[phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/phpbb/session.php on line 583: sizeof(): Parameter must be an array or an object that implements Countable
[phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/phpbb/session.php on line 639: sizeof(): Parameter must be an array or an object that implements Countable
[phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/includes/functions.php on line 4516: Cannot modify header information - headers already sent by (output started at [ROOT]/includes/functions.php:3262)
[phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/includes/functions.php on line 4516: Cannot modify header information - headers already sent by (output started at [ROOT]/includes/functions.php:3262)
[phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/includes/functions.php on line 4516: Cannot modify header information - headers already sent by (output started at [ROOT]/includes/functions.php:3262)
ئۇيغۇر كومپيۇتېر ئىلىمى جەمئىيىتى • كەسپىي لوغەت ياساشتىن ياردەم
جەمئىي1 بەتنىڭ 1 - سى

كەسپىي لوغەت ياساشتىن ياردەم

يېزىلغان: جۈمە ئاپرىل 27, 2012 8:47 am
تەرىپىدىن يوللانغان makan
ئەسسالام قېرىنداشلار!تور بىتىمىز ئىزچىل خالىسانە تۆھپە قوشۇش روھى بىلەن تەرەققىي قىلىپ 4 يىلنى بىشىدىن ئۆتكۈزدى ،شۇنداقلا نۇرغۇن ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ،ئۇيغۇر كومپىيوتۇر مۇزىكىسى ئۈچۈن ئۆزىنىڭ بىر كىشىلىك تۆھپىسىنى قوشتى.
ئەمدىكى ئاساسلىق مەخسەتكە كەلسەك: مۇزىكا ئىشلەشتە نۇرغۇن ئېنگىلىسچە ۋە خەنزۇچە ئاتالغۇلارغا ئۇچۇرايمىز.نۇرغۇن دەرىسلىكلەرنى ئىشلىشىمىز ۋە يۇمشاق دىتاللارنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇشتا ئاتالغۇ مەسىلىسى باشنى ئەڭ قاتۇرغان مەسىلە بووپ قالدى،شۇنداقلا تەرەققىياتىمىزغا توسالغۇ بولدى.شۇنى كۆزدە تۇتۇپ ،كەسپىي (مۇزىكا ئىشلەش) لوغىتى تۈزۈشنى ئويلاشتۇق،لىكىن بۇ جەھەتتە تەجىربىمىز يوق،نەدىن ئىش باشلاشنى بىلەلمىدۇق ،شۇنىڭ بىلەن دوسلاردىن ياردەم تەلەپ قىلماقچى،دوسلارنىڭ تەكلىپ-پىرى بېرىشىنى ئۈمۈت قىلىمىز!

1-ئەينى چاغدا نۇرقۇت ئەتىرتىمۇ disczu نى تەرجىمە قىلغاندا ،ئايرىم بەت قۇرۇپ،تەرجىمىگە قاتنىشىدىغان دوسلارنىڭ خالىسانە تەرجىمە قىلىشىغا بىر بەت قۇرغان ،شۇ خىل ئۇسۇلدا قىلساق قانداق قىلىمىز؟
2-شۇنداق بىر بەت قۇرساق ،ئەزالار ئۆزى يېڭى سۆزلۈك قوشالىسا،شۇنداقلا ئېنگىلىسچە-خەنزۇچە-ئۇيغۇرچە مەنىسىنى قوشالىسا.
3-تور بىتىمىز سۆزلىكلەرنى (ئېنگىلىسچە-خەنزۇچە سۆزلۈك يەنى ئاتالغۇلارنى ) شۇ بەتكە چىقارسا،ئەزالار ئۆزىنىڭ مۇزىكا ئىشلەش تەجىربىسىگە ئاساسەن تەرجىمە قىلسا ياكى بۇ سۆزلىكنىڭ مەنىسىنى يازالىسا.
4-لوغەتكە سۆزلۈك قوشۇش دەپ بەت چىقارساق،شۇ بەتكە يۇقارقى ئۇسۇللار بىلەن بىكىتىلگەن ئەزالار سۆزلەرنى تەرجىمە قىلسا ۋە يېڭى سۆزلۈك قوشالىسا،بەشقا ئەزالار لوغەت بېتىمىزگە كىرىپ سۆزلەرنى ئىزدىگەندە ېڭى بەتتتە سوزلەرنىڭ مەنىسى ۋە چۈشەندۈرلىشى چىقىپ تۇرسا،
5-يەنە باشقىچە ئۇسۇل بارمۇ تەكلىپ-پىكىر بەرسەڭلار.
دوسلارنى ئاۋارە قىلىدىغان بولدۇق،مەخسىدىمىز بۇ ساھەگە خالىسانە تۆھپە قوشۇش!
بىكەت ئادىرىسى:[url]http://www.makanmusic.com/bbs/forum.php[/url]


تۆۋەندىكى بىر توردىشىمىز تەرجىمە قىلغانتى،مۇشۇنى تور بىتىمىزدە يېڭى قۇرۇلغان بەتكە قوشالىساق....بۇنداق بىلىملەرگە نامىرات بوپ قالدۇق،دوسلارنىڭ ياردەم بېرىشىنى سەمىمىي ئۈمۈت قىلىمىز!
[img]http://www.makanmusic.com/bbs/static/image/common/emp.gif[/img]
ماكان مۇزىكا بىلىملىرى تورى
2012-يىل4-ئاينىڭ26-كۈنى
كومپىيۇتېر مۇزىكا تېخنىكىىسىدا كۆپ ئۇچرايدىغان ئاتالغۇلار