جەمئىي1 بەتنىڭ 1 - سى

كومپيۇتېردىكى ئەخلەتلەرنى تازىلاش دېتالى CCleaner

يېزىلغان: چارشەنبە نويابىر 07, 2007 5:56 am
تەرىپىدىن يوللانغان Sahran
مۇشۇ Windows XP قاچىلانغان كومپيۇتېرنى ئىشلەتكەن ۋاقىتنىڭ ئۇزۇرىشىغا ئەگىشىپ كومپيۇتېردىكى ئەخلەت ھۆججەتلەرمۇ ئاۋۇپ، كومپيۇتېرنىڭ دىسكا بوشلۇقىنى ئىگىلەپ، كومپيۇتېر سۈرئىتىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ. كومپيۇتېردىكى ئەخلەتنى CCleaner دىن پايدىلىنىپ تازىلىسىڭىز ھەم تېز ھەم قولايلىق، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ دېتال پۈتۈنلەي ھەقسىز. بۈگۈن بۇ دېتالنىڭ ئۇيغۇرچە كۆرۈنۈش ھۆججىتىنى پۈتتۈرۈپ تورداشلارنىڭ ئىشلىتىشىگە سۇندۇم.
ئىشلىتىش ئۇسۇلى:
1. ئالدى بىلەن [url=http://download.piriform.com/ccsetup202.exe]بۇ يەردىن CCealner [/url]نى چۈشۈرىسىز.
2. كومپيۇتېرىڭىزغا CCleaner نى قاچىلايسىز.
3. [url=http://www.intil.cn/bbs/UpFile/UpAttachment/2007-11/2007117131951.rar]ئۇيغۇرچە تىل ھۆججىتى lang-1025.dll [/url]نى C:\Program Files\CCleaner كۆچۈرىسىز.
4. تۆۋەندىكى رەسىمدىكىدەك تەڭشەپ قويسىڭىز ئۇيغۇرچە كۆرۈنىدۇ.
[img]http://www.intil.cn/bbs/UpFile/UpAttachment/2007-11/2007117131917.jpg[/img]