جەمئىي1 بەتنىڭ 1 - سى

فونت ياسىغۇچىلار ۋە ئەڭ ياخشى فونتلارنى بىلەمسىز؟

يېزىلغان: دۈيشەنبە نويابىر 24, 2008 8:59 pm
تەرىپىدىن يوللانغان Oyghan
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،

UKIJ نىڭ 3-قېتىملىق فونت تۈزىتىش پائالىيىتىگە پايدىلىق بولۇشى ئۈچۈن، [url]http://www.ukij.org/fonts[/url] دا ئىسمى تىلغا ئېلىنغان فونت ياسىغۇچىلاردىن باشقا ھەر خىل نامدا ئۇيغۇرچە فونت ياساپ تارقىتىۋاتقان تەتقىقاتچىلارنىڭ ئىسىم-فامىلىسى، ئەڭ ياخشى فونتى نامى ۋە ئۇلارنىڭ email ئادرېسىنى يېزىپ تەۋسىيە قىلساڭلار... ئەگەر ئۇلارنىڭ ياسىغان فونتلىرى [url]http://www.ukij.org/fonts[/url] دىكى فونتلاردىن ياخشى بولسا ھەمدە بىرلىك ئۈچۈن UKIJ XXX نامىغا ئۆزگەرتىپ تارقىتىشقا قوشۇلسا ئاپتورلۇق ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلغان ئاساستا [url]http://www.ukij.org/fonts[/url] دا تارقىتىلىدۇ.

يېزىلغان: سەيشەنبە نويابىر 25, 2008 4:21 am
تەرىپىدىن يوللانغان Alpsoft
بۇ ياخشى تەكلىپ بولۇپتۇ، بۇ قېتىم فونتلارنىڭ ئەڭ ياخشىلىرىنى تاللاپ ياساشقا ۋە تارقىتىشقا ئەھمىيەت بېرىش ئۈچۈن، بىزمۇ ئالدىرىمايمىز، چۈنكى ئادەم كۈچىمىز چەكلىك. بۇ ئىشقا تەييارلىق قىلىۋاتقىنىمىزغىمۇ خېلى ۋاقىتلار بولدى، ھازىر خۇلاسىسىنى چىقىرىدىغان ۋاقىتمۇ بولۇپ قالدى، بۇرۇن UKIJ تورىدا تارقىتىلغان فونتلارنىڭ ئەسلى ئاپتورلىرى ساقلاپ قېلىنىدۇ، ئەگەر ئۆزگەرتىش جەريانىدا بەزى فونتلاردا قىسمەن ئۆزگۈرۈشلەر بولۇپ قالسا، مەسىلەن خەت غولى بۇرۇنقىغا ئوخشاش ئەمما سەل چوڭ ياكى كىچىك بولۇپ قالسا، دەسلەپتە ئۆزگەرتكۈچىلەر تەكلىپ بەرسە، يەنە تۈزىتىشكە بولىدۇ، ئەگەر ھازىر تۈزىتىلگىنى ياخشى بولۇپتۇ دەپ قارىسا، مۇشۇ پېتى يېڭىلايمىز.

ئالپسوفت

يېزىلغان: سەيشەنبە نويابىر 25, 2008 4:25 am
تەرىپىدىن يوللانغان Alpsoft
يەنە بىر ئىش، ئىنتىل سەيناسىدىكى تورداشلار، ئۇ يەردىكى تېمىغا چۈشكەن ياخشى ئىنكاس ۋە جاۋابلارنى UKIJ مۇنبىرىدىكى ئەسلىي تېما ئاستىغىمۇ كۆچۈرۈپ قويۇشقا تېرىشسا ياخشى بولاتتى، بەزى ئىنكاس يوللىغۇچىلار رەسىملىك قىلىپ فونت تەكشۈرۈشكە ناھايىتى ئەھمىيەت بېرىپتۇ، مۇشۇ خىلدىكى ئىنكاسلارنىمۇ بۇ يەرگە يۆتكەپ قويساق.

يېزىلغان: جۈمە نويابىر 28, 2008 6:47 pm
تەرىپىدىن يوللانغان Intil
Alpsoft نىڭ يۇقارقى تەكلىۋىنى قوللايمەن، ئەسلىغۇ بۇ فونت سىناش ئىشى ( تېمىسى ) مۇشۇ ukij غا مەركەزلەشسە بەك ياخشى بولىتى.
ھازىرچە خالىس ھەم ئەھمىيەتلىك بۇ ئىشقا ئەڭ ئاۋال Alpsoft ئەپەندىم يەككە ھالدا يەڭ تۈرۈپ چىققاچقا تېخىمۇ كۆپ ئادەمنى سەپەرۋەر قىلىش ھەمدە Alpsoft ئەپەندىمگە مەدەت بىرىش يۈزىسىدىن ئىنتىلدىكى تېمىنى كەڭ تەشۋىق قىلغان ئىدىم،
خەۋەر تېپىشىمچە بۇ ئىش ھەققىدە بىرقانچە جايدا مۇنازىرە بولىۋېتىپتۇ.
ھازىرچە مەن ئىنتىلدىكى مۇھىم دەپ قارىغان ئىنكاسلارنى ukij غا چاپلاشقا مەسئۇل بولاي.
باشقا جايدىكىنى قولايلىق بولىدىغانلار كۆچۈرۈپ ئېلىپ چاپلاپ قويساڭلار.
بۇ يەردە ئۇستازلارنىڭ قاراپ چىقىشى ۋە تەكلىپ-پىكىرلىرىنى قوبۇل قىلساق.

يېزىلغان: جۈمە نويابىر 28, 2008 6:54 pm
تەرىپىدىن يوللانغان Alpsoft
ئىنتىل سەيناسىنىڭ فونت خىزمەتلىرىنى باشتىن-ئاياق قوللاپ كېلىۋاتقانلىقىغا كۆپ رەھمەت.
ئىنتىل سەيناسىدىكى مۇھىم ئىنكاس ۋە ھەل قىلىش ئەھۋالاتلىرىنىمۇ UKIJ دىكى مۇناسىۋەتلىك تېمىلارغا يۆتكەپ قويۇش، فونت خىزمىتىنىڭ رەتلىك بولۇشىغا پايدىلىق، ئىش چېچىلاڭغۇ بولمايدۇ، ھازىر UKIJ دا بۇ تېما 3 يەردە ئېچىلىپ قالدى، بولسا، بۇ فونت تۈزىتىش ۋە سىناش ئىشلىرىنى بىر تېما ئاستىغا مەركەزلەشتۈرەلىسەك تېخىمۇ ياخشى، ئەڭ ئاخىرىدا چۈشكەن ئىنكاسلارغا ئاساسەن بۇ قېتىمقى فونت تۈزىتىش ۋە سىناش ئىشلىرىدىن خۇلاسە قىلىشقىمۇ پايدىلىق بولاتتى.

ئالپسوفت