىدا 1536--1791 غىچە، ئون ئالتىلىك سىستىمىدا 0x0600 -- 0x06FF غىچە بولغان نۇمۇرلار بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. كېڭەيتىلگەن رايۇندا بولسا، ئونلۇق سىستىمىدا 60000 دىن يۇقۇرى، ئون ئالتىلىك سىستىمىدا 0xFB00 دىن يۇقىرى نۇمۇرلار بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.

2. تەھرىرلىگۈچتە ياكى تېكىست رايۇنىدا سىناش

كېڭەيتىلگەن رايۇندا بىر ھەرپنىڭ ھەربىر شەكلى (كۆپىنچى ئەھۋالدا توت خىل) تېكىست كۆرسۈتىۋاتقان پىروگىراممىغا (مەسىلەن تور بەت كۆرگۈچ) ئوخشىمىغان نۇمىرلار بىلەن بىرىلگەن بولغاچقا، ھەرىپلەر ئايرىلىپ كەتكەن ئەھۋالدىمۇ، ھەرپنىڭ شەكلى ئۆزگەرمەيدۇ. بىر سۆزنى كۆچۈرۈپ ئىلىپ ئېلىپ بىر تېكىست رايۇنىغا ياكى بىر تەھرىرلىگۈچكە قويۇپ، سۆزلەرنىڭ ئوتتۇرىغا تاياقچە يوتكەپ بوش ئورۇن (Sapce) كونۇپكىسىنى باسسىڭىز، ئاساسى رايۇندىكى ھەرپلەرنىڭ شەكلى مۇۋاپىق ئۆزگىرەيدۇ، كېڭەيتىلگەن رايۇندىكى ھەرپلەرنىڭ شەكلى ئۆزگەرمەيدۇ. (بۇنى سىنىغاندا كېڭەيتىلگەن رايۇننى ئىشلىتىدىغان تېكىست رايۇنىدا سىنىماڭ. چۈنكى بۇ خىلدىكى تەھرىرلەشلەردە كېڭەيتىلگەن رايۇندىكى ھەرپلەرنىڭ شەكلى ئۆزگىرەيدۇ.) بۇنىڭغا بىر مىسال ئالساق:

«ﻛﯧﯖﻪﻳﺘﯩﻠﮕﻪﻥ» «ئاساسى»
«ﻛ ﯧ ﯖ ﻪ ﻳ ﺘ ﯩ ﻠ ﮕ ﻪ ﻥ» «ئ ا س ا س ى»

يۇقۇردا «كېڭەيتىلگەن» دىگەن سۆز كېڭەيتىگەن رايۇندا، «ئاساسى» دىگەن سۆز ئاساسى رايۇندا يېزىلغان. بىرنچى قۇردا يېڭى Windows سسىتىمىلىرىدا قايسىسىنىڭ قايسى خىلدا يېزىلغانلىقىنى كۆزى ئۆتكۈر ئادەممۇ پەرقلەندۇرەلمەيدۇ. ئىككىنچى قۇردا ھەرپلەر ئايرىۋىتىلگەن. «كېڭەيتىلگەن» دىگەن سۆزنىڭ ھەرپلىرىنىڭ شەكلى ئۆزگەرمەي «قېتىپ» قالغان ھالەتتە تۇرۇدۇ. ئاساسى دىگەن سۆزنىڭ ھەرپلىرىنىڭ شەكلى ھازىرقى تارقىلىشقا ماس ئۆزگىرەيدۇ.

3. ھەرپلەرنىڭ كومپىيوتىردىكى ساقلىنىش نۇمىرىنى كۆرسۈتۈش.

مەخسۇس ھەرپ نۇمىرىنى كۆرسۈتۈپ بىرىش ئىقتىدارى بار تېكىست رايۇنى ياكى تەھرىرلىگۈچتە ھەرپلەرنىڭ نۇمىرىنى تەكشۈرۈشسىڭىزمۇ بولىدۇ. پىرىنسىپى 1. نۇقتىدىكى چۈشەنچىگە ئوخشاش. مەن شەخسەن بۇ خىل ئۇسۇلنى كۆپرەك قوللىنىمەن.
ئەلۋەتتە باشقا ئۇسۇللارمۇ بار، ئەمما ئاساسى پىرىنسىپلىرى يۇقارقىلارغا ئوخشاپ كىتىدۇ.
سالام بىلەن،
مۇھەممەد[/color]