Sina App Engine دا Wordpress قۇرغىڭىز بارمۇ؟ (3)

ئىنكاس يوللاش [phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/vendor/twig/twig/lib/Twig/Extension/Core.php on line 1275: count(): Parameter must be an array or an object that implements Countable
DolanliK
يازمىلار: 34
تىزىملانغان ۋاقتى: پەيشەنبە سېنتەبىر 13, 2007 1:13 am
ئالاقىلىشىش:

Sina App Engine دا Wordpress قۇرغىڭىز بارمۇ؟ (3)

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان DolanliK » جۈمە سېنتەبىر 23, 2011 4:01 pm

ئالدىنقى تېمامدا Sina App Eng غا Wordpress قاچىلاش ھەققىدە توختالغان ئىدىم. بىز Wordpress نى قاچىلساق پەقەت ئورگان بېتى تەمىنلىگەن ئىككى خىل خەنزۇچە ئۇسلۇبنىلا ئىشلىتەلەيمىز. ئۇنداقتا قانداق قىلىپ ئۇسلۇبنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرىمىز ؟ ئەنسىرىمەڭ، ئۇسلۇبلارنى ئاللىبۇرۇن ئۇيغۇربەگ، پىرىستان تەرجىمە قىلىپ ھەقسىز تارقاتتى (ئەگەر ھەقسىز نەرسە بىلەن خوشىڭىز بولمىسا ياكى ئۇلارنىڭ تەرەققىياتنى قوللىماقچى بولسىڭىز پۇل چىقىرىپ سېتىۋالسىڭىزمۇ بولىدۇ). ئەمدى كۆپچىلىككە Sina App Eng دىكى Wordpress قا قانداق قىلىپ ئۇيغۇرچە ئۇسلۇپ قوشۇش توغرىسىدا توختالماقچىمەن.

مەن ئالدىنقى قېتىملىق تېمامدا dolanlik ناملىق قوللانچىگە wordpress نى قاچىلىغان ئىدىم ، ئەمدى مۇشۇ قوللانچىگە قاچىلانغان wordpress گە ئۇيغۇرچە ئۇسلۇپ قاچىلاپ باقايلى. ئاۋال ماۋۇ يەردىن [url=http://dl.dbank.com/c0c3e2a4sd][color=#810081]Sina App Eng نىڭ SVN باشقۇرۇش[/color][/url] قورالىنى چۈشۈرۈپ كومپيوتىرغا قاچىلايسىز. بۇ قورال ئارقىلىق SAE بوشلۇقتىكى ھۆججەتلەرنى يەرلىككە چۈشۈرۈپ تەھرىرلىگىلى ۋە يەرلىكتىكى ھۆججەتلەرنى بوشلۇققا يوللىغىلى بۇلىدۇ ( FlashFXP غا ئوخشاپ كېتىدۇ، ئەمما ئاز تۇلا چەكلىمسىى بار) .

SVN چەكلىمىسى تۆۋەندىكىچە:

1. ھۆججەت ياكى مۇندەرىجە نامىدا ",*,?,<,>,|, قاتارلىق بەلگىلەر ۋە بوش ئورۇننىڭ بۇلىشىغا يول قويۇلمايدۇ.

2. يوللىندىغان تاق ھۆججەتنىڭ سىغىمى 4MB دىن كىچىك بۇلىشى كېرەك.

3. بىر مۇندەرىجىگە يوللىنىدىغان ھۆججەت سانى 2000 دىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك.

4. ھەر بىر قوللانچە ئاستىدىكى ھۆججەتلەرنىڭ سىغىمى 100MB دىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك.

5. ھەر بىر نەشىرى سىغىمى 50MB دىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك.

6. ھەر بىر قوللانچە ئاستىدىكى نەشىر سانى 10 دىن ئېشىپ كەتمەسلىك كېرەك.



ئۇنداقتا بىز ئالدىن قاچىلاپ بولغان قوللانچە dolanlik قا SVN باشقۇرۇش قورالى ئارقىلىق باشقۇرۇشقا كىرەيلى:

1. ئاۋال SVN نى قاچىلايلى: (چۈشۈرىۋالغان قاچىلاش ھۆججىتىنى قاچىلايمىز، قاچىلاشنى سۆزلەپ ئۆتمىسەممۇ بۇلا؟ كېينكى قەدەمنى بېسىۋەسىڭىز بولىدۇ) . قاچىلاپ بولغاندىن كېيىن خالىغان دېسكىڭىزغا بىر مۇندەرىجە قۇرۇڭ. ئاندىن كېيىن مۇندەرىجە ئۈستىگە مائۇس ئوڭ كونۇپكىسىنى بېسىڭ . يەنى:


[img=558,394]http://www.dolanlik.com/uploads/allimg/110923/1_110923225338_1.jpg[/img]


2. يۇقارقى چىققان تىزىملىكتىن SVN Chekout نى چېكىمىز. ئاندىن چىققان كۆزنەككە قوللانچە نامىمىزنى تولدۇرۇپ OK نى باسىمىز:

[img=460,354]http://www.dolanlik.com/uploads/allimg/110923/1_110923225850_1.jpg[/img]

قوللانچە بوشلۇقىڭىزغا مۇۋاپىقيەتلىك ئۇلانغاندىن كىيىن SVN قۇرالى ئاپتۇماتىك ھالدا بوشلۇقتىكى ھۆججەتلەرنى يەرلىككە چۈشۈرۈشكە باشلايدۇ.

[img=600,326]http://www.dolanlik.com/uploads/allimg/110923/1_110923230321_1.jpg[/img]

مانا بۇ بوشلۇقتىن چۈشۈرۈلگەن ھۆججەتلەر :

[img=600,344]http://www.dolanlik.com/uploads/allimg/110923/1_110923230506_1.jpg[/img]

3. ئەمدى ئۇسلۇپ قاچىلايلى : قاچىلاشتىن ئاۋال ئۇسلۇب چۈشۈرۈشنى ئۇنتۇپ قالماڭ ، مەن توردىن ssc_ultimate_aero ناملىق ھەقسىز ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇلغان ئۇسلۇبنى چۈشۈرۈپ تەييار قىلىپ قويغان.
قاچىلىماقچى بۇلغان ئۇسلۇبنى پىرىستىن يېشىپ، wp-content\themes ناملىق ھۆججەت قىسقۇچ ئىچىگە كۆچىرىمىز.


[img=600,421]http://www.dolanlik.com/uploads/allimg/110923/1_110923231620_1.jpg[/img]

ئەمدى يۇقارقى ھۆججەت ئۈستىدە مائۇس ئوڭ كونۇپكسىنى چېكىپ، تىزىملىكتىن رەسىمدىكىدەك Add تۈرىنى تاللاپ چىققان كۆزنەكتە OK كۇنۇپكىسىنى بېسپ دەلىللەپ بولغاندىن كېيىن، يەنە مائۇس ئوڭ كونۇپكىسىنى ببېسىپ SVN_commit تۈرىنى بېسىپ OK كۇنۇپكىسىنى چېكىۋەتسەك ئۇسلۇب ھۆججىتىنى بوشلۇققا يوللاشقا باشلايدۇ.

[img=600,382]http://www.dolanlik.com/uploads/allimg/110923/1_110923232104_1.jpg[/img]


بوشلۇققا يوللىنىپ بولغاندىن كېيىن Wordpress باشقۇرۇش ئارقا سەھنىسىگە كىرىپ (SAE ئارقا بېتىگە كىرمەيسىز، Wordpress نىڭ باشقۇرۇش بېتىگە كىرىسىز) يوللانغان ئۇسلۇبنى قاچىلىسىڭىزلا بولىدۇ.

باشقۇرۇش سۇپىسى ئادىرىسى تۆۋەندىكىچە: [url=http://dolanlik.sinaapp.com/wp-login.php][color=#810081]http://dolanlik.sinaapp.com/wp-login.php[/color][/url] ئۆزىڭىزنىڭكىگە ئالماشتۇرۇپ ئىشلىتڭ!

باشقۇرۇش سۇپىسىدا ئۇسلۇپ بەلگىلەش ئۇسۇلى: تەرتىپ بۇيىچە 外观 گە كىرىپ، بايا يوللىغان ئۇسلۇبنى 启用 قىلساقلا بولىدۇ. قېنى مەن قاچىلىغان ئۇسلۇبنى كۆرۈپ بېقىڭ :

ئادىرىسى : [url=http://dolanlik.sinaapp.com/][color=#810081]http://dolanlik.sinaapp.com/[/color][/url]

تېخىمۇ كۆپ تەپىسلاتلارغا قىزىقسىڭىز تور بەتكە دائىم دېققىتىڭىزنى ئاغدۇرغايسىز !

(مەسئۇل تەھرىر: قەيسەر مۇتەللىپ)
مەنبەسى: مەكىت دولانلىق تورى([url=http://www.dolanlik.com/][color=#810081]www.dolanlik.com[/color][/url]) تېما ئادىرىسى:[url=http://www.dolanlik.com/a/IT/web/2011/0923/643.html][color=#810081]http://www.dolanlik.com/a/IT/web/2011/0923/643.html[/color][/url]

ئەگەر بۇ تېىمىنى باشقا جايدا ئېلان قىلماقچى بولسىڭىز كېلىش مەنبەسىگە ukij.org ۋە dolanlik.com نىڭ ئۇلانما ئادىرىسنى قالدۇرۇپ قۇيۇڭ !



uqkun
يازمىلار: 4
تىزىملانغان ۋاقتى: يەكشەنبە مارت 16, 2008 12:24 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان uqkun » دۈيشەنبە ئۆكتەبىر 31, 2011 8:55 pm

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم:
مەن يۇقارقى باسقۇچلار بويىچە تولۇق بىر مۇنبەرنى تەييارقىلالىدىم ، مۇشۇ باھانىدا قەيسەر ئەپەندىگە ئالاھىدە رەھمىتىمنى ئىيىتۋالماقچى شۇنداقلا ئازراق قىيىنچىلىقمۇ ھەم بار.
مەسىلەن: ئۇسلۇپ قوشقاندا بەزىدە يىرىم يولدا خاتالىق ئۇچۇرى چىقىۋىلىپ توختىۋالىدىكەن (مەن بىر قىتىملا ئۇسلۇپ قاچىلىدىم ئىككىنچى قىتىم مومكىن بولمىدى) بۇ مەندىكى سەۋەنلىكمۇ ياكى بوشلۇق ۋە ئىقىمغا چەك بارمۇ؟
بۇ بوشلۇقنىڭ ئىسمىنى ئەستە تۇتماق تەسرەككەن، بوشلۇققا باشقا ئىسىم ئۇلىغىلى بولامدۇ؟
بۇ مەن ئىلتىماس قىلىپ ئالغان بوشلۇق :
[url]http://uqkun.sinaapp.com/[/url]
رەھمەت قەيسەر ئەپەندى.

ئىنكاس يوللاش
[phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/vendor/twig/twig/lib/Twig/Extension/Core.php on line 1275: count(): Parameter must be an array or an object that implements Countable
[phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/vendor/twig/twig/lib/Twig/Extension/Core.php on line 1275: count(): Parameter must be an array or an object that implements Countable

گە قايتىش

توردىكى ئەزالار

مۇنبەردىكى ئەزالار: 2 ۋە 0 مېھمانلار