جەمئىي1 بەتنىڭ 1 - سى

7 دانە توردا PDF ھۆججىتىنى Word ھۆججىتىگە ئايلاندۇ

يېزىلغان: دۈيشەنبە ماي 07, 2012 5:59 pm
تەرىپىدىن يوللانغان DolanliK
ھازىر كۆپۈنچە توردىن چۈشۈرىۋالغان ماتېرىياللار PDF شەكىلدىكى ھۆججەتلەر بۇلۇپ، بۇنىڭ بەزىسىنى خالىغانچە تەھرىرلىگىلى بولمايدۇ. بۇلۇپمۇ بەزى ئۇيغۇرچە PDF ھۆججەتلىرىدىن مەزمۇنلارنى كۆچۈرۈپ چاپلىساق خەتلەر قالايمىقان كۆرۈنۈپ ئىشلىتىشكە ئامالىسز قالىمىز. تۆۋەندە پۈتۈنلەي ھەقسىز بولغان توردا PDF ھۆججىتىنى Word ھۆججىتىگە ئايلاندۇرۇش بېكەتلىرىنى تۇنۇشتۇرۇپ ئۆتمەكچىمەن:

1. PDFtoWord تور بېكىتى (ئۆزۈم سىناق قىلغان، ئىشەنچىلىك، ئۇيغۇرچە ھۆججەتلەرنى مۇكەممەل ئايلاندۇرالايدۇ)
[img]http://www.dolanlik.com/data/attachment/forum/201205/07/131156cccjpmhmr85i5cpv.jpg[/img]

تور بېكەت ئادىرىسى: [url=http://www.pdftoword.com/][color=#0000ff]http://www.pdftoword.com[/color][/url]
ئەسكەرتىش: بۇ تور بەتتە ھۆججەت ئايلاندۇرغاندا چۇقۇم ئېلخەت ئادىرىسى بۇلۇش تەلەپ قىلىنىدۇ. چۈنكى ئايلاندۇرلغاندىن كىيىنكى ھۆججەت ئېلخەت ساندۇقىڭىزغا يوللىنىدۇ.

2. ZAMZAR تور بېكىتى
[img]http://www.dolanlik.com/data/attachment/forum/201205/07/131510juza9ua8jwkukc2j.jpg[/img]

تور بېكەت ئادىرىسى: [url=http://www.zamzar.com/][color=#0000ff]http://www.zamzar.com[/color][/url]
ئەسكەرتىش: ئاۋۋال step1 گە ئايلاندۇرماقچى بولغان PDF ھۆججىتىنى تاللايمىز، step2 ئايلاندۇردىغان ھۆججەت شەكلىنى تاللايمىز، step3 دە ئېلخەت ئادىرىسىنى تولدۇرىمىز، ئاندىن convert نى باسساق بۇلىدۇ.

3. PDF to Word Converter تور بېكىتى
[img]http://www.dolanlik.com/data/attachment/forum/201205/07/131511i9eh7eojpo0ajh1o.png[/img]

تور بېكەت ئادىرىسى: [url=http://www.pdfonline.com/pdf-to-word-converter/][color=#0000ff]http://www.pdfonline.com/pdf-to-word-converter/[/color][/url]
ئەسكەرتىش: ئاۋۋال PDF ھۆججەتنى كۆرسىتپ بېرىپ، Convert نى باسساقلا ئايلاندۇرۇشقا باشلايدۇ. ئاخىرلاشقاندا بىۋاستە چۈشۈرۋالساقلا بۇلىدۇ.

4. ConvertPDFtoWord تور بېكىتى
[img]http://www.dolanlik.com/data/attachment/forum/201205/07/1315131y2gm8i4yhy48yzn.jpg[/img]

تور بېكەت ئادىرىسى: [url=http://convertpdftoword.net/][color=#0000ff]http://convertpdftoword.net[/color][/url]
ئەسكەرتىش: ئايلاندۇرىدىغان ھۆججەتنى تاللاپ، convert and download كۇنۇپكىسىنى باسساقلا بىۋاستە ئايلاندۇرۇپ، چۈشۈرۈش ئەسكەرتمىسى چىقىدۇ.

5. Free-PDFtoWord تور بېكىتى
[img]http://www.dolanlik.com/data/attachment/forum/201205/07/13151537g4h7owwommupow.jpg[/img]

تور بېكەت ئادىرىسى: [url=http://www.free-pdftoword.com][color=#0000ff]http://www.free-pdftoword.com[/color][/url]
ئەسكەرتىش: مەزكۇر تور بېكەت doc ۋە docx ھالەتتكى Word ھۆججىتىگە ئايلاندۇرشنى قوللايدۇ. ھۆججەتنى كۆرسىتىپ بىرىپ Convert PDF to word Now كۇنۇپكىسىنى چەكسەكلا خالىغان شەكىلگە ئايلاندۇرۇش مەقسىدىگە يېتەلەيمىز.

6. OnlinePDFtoWord تور بېكىتى
[img]http://www.dolanlik.com/data/attachment/forum/201205/07/1315172xahtlokvjh0f4tx.jpg[/img]

تور بېكەت ئادىرىسى: [url=http://www.onlinepdftoword.com][color=#0000ff]http://www.onlinepdftoword.com[/color][/url]
ئەسكەرتىش: مەزكۇر تور بېكەتتە ھۆججەت ئايلاندۇرۇش باشقىللىرىغا ئوخشاش بۇلۇپ، ئەمما پەقەت ھۆججەت نامى ئېنگىلىسچە بولغان ھۆججەتلەرنى ئايلاندۇرالايدۇ.

7. FreePDFConvert تور بېكىتى
[img]http://www.dolanlik.com/data/attachment/forum/201205/07/131518u4tlfus4l8o8189b.jpg[/img]

تور بېكەت ئادىرىسى: [url=http://www.freepdfconvert.com/][color=#0000ff]http://www.freepdfconvert.com/[/color][/url]
ئەسكەرتىش: مەزكۇر تور بېكەت يەرلىكتىكى ۋە توردىكى PDF ھۆججەتلرىنى ئايلاندۇرۇش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ. بۇنى ئىشلىتىشتە ئېلخەت ساندۇقىڭىز بۇلۇش تەلەپ قىلىنىدۇ.

يەنە باشقىللىرى بولسا كۆپچىلىكنىڭ تۇلۇقلىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن.

يېزىلغان: سەيشەنبە ماي 08, 2012 6:04 pm
تەرىپىدىن يوللانغان Intil
رەھمەت. [url]http://www.yolyar.com/html/qoral[/url] غا قوشۇۋالدىم

يېزىلغان: يەكشەنبە ئىيۇن 03, 2012 6:14 am
تەرىپىدىن يوللانغان omar
word نى pdf كە ئايلاندۇردىغان تور بەتلەر بولسىمۇ تەۋسىيە قىلسىڭىز !! ئۇنىڭغىمۇ بەزىدە ئېھتىياج چۈشۈپ قالىدىكەن

يېزىلغان: چارشەنبە ئىيۇن 06, 2012 5:47 am
تەرىپىدىن يوللانغان omar
[quote]ئەسلى يوللىغۇچى: [i]DolanliK[/i] ، ۋاقتى: 2012-5-7 23:59 [url=http://www.ukij.org/munber/redirect.php?goto=findpost&pid=4340&ptid=938][img]http://www.ukij.org/munber/images/common/back.gif[/img][/url]
ھازىر كۆپۈنچە توردىن چۈشۈرىۋالغان ماتېرىياللار PDF شەكىلدىكى ھۆججەتلەر بۇلۇپ، بۇنىڭ بەزىسىنى خالىغانچە تەھر ... [/quote]
word نى pdf كە ئايلاندۇردىغان تور بەتلەر بولسىمۇ تەۋسىيە قىلسىڭىز !! ئۇنىڭغىمۇ بەزىدە ئېھتىياج چۈشۈپ قالىدىكەن

يېزىلغان: پەيشەنبە ئىيۇل 19, 2012 6:43 am
تەرىپىدىن يوللانغان mexel
[quote]ئەسلى يوللىغۇچى: [i]omar[/i] ، ۋاقتى: 2012-6-3 12:14 [url=http://www.ukij.org/munber/redirect.php?goto=findpost&pid=4345&ptid=938][img]http://www.ukij.org/munber/images/common/back.gif[/img][/url]
word نى pdf كە ئايلاندۇردىغان تور بەتلەر بولسىمۇ تەۋسىيە قىلسىڭىز !! ئۇنىڭغىمۇ بەزىدە ئېھتىياج چۈشۈپ ق ... [/quote]


MS Word تا PDF شەكىلدە ساقلىسىڭىزلا بولىدۇ. ئۇنىڭغا ئايرىم قورال كەتمەيدۇ. ئەگەر ئايرىم قورال ئىشلىتىمەن دېسىڭىز adobe acrobat نى ئىشلەتسىڭىزمۇ بولىدۇ. adobe acrobat نىڭ ئىقتىدار ناھايىتى ياخشى.
مېنىڭچە باشقا قورال ئىشلەتمەي Word نىڭ ئۆزىدىلا PDF شەكىلدە ساقلىسىڭىز ھەم قولايلىق، ھەم ئوڭاي ھەم باشقا قورالغا ئېھتىياجىڭىز چۈشمەيدۇ (پەقەت مەخپىلەشتۇرمىسىڭىزلا).

يېزىلغان: سەيشەنبە ئاۋغۇست 28, 2012 2:35 am
تەرىپىدىن يوللانغان Uyghurmen
ژفتور بەتتىكى ھۆججەتلەرنىلا ئەمەس، يەنە ئۆزىمىزدىكى PDF ھۆججەتلەرنىمۇ ۋوردقا ئايلاندۇرغىلى بولامدۇ؟ ياكى چوقۇم توربەتتىكىنىمۇ؟

يېزىلغان: سەيشەنبە ئاۋغۇست 28, 2012 3:09 am
تەرىپىدىن يوللانغان Uyghurmen
بىرىنچىسىنى سىناپ باقتىم، بۇرۇنمۇ سىناپتىكەنمەن، ئەمما ئېلخەتتىن ئەۋەتىپ بەرمىگەن، بۇ قېتىممۇ ئەۋەتىدىغاندەك قىلمايدۇ. مەن پۈتۈنسۈرۈك كىتابنى ئۆرۈتمەكچى ئىدىم، بەلكىم قىسقا تېكستلەرگە بولدىكىن؟

يېزىلغان: پەيشەنبە ئاۋغۇست 30, 2012 1:16 am
تەرىپىدىن يوللانغان Uyghurmen
ئىككىنچىسىنى سىنىدىم، ئىككىنچىسى ئېلكىتابنى ئۆرۈپ ئەۋەتتى، ئەمما نورمال ئەمەس. ھەرپلەر ئارىلىشىپ كەتكەن ھالدا.

يېزىلغان: پەيشەنبە ئاۋغۇست 30, 2012 2:21 am
تەرىپىدىن يوللانغان Uyghurmen
4-گىچە سىنىدىم، بولمىدى. 3-سى ؟كرۈمىدى، 4-بىنورمال. داۋاملىق سىناۋاتىمەن. بولۇدۇغىنى قايسىكىن بۇنىڭ؟