Moodle نى تەرجىمە قىلىشقا چاقىرىق

uyghurweb
يازمىلار: 13
تىزىملانغان ۋاقتى: شەنبە نويابىر 24, 2007 4:32 am
ئالاقىلىشىش:

Moodle نى تەرجىمە قىلىشقا چاقىرىق

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان uyghurweb » چارشەنبە سېنتەبىر 17, 2008 1:30 am

Moodle دەرسخانىسى پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدە كەڭ- كۆلەملىك ئىشلىتىلىپ كېلىۋاتقان ھەم بىر قەدەر ئالقىشقا ئېرىشىپ كېلىۋاتقان تور دەرسخانىسى سىستېمىسى. ئۇنىڭ ئىقتىدارى كۈچلۈك ھەم مۇرەككەپ. Moodle دەرسخانىسى توغرىسىدا مۇنبىرىمىزدىكى Ysulayman ئەپەندى بىر قانچە يازما يازغان، شۇلارنى كۆرۈڭ بېقىڭلار.

[url=http://www.uyghurweb.com/munber/viewthread.php?tid=359&fromuid=3]moodleتور دەرسخانا سېستىمىسىنى تەرجىمە قىلاي دەيمەن،ياردەم قىلساڭلار.[/url]

[url=http://www.uyghurweb.com/munber/viewthread.php?tid=2838&fromuid=3]Moodleدەرسخانا سېستىمىسىنىڭ قىسقىچە ھۆججەت قۇرۇلمىسى[/url]

[url=http://www.uyghurweb.com/munber/viewthread.php?tid=2839&fromuid=3]moodleسېستىمىسىنىڭ تىل بولىقىنى تەرجىمە قىلىش ئۇسۇللىرى[/url]

[url=http://www.uyghurweb.com/munber/viewthread.php?tid=2865&fromuid=3]moodle نىڭ ئۇيغۇرچە تىل بولىقىنى تەرجىمە قىلىش لاھىيىسى[/url]

[url=http://www.uyghurweb.com/munber/viewthread.php?tid=2881&fromuid=3]Moodle تەرجىمە قىلىش ئاسانلاشتى[/url]

[url=http://www.uyghurweb.com/munber/viewthread.php?tid=2866&fromuid=3]moodle نى قاچىلاش جەريانىنى قىسقىچە تونۇشتۇرۇش[/url]



بۇ تور دەسخانىسىنى تەرجىمە قىلىپ چىققاندىن كىيىن، Moodle ياسىغۇچى تەرەپ باش بېتىگە يوللاپ بەرسەك، پۈتكۈل دۇنيا مىقياسىدا ھەر قانداق كىشى بىۋاستە ھەقسىز چۈشۈرۈپ پايدىلىنالايدۇ. بۇنى تەرجىمە قىلىش، خەلقئارالاشقان چوڭ تىپتىكى تور بېكەت سىستېمىلىرىنى ئۆزىمىزنىڭ ئانا تىلىدا پايدىلىنىشىمىزدا ناھايىتى مۇھىم رول ئوينايدۇ.

شۇ سەۋەپتىن ئۇيغۇر كومپىيۇتېر تېخنىكىسى تورىمىز تورداشلار ئارىسىدىن بۇ تور دەرسخانىسىنىڭ تەرجىمىسىنى ئىشلەشكە قاتنىشىشنى خالايدىغان دوستلارنى بىر يەرگە ئۇيۇشتۇرۇپ، Moodle تور دەرسخانىسىنىڭ ئۇيغۇر تىلىدىكى نەشىرىنى ئىشلەپ چىقىپ، Moddle.org باش بېتىگە ئەۋەتىپ بېرىشنى ئويلاشتۇق. تەرجىمە خىزمىتىگە UyghurWeb بېكەت مەسئۇللىرى ۋە مۇنبىرىمىزدىكى ysulayman ئەپەندى مەسئۇل بولىدۇ، تەرجىمە قىلىشنى خالىغۇچىلار مۇشۇ تېما ئاستىغا ئىنكاس شەكلىدە ئۆزىنىڭ ئېلخەت، كوت كوت، QQ دىگەندەك ئالاقىلىشىش ئۇسۇلىنى قالدۇرغاندىن كىيىن، كونكىرىت تەرجىمە قىلىش ئۇسۇلى ۋە خىزمەت تەخسىماتىنى قىسقا ئۇچۇر ياكى باشقا ئالاقىلىشىش ئۇسۇللىرى ئارقىلىق ئەۋەتىپ بېرىمىز.
[color=blue]تەرجىمە قىلىشتا پايدىلىنىدىغان تىللار: ئېنگىلىزچە، خەنزۇچە، ئەرەپچە، فارسچە ۋە باشقا ئۆزىڭىز بىلىدىغان تىللاردىن بىرنى تاللىسىڭىز بولىدۇ.[/color]

[color=red]قانچە كۆپ ئادەم تەرجىمە خىزمىتىگە قاتناشسا، ھەر بىر ئادەمنىڭ تەرجىمە يۈكى شۇنچە يەڭگىللەيدۇ، تەرجىمە سۈرئېتىمۇ شۇنچە تېزلىشىدۇ. شۇڭا قولىدىن كېلىدىغان تورداشلارنىڭ بۇنىڭغا ئەستايىدىل مۇئامىلىدە بولۇپ، قولىدىن كېلىدىغان تورداشلارنىڭ تەرجىمە خىزمىتىگە قاتنىشىشىنى ئۈمۈت قىلىمىز. تەرجىمە خىزمىتى ئاخىرلاشقاندىن كىيىن، تەرجىمە قىلغۇچىلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئىسمى تەرجىمە نەشىر ئۇچۇرى قاتارىغا قوشۇلىدۇ.[/color]

[color=blue]تەرجىمە قىلغۇچىلارغا قويۇلىدىغان تەلەپ: ئېنگىلزچە، خەنزۇچە، ئەرەپچە، فارسچە ۋە ياكى باشقا بىر ئۆز تىلىدىن باشقا تىلنى پىششىق بىلىشى، تور بېكەت يۈزىدە كۆپ ئىشلىتىلىدىغان ئاتالغۇلارنى بىلىشى، ئۆز تىلىنىڭ گىرامماتىكىسىغا پىششىق بولىشى شەرت (چۈنكى بۇ تەرجىمە قىلىنىپ تارقىتىلسا پۈتكۈل دۇنيا مىقياسىدىكى ئۇيغۇر تىلىنى بىلىدىغانلار بۇنى چۈشۈرۈپ پايدىلىنىشى مۇمكىن، شۇڭا تەرجىمىنىڭ توغرىلىقى ۋە ئېملاغا قاتتىق دىققەت قىلىش لازىم).[/color]

تەرجىمە خىزمىتى ئاخىرلاشقاندىن كىيىنكى تور بېكەت پروگراممىسىنىڭ تەڭشىلىشى، بىۋاستە ئۇيغۇرچە كىرگۈزۈش قاتارلىق خىزمەتلەرگە UyghurWeb تورىمىز مەسئۇل بولىدۇ.

[color=blue]Moodle تور دەرخانىسىنىڭ تەرجىمە خىزمىتىگە قولايلىق يارىتىش مەخسىدىدە مۇنبىرىمىزگە Moodle مەخسۇس سەھىپىسىدىن بىرنى قۇردۇق، Moodle غا مۇناسىۋەتلىك تېمىلار بولسا مۇشۇ سەھىپىگە يوللىساڭلار بولىدۇ.[/color]

[url=http://www.uyghurweb.com/munber/index.php][b]Uyghurweb مۇنبىرى[/b][/url] » [url=http://www.uyghurweb.com/munber/forumdisplay.php?fid=8][b]PHP دۇنياسى[/b][/url] » [url=http://www.uyghurweb.com/munber/forumdisplay.php?fid=65&page=1][b]Moodle مەخسۇس سەھىپىسى[/b][/url]

تەرجىمە قىزىقىدىغان دوستلارنىڭ سېپىمىزگە قوشۇلىشىنى ئۈمۈت قىلىمىز. ئىنكاسنى تۆۋەندىكى تېمىغا ياكى مۇشۇ تېمىغا يوللىسىڭىز بولىدۇ.

[url=http://www.uyghurweb.com/munber/viewthread.php?tid=2847&fromuid=3]Moodle نى تەرجىمە قىلىشقا چاقىرىق[/url]



گە قايتىش

توردىكى ئەزالار

مۇنبەردىكى ئەزالار: 1 ۋە 0 مېھمانلار