Sina App Engine دا Wordpress قۇرغىڭىز بارمۇ؟ (2)

ئىنكاس يوللاش [phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/vendor/twig/twig/lib/Twig/Extension/Core.php on line 1275: count(): Parameter must be an array or an object that implements Countable
DolanliK
يازمىلار: 34
تىزىملانغان ۋاقتى: پەيشەنبە سېنتەبىر 13, 2007 1:13 am
ئالاقىلىشىش:

Sina App Engine دا Wordpress قۇرغىڭىز بارمۇ؟ (2)

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان DolanliK » جۈمە سېنتەبىر 16, 2011 5:44 pm

[url=http://www.ukij.org/munber/viewthread.php?tid=897&extra=page%3D1][color=Red]ئالدىنقى ماقالەمدە[/color][/url] سۆزلەپ ئۆتكەن قەدەم باسقۇچىلار بىلەن ئۇڭۇشلۇق تىزىملاتقان بولسىڭىز ئەمدى بۇ سۇپىدىن پايدىلىنىپ پىروگىرامما يېزىش قەدىمىنى بېسىش توغرىسىدا توختىلىپ ئۆتمەكچىمەن.

[color=Red]1. بۇ سۇپىدا پىروگىراممىنى قانداق يازىمەن؟ [/color]

ئالدىنقى بۆلەكتە سۆزلەپ ئۆتكەن باشقۇرۇش بېتىگە كىرىپ قۇللانچە نامى ئاخىرىدىكى كود تەھرىرلەش (编辑代码) تۈرىنى چېكىپ كود يېزىش بېتىگە كىرىمىز. ئاندىن سول تەرەپتىكى يېڭىدىن ھۆججەت قۇرۇش كۇنۇپكىسىنى بېسىپ ھۆججەت قۇرىمىز، قۇرۇلغان ھۆججەت نامىنى چېكىپ، ئوڭ تەرەپتە كود يېزىش كۆزنىكىنى ئاچىمىز. ئاندىن كود يېزىش كۆزنىكىدە كودلارنى يېزىپ، ئۈستىدىكى ساقلاش (Save) نى بېسىپ ساقلاپ قوللانچە ئادىرىسمىز ([url]http://dolanlik.sinaapp.com/[/url] ) ئارقىلىق ئۈنۈمىنى كۆرسەك بۇلىدۇ.

[img]http://www.dolanlik.com/uploads/allimg/110917/1_110917005543_1.png[/img]

بۇ ئۇسۇل ئۆزى بىر قوللۇق PHP كودى ئارقىلىق تور بەت يازالايدىغانلارغا ماس كېلىدۇ. ئەمما، يېڭى ئۆگەنگۈچىلەر بۇ يەردە كود يېزىپ ئولتۇرمىسمۇ Sina تەمىنلىگەن Wordpress پىروگىراممىسىدىن پايدىلىنىپ تىز سۈرئەتتە بىلوگ قۇرالايدۇ.

[color=Red]2. مەن ئۆزۈم PHP كودى ئارقىلىق تور بەت يازالمايمەن، قانداق قىلىمەن ؟[/color]

باشقۇرۇش بېتىڭىزدىكى باش تىزىملىكتىن "قوللانچە ماگزىنى (应用商店) " نى تاللاپ، Sina تەمىنلىگەن قوللانچىلار تىزىملىكىگە كىرىپ تىزىملىكتىن (Wordpress for sae ) نى تاللاپ قاچىلايمىز.

[img]http://www.dolanlik.com/uploads/allimg/110917/1_110917010900_1.png[/img]

قاچىلاش كۇنۇپكىسىنى باسقاندىن كىيىن قوللانچە نامى ۋە قوللانچە نەشىرىنى تاللاش كۆزنىكى چىقىدۇ، بۇ يەردىن قوللانچە نامى ۋە نەشىرىنى تاللىغاندىن كېيىن مۇقۇملاشتۇرساق قاچىلاشنى باشلايدۇ.

[img]http://www.dolanlik.com/uploads/allimg/110917/1_110917011842_1.png[/img]

قاچىلىنىپ بولغاندىن كېيىن، مۇۋاپىقيەتلىك قاچىلانغانلىق ئۇچۇر كۆزنىكى چىقىدۇ. كۆزنەكتىن 点击初始化页面 نى چېكىپ WordPress نىڭ تەكشەش بېتىگە كىرىپ مۇناسۋەتلىك ئۇچۇرلارنى تولدۇرىمىز.

[img]http://www.dolanlik.com/uploads/allimg/110917/1_110917012604_1.png[/img]

WordPress نىڭ تەكشەش بېتى تۆۋەندىكىدەك:

[img]http://www.dolanlik.com/uploads/allimg/110917/1_110917013139_1.png[/img]

شۇنىڭ بىلەن قاچىلاش باسقۇچى ئاخىرلاشتى، ئەمدى WordPress نىڭ باشقۇرۇش بېتىگە كىرىپ مۇناسۋەتلىك تەڭشەشلىرىنى تەڭشەپ، تۈر قوشۇپ ئىشلىتىشكە باشلىساق بۇلىدۇ.

[size=4]كېينكى يازمىدا WordPress قا ئۇيغۇرچە ئۇسلۇب قاچىلاش ئۇسۇلى تۇنۇشتۇرىلىدۇ، تېمىغا دىققەت قىلىڭ ![/size]


(مەسئۇل تەھرىر: قەيسەر مۇتەللىپ)
مەنبەسى: مەكىت دولانلىق تورى([url]www.dolanlik.com[/url]) تېما ئادىرىسى:[url]http://www.dolanlik.com/a/IT/web/2011/0917/640.html[/url]

ئەگەر بۇ تېىمىنى باشقا جايدا ئېلان قىلماقچى بولسىڭىز كېلىش مەنبەسىگە ukij.org ۋە dolanlik.com نىڭ ئۇلانما ئادىرىسنى قالدۇرۇپ قۇيۇڭ !



ئىنكاس يوللاش [phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/vendor/twig/twig/lib/Twig/Extension/Core.php on line 1275: count(): Parameter must be an array or an object that implements Countable
[phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/vendor/twig/twig/lib/Twig/Extension/Core.php on line 1275: count(): Parameter must be an array or an object that implements Countable
[phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/vendor/twig/twig/lib/Twig/Extension/Core.php on line 1275: count(): Parameter must be an array or an object that implements Countable

گە قايتىش

توردىكى ئەزالار

مۇنبەردىكى ئەزالار: 1 ۋە 0 مېھمانلار