كومپيۇتېر تورىدا ئىغىز چەكلەشتىن ياردەم

Omar14
يازمىلار: 150
تىزىملانغان ۋاقتى: يەكشەنبە ئىيۇن 03, 2007 12:48 am
ئالاقىلىشىش:

كومپيۇتېر تورىدا ئىغىز چەكلەشتىن ياردەم

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Omar14 » شەنبە ئاۋغۇست 25, 2012 4:44 pm

سالام كۆپچىلىك ! مەن مۇنداق بىر مەسىلىگە يولۇقتۇم ، مەندە بىر مۇلازىمىتېر بولۇپ بۇ مۇلازىمىتېردا بىر قىسىم پروگىرامما ۋە توربىكەتلەر ماڭدۇرۇلغان ، بەزىلىرى IIS دە ئىجرا بولىدۇ ، بەزىلىرىنى NET BOX تا ئىجرا بولىدۇ ، يەنە بىر پروگىرامما بولۇپ بۇ پرگىرامما C/S ھالەتتىكى پروگىرامما ،سىرىتقى كومپيۇتېرلار ئوخشاش بولمىغان ئېغىز ئارقىلىق بۇ مۇلازىمىتېرنى زىيارەت قىلىدۇ .
مۇلازىمىتېرغا قويۇلغان پروگىراممىلارنىڭ بىخەتەرلىكى تىگىدىن دىگۈدەك ياخشى بولمىغاچقا ، بۇ مۇلازىمىتېرنى ئىشلەتكۈچى ئابونىتلارغا IP چەكلىمىسى قويماقچى .
يەنى بۇ مۇلازىمىتېردىكى مەلۇم بىر C/S ھالەتتىكى پروگىراممىنى پەقەت مەلۇم IP بۆلەكتىكى ياكى بىر نەچچە IP دىكى ئىشلەتكۈچى ئىشلىتەلىسە باشقا IP ئادرېستىن كىرگەنلەر زىيارەت قىلالمىسا دىمەكچى .
IIS دىغۇ زىيارەتچىنىڭ IP ئادرېسىغا چەكلىمە قويغىلى بولىدىكەن ، لىكىن NET BOX بىلەن C/S ھالەتتىكى پروگراممىنىڭ زىيارەتچىلىرىنى چەكلەيدىغان ئامال تاپالمىدىم .

مەنچە بولسا ئەشۇ مۇلازىمىتېرنىڭ ھەرقايسى ئىغىزلىرىنىڭ زىيارەتچىلىرىنى چەكلەيدىغان يۇمشاق دېتال بولسا . يەنى كومپيۇتېردىكى ئۆزۈمنىڭ پروگىراممىسى ئىجرا بولۇۋاتقان 8080 ئېغىزىنى پەقەت ئۆزۈم بەلگىلىگەن (مەسىلەن : 114.80.166.240 بىلەن 114.80.166.241 مونۇ ئىككى ئادرېس) ئادرېسلا زىيارەت قىلالىسا باشقا ئادرېستىن زىيارەت قىلسا ئىچىلمىسا ... مۇشۇنداق بىر ئىغىز چەكلەيدىغان دېتال بارمىدۇ .



گە قايتىش

توردىكى ئەزالار

مۇنبەردىكى ئەزالار: 1 ۋە 0 مېھمانلار