DiyPager4.0 ھەقسىز تارقىتىلدى

ئىنكاس يوللاش [phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/vendor/twig/twig/lib/Twig/Extension/Core.php on line 1275: count(): Parameter must be an array or an object that implements Countable
uyghurweb
يازمىلار: 13
تىزىملانغان ۋاقتى: شەنبە نويابىر 24, 2007 4:32 am
ئالاقىلىشىش:

DiyPager4.0 ھەقسىز تارقىتىلدى

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان uyghurweb » سەيشەنبە دېكابىر 11, 2007 8:16 am

ئۇيغۇر كومپىيۇتېر تېخنىكىسى تور بېكىتىمىز رەسمىي قۇرالغاندىن كىيىن، ئۇيغۇر كومپىيۇتېرچىلىقىغا ئازراق ھەسسىمىزنى قوشۇش يۈزىسىدىن، ئۇيۇشما ئەزالىرىنىڭ بىردەك قوشۇلىشى بىلەن Discuz 5.5 مۇنبەر سىستېمىسىنى ھەقسىز تارقاتقان ئىدۇق. ئەمدىلىكتە ئۇيغۇرچە تور بېكەت قۇرغۇچىلارنىڭ بېكەت سىستېمىسىنى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈۋىلىشى ئۈچۈن Diy Pager نى ھەقسىز تارقىتىش قارارىغا كەلدۇق.

DiyPager باش بەت سىستېمىسى 2005- يىلى 2- ئايدا، مۇشۇ باش بەت سىستېمىسى تۈزگۈچىسىنىڭ، ئۆز تور بېكىتىنىڭ باش بېتىنى تۈزۈش ئېھتىياجى بىلەن ياسالغان بولۇپ، ھازىرغىچە تالاي قېتىملىق ئۆزگەرتىش، ئىقتىدارىنى يۇقۇرى كۆتۈرۈش ئارقىلىق، نەشىر نۇمۇرى 1.0 دىن باشلىنىپ، ھازىر 5.0-RC2 گە كەلدى.
DiyPager باش بەت سىستېمىسى PHP لىق باش بەت سىستېمىسى بولۇپ، ئاساسلىقى Discuz مۇنبىرى، PHPWind مۇنبىرى قاتارلىق PHP دە تۈزۈلگەن مۇنبەر سىستېمىلىرى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ ئىشلىتىلىدىغان، ئىقتىدارى نىسبەتەن مۇكەممەل، XML قوللاش ئىقتىدارىغا ئىگە بولغان، مۇنبەر تېمىلىرى ۋە قوشۇمچە ئىقتىدارلىرىنى خالىغانچە يۆتكەپ ئىشلىتىشكە بولىدىغان باش بەت سىستېمىسى (يەنى سىز Discuz ۋە PHPWind دىكى خالىغان مەزمۇننى بېكەت باش بېتىدە كۆرسىتەلەيسىز).

Diy Page نىڭ باش بېكەت ئادرىسى: [url]http://www.diypager.com/cn[/url]
ئۇيغۇر بېكەتلىرىدىن Diy Page نى ئىشلەتكەن تور بېكەت ئادرىسى: [url]http://www.bilik.cn[/url]


تور بېكىتىمىز كېيىنچە يەنە Discuz مۇنبەر سىستېمىسى ۋە Diy Pager باش بەت سىستېمىلىرىنىڭ تېخىمۇ يۇقىرى نۇسخىلىرىنى ھەقسىز تارقىتىدۇ، نەزىرىڭىز ئۇيغۇر كومپىيۇتېر تېخنىكىسى تورىدا بولسۇن.

[url=http://www.uyghurweb.com/bbs/viewthread.php?tid=107]چۈشۈرۈش ئادرىسى: [/url] [url]http://www.uyghurweb.com/bbs/viewthread.php?tid=107[/url]



ئىنكاس يوللاش [phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/vendor/twig/twig/lib/Twig/Extension/Core.php on line 1275: count(): Parameter must be an array or an object that implements Countable
[phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/vendor/twig/twig/lib/Twig/Extension/Core.php on line 1275: count(): Parameter must be an array or an object that implements Countable
[phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/vendor/twig/twig/lib/Twig/Extension/Core.php on line 1275: count(): Parameter must be an array or an object that implements Countable

گە قايتىش

توردىكى ئەزالار

مۇنبەردىكى ئەزالار: 1 ۋە 0 مېھمانلار