Sina App Engine دا Wordpress قۇرغىڭىز بارمۇ؟ (1)

ئىنكاس يوللاش [phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/vendor/twig/twig/lib/Twig/Extension/Core.php on line 1275: count(): Parameter must be an array or an object that implements Countable
DolanliK
يازمىلار: 34
تىزىملانغان ۋاقتى: پەيشەنبە سېنتەبىر 13, 2007 1:13 am
ئالاقىلىشىش:

Sina App Engine دا Wordpress قۇرغىڭىز بارمۇ؟ (1)

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان DolanliK » جۈمە سېنتەبىر 16, 2011 3:58 pm

ئەسسالامۇ - ئەلەيكۇم:

خېلى ئۇزۇن بوپتۇ تۈزۈكرەك ماقالە يېزىپ باقمىغىلى، بۈگۈن ئازراق ۋاقىت چىقىپ قاپتۇ، كۆپچىلىككە ئازراق سوۋغا ئالغاچ كەلدىم.

يېقىندىن بېرى ئارىمىزدا Wordpress ئارقىلىق تور بېكەت قۇرىۋاتقانلار كۆپىيىۋاتىدۇ. بىر نەچچە مىننەتسىز قېرىنداشلىرىمىز (ئۇيغۇربەگ، پىرىستان قاتارلىقلار) كۆپچىلىكنى ھەقسىز ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇلغان ئۇسلۇبلار بىلەن تەمىنلىمەكتە. بىراق كۆپ ساندىكى تور بېكەت قۇرۇشنى ئۆگىنىش ئارزۇسى بارلارنىڭ بەزىسى بېكەت بوشلۇقى ئالالماي، بەزىسى كومپيوتىرىدا قاچىلاش مۇھىتى ھازىرلىيالماي قىيلىنىپ Wordpress نى ئىشلىتىشتىن ۋاز كەچمەكتە.

تۆۋەندە مەن كۆپچىلىككە Sina تورىنىڭ ھەقسىز پىروگىرامما سۇپىسى Sina App Engine نى تۇنۇشتۇرماقچى. بۇ سۇپا ئارقىلىق Wordpress نى قاچىلاپ نۇرمال ئىشلىتەلەيسىز، خۇددى مەۋھۇم مۇلازىمىتىردا ئىشلەتكەنگە ئوخشاش تەھرىرلەش، ئەسەر يوللاش، ئۆزگەرتىش قاتارلىق مەشغۇلاتلارنىڭ ھەممىسنى قىلالايسز.

ئەمسە تۆۋەندىكى مەشغۇلاتلارغا دىققەت نەزىرىڭىزنى ئاغدۇرۇڭ:

[color=Red]1. Sina App Engine سۇپىسىغا قانداق تىزىملىتىمەن؟[/color]

تىزىملىتىش ئۇسۇلى ئىككى خىل: (1) يېڭىدىن Sina App Engine غا تىزىملىتىش . (2) بۇرۇن تىزىملاتقان Sina مېكرو بىلوگ ئەزالىق نامى بىلەن كىرىپ ئەزالىق نامىغا باغلاش .

[img]http://www.dolanlik.com/uploads/allimg/110916/1_110916223330_1.png[/img]

تىزىملىتىش ئادىرىسى: [url=http://sae.sina.com.cn/activity/invite/39999/email]بۇ يەردىن كىرىپ تىزىملىتىڭ[/url] (مىنىڭ تۇنۇشتۇرۇش بېتىمگە كىرىسىز، خاتىرجەم كىرىڭ)

كىرگەندىن كېيىن "我已阅读并同意" نىڭ ئالدىغا توغرا بەلگىسى قۇيۇپ تىزىملىتىش كۇنۇپكىسىنى باسسىڭىز تىزىملىتىش بېتىگە كىرىسز.

[img]http://www.dolanlik.com/uploads/allimg/110916/1_110916225804_1.png[/img]

تىزىملىتىش جەريانى مۇرەككەپ ئەمەس ، شۇڭا بىر-بىرلەپ سۆزلەپ ئولتۇرمايمەن. مەن ئۆزۈمنىڭ بار بولغان Sina مېكرو بىلوگ ئەزالىق نامىم بىلەن كىرىپ ، ئەزالىق نامىمىزنى باغلىساقلا بۇلىدۇ.

[color=Red]2. تىزىملىتىپ بولغاندىن كېيىن قانداق قىلىمەن ؟[/color]
تىزىملىتىپ بولغاندىن كېيىن باشقۇرۇش بېتىگە كىرىپ يېڭىدىن قوللانچە (应用) قۇرىمىز.

[img]http://www.dolanlik.com/uploads/allimg/110916/1_110916230402_1.png[/img]

قوللانچە قۇرۇش بېتىگە كىرگەندىن كېيىن، تۆۋەندىكى رەسىمدىكىدەك تولدۇرۇپ مۇقۇملاشتۇرىسىز.

[img]http://www.dolanlik.com/uploads/allimg/110916/1_110916230915_1.png[/img]

قوللانچە قۇرۇش مۇۋاپىقيەتلىك بولغاندىن كېيىن باش بەتكە قايتىپ، باش بەتتىكى قوللانچە نامىڭىزنى چېكىپ قوللانچە باشقۇرۇش بېتىگە كىرىسىز.

[img]http://www.dolanlik.com/uploads/allimg/110916/1_110916231441_1.png[/img]

باشقۇرۇش بېتىگە كىرگەندىن كېيىن، سول تەرەپتىن تەرتىپ بۇيىچە قوللانچە باشقۇرۇش (应用管理) - كود باشقۇرۇش (代码管理) نى چېكىپ يېڭىدىن قوللانچە نەشىرىدىن بىرنى قۇرىمىز.

[img]http://www.dolanlik.com/uploads/allimg/110916/1_110916232324_1.png[/img]

يۇقارقى رەسىمدىكىدەك تەڭشەش ئېلىپ بارغاندىن كېيىن قۇرۇش (创建) نى چېكىپ قۇرۇش مەشغۇلاتنى ئاخىرلاشتۇرىمىز. ئاندىن باشقۇرۇش بېتىگە كىرىپ كود تەھرىرلەش (编辑代码) نى چېكىپ كود تەھرىرلەش بېتىگە كىرىپ، تەھرىرلەش كۆزنىكىدە مەشغۇلات ئېلىپ بارساق بۇلىدۇ.

[img]http://www.dolanlik.com/uploads/allimg/110916/1_110916233632_1.png[/img]

ئەمدى بايا يازغان كودنىڭ ئۈنۈمىنى كۆرۈپ باقايلى :

تور ئادىرىسمىز تۆۋەندىكىچە: [url=http://1.dolanlik.sinaapp.com]http://1.dolanlik.sinaapp.com[/url]
يەنى بىز قۇرغان dolanlik ناملىق قوللانچىنىڭ 1- نەشىرى دىگەن مەنىدە. ئەگەر مەن يازغان كودتتا خاتالىق بولمىسا تور ئادىرسىمىزنى زىيارەت قىلساق تۆۋەندىكى كود:
[code]Welcome to DoLanliks Wordpress'; [/code]

ئىجرا بۇلۇپ "Welcome to DoLanliks Wordpress" دىگەن مەزمۇن چىقسا مۇۋاپىقيەتلىك بولغان بۇلىدۇ. يەنى رەسىمدىكىدەك:

[img]http://www.dolanlik.com/uploads/allimg/110916/1_110916234329_1.png[/img]

(مەسئۇل تەھرىر: قەيسەر مۇتەللىپ)
مەنبەسى: مەكىت دولانلىق تورى([url]www.dolanlik.com[/url]) تېما ئادىرىسى:[url]http://www.dolanlik.com/a/IT/web/2011/0916/639.html[/url]


[size=4]كېينكى تېمامدا مۇشۇ سۇپىدا Wordpress قاچىلاش ۋە تەكشەش ئۇسۇلىنى تۇنۇشتۇرىمەن. كېيىنكى تېمامغا دېققەت قىلغايسىز ![/size]

ئەگەر بۇ تېىمىنى باشقا جايدا ئېلان قىلماقچى بولسىڭىز كېلىش مەنبەسىگە ukij.org ۋە dolanlik.com نىڭ ئۇلانما ئادىرىسنى قالدۇرۇپ قۇيۇڭ !



DolanliK
يازمىلار: 34
تىزىملانغان ۋاقتى: پەيشەنبە سېنتەبىر 13, 2007 1:13 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان DolanliK » جۈمە سېنتەبىر 16, 2011 4:11 pm

يۇقارقى سۇپىدا قۇرغان بولوگىمنى كۆرۈرپ بېقىڭلار : [url]http://keysarjan.sinaapp.com[/url]
بۇ ئۇسلۇبنى توردىن چۈشۈرۈپ قاچىلىسام نۇرمال ئىشلىدى.

Intil
يازمىلار: 485
تىزىملانغان ۋاقتى: پەيشەنبە ئاپرىل 12, 2007 4:50 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Intil » جۈمە سېنتەبىر 16, 2011 4:12 pm

سىنا مىكروبلوگى ئىكەندە؟ داۋاملاشتۇرغايسىز.

DolanliK
يازمىلار: 34
تىزىملانغان ۋاقتى: پەيشەنبە سېنتەبىر 13, 2007 1:13 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان DolanliK » جۈمە سېنتەبىر 16, 2011 5:37 pm

[quote]ئەسلى يوللىغۇچى: [i]Intil[/i] ، ۋاقتى: 2011-9-16 22:12 [url=http://www.ukij.org/munber/redirect.php?goto=findpost&pid=4167&ptid=897][img]http://www.ukij.org/munber/images/common/back.gif[/img][/url]
سىنا مىكروبلوگى ئىكەندە؟ داۋاملاشتۇرغايسىز. [/quote]

سىنا مىكروبلوگى ئەمەس، بۇ ئايرىم سۇپا ، ئۆزىمىز پىروگىرامما يېزىپ ياكى تاييار پىروگىرامما قاچىلاپ سىناق قىلىدىغان بوشلۇق ئىكەن.

pengiyar
يازمىلار: 14
تىزىملانغان ۋاقتى: جۈمە ئىيۇل 23, 2010 5:46 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان pengiyar » سەيشەنبە نويابىر 22, 2011 12:38 pm

مەزكۇر يازمىنى مەنبەنى ئەسكەرتكەن ئاساستا ئىلقۇت بلوگىدا تەشۋىق قىلدىم.
مەنبە: [url]http://blog.ilqut.com/index.php/archives/3061.html[/url]

ئىنكاس يوللاش
[phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/vendor/twig/twig/lib/Twig/Extension/Core.php on line 1275: count(): Parameter must be an array or an object that implements Countable
[phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/vendor/twig/twig/lib/Twig/Extension/Core.php on line 1275: count(): Parameter must be an array or an object that implements Countable

گە قايتىش

توردىكى ئەزالار

مۇنبەردىكى ئەزالار: 1 ۋە 0 مېھمانلار