ئۇيغۇرچە Firefox ئىشلىتىڭ

ئىنكاس يوللاش [phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/vendor/twig/twig/lib/Twig/Extension/Core.php on line 1275: count(): Parameter must be an array or an object that implements Countable
Sahran
يازمىلار: 40
تىزىملانغان ۋاقتى: دۈيشەنبە ئاپرىل 09, 2007 8:08 am
ئالاقىلىشىش:

ئۇيغۇرچە Firefox ئىشلىتىڭ

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Sahran » پەيشەنبە ئىيۇل 31, 2008 11:05 am

[align=center][font=UKIJ Tuz Tom][size=6]ئۇيغۇرچە Firefox ئىشلىتىڭ[/size][/font][/align]

[color=Blue][size=5]كۆپچىلىكنىڭ تىرىشىشى بىلەن Mozilla شىركىتىنىڭ توركۆرگۈسى Firefox ھازىر ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىنىپ ٪56 تاماملاندى. تەرجىمە بىلەن ماس قەدەمدە ئۇنىڭ ئۇيغۇرچە كۆرۈنۈش ھۆججىتىمۇ ئۆزلۈكىدىن ئىشلىنىپ ماڭدى. بۇ ئىقتىدار Firefox نى تەرجىمە قىلىش بېتىنىڭ ئىقتىدارى بولۇپ، تەرجىمە قانچىلىك تاماملانسا شۇنچىلىك ئۇچۇر تىل ھۆججىتىگە قوشۇلۇپ ماڭىدۇ.
Firefox نىڭ توردا تەرجىمە قىلىش قۇرۇلۇشىغا قاتنىشىش بېتىنىڭ ئادرېسى:
[url]https://l10n.mozilla.org/narro/narro_project_list.php[/url]
يۇقىرىقى ئادرېسنى ئېچىپ language نى چەكسىڭىز تىللار تىزىملىكى كۆرۈنىدۇ، 6- بەتتە ئۇيغۇر تىلىنى چەكسىڭىز بۇ تەرجىمە قۇرۇلۇش بېتىنىڭ كۆرۈنۈشى ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ. ئاندىن سىز تىزىملىتىپ بۇ تەرجىمە قۇرۇلۇشىغا قاتنىشالايسىز. تىزىملىتىشقا ئېلخەت ئادرېسىڭىز بولسىلا تىزىملىتالايسىز.
تىزىملاتقاندىن كېيىن تەرجىمە قىلالايسىز، ھەمدە باشقىلارنىڭ تەرجىمىسىنى كۆرەلەيسىز.

تۆۋەندە Firefox نى ئۇيغۇرچە كۆرۈنۈشتە ئىشلىتىشنىڭ ئۇسۇلىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمەن.
1- ئالدى بىلەن Firefox نىڭ 3.0 نەشرىنىڭ ئىنگلىزچىسىىنى توردىن چۈشۈرۈپ كومپيۇتېرىڭىزغا قاچىلايسىز.
چۈشۈرۈش ئادرېسى:
[url]http://ftp.snt.utwente.nl/pub/software/mozilla.org//firefox/releases/3.0.1/win32/en-US/Firefox%20Setup%203.0.1.exe[/url]

2- نىڭFirefox كۆرۈنۈشىنى ئالماشتۇرۇش قىستۇرما دېتالى Quick Locale Switcher نى قاچىلايسىز.
چۈشۈرۈش ئادرېسى:
[url]http://releases.mozilla.org/pub/mozilla.org/addons/1333/quick_locale_switcher-1.6.5.9-fx+mz+tb+sb+sm.xpi[/url]

بۇ ھۆججەتنى Firefox توركۆرگۈ كۆزنىكىگە سۆرەپ تاشلىسىڭىز قاچىلاش ھەققىدە ئۇچۇر كۆرۈنىدۇ.

[img]http://web.bilik.cn//sahran/001.JPG[/img]

install now ھازىر قاچىلايمەن دېگەننى چەكسىڭىز تۆۋەندىكى كۆزنەك كۆرۈنىدۇ.

[img]http://web.bilik.cn//sahran/002.JPG[/img]

يۇقىرىدىكى كۆزنەكتىن Restart Firefox نى چېكىپ Firefox نى قايتا قوزغاتسىڭىز بۇ قىستۇرما كۈچكە ئىگە بولىدۇ.

[img]http://web.bilik.cn//sahran/003.JPG[/img]

3- Firefox قوزغالغاندىن كېيىن، tools تىزىملىكىدىن Add-ans نى چەكسىڭىز تۆۋەندىكى كۆزنەك ئېچىلىدۇ. بۇ كۆزنەكتىن Options نى چېكىپ، تۆۋەندىكى رەسىمدىكىدەك ug-CN-Uighur )PRC( نى تاللاڭ ھەمدە يۇقىرىدىكى locale دېگەن ئورۇنغا ug-CN نى تولدۇرۇڭ، ئەگەر باشقا تىللاردىكى كۆرۈنۈشنى ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز ئوخشاش ئۇسۇلدا قوشۇۋالسىڭىز بولىدۇ. تەڭشەپ بولغاندىن كېيىن OK نى چېكىپ جەزملەپ Firefox كۆزنىكىگە قايتىڭ.

[img]http://web.bilik.cn//sahran/004.JPG[/img]

4- ئەڭ ئاخىرىدا Firefox توركۆرگۈنىڭ ئوڭ ئاستىنى چەكسىڭىز تۆۋەندىكى رەسىمدىكىدەك تىزىملىك كۆرۈنىدۇ.

[img]http://web.bilik.cn//sahran/005.JPG[/img]

ئۇيغۇرچىنى تاللىسىڭىز تۆۋەندىكىدەك يەرلەشتۈرۈش ئۆزگەردى، قايتا قوزغىتىپ ئۆزگەرتىشنى كۆرەمسىز؟ دېگەن ئۇچۇر كۆزنىكى كۆرۈنىدۇ. OK نى چېكىپ جەزملەپ قايتا قوزغاتسىڭىز Firefox نىڭ كۆرۈنۈشى ئۇيغۇرچە كۆرۈنىدۇ.

[img]http://web.bilik.cn//sahran/006.JPG[/img]

ئەسلىدە يەرلىكلەشتۈرۈش جەريانىدا بارلىق تېز كۇنۇپكىلارنى ئۇيغۇرچە ھەرپلەر بىلەن ئىپادىلىگىلى بولاتتى، ئەمما ھازىرچە ئۇيغۇرچە دېتاللارنىڭ تېز كۇنۇپكا ئىشلىتىش قوللانمىسى بولمىغاچقا ئىنگلىزچە تېز كۇنۇپكىلار )تەرجىمە پروگراممىسى تەرىپىدىن ئۆزلۈكىدىن ھاسىل قىلىنغان( شۇ پېتى ئىشلىتىلدى. تۆۋەندىكىسى بىر قانچە پارچە كەسمىسى:


[img]http://img2.freep.cn/p.aspx?u=v20_img2_img_0807291741501523_72836.jpg[/img]

[img]http://img2.freep.cn/p.aspx?u=v20_img2_img_0807291741558492_72836.jpg[/img]

[img]http://img2.freep.cn/p.aspx?u=v20_img2_img_0807291747331440_72836.jpg[/img]
[/size][/color]



fx-freestyle
يازمىلار: 3
تىزىملانغان ۋاقتى: پەيشەنبە ئاۋغۇست 21, 2008 3:24 pm
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان fx-freestyle » جۈمە ئاۋغۇست 22, 2008 3:58 am

ساۋاپلىق ئىش قىلىپسىز قىرىندىشىم، مۇشۇ تىمىغا ئەجەبا بىرمۇ ئىنكاس چۇشمەپتا؟ غەلىتە؟ مۇنبەرنىڭ ئەزا سانىمۇ ھەجەپ ئازكەن؟

Apple
يازمىلار: 37
تىزىملانغان ۋاقتى: دۈيشەنبە ماي 05, 2008 11:02 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Apple » شەنبە سېنتەبىر 06, 2008 1:54 pm

بۇ ئىش ناھايتى ياخشى بوپتۇ.
FFنى قانداق قىلغاندا 傲游,TTلارغا ئوخشاش ئادرس ستونىغا توربەت ئادېرسىنى يېزىپ بولۇپ enterنى باسقاندىن يېڭىدىن بەت ئېچىلىدىغان قىلغىلى بولىدۇ.

turukoglani
يازمىلار: 6
تىزىملانغان ۋاقتى: چارشەنبە ئۆكتەبىر 15, 2008 7:57 am
ئالاقىلىشىش:

مىنىڭ كومپىيۇتىرىمدا يەنىلا ئىنگىلىزچە چىقىۋاتىدىغ

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان turukoglani » جۈمە نويابىر 07, 2008 8:09 am

مىنىڭ كومپىيۇتىرىمدا يەنىلا ئىنگىلىزچە چىقىۋاتىدىغۇ؟
مەن ھەممىنى كۆرسەتمىدىكىگەئوخشاش قىلغان ئىدىم؟

turukoglani
يازمىلار: 6
تىزىملانغان ۋاقتى: چارشەنبە ئۆكتەبىر 15, 2008 7:57 am
ئالاقىلىشىش:

مىنىڭكى يەنىلا ئىنگىلىزچىغۇ؟

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان turukoglani » يەكشەنبە نويابىر 09, 2008 7:37 am

مەن كۆرسەتمىدىكىگە ئوخشاش قىلغان ئىدىم لىكىن يەنىلا ئىنگىلىزچە ئۆزگەرمىدى.
ئىكراننىڭ ئاستى تەرىپىدىكى تىل تاللايدىغان يىرى ئۇيغۇرچىنى كۆرسىتىپ تۇرىدۇ.

Sahran
يازمىلار: 40
تىزىملانغان ۋاقتى: دۈيشەنبە ئاپرىل 09, 2007 8:08 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Sahran » پەيشەنبە نويابىر 13, 2008 10:50 am

ئەگەر تىزىملىك ئۇيغۇرچە كۆرۈنمىگەن بولسا تۆۋەندىكى ئادرېستىن ئۇيغۇرچە تىل بوغچىسىنى چۈشۈرۈپ، FireFox توركۆرگۈگە قاچىلىۋەتسىڭىز بولىدۇ. بۇ تىل بوغچىسى Windows مەشغۇلات سىستېما مۇھىتىدا نورمال كۆرۈنىدۇ. باشقا مەشغۇلات سىستېمىسىدا سىناپ باقمىغان.
تور بەت ئادرېسى:
[url]https://l10n.mozilla.org/narro/narro_project_list.php[/url]
تىل بوغچىسىنى چۈشۈرۈش ئادرېسى:
[url]https://l10n.mozilla.org/narro/data/import/2/Firefox%203-ug.xpi[/url]

ئىنكاس يوللاش
[phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/vendor/twig/twig/lib/Twig/Extension/Core.php on line 1275: count(): Parameter must be an array or an object that implements Countable
[phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/vendor/twig/twig/lib/Twig/Extension/Core.php on line 1275: count(): Parameter must be an array or an object that implements Countable

گە قايتىش

توردىكى ئەزالار

مۇنبەردىكى ئەزالار: 2 ۋە 0 مېھمانلار