ئىرپان شىركىتىنىڭ يەنە بىر سوۋغىسى {ئىرپان330}

ئىنكاس يوللاش [phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/vendor/twig/twig/lib/Twig/Extension/Core.php on line 1275: count(): Parameter must be an array or an object that implements Countable
seyyare
يازمىلار: 14
تىزىملانغان ۋاقتى: يەكشەنبە ماي 27, 2007 12:24 pm
ئالاقىلىشىش:

ئىرپان شىركىتىنىڭ يەنە بىر سوۋغىسى {ئىرپان330}

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان seyyare » دۈيشەنبە ئىيۇن 25, 2007 2:01 am

[align=right][color=royalblue]شىركىتمىز ئېلگىرى ئىشلەنگەن لۇغەتلەر ئاساسىدا يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ يېڭى ئىقتىدارلارنى قوشۇپ {ئىرپان 330 }دىگەن نامدا يېڭى بىر ئەۋلاد لۇغەت ئىشلەپچىقتۇق. بۇ لۇغەت 8 چوڭ قىسىمدىن تەركىب تاپقان يەنى؛ لۇغەت، ئۆگىنىش، MP3 قويغۇچ، ۋاقىت، ھېسابلىغۇچ، ئېلېكترونلۇق كىتاب، ئويۇن، سىستېما .

لۇغەت قىسمىغا 9 خىل لۇغەت كىرگۈزۈلگەن.
خەنزۇچە-ئۇيغۇرچە 260 مىڭ سۆزلۈك
ئۇيغۇرچە-خەنزۇچە 90مىڭ سۆزلۈك
خەنزۇچە-خەنزۇچە 65 مىڭ سۆزلۈك
ئۇيغۇرچە-ئۇيغۇرچە 46 مىڭ سۆزلۈك
ئىنگلىزچە-ئۇيغۇرچە 130 مىڭ سۆزلۈك
ئۇيغۇرچە- ئىنگلىزچە 45 مىڭ سۆزلۈك
ئىنگلىزچە- خەنزۇچە 230 مىڭ سۆزلۈك
خەنزۇچە-ئىنگلىزچە 80 مىڭ سۆزلۈك
ئىنگلىزچە-ئىنگلىزچە 55 مىڭ سۆزلۈك
كەسپىي لۇغەتلەر 200 مىڭ سۆزلۈك كىرگۈزۈلگەن. كەسپىي لۇغەت قىسمىغا ئىشلەتكۈچى ئۆزىگە كېرەكلىك لۇغەتلەرنى ئىرپان توردىن چۈشۈرۈپ قاچىلىۋالسا بولىدۇ.
مەزكۇر لۇغەتكە USB ئىغىز ئىشلىتىلگەن بولۇپ. كومپيۇتېردىن ماتېرىيال چۈشۈرۈش بۇرۇنقى لۇغەتلەرگە قارىغاندا ئاددىيلاشتۇرۇلغان. لۇغەتكە 256 مىگابايىت ئىچىكى ساقلىغۇچ ئىشلىتىلگەن بولۇپ، ئىشلەتكۈچىلەرگە ئايرىم ئىشلتىش ئۈچۈن 90 مىگابايىت بوشلۇق ئايرىۋىتىلگەن. بۇ 90مىگابايىت بوشلۇققا شەكلى mp3 بولغان ناخشا-مۇزىكا ۋە ھەرخىل ئاۋازلارنى قاچىلاپ ئاڭلاشقا شۇنداقلا بارماق دىسكا ئورنىدا ئىشلىتىشكىمۇ بولىدۇ.
لۇغەتتە ئىنگلىزچە، خەنزۇچە سۆزلەرنى ئوقۇپ بىرىش ئىقتىدارى. يۇنىكود ئۆلچىمىدىكى تىكىست ھۆججەتلىرىنى كۆرسىتىش ئىقتىدار بار بولغاندىن سىرت يېڭىدىن MP3 قويۇش ئىقتىدار قوشۇلغان، بۇ ئىقتىداردا MP3 شەكىلدىكى ھۆججەتنىڭ ماس قەدەملىك تىكىستىنى كۆرسىتىش ئىقتىدارىمۇ بار....

[img=734,812]http://www.irpan.com/filemanager/irpan330/irpan330music.gif[/img]

لۇغەت تەپسىلاتىغا قىزىقسىڭىز ئىرپان تورىنى ياكى بىلىك كۇلۇبى ئىرپان سەھىپىسىنى زىيارەت قىلىڭ.
[/color][url=http://www.irpan.com][color=royalblue]http://www.irpan.com[/color][/url]
[/align][align=center][color=royalblue]ئۈرۈمچى ئىرپان ئېلېكترون چەكلىك شىركىتى
2007-يىلى 6-ئاينىڭ 25 -كۈنى[/color][/align]



Perhat_k
يازمىلار: 180
تىزىملانغان ۋاقتى: جۈمە ئاپرىل 06, 2007 4:46 am
ئالاقىلىشىش:

مۇبارەك!

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Perhat_k » سەيشەنبە ئىيۇن 26, 2007 8:19 am

مۇبارەك بولسۇن.

يۇنىكودلۇق ھۆججەتلەرنىمۇ ئىچىشقا بولىدىغانلىقى ياخشى ئىش بوپتۇ. يەنە MP3 ئىقتىدارىمۇ قىتىلىپتۇ.:victory:

Eltekin
يازمىلار: 193
تىزىملانغان ۋاقتى: يەكشەنبە ئاپرىل 22, 2007 5:28 pm
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Eltekin » جۈمە ئاۋغۇست 03, 2007 1:37 pm

90مىگابايىت بەك ئاز بوپ قاپتۇ..... ھازىر 150يۈەنگە 2G لىق سىغىم كارتىسى ياكى بارماق دىسكا بىرىدۇ.سىغىمى تۇلىمۇ كىچىك. مىنىڭچە يەنە ئازراقلا تەتقىق قىلىپ ئىزدىنىپ باقسا سىغىمىنى چۇڭايتقىلى بۇلاتتى. ھازىر ھەرقانداق زاپچاسنىڭ تەييارتىنى تاپقىلى بۇلىدۇ. بۇنى شىنجىن نىڭ قايسى يىرىدىن تاپقىلى بۇلىدغانلىقنى ئابدۇللا ئەپەندىم ئىنىق بىلىدۇ. ئىزدىنىپ باقساق. سىغىمىنى بەلگىلەيدىغان تەييارمىكرو ئۈزەكلەر يوق ئەمەس.
مەن بۇرۇنقى 310 نۇسقىسىغا يۇنىكودلۇق تىكىسىت تىن 15 دانە قاچىلاپ بولغىچە سىغىمى تۇشۇپ قالدى دەپ چىقىۋالاتتى.
مىنىڭچە سىغىمىنى چوڭايتىلى.
بۇ تەرەققىياتنىڭ ئىھتىياجى. نۇرغۇن كىشىلەر ( كومپىيۇتىر ئىشلەتكۈچىلەر) ئادەتتە يېنىغا بارماق دېسكا ياكى سىغىم كارتىسى ( چوڭ سىغىمدىكى) ئېلىپ يۈرۈشكە ئادەتلىنىۋاتىدۇ. بارماق دېسكىنىڭ ئورنىغا ئىرپان نى ئېلىپ يۈرسەك تۇلىمۇ چوڭ بايلىققا ئىرىشكەن بولمامدۇق؟
شۇڭا سەييارە خانىم ياكى ئەپەندىمنىڭ ئابدۇللا ئەپەندىمگە بۇ تەكلىپنى يەتكۈزۈپ قۇيىشىنى ئۈمۈدقىلىمەن.

[[i] بۇ يازمىنى ئاخىرقى قېتىم تەھرىرلىگۈچى: Eltekin ، ۋاقتى: 2007-8-3 19:38 [/i]]

ئىنكاس يوللاش
[phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/vendor/twig/twig/lib/Twig/Extension/Core.php on line 1275: count(): Parameter must be an array or an object that implements Countable
[phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/vendor/twig/twig/lib/Twig/Extension/Core.php on line 1275: count(): Parameter must be an array or an object that implements Countable

گە قايتىش

توردىكى ئەزالار

مۇنبەردىكى ئەزالار: 1 ۋە 0 مېھمانلار