ئەمدى ÉOT ياسىماسلىققا باھانەم بار!

uiim
يازمىلار: 12
تىزىملانغان ۋاقتى: شەنبە ئۆكتەبىر 13, 2007 10:56 am
ئالاقىلىشىش:

ئەمدى ÉOT ياسىماسلىققا باھانەم بار!

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان uiim » شەنبە مارت 15, 2008 3:40 pm

[size=3]ئەمدى ÉOT ياسىماسلىققا باھانەم بار!:)
قارىسام يۈزدە توقسان پېرسەنت ئۇيغۇر تور بېكىتىگە ÉOT ياسىلىپتۇ. بۇنىڭ كېلىپ چىققان زىيىنىنى مۇنداق تەھلىل قىلدىم. ئالدى بىلەن ۋاقىت ئىسراپچىلىقى كېلىپ چىقىدىكەن.شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئىقتىساد.سالامەتچىلىككىمۇ ئاستا-ئاستا نۆۋەت كېلىدىكەن.بەزىدە ئاۋۇ بىز ياسىۋالغانÉOT چۈشۈپ تور بېكەتكە كىرىپ بولغۇچە كۆزۈم تۆت بولۇپ كېتىدۇ ___ مەن ئائىلىدە تورغا چىققاچقىمىكىن،تورۇم بەك ئاستا !
بىز راستىنلا داۋاملىق مۇشۇنداق قىلىۋېرەمدۇق؟ نىمىشقا ئېڭگىلىسلار،خەنزۇلار،فرانسۇزلار... ئۇنداق قىلمايدۇ؟بىزنىڭ ئۇلاردىن زادى نەرىمىز كام؟...
بىز چۇقۇم بۇ مەسىلىگە بىرلىكتە تاقابىل تۇرىشىمىز كېرەك!
قانداق تۇرىمىز دېسەك،مەن بىر قانچە خىل ئۇسۇلنى دەپ باقاي، ئالدى بىلەن تور بېكىتىمىزگە ياردەم سەھىپىسىنى قۇرۇپ،ئۇنىڭغا ئۇيغۇرچە خەتنى رەسىم شەكلىدە چىقىرىپ،مەزكۇر تور بېكىتىمىزدىكى خەتلەرنى ئۇچۇق كۆرۈشىڭىز ئۈچۈن مۇنۇ خەت نۇسخىسىنى قاچىلاڭ دەپ كۆرسەتمە بېرىش. ئاندىن قالسا،ھەرقايسى ئۇيغۇر تورخانا باشقۇرغۇچىلىرىمىز بولسا ئاۋۇ كومپىيوتىرلىرىمىزغا ئۇيغۇرچە خەت نۇسخىسىنى قاچىلاپ قويۇش.ئاخىرىدا بىر قىسىم ئۇيغۇرچە ژۇرناللىرىمىزدا ئارىلاپ-ئارىلاپ تەشۋىق قىلىش.
تېخى يەنە ئەڭ ياخشى خەت نۇسخىسىنى ۋاقتى كەلگەندە بىرلا قەدەمدە ئالماشتۇرغىلى بولىدۇ....
مەسىلەن: مۇنۇ بىلوگقا قاراپ بېقىڭلار! [url]http://cukkunt.googlepages.com/[/url]
بولسا بالدۇرراق ھەرىكەتكە كېلەيلى! بولمىسا تېخىمۇ كۆپ زىيان كېلىپ چىقمىسۇن ھېلى!
مەنبە:[url=http://uezitqu.blogbus.com/logs/17080893.html]Union of Ézitqular [/url][/size]



گە قايتىش

توردىكى ئەزالار

مۇنبەردىكى ئەزالار: 1 ۋە 0 مېھمانلار