Gettext دىن پايدىلىنىپ mo ھۆججىتىنى po ھۆججىتىگە ئايلاندۇرۇش

ئىنكاس يوللاش [phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/vendor/twig/twig/lib/Twig/Extension/Core.php on line 1275: count(): Parameter must be an array or an object that implements Countable
Omar14
يازمىلار: 150
تىزىملانغان ۋاقتى: يەكشەنبە ئىيۇن 03, 2007 12:48 am
ئالاقىلىشىش:

Gettext دىن پايدىلىنىپ mo ھۆججىتىنى po ھۆججىتىگە ئ

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Omar14 » شەنبە سېنتەبىر 25, 2010 3:25 pm

[align=right]يۇمشاق دېتال تەرجىمە قىلىپ باققانلار بىلىدۇ، بەزى يۇمشاق دېتاللارنى تەرجىمە قىلىپ ئۇيغۇرچە كۆرۈنمە يۈزگە ئېگە قىلىشتا شۇ يۇمشاق دېتال تەمىنلىگەن تىل بولىقىنى تەرجىمە قىلىش ئارقىلىق يۇمشاق دېتال تەرجىمە قىلىش مەقسىتىگە يېتەلەيدۇ، مەيلى توربېكەت(WordPress) بولسۇن ،ياكى يۇمشاق دېتال ۋە ياكى مەشغۇلات سىستېمىسى بولسۇن (مەسلەن ھازىر بىز تەرجىمىسىنى ئىشلەۋاتقان Ubuntu ) ھەممىسىدە دېگۈدەك كېڭەيتىلگەن نامى mo.* ياكى po.* بولغان تىل بولىقىنى ئىشلىتىدۇ، بىز پەقەت مۇشۇ تىل بولىقىغا نىسبەتەن تەرجىمە ئىلىپ بارساق شۇلارنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش مەقسىتىگە يېتەلەيمىز.
po.* تىل بولىقى بولسا ھېچقانداق Compile قىلىنمىغان ئەسلى ھۆججەت بولغاچقا بىۋاسىتىلا تېكىست تەھرىرلىگۈچ ئارقىلىقلا ئىچىپ تەرجىمە قىلىشقا بولىدۇ، شۇنداقلا ھەممىمىز بىلىدىغان PoEdit ياكى OmegaT قاتارلىقلاردا ئېچىپ تەرجىمە قىلغىلى بولىدۇ ،
لېكىن mo.* ھۆججىتىنى بولسا بۇنداق قىلىشقا بولمايدۇ،بۇ ھۆججەتنىڭ خاراكتېرى خۇددى پروگرامما ھۆججىتىگە ئوخشايدىغان بولۇپ po.* تىل بولىقىنى Compile قىلغاندىلا ئاندىن ھاسىل بولىدۇ، دېمەك يۇقىرقىدىن بىلىشكە بولىدۇكى mo.* ھۆججىتىنىڭ ئەسلى مەنبەسى po.* بولغاچقا mo.* نى Uncompile قىلىش ئارقىلىق كەينىگە ياندۇرۇپ بىۋاستە ئېچىپ تەھرىرلەشكە بولىدىغان po.* ئايلاندۇرۇشقا بولىدۇ ، بۇنىڭ ئۈچۈن بىزگە Gettext ناملىق دېتال لازىم بولىدۇ،بۇ دېتالنى ئاستىدىكى ئۇلىنىشتىن چۈشۈرۈپ ئىشلىتىش ئۇسۇلىغا دىققەت قىلغايسىز.
[/align]
[align=center][url=http://ifile.it/cv2lzi3][img=180,52]http://www.uyghurpc.com/wp-content/uploads/2010/09/downloadbtn.gif[/img][/url][/align]

Gettext نى چۈشۈرۈپ بولغاندىن كىيىن ئۇنى قاچىلايسىز ئاندىن ”باشلام“تىزىملىكىدىن ”ئىجرا“غا ”cmd“ نى يېزىپ Windows كوماندا ئىجرا ھالىتىگە كىرىسىز . (تۆۋەندە D دېسكارايونى ئاستىدىكى Alim.mo دېگەن تىل بولىقىنى Alim.po غا ئايلاندۇرىمىز)
ئاندىن تۆۋەندىكىلەرنى ئىجرا قىلسىڭىز بولىدۇ.

[color=#ff00][u]c:\Program Files\GnuWin32\bin\msgunfmt.exe d:\Alim.mo -o d:\Alim.po[/u][/color]
(ئەگەر يۇقارقىلارنى كىرگۈزۈشتە قىينالسىڭىزmsgunfmt.exe بار مۇندەرىجىگە ئىچىگە بىرمۇ بىر كىرىپ ئايلاندۇرساقمۇ بولىدۇ مەسلەن تۆۋەندىكى رەسىمدىكىدەك )
[align=center][img=585,256]http://www.uyghurpc.com/wp-content/uploads/2010/09/mo2po.png[/img][/align]
ئىجرا قىلىپ بولۇپ قارىسىڭىز D دىسكا رايونىدا Alim.mo ئىسىملىك بىر ھۆججەتنىڭ پەيدا بولغانلىقىنى كۆرىسىز، مانا بۇ سىز دەل ئېرىشمەكچى بولغان تەھرىرلىگىلى بولىدىغان ھۆججەتتۇر .
تەجىربىلەرگە ئاساسلانغاندا تۆۋەندىكىنى ئالاھىدە ئەسكەرتىمىز. تەرجىمە پۈتكەندىن كىيىن ئەڭ ئاخىردا لازىم بولىدىغىنى يەنىلا mo.* ھۆججىتى. Poedit تىن پايدىلىنىپ مەزكۇر ھۆججەتنىڭ تەرجىمىسى پۈتكەندىن كىيىن مۇشۇ ھۆججەتنىڭ mo.* ھۆججىتىنىمۇ بىرگە ھاسىل قىلىدۇ، لېكىن Poedit ھاسىل قىلپ بەرگەن mo.* دا بەزى ئۇچۇرلار يۇمشاق دېتال تەرىپىدىن قوشۇپ قويۇلغانلىقتىن بەزىدە خاتالىق كۆرۈلىدىكەن ، شۇڭلاشقا سىز تەرجىمە قىلىپ بولغان po.* يۇقىرىدىكى ئۇسۇلنىڭ ئەكسىچە Compile قىلىپ mo.* غا ئايلاندۇرسىڭىز خاتالىق كۆرۈلمەيدىكەن .
po.* ھۆججىتىنى mo.*ھۆججىتىگە ئايلاندۇرۇش ئۇسۇلى
[color=#ff00][u]c:\Program Files\GnuWin32\bin\msgfmt.exe -o d:Alim.mo d:Alim.po[/u][/color]
دىققەت Compile قىلىشتا ئىشلەتكەن ھۆججەت ئوخشىمايدۇ (Compile قىلىشتا msgfmt.exe نى ئىشلەتتۇق، ئۈستىدىكىUncompile قىلغاندا msgunfmt.exe نى ئىشلەتكەن )
[align=center][img=547,205]http://www.uyghurpc.com/wp-content/uploads/2010/09/po2mo.png[/img][/align]

مەنبە : كومپيۇتېر تەجرىبىخانىسى [url]http://www.uyghurpc.com/?p=342[/url]



Omar14
يازمىلار: 150
تىزىملانغان ۋاقتى: يەكشەنبە ئىيۇن 03, 2007 12:48 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Omar14 » شەنبە سېنتەبىر 25, 2010 3:26 pm

كەنجىسوفت تور بېتىدىكى ماۋۇ يازمىمۇ دىققىتىڭىزدە بولغاي
Gettext تىن پايدىلىنىپ يۇمشاق دېتالنى خەلقئارالاشتۇرۇش ۋە Gettext ئىشلەتكەن يۇمشاق دېتالنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش ھەققىدە
[url]http://kenjisoft.homelinux.com/soft/LightNEasy.php?page=gettext[/url]

ئىنكاس يوللاش
[phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/vendor/twig/twig/lib/Twig/Extension/Core.php on line 1275: count(): Parameter must be an array or an object that implements Countable
[phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/vendor/twig/twig/lib/Twig/Extension/Core.php on line 1275: count(): Parameter must be an array or an object that implements Countable

گە قايتىش

توردىكى ئەزالار

مۇنبەردىكى ئەزالار: 1 ۋە 0 مېھمانلار