7 دانە توردا PDF ھۆججىتىنى Word ھۆججىتىگە ئايلاندۇرۇش بېكەتلىرى

ئىنكاس يوللاش [phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/vendor/twig/twig/lib/Twig/Extension/Core.php on line 1275: count(): Parameter must be an array or an object that implements Countable
DolanliK
يازمىلار: 34
تىزىملانغان ۋاقتى: پەيشەنبە سېنتەبىر 13, 2007 1:13 am
ئالاقىلىشىش:

7 دانە توردا PDF ھۆججىتىنى Word ھۆججىتىگە ئايلاندۇ

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان DolanliK » دۈيشەنبە ماي 07, 2012 5:59 pm

ھازىر كۆپۈنچە توردىن چۈشۈرىۋالغان ماتېرىياللار PDF شەكىلدىكى ھۆججەتلەر بۇلۇپ، بۇنىڭ بەزىسىنى خالىغانچە تەھرىرلىگىلى بولمايدۇ. بۇلۇپمۇ بەزى ئۇيغۇرچە PDF ھۆججەتلىرىدىن مەزمۇنلارنى كۆچۈرۈپ چاپلىساق خەتلەر قالايمىقان كۆرۈنۈپ ئىشلىتىشكە ئامالىسز قالىمىز. تۆۋەندە پۈتۈنلەي ھەقسىز بولغان توردا PDF ھۆججىتىنى Word ھۆججىتىگە ئايلاندۇرۇش بېكەتلىرىنى تۇنۇشتۇرۇپ ئۆتمەكچىمەن:

1. PDFtoWord تور بېكىتى (ئۆزۈم سىناق قىلغان، ئىشەنچىلىك، ئۇيغۇرچە ھۆججەتلەرنى مۇكەممەل ئايلاندۇرالايدۇ)
[img]http://www.dolanlik.com/data/attachment/forum/201205/07/131156cccjpmhmr85i5cpv.jpg[/img]

تور بېكەت ئادىرىسى: [url=http://www.pdftoword.com/][color=#0000ff]http://www.pdftoword.com[/color][/url]
ئەسكەرتىش: بۇ تور بەتتە ھۆججەت ئايلاندۇرغاندا چۇقۇم ئېلخەت ئادىرىسى بۇلۇش تەلەپ قىلىنىدۇ. چۈنكى ئايلاندۇرلغاندىن كىيىنكى ھۆججەت ئېلخەت ساندۇقىڭىزغا يوللىنىدۇ.

2. ZAMZAR تور بېكىتى
[img]http://www.dolanlik.com/data/attachment/forum/201205/07/131510juza9ua8jwkukc2j.jpg[/img]

تور بېكەت ئادىرىسى: [url=http://www.zamzar.com/][color=#0000ff]http://www.zamzar.com[/color][/url]
ئەسكەرتىش: ئاۋۋال step1 گە ئايلاندۇرماقچى بولغان PDF ھۆججىتىنى تاللايمىز، step2 ئايلاندۇردىغان ھۆججەت شەكلىنى تاللايمىز، step3 دە ئېلخەت ئادىرىسىنى تولدۇرىمىز، ئاندىن convert نى باسساق بۇلىدۇ.

3. PDF to Word Converter تور بېكىتى
[img]http://www.dolanlik.com/data/attachment/forum/201205/07/131511i9eh7eojpo0ajh1o.png[/img]

تور بېكەت ئادىرىسى: [url=http://www.pdfonline.com/pdf-to-word-converter/][color=#0000ff]http://www.pdfonline.com/pdf-to-word-converter/[/color][/url]
ئەسكەرتىش: ئاۋۋال PDF ھۆججەتنى كۆرسىتپ بېرىپ، Convert نى باسساقلا ئايلاندۇرۇشقا باشلايدۇ. ئاخىرلاشقاندا بىۋاستە چۈشۈرۋالساقلا بۇلىدۇ.

4. ConvertPDFtoWord تور بېكىتى
[img]http://www.dolanlik.com/data/attachment/forum/201205/07/1315131y2gm8i4yhy48yzn.jpg[/img]

تور بېكەت ئادىرىسى: [url=http://convertpdftoword.net/][color=#0000ff]http://convertpdftoword.net[/color][/url]
ئەسكەرتىش: ئايلاندۇرىدىغان ھۆججەتنى تاللاپ، convert and download كۇنۇپكىسىنى باسساقلا بىۋاستە ئايلاندۇرۇپ، چۈشۈرۈش ئەسكەرتمىسى چىقىدۇ.

5. Free-PDFtoWord تور بېكىتى
[img]http://www.dolanlik.com/data/attachment/forum/201205/07/13151537g4h7owwommupow.jpg[/img]

تور بېكەت ئادىرىسى: [url=http://www.free-pdftoword.com][color=#0000ff]http://www.free-pdftoword.com[/color][/url]
ئەسكەرتىش: مەزكۇر تور بېكەت doc ۋە docx ھالەتتكى Word ھۆججىتىگە ئايلاندۇرشنى قوللايدۇ. ھۆججەتنى كۆرسىتىپ بىرىپ Convert PDF to word Now كۇنۇپكىسىنى چەكسەكلا خالىغان شەكىلگە ئايلاندۇرۇش مەقسىدىگە يېتەلەيمىز.

6. OnlinePDFtoWord تور بېكىتى
[img]http://www.dolanlik.com/data/attachment/forum/201205/07/1315172xahtlokvjh0f4tx.jpg[/img]

تور بېكەت ئادىرىسى: [url=http://www.onlinepdftoword.com][color=#0000ff]http://www.onlinepdftoword.com[/color][/url]
ئەسكەرتىش: مەزكۇر تور بېكەتتە ھۆججەت ئايلاندۇرۇش باشقىللىرىغا ئوخشاش بۇلۇپ، ئەمما پەقەت ھۆججەت نامى ئېنگىلىسچە بولغان ھۆججەتلەرنى ئايلاندۇرالايدۇ.

7. FreePDFConvert تور بېكىتى
[img]http://www.dolanlik.com/data/attachment/forum/201205/07/131518u4tlfus4l8o8189b.jpg[/img]

تور بېكەت ئادىرىسى: [url=http://www.freepdfconvert.com/][color=#0000ff]http://www.freepdfconvert.com/[/color][/url]
ئەسكەرتىش: مەزكۇر تور بېكەت يەرلىكتىكى ۋە توردىكى PDF ھۆججەتلرىنى ئايلاندۇرۇش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ. بۇنى ئىشلىتىشتە ئېلخەت ساندۇقىڭىز بۇلۇش تەلەپ قىلىنىدۇ.

يەنە باشقىللىرى بولسا كۆپچىلىكنىڭ تۇلۇقلىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن.



Intil
يازمىلار: 485
تىزىملانغان ۋاقتى: پەيشەنبە ئاپرىل 12, 2007 4:50 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Intil » سەيشەنبە ماي 08, 2012 6:04 pm

رەھمەت. [url]http://www.yolyar.com/html/qoral[/url] غا قوشۇۋالدىم

omar
يازمىلار: 9
تىزىملانغان ۋاقتى: يەكشەنبە يانۋار 29, 2012 12:50 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان omar » يەكشەنبە ئىيۇن 03, 2012 6:14 am

word نى pdf كە ئايلاندۇردىغان تور بەتلەر بولسىمۇ تەۋسىيە قىلسىڭىز !! ئۇنىڭغىمۇ بەزىدە ئېھتىياج چۈشۈپ قالىدىكەن

omar
يازمىلار: 9
تىزىملانغان ۋاقتى: يەكشەنبە يانۋار 29, 2012 12:50 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان omar » چارشەنبە ئىيۇن 06, 2012 5:47 am

[quote]ئەسلى يوللىغۇچى: [i]DolanliK[/i] ، ۋاقتى: 2012-5-7 23:59 [url=http://www.ukij.org/munber/redirect.php?goto=findpost&pid=4340&ptid=938][img]http://www.ukij.org/munber/images/common/back.gif[/img][/url]
ھازىر كۆپۈنچە توردىن چۈشۈرىۋالغان ماتېرىياللار PDF شەكىلدىكى ھۆججەتلەر بۇلۇپ، بۇنىڭ بەزىسىنى خالىغانچە تەھر ... [/quote]
word نى pdf كە ئايلاندۇردىغان تور بەتلەر بولسىمۇ تەۋسىيە قىلسىڭىز !! ئۇنىڭغىمۇ بەزىدە ئېھتىياج چۈشۈپ قالىدىكەن

mexel
يازمىلار: 3
تىزىملانغان ۋاقتى: جۈمە ئۆكتەبىر 19, 2007 7:35 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان mexel » پەيشەنبە ئىيۇل 19, 2012 6:43 am

[quote]ئەسلى يوللىغۇچى: [i]omar[/i] ، ۋاقتى: 2012-6-3 12:14 [url=http://www.ukij.org/munber/redirect.php?goto=findpost&pid=4345&ptid=938][img]http://www.ukij.org/munber/images/common/back.gif[/img][/url]
word نى pdf كە ئايلاندۇردىغان تور بەتلەر بولسىمۇ تەۋسىيە قىلسىڭىز !! ئۇنىڭغىمۇ بەزىدە ئېھتىياج چۈشۈپ ق ... [/quote]


MS Word تا PDF شەكىلدە ساقلىسىڭىزلا بولىدۇ. ئۇنىڭغا ئايرىم قورال كەتمەيدۇ. ئەگەر ئايرىم قورال ئىشلىتىمەن دېسىڭىز adobe acrobat نى ئىشلەتسىڭىزمۇ بولىدۇ. adobe acrobat نىڭ ئىقتىدار ناھايىتى ياخشى.
مېنىڭچە باشقا قورال ئىشلەتمەي Word نىڭ ئۆزىدىلا PDF شەكىلدە ساقلىسىڭىز ھەم قولايلىق، ھەم ئوڭاي ھەم باشقا قورالغا ئېھتىياجىڭىز چۈشمەيدۇ (پەقەت مەخپىلەشتۇرمىسىڭىزلا).

Uyghurmen
يازمىلار: 16
تىزىملانغان ۋاقتى: يەكشەنبە مارت 01, 2009 11:54 pm
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Uyghurmen » سەيشەنبە ئاۋغۇست 28, 2012 2:35 am

ژفتور بەتتىكى ھۆججەتلەرنىلا ئەمەس، يەنە ئۆزىمىزدىكى PDF ھۆججەتلەرنىمۇ ۋوردقا ئايلاندۇرغىلى بولامدۇ؟ ياكى چوقۇم توربەتتىكىنىمۇ؟

Uyghurmen
يازمىلار: 16
تىزىملانغان ۋاقتى: يەكشەنبە مارت 01, 2009 11:54 pm
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Uyghurmen » سەيشەنبە ئاۋغۇست 28, 2012 3:09 am

بىرىنچىسىنى سىناپ باقتىم، بۇرۇنمۇ سىناپتىكەنمەن، ئەمما ئېلخەتتىن ئەۋەتىپ بەرمىگەن، بۇ قېتىممۇ ئەۋەتىدىغاندەك قىلمايدۇ. مەن پۈتۈنسۈرۈك كىتابنى ئۆرۈتمەكچى ئىدىم، بەلكىم قىسقا تېكستلەرگە بولدىكىن؟

Uyghurmen
يازمىلار: 16
تىزىملانغان ۋاقتى: يەكشەنبە مارت 01, 2009 11:54 pm
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Uyghurmen » پەيشەنبە ئاۋغۇست 30, 2012 1:16 am

ئىككىنچىسىنى سىنىدىم، ئىككىنچىسى ئېلكىتابنى ئۆرۈپ ئەۋەتتى، ئەمما نورمال ئەمەس. ھەرپلەر ئارىلىشىپ كەتكەن ھالدا.

Uyghurmen
يازمىلار: 16
تىزىملانغان ۋاقتى: يەكشەنبە مارت 01, 2009 11:54 pm
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Uyghurmen » پەيشەنبە ئاۋغۇست 30, 2012 2:21 am

4-گىچە سىنىدىم، بولمىدى. 3-سى ؟كرۈمىدى، 4-بىنورمال. داۋاملىق سىناۋاتىمەن. بولۇدۇغىنى قايسىكىن بۇنىڭ؟

ئىنكاس يوللاش
[phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/vendor/twig/twig/lib/Twig/Extension/Core.php on line 1275: count(): Parameter must be an array or an object that implements Countable
[phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/vendor/twig/twig/lib/Twig/Extension/Core.php on line 1275: count(): Parameter must be an array or an object that implements Countable

گە قايتىش

توردىكى ئەزالار

مۇنبەردىكى ئەزالار: 1 ۋە 0 مېھمانلار