Visual Studio 2008 نى چۈشۈرۈش ۋە قاچىلاش

ئىنكاس يوللاش [phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/vendor/twig/twig/lib/Twig/Extension/Core.php on line 1275: count(): Parameter must be an array or an object that implements Countable
Alpha
يازمىلار: 56
تىزىملانغان ۋاقتى: سەيشەنبە ئاپرىل 03, 2007 5:42 am
ئالاقىلىشىش:

Visual Studio 2008 نى چۈشۈرۈش ۋە قاچىلاش

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Alpha » چارشەنبە مارت 12, 2008 2:15 pm

Microsoft® Visual Studio بولسا Microsoft شىركىتى تەمىنلىگەن پىروگرامما لاھىيەلەش سۇپىسى ، بۇ توغرىسىدا كۆپ توختالمىساممۇ كۆپچىلىككە ئايان . Visual studio 2008 خەنزۇچە ئاددىلاشتۇرۇلغان نەشىرى2007- يىلىنىڭ ئاخىرىدا ئېلان قىلىنغاندىن بۇيان بەلكىم كۆپچىلىك بۇ نەشىرنىڭ 90 كۈنلۈك سىناق ئىشلىتىش نۇسخىسىنى ئىشلىتىپ كۆرگەن بولسا كېرەك ؛ تۆۋەندە مەن مۇشۇ سىناق نۇسخىسىنى چۈشۈرۈش ئادېرىسىنى ھەمدە بۇنى قانداق قىلىپ ھەقىقىي نەشىرگە كۆتۈرۈشنى چۈشەندۈرۈپ ئۆتىمەن .
Visual Studio 2008 سىناق نۇسخىسى ئەگەر كومپىيۇتېرىڭىزدا بولمىسا ئۇنى تۆۋەندىكى يەردىن چۈشۈرۈڭ :
[url=http://download.microsoft.com/download/e/7/7/e777851c-c1a4-4979-86b3-6886953b32e9/VS2008ProEdition90DayTrialCHSX1435983.iso] چۈشۈرۈش [/url]
ئەڭ ياخشىسى شۈنلېي دېتالدىن پايدىلىنىپ چۈشۈرۈڭ ، مەن مائارىپ مۇلازىمېتىرى شارائىتىدا تەخمىنەن 1~2 سائەت ئەتراپىدا چۈشۈرۈپ بولدۇم . دېتالنىڭ چوڭلىغى 3788.5 MB ئەتراپىدا كېلىدۇ ؛ ئەگەر چۈشۈرۈش مەغلۇپ بولۇپ قالسا Microsoft نىڭ مۇناسىۋەتلىك بېتىگە [url=http://www.microsoft.com/downloads/details.aspx?FamilyID=83c3a1ec-ed72-4a79-8961-25635db0192b&DisplayLang=zh-cn]كىرىپ[/url] سىناپ كۆرۈڭ ؛
چۈشۈرۈپ بولغاندىن كېيىن ئەگەر كومپىيۇتېرىڭىزدا DVD لىق دېسكا ئويغۇچ بولسا ، Nero دېتالدىن پايدىلىنىپ بىۋاستە DVD دېسكىسنى ئويىۋالسىڭىزمۇ بولىدۇ ، چۈنكى چۈشۈرۈلگەن ھۆججەت بىۋاستە قاچىلاش ھۆججىتى ئەمەس بەلكى ISO قىلىپ ئېزىلگەن ھۆججەت ھالىتى . ئەگەر سىزدە DVD قىلىپ ئويۇش شارائىتى بولمىسا ،daemon tools قورالىدىن پايدىلىنىپ مەۋھۇم دېسكا ياساش ئارقىلىق قاچىلىسىڭىزمۇ بولىدۇ . ئەگەر daemon tools دېتالى كومپىيۇتېرىڭىزغا قاچىلانمىغان بولسا ، بۇيەردىن [url=http://51.duote.net/daemon_x86.exe] چۈشۈرۈڭ [/url].
Daemon دېتالىنى قاچىلاپ بولغاندىن كېيىن ، ISO ھۆججىتىنىڭ ئورنىنى كۆرسىتىپ بېرىڭ :
[img]http://www.cnblogs.com/images/cnblogs_com/bmate/0.jpg[/img]
ئاندىن كېيىن ئاپتوماتىك قاچىلاش ھالىتىگە ئۆتىدۇ (سۈرەتتىكىلەر ئېنگىلىزچە نۇسخىسىنى قاچىلاش ھالىتى چۈشەندۈرىلىشى ، ئۆزۈم قاچىلىغاندا سۈرەتكە تارتىۋالمىغاچقا توردىن ئىزدەپ يوللاپ قويدۇم. بىز چۈشۈرۈپ قاچىلىماقچى بولغان نەشىرى پۈتۈن خەنزۇچە ھالەتتە )
[img]http://www.cnblogs.com/images/cnblogs_com/bmate/1.jpg[/img]
ھۆججەتلەرنى يېشىۋاتىدۇ
[img]http://www.cnblogs.com/images/cnblogs_com/bmate/2.jpg[/img]
تۇنجى قېتىم قاچىلىغاندا CD-Key كودىنى كىرگۈزۈشكە بولمايدۇ . ئالدىرىماي داۋاملاشتۇرىۋېرىڭ
[img]http://www.cnblogs.com/images/cnblogs_com/bmate/4.1.jpg[/img]
بۇ سېستىما C دېسكىغا تەخمىنەن 2.5G ئەتراپىدا ھۆججەت قاچىلايدۇ ، C دېسكىڭىزدا يۇقارقىدىن چوڭراق بولغان بوشلۇق بولۇشقا دىققەت قىلىڭ . C دېسكىڭىزنىڭ بوشلۇقى بەك ئاز بولۇپ قالسا مەشغۇلات سېستىمىڭىزنىڭ سۈرىتىگە تەسىر يېتىدۇ ، ھەتتا نورمال خىزمەت قىلالماسلىقى مۇمكىن ؛
[img]http://www.cnblogs.com/images/cnblogs_com/bmate/5.jpg[/img]
ئۆز ئېھتىياجىڭىزغا ئاساسەن لازىملىقلىرىنى تاللاپ قاچىلىسىڭىزمۇ بولىدۇ ؛
[img]http://www.cnblogs.com/images/cnblogs_com/bmate/6.jpg[/img]
قاچىلاش جەريانى
[img]http://www.cnblogs.com/images/cnblogs_com/bmate/7.jpg[/img]
مۇۋاپىقىيەتلىك قاچىلانغاندىن كېيىن تۆۋەندىكى كۆزنەك كۆرۈنىدۇ ؛
[img]http://www.cnblogs.com/images/cnblogs_com/bmate/9.jpg[/img]


ئەمدى بىز بۇ 90 كۈنلۈك سىناق نەشىرىنىڭ ۋاقىت چەكلىمىسىنى بۇزۇپ تاشلايلى ، كونتىرول تاختىسىدىن دېتال قوشۇش ۋە ئۆچۈرۈش دېگەن يەرگە كىرىپ ، Visual studio 2008 دېگەن تۈرنى تېپىپ ئۆچۈرۈش ياكى ئۆزگەرتىش تۈرىنى تاللاڭ ؛ بۇ ۋاقىتتا كۆرۈنگەن كۆزنەككە تۆۋەندىكى CD-KEY كودىنى كىرگۈزۈپ يېڭىلاش قىلىۋەتسىڭىز ، 90 كۈنلۈك ۋاقىت چەكلىمىسى بۇزۇپ تاشلىنىدۇ ؛
CD-Key :PYHYP-WXB3B-B2CCM-V9DX9-VDY8T

گەرچە ئۆزۈم ئىلگىرى .net مۇھىتىدا پىروگرامما تۈزۈش بىلەن مەشغۇل بولۇپ باقمىغان بولساممۇ ، ئۇنىڭغا يېقىندىن سەپ سېلىپ كېلىۋاتىمەن . كۈندىن كۈنگە تەرەققىي قىلىۋاتقان Visual studio پىروگرامما سۇپىسى سىزنى ئىلغار ھەمدە تېز بولغان پىروگرامما لاھىيەلەش شارائىتى بىلەن تەمىن ئەتكۈسى . ماتىرىياللارغا قارىسام بۇ نەشىرنىڭ Vista مۇھىتىدا خىزمەت قىلىشى ،ھەمدە Office 2007 بىلەن بولغان ئۆز ئارا قوللىشى ناھايىتى ياخشى ئىكەن ، مەن Windows XP sp2 مۇھىتىدا قاچىلاپ خىزمەت قىلدۇرۇپ باقتىم ، ھېچقانداق خاتالىق كۆرۈلمىدى . كۆپچىلىككە ئۇتۇق تىلەيمەن ؛

ئۇزۇن ۋاقىتلاردىن بېرى UKIJ ۋاقتىدا كىرىپ تۇرالمىغانلىقىمدىن بارلىق دوستلارغا تۆۋەنچىلىك بىلەن كەچۈرۈم سورايمەن . بۇندىن كېيىن بۇنداق بولماسلىققا تىرىشىمەن ، قېنى دوستلار بىرلىكتە VS بىلەن ئېتىشىپ باقمامدۇق !!!



Saqal
يازمىلار: 23
تىزىملانغان ۋاقتى: پەيشەنبە ماي 24, 2007 11:24 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Saqal » پەيشەنبە مارت 13, 2008 8:16 am

.net سۇپىسى بىلەن Visual Studio ئىككىسى ئىككى گەپما ؟

Visual Studioنىڭ ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن تەمىنلىگەن نۇسخىسى بارغۇ دەيمەن، ئىقتىدارى قانداقكەن ؟

Omar14
يازمىلار: 150
تىزىملانغان ۋاقتى: يەكشەنبە ئىيۇن 03, 2007 12:48 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Omar14 » جۈمە مارت 14, 2008 3:13 pm

مەنمۇ يېڭىدىن تارقىتىلغاندىن بۇيان VS2008 نى ئىشلىتىپ كىلىۋاتقان !
بۇ نۇسخىسىدا 2005،2003 تە يىزىلغان پىروگراممىلارنىڭ ھەممىسىنى ئاچقىلى بولىدىكەن ! لىكىن بۇ نۇسخىسىنىڭ ۋاقتى توشۇپ يەنە VS2005 نى ئىشلىتەي دەپ قارىسام بۇ 2008 يازغان پىروگراممىنى 2005تە ئاچقىلى بولمىدى ! مۇشۇ ھەقتە ئىزدىنىپ باققان يولداشلار تەجىربىسىنى بىر تونۇشتۇرسا بوپتىكەن !

بۇ مەن VisualStdiu2008 تەيازغان ئەڭ ئاددى ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ ! (ئەسلى كودى تەمىنلەندى)
[url]http://www.omar14.cn/blogview.asp?logID=31[/url]

ئىنكاس يوللاش
[phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/vendor/twig/twig/lib/Twig/Extension/Core.php on line 1275: count(): Parameter must be an array or an object that implements Countable
[phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/vendor/twig/twig/lib/Twig/Extension/Core.php on line 1275: count(): Parameter must be an array or an object that implements Countable

گە قايتىش

توردىكى ئەزالار

مۇنبەردىكى ئەزالار: 1 ۋە 0 مېھمانلار