Discuz!6.1.0 ھەققىدە UKIJ دىكىلەرگە كۆڭۈل سۆزۈم

ئىنكاس يوللاش [phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/vendor/twig/twig/lib/Twig/Extension/Core.php on line 1275: count(): Parameter must be an array or an object that implements Countable
nurqut
يازمىلار: 60
تىزىملانغان ۋاقتى: يەكشەنبە ماي 04, 2008 2:03 am
ئالاقىلىشىش:

Discuz!6.1.0 ھەققىدە UKIJ دىكىلەرگە كۆڭۈل سۆزۈم

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان nurqut » سەيشەنبە سېنتەبىر 09, 2008 12:53 pm

Discuz!6.1.0 ھەققىدە UKIJ دىكىلەرگە كۆڭۈل سۆزۈم
ھۆرمەتلىك UKIJ ئەزالىرىغا :

مىنىڭ تور يۈزىدە ئىشلىتىۋاتقان نامىم نۇرقۇت . بەلكىم ئىسىڭلاردا باردۇر . 5-6-ئايلار ئەتراپىدىغۇ دەيمەن ، مۇنبەرنىڭ نەشرىنى يۇقىرىلىتىش ھەققىدە مۇنازىرىلەر بۇلۇپ ئۆتكەن ئىدى . شۇ ۋاقىتلاردا ياسىن ئۇيغۇر ئەپەندى مەن بىلەن مۇنبەر نەشرىنى يۇقىرىلىتىش توغرىلۇق پاراڭلاشقان ، شۇنداقلا مۇنبەر باشقۇرۇشقا مەسئۇل كىشىلەر بىلەن ئالاقىلىشىپ ، ئاندىن مەن بىلەن ئالاقىلىشىدىغان ، بىرلىكتە نەشىر يۇقىرىلىتىش ئىشىنى ئېلىپ بارىدىغان بولغان . بەلكىم بۇ ئىشلار ياسىن ئۇيغۇر ئەپەندىنىڭ يادىدا باردۇر . . .

ئۇ چاغلاردا 6.1.0 نۇسخىسىنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇپ ئىشلەتكەن بېكەت يوق ئىدى . ئوغۇز ئەپەندى قاتارلىق باشقىلارمۇ 6.1.0 نۇسخىسىنى تەمىنلەش توغرىلۇق ئېغىز ئاچقان ، ئەمما شۇ ۋاقىتتا مۇۋەپپىقىيەتلىك ھالدا 6.1.0 غا ككچكەن مۇنبەر يوق ئىدى . بۇنداق بولىشىدا يېڭى نۇسخىسىنىڭ چاتىقى ھەقىقەتەن جىق ئىدى . ئېلان قىلىپ 6 قېتىمدەك ياماق ۋە باشقا ھۆججەت يېڭىلىنىشلار بولدى . ئاخىرقى ھىسابتا 6-ئاينىڭ 6-كۈنى ئەڭ ئاخىرقى ياماق ئېلان قىلىندى . 8-ئايغا كەلگەندە يەنە بىر بىخەتەرلىك يامىقى ئېلان قىلىندى . . . . .

مانا بۇ 6.1.0نۇسخىسىنىڭ تەرەققىيات باسقۇچى . مەن گەرچە Discuz مەستانىسى بولمىساممۇ ، Discuz ئۈستىدە ئازدۇر كۆپتۇر ئىزدىنىپ كىلىۋاتىمەن . بۇ جەرياندا بىلىك ، ئىنتىل قاتارلىق توربەتلەردە بىلىممۇ ئالدىم ، بەزىدە ئىگىز-پەس سۆزلەپ تىل ئاڭلىغانمۇ بولدۇم . ئىشقىلىپ مىنىڭ Discuz غا بولغان قىزىقىشىم بىلىك تورىدىن باشلانغان . . . . .

ئەمدى گىپىمىزگە قايتىپ كىلەيلى : ئەينى ۋاقىتتا UKIJ توغرىلۇق مۇتەھەملەرچە تېما قويۇلغان بىر تېما ئېلان قىلىپ بەزى گەپلەرنى ئاڭلىغان ئىدىم . باشقىلارنىڭ نىمە دىيىشىدىن قەتئىينەزەر مەن شۇ UKIJ تورىنىڭ يېڭىلىنىش سۈرئىتىدىن كۆڭلۈم يېرىم بولاتتى . . ..

Discuz!6.1.0 ئېلان قىلىنغاندا مۇنبەرلەرنى بىر-بىرىگە باغلاش ئىقتىدارى قوشۇلغان ، مۇشۇ سەۋەبلىك خىلى بىر كۈنلەردە ئوتتۇرىغا قويۇلغان بىلىك+ UKIJ مۇنازىرىسى ئىسىمگە كىلىپ Discuz! نىڭ مۇشۇ ئىقتىدارىدىن پايدىلىنىپ بىلىك كۇلۇبى بىلەن UKIJ قوشۇلسا بەك ياخشى بولىدىكەندۇق ، دەپ ئويلىدىم، شۇڭا Discuz!6.1.0 غا كۆتۈرۈش تەكلىپىنى بەرگەن . شۇ گەپلەرمۇ ئۇزۇندىن بىرى بېسىقىپ قالدى . . .. .

بۆگۈن مەن يەنە كومپيۇتىر ئالدىغا قايتىپ كەلدىم، UKIJ غا كىرسەم يەنە شۇ مۇنبەر نەشرىنى كۆتۈرۈش توغرىلۇق تېما تۇرۇپتۇ . بۇ ئۇزۇنغا سوزۇلغان ئاخىرى چىقمايدىغان ئىشمۇ زادى ؟ . . . ..

UKIJ دىكىلەرگە تەكلىپىم :
گەپنىڭ ئۇچۇقى قىلغاندا Discuz!6.1.0 نىڭ Discuz!6.0.0 دىن ئارتۇق ئىقتىدارى يوق . ئۇنىڭدىكى يېڭىلىق UCenter سەپلەنگەنلىكى ، بىرنەچچە مۇنبەرنى باغلىغىلى بولىدىغانلىقى ، UCenter Home ئەزالار ھويلىسى قوشۇلغانلىقى خالاس . ناۋادا UKIJ نىڭ مۇنبەر بىرلەشتۈرۈش ، UCenter Home نى سەپلەش ئۇيى بولمىسا ئەڭ ياخشىسى Discuz!6.1.0 نى ئىشلەتمىگىنى تۈزۈك . مۇشۇ سەۋەبلىك نۇرغۇن توربېكەتلەر Discuz! دىن ۋاز كەچتى ، ياكى 6.0.0 ، 5.5.0 نۇسخىلىرىنى ئىشلىتىۋاتىدۇ . بەزىلەر ھەتتا UCenter ئىقتىدارى چىقىرىۋىتىلگەن Discuz!6.1.0F نۇسخىسىنى ئىشلىتىۋاتىدۇ . . . . .

ھازىرقى مەسىلە Discuz!6.1.0 غا كۆتۈرۈشنىڭ زۈرۈرىيتى بار مۇ ؟ چۈنكى Discuz!6.1.0 دىن كەينىگە چىكىنگىلى بولمايدۇ . مەن يۇقاردا ئېيتقاندەك 6.1.0 نۇسخىسىنىڭ يېڭى ئىقتىدارلىرىنى ئىشلىتىمىز دەپ ئويلاشساڭلار 6.1.0 نۇسخىسنى ئىشلىتىشىڭلارنى تەۋسىيە قىلىمەن ، ناۋادا بۇ يېڭى ئىقتىدارلارغا ھاجەت چۈشمىسە 6.0.0 نۇسخىسىنى ئىشلىتىشنى تەۋسىيە قىلىمەن . . .. .

ئەلۋەتتە ، مەن ئادەتتىكى بىر شەخىس . ئەينى چاغدا ئەزالىققا قۇشۇلۇش تەلىپىمگىمۇ جاۋاب كەلمىگەن.................. ، مەن ئىشلىتىۋاتقىنىم كىچىك بېكەت، شۇنداق بولسىمۇ سىلەرگە بۇ گەپلەرنى دىگۈم كەلدى . . . . بىر ئۇيغۇر بۇلۇش ، شۇنداقلا بىر ئۇيغۇر تور خەلقى بۇلۇش سۈپىتىم بىلەن سىلەر مەقبۇل كۆرسەڭلار قۇلۇمدىن كىلىشىچە ھەسسە قوشۇشقا تەييارمەن .....

بولدىلا ، ھەرقانچە كۆپ يازساممۇ جاۋابسىز قالغۇسى كەلسە جاۋابسىز قېلىۋىرىدۇ . مۇشۇ يەرگىچە يازاي . تەكلىپىمنى ئويلىشىپ بېقىشىڭلارنى چىن دىلىمدىن ئۈمۈد قىلىمەن .(يۇقارقىلار مىنىڭ شەخسىي پىكرىم خالاس)

گەپلىرىم قولاشماي قالدى،كەچۈرۈڭلار،ناۋادا لايىقىدا بولماي قالغان بولسا كەچۈرۈشىڭلارنى چىن دىلىمدىن ئۈمۈد قىلىمەن : نۇرقۇت



Perhat_k
يازمىلار: 180
تىزىملانغان ۋاقتى: جۈمە ئاپرىل 06, 2007 4:46 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Perhat_k » چارشەنبە سېنتەبىر 10, 2008 2:31 am

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم نورقۇت ياخشىمۇ سىز؟

مۇنبەر نەشىرىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش توغىرىسىدا ياخشى ئىزدىنىپ، ئاكتىپ ھالدا ئالاقە قىلىپ تۇرغىنىڭىزغا كۆپ رەھمەت.

بۇ ئىشلارنىڭ مۇنداق توختاپ قىلىشىدا مەن مۇنداق ئويلىدىم:
UKIJ ئەزالىرى ئىچىدە Discuzمۇنبىرى بىلەن تازا ئىتىشىۋاتقانلاردىن كۆپ بولمىسا كىرەك، ئوبراز ئەپەندى كۆپرەك بىلەمدىكىن، دەيمەن. (مەنمۇ بۇ جەھەتتە قارا قورساق،) شۇڭا سىز ئويلىغاندەك كۆپەيلەن بۇنىڭغا ئاكتىپ ھالدا پىكىر قاتناشتۇرالمىدى.
يۇقاردىكىسى ئاساسلىق سەۋەب. ئىككىنچى قىلىپ، UKIJ مۇنبىرى باشقا نوقۇل ھالدىكى مۇنبەرنى ئاساس قىلغان تور بەتلەر بىلەن تۈپتىن پەرىقلىنىدۇ، بۇ ئاساسلىقى ئەمىلىي خىزمەت، يەنى ئەمىلىي نەتىجە ھاسىلاتلارنى قوغلاشقان ھالدا كوللىكتىپ ھەمكارلىقىدىكى ئۇيۇشما بولۇشنى نىشان قىلىدۇ. ... (باشقىلارنى نىزامنامىدىن كۆرسەك.)
شۇ ۋەجىدىن، مۇنبەرنى يىڭىلاش ئۈنچىۋالا بەك تالاشقۇدەك، بەك جىددىي مەسىلە ئەمەسمىكىن، دەپ قارايمەن.
لىكىن، قىسمەن سەۋەنلىكلىرى بولغان مۇنبەرنى يىڭىلاپ، مۇككەممەللەشتۈرۈشمۇ تاشلىنىپ قالسا بولمايدۇ، ئەلۋەتتە.
[color=Silver]يەنە بىر جەھەتتىن بۇنى UKIJ نىڭ مۇنبەرگە پىششىق بولغان كونا ئەزالىرى بىلەن بىرلىكتە باش قوشۇپ، سىناپ، ... قىلىشساق، ھەممە ئۈچۈن بىخەتەر بولامدىكىن؟ :handshake
[/color]
شۇنداق مەسىللەر بولغانلىقى ئۈچۈن، سىزگە ئاكتىپ ئاۋاز قوشالمىدۇق، :$

[color=DimGray]Discuz!6.1.0 ۋە Discuz!6.0.0 توغىرىسىدا يىغىنچاق ھالدا ياخشى ئىزاھات بىرىپسىز، ھەم ياخشى تەكلىپ بىرىپسىز :)
[/color]
كۆڭۈل ئاغرىقى بولغان بولسا، سىزگە سەمىمىي سالىمىمنى يوللايمەن.
ئىشلارنى ياخشى تەرەپتە تۇرۇپ ئويلىيالايدىغانلىقىڭىزغا ئىشىنىمەن.

Newruz
يازمىلار: 113
تىزىملانغان ۋاقتى: پەيشەنبە ماي 24, 2007 12:05 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Newruz » چارشەنبە سېنتەبىر 10, 2008 7:31 am

[size=7]oyghan [/size] بارمۇ سىز؟ بار بولسىڭىز. ئايرىم بىر بۆلەك بوشلۇق، باشقا ساندان ئېچىپ نۇرقۇتنىڭ سىناپ بېقىشىغا تاپشۇرىشىڭىزنى تەڭشەش تاماملانسا ئاندىن رەسمىي ئىشلىتىشكە باشلاشنى تەۋسىيە قىلىمەن.
ئەگەر بەكلا ئالدىراش بولسىڭىز... بىرىگە ھاۋالە قىلغان بولسىڭىز...ماڭا قىسقا ئۇچۇر بېرىۋېتىڭ!!!

كەچۈرىسىز نۇرقۇت ئەپەندى بۇ جەمىيەتتىكىلەرنىڭ تەڭدىن تولىسى تەرجىمىگە قاتنىشىۋاتىدىغۇ دەيمەن. يەنە تەتقىقات ۋە ئىلمىي ئىزدىنىش خىزمەتلەردە جاۋاپسىز قالغانسىز. ئەگەر ئىككى ھەپتىگىچە جاۋاب بولمىسا ماڭا خەت يوللاڭ. نەشىرىنى كۆتىرەيلى!!! چچ 30923859 ...

مەسلىھەتچىلەر بۆلىمىدىن: ئا س نەۋرۈز

[[i] بۇ يازمىنى ئاخىرقى قېتىم تەھرىرلىگۈچى: Newruz ، ۋاقتى: 2008-9-10 13:37 [/i]]

Omar14
يازمىلار: 150
تىزىملانغان ۋاقتى: يەكشەنبە ئىيۇن 03, 2007 12:48 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Omar14 » جۈمە سېنتەبىر 12, 2008 2:02 am

ئەسلى يوللىغۇچى: Perhat


UKIJ مۇنبىرى باشقا نوقۇل ھالدىكى مۇنبەرنى ئاساس قىلغان تور بەتلەر بىلەن تۈپتىن پەرىقلىنىدۇ، بۇ ئاساسلىقى ئەمىلىي خىزمەت، يەنى ئەمىلىي نەتىجە ھاسىلاتلارنى قوغلاشقان ھالدا كوللىكتىپ ھەمكارلىقىدىكى ئۇيۇشما بولۇشنى نىشان قىلىدۇ. ... (باشقىلارنى نىزامنامىدىن كۆرسەك.)
شۇ ۋەجىدىن، مۇنبەرنى يىڭىلاش ئۈنچىۋالا بەك تالاشقۇدەك، بەك جىددىي مەسىلە ئەمەسمىكىن، دەپ قارايمەن.
===================
زۆرۈرىيىتى بارمۇ ؟ Perhat نىڭ يۇقارقى پىكىرىنى قوللايمەن !
شۇنداقتىمۇ نۇرقۇتقا كۆپ تەشەككۈر!

Obraz
يازمىلار: 64
تىزىملانغان ۋاقتى: چارشەنبە ئاپرىل 04, 2007 1:00 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Obraz » دۈيشەنبە سېنتەبىر 15, 2008 10:26 am

ئالدىنقى بىر مەزگىلدە مۇنبەرنىڭ ستاتىستىكىسىدا نورمالسىزلىق كۆرۈلگەنلىكتىن ۋاختىدا ھەل بولماي مۇنبەرنىڭ نەشىرىنى يۇقىرى كۆتۈرمەكچىمۇ بولغان . كېيىن ياسىن ئەپەندىملەر بىللە يېڭى نۇسخىسىنى سىناقمۇ قىلغان .
----
باشقىلارمۇ مەندىن سورىغان ، ukij مۇنبىرىگە شۇنچە شۇنچە كومپيوتىر پىشىۋالىرى يىغىلغان دەيمىزيۇ بىراق ئىشلىتىۋاتقان مۇنبىرى تېخىچە كونا نەشىرىكەن ، مۇشۇ ئىشتا بولسىمۇ باشلامچى بولسا توغرا بولىدۇ دەپ . بۇ مۇنداقلا بىر گەپ بولسىمۇ ئەلۋەتتە كونا نەشىرىدىن يېڭى نەشىرى ياخشى بولىدۇ ، نۇرغۇن قۇلايسزلىقلار ، خاتالىقلار تۈزىتىلگەن ، نۇرغۇن قۇلايلىق ئىقتىدارلار سەپلەنگەن دىگەن گەپ .
ھازىرغۇ مۇنبەر ستاتىستىكىسىمۇ نورىمال ، جىددى ھاجەتمۇ ئەمەس ، ئەمما ھامان نەشىرىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە توغرا كىلىدۇ ، كۆرۈپ تۇرۇپتىمىز ئىلگىرىمۇ بىر نەچچە توردىشىمىز مۇشۇ ھەقتە تەكلىپ پىكىرلەرنى بەردى ، ھەقسىز تەمىنلەيدىغىنىنى ئوتتۇرغا قويدى ، بۇمۇ ukij غا ناھايتى كۆڭۈل بۈلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرىدۇ .
نۇرقۇت ئەپەندىم discuz ۋە شۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك نۇرغۇن پىرۇگىراممىلارنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇپ تورداشلارغا ھەقسىز تەمىنلەپ ، ئۇچىرىغان مەسىللەرنى ھەل قىلىپ كىلىۋاتىدۇ ، بۇنىڭغا نۇرقۇت ئەپەندىم خېلىلا پىششىق . شۇڭا كەينىگە سۆرىمەي يېڭىلىغان تۈزۈك . ----------
راسىت گەپنى دىسەم ئالدىنقى قېتىم ukij يېڭىلانغاندا ئەسلىدىكى logo نىڭ ئورنى ئۆزگۈرۈپ كىتىپتىكەن . مەن تاپالمىدىم ، نۇرغۇن بىكەتلەر ئىلگىركى ئۇلىنىش قوشقان logo مەنزىلى توغرا بولماي رەسىمى كۆرۈنمىگەنلىكتىن چىقىرىپمۇ تاشلاپتۇ ، مەن مۇشۇنى ئەسكەرتىپ نەچچە ئىنكاس يوللىغان ، logo ئورنىغا قۇيۇپ قۇيۇلمىدى ، ھەتتا مۇشۇ مۇنبەرنىڭ باش بېتىدىمۇ كۆرۈنمىدى ، مەن ۋاقىتلىق بولسىمۇ باشقا بىكەتتىن ئۇلاپ قويدۇم .

شۇڭا مۇنبەرنىڭ نەشىرىنى يۇقىرلىتىپ تۇلۇق رەتلەپ چوڭ سۈپەت ئېلان قىلايلى :)

.mehman
يازمىلار: 5
تىزىملانغان ۋاقتى: پەيشەنبە فېۋرال 14, 2008 6:01 pm
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان .mehman » پەيشەنبە ئۆكتەبىر 30, 2008 3:46 pm

سىلەر تىلغا ئېلۋاتىقان بۇ Discuz!6.1.0 نۇسخىسنى ئەلسۈيەر [url]www.alsoyar.com/bbs[/url] مۇنبىر ئىشلىتىۋاتقىلى 15 كۈنچە بۇلۇپ قالدى ،قارسام مۇنبەرنىڭ قىياپىتى كۆركەن كۈرۈندىكەن ،لىكىن ukij ئىشلىتىۋاتقانىدەك ئىقىتىدارى ئاچچە ياخشى ئەمەستەك ..... مەن ئانچە بۇلارنى بىلىپ كەتمەيمەن ،سىلەر نەشىرىنى يۇقىرى كۈتۈرۈپ بۇلغىچە كۈرۈپ بېقىڭلار ....

ئەمىلىيەتتە obraz ئەپەندى دىگەندەك ،ئۇيغۇر ئاقىلىرى يىغىلغان بۇنداق ukij مۇنبىرى بۇلغان ئىكەن، ئىسمى جىسمىغا لايىق ھەممىدە ئۈلگە بۇلۇپ باشقىلارنى مەھلىيا قىلغىدەك دەرىجىدە مۇنبىەرنى يېڭىلاپ تۇراڭلار ياخشى بۇلاتتى ..............

ئىنكاس يوللاش
[phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/vendor/twig/twig/lib/Twig/Extension/Core.php on line 1275: count(): Parameter must be an array or an object that implements Countable
[phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/vendor/twig/twig/lib/Twig/Extension/Core.php on line 1275: count(): Parameter must be an array or an object that implements Countable

گە قايتىش

توردىكى ئەزالار

مۇنبەردىكى ئەزالار: 1 ۋە 0 مېھمانلار