جۇڭگو ئىنتېرنېت ساھەسىدىكى گىگانىت ئادەم مايۇن

بۇ سەھىپىگە كومپيۇتېر تېخنىكىسىغا مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر يوللىنىدۇ
ئىنكاس يوللاش [phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/vendor/twig/twig/lib/Twig/Extension/Core.php on line 1275: count(): Parameter must be an array or an object that implements Countable
TwoSak
يازمىلار: 26
تىزىملانغان ۋاقتى: چارشەنبە ئاپرىل 04, 2007 10:44 am
ئالاقىلىشىش:

جۇڭگو ئىنتېرنېت ساھەسىدىكى گىگانىت ئادەم مايۇن

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان TwoSak » پەيشەنبە نويابىر 22, 2007 4:10 am

2000- يىلى 7 - ئاينىڭ 17 - كۈنى چىققان Forbes ژۇرنىلىنىڭ باش مۇقامىسىغا تۇنجى قېتىم چوڭ قۇرۇقلۇقتىكى بىر سودىگەرنىڭ سۈرىتى بېسىلدى ، ئۇ بولسىمۇ ئەلى بابا تور پونكىتى ( [url=http://www.alibaba.cn/]http://www.alibaba.cn/[/url] ) نىڭ قۇرغۇچىسى مايۇن ( 马云 ) ئىدى . ژورنالدا ئۇنى مۇنداق تەسۋىرلىگەن : ياڭاق سۆڭىكى ئولتۇرۇشۇپ كەتكەن ، چىچى يانغا تارالغان ، چىرايىدىن شوخلۇق چىقىپ تۇرىدىغان ، 5 فۇت ئېگىزلىكتە ، 100 قاداق ئېغىرلىقتىكى كەپسىز بالىنىڭ قىياپىتىدىكى كىشى .

[attach]54[/attach]

مايۇن Forbes ژۇرنىلىنى كۆرگەندىن كىيىن « ئۆزىنىڭ ئەسلىدە ئۇنچىلىك سەت ئەمەس » لىكىنى ھېس قىلغانلىقىنى ئېيتقان . مايۇننىڭ دەپ بېرىشىچە ئۇ ئوقۇۋاتقان ۋاقىتلار ئانچە ئەقىللىق ئەمەس ئىكەن . ئوقۇش مەزگىلىدە ئۇنىڭ نەتىجىسى ئەزەلدىن ئالدىنقى ئۈچىنچى دەرىجىگە كىرەلمىگەن . ئۇنىڭ ئەسلىدىكى ئارزۇسى بىيدا (北大) غا ئوتۇش ئىكەن ، ئەمما ئۇ خاڭجۇ پىداگوگىكا ئىنستىتۇتىنىڭ مەخسۇس كۇرسىغا ئۆتكەن . ئۇ ئالىي مەكتەپكە ئۈچ قېتىم ئىمتىھان بەرگەن بولۇپ ، بىرىنچى قېتىملىق ئالىي مەكتەپكە ئوتۇش ئىمتىھاندا ماتېماتىكىدىن 1 نومۇر ئالغان ، ئىككىنچى قىتىملىقىدە 19نومۇر ئالغان .
مايۇن ياشلارغا '' مىنىڭ ئىگىلىك تىكلەش جەريانىم شۇنى ئىسپاتلىدىكى « مەن مايۇن ئىگىلىك تىكلەپ مۇۋەپپەقىيەت قازانغان ئىكەنمەن ، جۇڭگودىكى %80 ياش ئىگىلىك تىكلەپ مۇۋاپىقىيەت قازىنالايدۇ » '' دىگەن سوزلەرنى قىلىپ ئۇلارنى ئىگىلىك تىكلەشگە رىغبەتلەندۇرگەن .
مايۇن ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەندىن كىيىن ، 6 يىل ئىنگىلىز تىلى ئوقۇتقۇچى بولدى . بۇ ئارىلىقتا ئۇ خاڭجۇ بويىچە تۇنجى چەت ئەل تىلى تەرجىمانلىق ئورنىنى قۇردى ۋە ئىشتىن سىرتقى ۋاقىتلىرىدا تاشقى سودا بىلەن شۇغۇللىنىدىغان بىر قىسىم ئورۇنلارغا تەرجىمانلىق قىلىپ بەردى . پۇلنى كوپ تاپالمىغان بولسىمۇ ئەمما ئۇنىڭ نامى شۇ ۋاقىتلاردا خىلىلا چىقىپ قالدى. 1995 - يىلى '' خاڭجۇ بويىچە ئىنگىلىز تىلىدا ئەڭ ياخشى '' دەپ تونۇلغان مايۇن جېجياڭ ئۆلكىلىك قاتناش نازارىتىنىڭ ھاۋالىسى بىلەن ئامېرىكىغا بىر قىسىم قەرزنى سۇيلىگىلى باردى .
نەتىجىدە بىر پۇڭ قەرزنى قايتۇرۇلمىغان بولسىمۇ لېكىن ئۇ ئامېرىكىدا بىر '' بايلىق '' نى بايقىدى . سېئاتلدا كومپيۇتېردىن قىلچە خەۋىرى بولمىغان مايۇن تۇنجى قېتىم ئىنتېرنېت تورىغا چىقتى . ئەمدىلا تورغا چىقىشنى ئۆگەنگەن مايۇننىڭ كاللىسىغا تەرجىمە ئورنىنىڭ ئېلانىنى تورغا قويۇپ بېقىش خىيالى كەلدى . شۇنىڭ بىلەن ئۇ دوستىنىڭ ياردىمىدە ئاددىيغىنە بىر تور بىتى لاھىيلەپ چۈشتىن بۇرۇن 10 دا تورغا قويۇپ قويدى . ئويلىمىغان يەردىن 12 بولغىچە ئالاقىلىشىش ئادرىسىغا ئالتە پارچە ئىلخەت كەلدى ، ئۇلار ئايرىم ئايرىم ھالدا ئامېرىكىدىن ، گىرمانىيەدىن ۋە ياپۇنىيەدىن كەلگەن ئىدى . ئىلخەت ئەۋەتكەنلەر بولسا بۇ تۇنجى كۆرگەن جۇڭگو تور بىتى ئىكەنلىكىنى ئېيتىشتى . مايۇن شۇ ۋاقىتتىلا ئىنتېرنېت تورىنىڭ بىر ئالتۇن كان ئىكەنلىكىنى ھېس قىلغان .
قەرز سۈيلەش ساياھىتى ئاياغلاشقاندىن كىيىن مايۇن خاڭجۇغا قايتىپ كەلدى . ئۇنىڭ شۇ ۋاقىتتىكى خىيالى بولسا جۇڭگودىكى بارلىق كارخانا ماتېرىيالىنى يىغىپ تېزلىكتە ئامېرىكىغا يوللاش ، ئامېرىكىدىكى تور بەت ياسىغۇچىلار بۇلارنى ئىلان تور پونكىتى ئارقىلىق پۈتكۈل دۇنياغا تارقىتىش ۋە ئېلان بىرىلگەن بۇ شىركەتلەردىن ئېلان پۇلى يىغىش ئىدى .
شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئايالى ۋە بىر دوستى بىلەن ھەمكارلىشىپ ئىككى تۇمەننى ئىش باشلاش مەبلىغى قىلدى . ئويدىن بىرنى ئىجارىگە ئىلىپ ئوزىنىڭ ئوي - پىكىرى بويىچە ئىگىلىك تىكلەشگە كىرىشىپ كەتتى . شۇ ۋاقىتتا بۇ مايۇننىڭ تۇنجى ئىنتېرنېت تورى شىركىتى ئىدى . بۇ شۇ ۋاقىتتا ئۇ قۇرغان تور پونكىتى جۇڭگو بويىچە تۇنجى سودا ئۇچۇرىنى ئاساس قىلغان تۇنجى تور پونكىتى بولۇپ قالدى .
ئۇ ۋاقىتتا كۆپلىگەن كىشىلەر ئىنتىرنىتنىڭ قانداق نەرسە ئىكەنلىكىنى ئۇقمىغاچقا مايۇننىڭ ئىنتېرنېت توغرىسىدىكى ئۇلۇغۋار پىلانلىرىنى ئاڭلىغان كىشىلەر ئۇنى ئالدامچى قاتارىغا چېقىرۋەتكەن . 1995 - يىلى ئۇ تۇنجى قېتىم مەركىزى تېلېۋىزىيە قانىلىدا چىققان ۋاقىتتا بىر رېژىسسور مۇخبىرغا '' بۇ ئادەم ياخشى ئادەمدەك قىلمايدۇ '' دېگەن . ئەمەلىيەتتە ئىنتېرنېت بولمىغان نۇرغۇنلىغان شەھەرلەردە مايۇن '' ئالدامچى '' دەپ ئاتالدى .
(ئاخىرى بار )

[[i] بۇ يازمىنى ئاخىرقى قېتىم تەھرىرلىگۈچى: TwoSak ، ۋاقتى: 2007-11-22 10:14 [/i]]

[[i] بۇ يازمىنى ئاخىرقى قېتىم تەھرىرلىگۈچى: TwoSak ، ۋاقتى: 2007-11-22 13:42 [/i]]



Eltekin
يازمىلار: 193
تىزىملانغان ۋاقتى: يەكشەنبە ئاپرىل 22, 2007 5:28 pm
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Eltekin » پەيشەنبە نويابىر 22, 2007 7:05 am

ھە. ئەسلى بۇ كىشى ئىكەندە.

TwoSak
يازمىلار: 26
تىزىملانغان ۋاقتى: چارشەنبە ئاپرىل 04, 2007 10:44 am
ئالاقىلىشىش:

ئاخىرى

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان TwoSak » پەيشەنبە نويابىر 22, 2007 11:14 am

شۇنداق بولسىمۇ مايۇن ئىنتېرنېتتىن ئىبارەت بۇ سەھنىدە بەلگىلىك نەتىجە قازىنىش ئۇچۇن توختاۋسىز تىرىشىپ ئىزدەندى . 1996 - يىلى مايۇننىڭ تىجارەت سوممىسى كىشىلەرنى تەئەجەپلەندۇرىدىغان ھالدا 7 مىليون يۈەنگە يەتتى . شۇ يىلدىن باشلاپ ئىنتېرنىتمۇ جۇڭگودا بارا - بارا ئومۇملىشىشقا باشلىدى . شۇ ۋاقىتلاردا مايۇن تاشقى سودا مىنىستىرلىكىنىڭ دىققىتىنى تارتتى . 1997 - يىلى مايۇن بېيجىڭغا تەكلىپ قىلىنىپ ، تاشقى سودا مىنىستىرلىكىنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تەرىپىدىن ئىلىپ بېرىلىۋاتقان EDI مەركىزى تۈرىگە ھەمكارلاشتى ، شۇنداقلا تاشقى سودا مىنىستىرلىكىنىڭ ھۆكۈمەت تەرەپ تور پونكىتى توچكىسى ۋە جۇڭگو ماللىرىنى توردا ئىلىپ - سېتىش تور پونكىتىنىڭ قۇرۇلۇشىغا قاتناشتى . بۇ جەرياندا مايۇننىڭ BtoB بولغان كوز قارىشى بارغانسېرى پىشىپ يېتىلدى ۋە ئىلىكتىرۇنلۇق سودا ئىشلىرى ئارقىلىق ئوتتۇرا ۋە كىچىك كارخانىلارغا مۇلازىمەت قىلىشتىن ئىبارەت سودا نىشانى تىكلەندى . ئۇنىڭ تەتقىق قىلىشىچە ، ئىنتېرنېت تورىدا سودا ئاپپاراتلىرى ئوتتۇرىسىدىكى كەسپى ئالاقە مىقدارى كارخانا ئاپپاراتى بىلەن ئىستېمالچىلار ئوتتۇرسىدىكى كەسپى ئىشلىرى ئالاقىسىدىنمۇ كوپ . '' نىمىشقا چوڭ كارخانىلارنى سودا نىشانى قىلماي ئوتتۇرا كىچىك كارخانىلارنى ئۆزىڭىزنىڭ تىجارەت نىشانى قىلىسىز ؟ '' دېگەن سوئالغا مايۇن مۇنداق جاۋابنى بەرگەن : '' چوڭ راك تۇتۇپ باي بولغانلارنى ئاڭلىغانمەن ، ئەمما كىت تۇتۇپ باي بولغان ئادەمنى ئاڭلاپ باقمىدىم '' .
ھەتتا تور پونكىتىنىڭ دائىرە نامى '' ئەلى بابا '' نى قويۇشتىمۇ ئۇ خىلى ئويلانغان : '' ئىنتېرنېت تورى خۇددى بىر تۈگىمەس بايلىققا ئوخشايدۇ ، ئۇ كىشىلەرنىڭ ئۇنى بايقىشى ۋە قىزىشىنى كۈتىدۇ ، خۇددى ئەلى بابا ئەپسۇن ئارقىلىق ھىلىقى بايلىق يۇشۇرۇنغان ئۆڭكۈرنىڭ ئىشىكىنى ئاچقانغا ئوخشاش '' .
1999 - يىلى مايۇن بېيجىڭدىن خاڭجۇغا قايتىپ كېلىپ '' ئەلى بابا '' تور پونكىتىنى قۇرىدۇ . ئۇ بېيجىڭدىن ئايرىلىش ئالدىدا ھەمراھلىرىغا : '' مەن خاڭجۇغا قايتىپ ئىشنى نۆلدىن باشلاپ ئۆزەمنىڭ تور پونكىتىنى قۇرماقچى . بېرىشنى خالايدىغانلارغا پەقەت 500 يۈەن ئىش ھەققى بېرەلەيمەن . بېيجىڭدا قىلىشنى خالايدىغانلار ئىش ھەققى يۇقىرى بولغان Yahoo ياكى Sina غا كىرىپ ئىشلىسە بولىدۇ '' دىگەن . ئۇ ھەمراھلىرىغا ئۈچ كۈنلۈك ئويلىنىش ۋاقتى بەرگەن بولسىمۇ ، ئەمما ئۇنىڭ گىپى تۇگىشى بىلەن ئۇنىڭ ھەمراھلىرى ئۇنىڭ بىلەن بىللە خاڭجۇغا قايتىپ كېتىشنى قارار قىلىشىدۇ ۋە '' كۈنجۈت ئىشىكنى ئاچ ! '' دەپ شوئار توۋلىشىدۇ .
بىر نەچچە ئايدىن كىيىن [url]www.alibaba.com[/url] ئىنتېرنېت تورىدا بارلىققا كېلىدۇ ۋە قۇرۇلۇپ ئۇزاق ئۆتمەي دەرھال ئۇنۇم ھاسىل قىلىدۇ .
بىر چىڭداۋلىق سودىگەر ھەر يىلى كورىيەدىن بىر خىل ئەسۋابنى ئىمپورت قىلىدىكەنتۇق ، ئەمما ئۇ مەھسۇلاتنىڭ چوقۇم جۇڭگودا ئىشلىنىۋاتقانلىقىغا قەتئىي ئىشىنىدىكەن ، ئەمما پەقەت ئىزدەپ تاپالمىغان . كىيىن ئۇ تاساددىپىي ئەلى بابا تورىدىن بۇ ئورۇننى بايقاپ ، مال سېتىۋېلىش ئۇچۇرىنى قالدۇرۇپ قويىدۇ . ئويلىمىغان يەردىن بىر نەچچە كۈن ئىچىدە بۇ مەھسۇلاتنىڭ جۇڭگودىكى زاۋۇتى بىلەن ئالاقىلىشالايدۇ . ئۇنى ھەيران قالدۇرغىنى بۇ زاۋۇتنىڭ تۇرۇشلۇق ئورنى ئۆزى تۇرىۋاتقان چىڭداۋ ئارىلىدا ئىدى .
ئونى بىردىن ، يۇزى ئوندىن ئاڭلاپ يۇرۇپ ئەلى بابا تور پونكىتىنىڭ نامى بىراقلا چىقىدۇ . بۇ ۋاقىتتا مايۇن دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا BtoB ئەندىزىسىنىڭ چوقۇم دۇنيادىكى نەچچە ئون مىليون سودىگەرنىڭ سودا شەكلىگە ئايلىنىدىغانلىقىنى ۋە پۈتكۈل دۇنيادىكى نەچچە مىليارد كىشىنىڭ تۇرمۇشىغا تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقى توغرىسىدا نوتۇق سۆزلەيدۇ .
بۇ جەرياندا ئۇ نۇرغۇنلىغان خېرىدارلارنى ئۆزىگە جەلپ قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا ئىختىساس ئىگىلىرى ۋە تەۋەككۈلچى مەبلەغ سالغۇچىلارنى ئۆزىگە جەلپ قىلىدۇ .
تەيۋەنلىك سەيچۇڭشىن بولسا پۈتكۈل يەر شارىغا داڭلىق بولغان تەۋەككۈلچى مەبلەغ سالغۇچى شىركەت InvestAB نىڭ ئاسىيادىكى ۋەكىلى ئىدى ، ئۇ ئەلى بابا نىڭ قۇرۇلغانلىقىنى ئاڭلاپ خاڭجۇغا كېلىپ مەبلەغ سېلىش توغرىسىدا مايۇن بىلەن سۆزلەشمەكچى بولىدۇ . مايۇن بىلەن سەمىمىي پاراڭلاشقاندىن كىيىن تۇيۇقسىز ھالدا '' مايۇن ، مەن بولدى ئۇ شىركەتتە ئىشلىمەيمەن ، مەن ئەلى بابا غا قىتىلاي '' دەيدۇ . مايۇن ھەيران بولغان ھالدا '' ئۇنداق ئەمەستۇ ، مەن بۇ يەردە پەقەت 500 يۈەنلا ئىش ھەققى بېرەلەيمەن جۇمۇ ! '' دەيدۇ . ئەمما ئىككى ئايدىن كىيىن سەيچۇڭشىن ئەلى بابانىڭ CFO ( باش مالىيە ئەمەلدارى ) بولىدۇ . كىيىن سەيچۇڭشىنىڭ ئايالى مايۇنغا : '' ئەگەردە مەن ئۇنىڭ سىلەرگە قىتىلىشىنى توسقان بولسام ، ئۇ مىنى بىر ئومۇر كەچۈرمىگەن بولاتتى '' دەيدۇ .
بۇ ئىش ۋال سترېتنى زىل - زىلگە سالىدۇ . شۇنىڭ بىلەن ئىلگىرى ئارقىدىن بولۇپ ۋال سترېتتىكى كۆپلىگەن داڭلىق شىركەتلەر ھېچقانداق ئىككىلەنمەيلا ئەلى باباغا 5 مىليون ئامېرىكا دوللىرى مەبلەغ سالىدۇ . بۇ مەبلەغ ئەمەلىيلەشكەن ئىككىنچى كۈنى مايۇن بېيجىڭغا بىرىپ بىر '' سىرلىق شەخسى '' بىلەن كۆرىشىدۇ . بۇ سىرلىق شەخىس دەل Yahoo تور پونكىتىغا مەبلەغ سالغان '' يەر شارى ئىنتېرنېت تورى مەبلەغ سىلىش پادىشاھى '' دەپ نام ئالغان ياپۇنىيە Softbank شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى سۇنجىڭيى ئەپەندى ئىدى . ئۇلار ئالتە مىنۇت سۆزلەشكەندىن كىيىن سۇنجۇڭيى ئوزىنىڭ ئەلى باباغا مەبلەغ سالىدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ . 2000 - يىلى 1 - ئايدا ئىككى تەرەپ رەسمىي توختام تۈزىشىدۇ ، سۇنجىڭيى ئەلى باباغا 200 مىليون ئامېرىكا دوللىرى مەبلەغ سالىدۇ .
بۇنىڭ بىلەن ئەلى بابانىڭ نامى تىخىمۇ چىكىتىدۇ . ئەلى بابا كىشىلەر تەرىپىدىن پۈتكۈل دۇنيادىكى ئەڭ مۇنەۋۋەر BtoB دەپ ئىتراپقا ئېرىشىدۇ . تور پونكىتىنىڭ كۈندىلىك زىيارەت سانى كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان دەرىجىدە يۇقىرى ئۆرلەيدۇ . 1000 پەي توپ سېتىۋالماقچى بولغان ئامېرىكىلىق ئەلى بابا تور پونكىتى ئارقىلىق نەچچە ئون جۇڭگو تەمىنلىگۈچى كارخانىدىن خالىغان بىرسىنى تاللاش پۇرسىتىگە ئىگە بولىدۇ ؛ شىزاڭدا ۋە ئافرىقىدا تۇرىۋاتقان تورداش ئەلى بابا ئارقىلىق ئوز ئارا سودا كىلىشىمى ھاسىل قىلىشىدۇ .
2003 - يىلى ئەلى بابا ئوز ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ ، يەر شارى سودا ئىشلىرىنىڭ يۇقىرى ساھەسىگە كىرىدۇ . مەسىلەن ، ئەلى بابا مۇلازىمەت قىلىۋاتقان سودىگەرلەر ئىككى مىليون توت يۇز مىڭغا يېتىدۇ . مايۇن ھەتتا ئۇخلاپ چۈش كورىۋاتقان ئەھۋالدىمۇ ئەلى بابا ھەر كۈنى مىليون - مىليونلاپ كىرىم قىلىدۇ . سارس مەزگىلىدە ئەلى بابانىڭ تىجارەت سوممىسى بەش ئالتە ھەسسە قاتلىنىدۇ .
ئەلى بابا ياراتقان مۇجىزە خەلقئارالىق تور دۇنياسىنىڭ دىققەت ئېتىبارىنى قوزغايدۇ ، ئۇنىڭ تەرەققىيات ئەندىزىسى Yahoo تەرەققىيات ئەندىزىسى ، Amazon B2C ئەندىزىسى ۋە Ebay C2C ئەندىزى قاتارىدا '' ئىنتېرنېت تورى توتىنچى ئەندىزىسى '' دەپ ئاتىلىدۇ .
ھازىر ئەلى بابانىڭ باشقۇرۇش قاتلىمىنى يۇقىرى قاتلامدىكىلەر يىغىلغان بىرلىكسەپ بولدى . سۇنجىڭيى ۋە ئالدىنقى نۆۋەتلىك دۇنيا سودا تەشكىلاتنىڭ باش ئەمەلدارى ساسىلەن بولسا ئۇنىڭ ھازىرقى مەسلىھەتچىسى ؛ 16 دۆلەت ۋە رايوندىن كەلگەن تور سەركىللىرى ئەلى بابا ئۇچۇن خىزمەت قىلماقتا ؛ تىخىمۇ كوپ Harvard ئۇنىۋېرسىتېتى ، Stanford ئۇنىۋېرسىتېتى ۋە Yale ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتكۈزگەن مۇنەۋۋەر ئىختىساس ئىگىلىرىنىڭ تاللىشى ئەلى بابا بولماقتا .
ئادەمنى ھەيران قالدۇرىدىغان ئىش شۇكى ، ئىگىلىك تىكلىگەن 5 يىل جەريانىدا ھېچكىم ئەلى بابا دىن كېتىشنى تەلەپ قىلىپ باقمىغان .ئەلى بابا دەسلەپكى قۇرۇلغان ۋاقىتتىكى 18 كىشىنىڭ بىرسىمۇ كام ئەمەس . گەرچە باشقا شىركەتلەرنىڭ ئىش ھەققى ئەلى بابادىن ئۈچ ھەسسە كوپ بولسىمۇ لېكىن خىزمەتچىلەر بۇنىڭلىق بىلەن تەۋرىنىپ قالمىدى .
بۇنىڭ ئىچىدىكى سىرگە مايۇن مۇنداق دەيدۇ '' ئەلى بابادا ئۈچ يىل ئىشلىگەن كىشى خۇددى ماگىستىرلىقتا ئۈچ يىل ئوقۇغاندەك تەسىراتقا ئىگە بولىدۇ ، ئۇلار ئايرىلغان ۋاقىتتا يانچۇقتىكى پۇل بىلەن ئەمەس بەلكى كاللىسىدا توپلىغان بىلىم بىلەن ئايرىلىدۇ '' .
مايۇن ئورىنى ئىگىلىك تىكلەشكە ماھىر ئەمما ئىگىلىكنى ساقلاپ قىلىشقا ماھىر ئەمەس كىشى دەپ قارايدۇ . '' ئەلى بابادا ئەڭ كوپ بولغاندا 40 ياشقىچە ئىشلەيمەن ، ئاندىن مەكتەپكە بېرىپ MBA دەرس بىرىمەن . ئەگەردە مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇپ قالسا ، Harvard ئۇنىۋېرسىتىتىگە بارىمەن ؛ ئەڭ بولمىغاندا بىيداغا بارىمەن '' .

[[i] بۇ يازمىنى ئاخىرقى قېتىم تەھرىرلىگۈچى: TwoSak ، ۋاقتى: 2007-11-23 11:19 [/i]]

Eltekin
يازمىلار: 193
تىزىملانغان ۋاقتى: يەكشەنبە ئاپرىل 22, 2007 5:28 pm
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Eltekin » جۈمە نويابىر 23, 2007 4:55 am

ئەسسالامۇ ئەلەيكۈم،
ئالى بابا دىگەن ئىسىمنى نىمە ئۈچۈن قويغانلىقىنى چۈشەنمىدىم.
ئۇ ئەلى بابا ۋە قىرىق قاراقچى دىگەن فىلىمنى كۆرگەن بولغىيدىمۇ؟ :lol

tayir
يازمىلار: 28
تىزىملانغان ۋاقتى: شەنبە ئىيۇن 02, 2007 4:05 pm
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان tayir » چارشەنبە نويابىر 28, 2007 3:20 am

كۆرمىسە بۇ ئىسىمنى قويامتى . تۆۋەندىكى قۇرنى كۆرمىدىڭىزما :lol
'' ئىنتېرنېت تورى خۇددى بىر تۈگىمەس بايلىققا ئوخشايدۇ ، ئۇ كىشىلەرنىڭ ئۇنى بايقىشى ۋە قىزىشىنى كۈتىدۇ ، خۇددى ئەلى بابا ئەپسۇن ئارقىلىق ھىلىقى بايلىق يۇشۇرۇنغان ئۆڭكۈرنىڭ ئىشىكىنى ئاچقانغا ئوخشاش ''

ئىنكاس يوللاش
[phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/vendor/twig/twig/lib/Twig/Extension/Core.php on line 1275: count(): Parameter must be an array or an object that implements Countable
[phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/vendor/twig/twig/lib/Twig/Extension/Core.php on line 1275: count(): Parameter must be an array or an object that implements Countable

گە قايتىش

توردىكى ئەزالار

مۇنبەردىكى ئەزالار: 1 ۋە 0 مېھمانلار