يۇقىرى دەرىجىلىك ھۆججەت ئۆچۈرۈش تېخنىكىسى

ئىنكاس يوللاش [phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/vendor/twig/twig/lib/Twig/Extension/Core.php on line 1275: count(): Parameter must be an array or an object that implements Countable
Computer
يازمىلار: 88
تىزىملانغان ۋاقتى: جۈمە ئاۋغۇست 31, 2007 3:53 am
ئالاقىلىشىش:

يۇقىرى دەرىجىلىك ھۆججەت ئۆچۈرۈش تېخنىكىسى

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Computer » يەكشەنبە نويابىر 11, 2007 9:53 am

[align=center][size=5][color=Navy]يۇقىرى دەرىجىلىك ھۆججەت ئۆچۈرۈش تېخنىكىسى[/color][/size][/align]

[size=4]كۆپچىلىككە مەلۇم، Windows مەشغۇلاتى داۋامىدا بىز ھۆججەتنى ئادەتتە ئۆچۈرسەك، بىۋاستە ئەخلەت ساندۇقىغا چۈشىدۇ، ئەگەر ئەخلەت ساندۇقىدىنمۇ ئۆچۈرۋەتسەك، (ياكى Shiftنى بىسىپ تۇرۇپ ئۆچۈرۈش بۇيرۇقى بەرسەك ئەخلەت ساندۇقىغا چۈشمەي تولۇق ئۆچۈرۈلۈپ كىتىدۇ) قايتۇرۇپ ئەكىلەلمەيمىز، بۇنى ئالاھىدە دىتاللاردىن پايدىلىنىپ مەسىلەن Final Data قاتارلىقلاردىن پايدىلىنىپ، قايتۇرۇپ ئەكىلىشكە بولىدۇ، ئەگەر بىز ئىشلەتكەن ھۆججەت بەكمۇ مۇھىم ھۆججەت بولسا، بۇنى كۆچۈرۋالغاندىن كىيىن، كومپىيۇتېردىن ئۆچۈرۋەتسەك، 2-بىر تەرەپ ئاشۇنداق يۇمشاق دىتاللاردىن پايدىلىنىپ قايتۇرۇپ ئەكىلۋىلىشى مۇمكىن، قانداق قىلىش كىرەك؟ شۇنداق دىتاللاردىن پايدىلىنىپمۇ قايتۇرۇپ ئەكىلۋالالمايدىغان ھالەتتە تولۇق ئۆچۈرۋەتكىلى بولامدۇ؟
بولىدۇ. ئۇنداقتا تۆۋەندىكى تېخنىكىغا دىققەت قىلىڭ:
بىرىنجى قەدەمدە: بىخەتەر ھالدا ئۆچۈرۈش قۇرالى [url=http://download.sysinternals.com/Files/SDelete.zip]SDelete[/url]نى چۈشۈرىمىز، ئاندىن پىرىسنى يىشىپ، چىققان SDelete.exe ھۆججىتىنى C:\Windows\System32 ھۆججەت قىسقۇچى ئاستىغا كۆچۈرىمىز.
ئىككىنچى قەدەمدە: ئۈستەل يۈزىدە بىر دانە تېكىستلىك ھۆججەت قۇرۇپ، ئۇنىڭغا تۆۋەندىكى كودنى يازىمىز:
[code]
@echo off
echo.***ئاگاھلاندۇرۇش***
echo.
echo.بۇ ھۆججەت ياكى ھۆججەت قىسقۇچ مەڭگۈلۈك ئۆچۈپ كىتىدۇ!
echo.
echo.كونترول بىلەن Cكونۇپكىسىنى باسسىڭىز ئۆچۈرۈش مەشغۇلاتى توختىتىلىدۇ...
echo.
pause
sdelete -p 4 -s %1
pause

[/code]


ئۈچىنچى قەدەمدە: يۇقاردىكى ھۆججەتنى ساقلىغاندا "مەڭگۈلۈك ئۆچۈرۈش.bat " قىلىپ ساقلاپ، بۇ سىنبەلگىنى ئەخلەت ساندۇقى سىنبەلگىسى ئاستى تەرىپىگە رەتكە تىزىپ قويىمىز.
تۆتىنچى قەدەمدە: مەڭگۈلۈك ئۆچۈرۈش لازىم بولغان ھۆججەتنى تۇتۇپ (مائۇس سول كونۇپكىسىدا ئۆچۈرمەكچى بولغان ھۆججەت سىن بەلگىسىنى بىر چىكىپ، قويۇپ بەرمەي تارتىپ) ئەكىلىپ مەڭگۈلۈك ئۆچۈرۈش دىگەن توپ بىر تەرەپ قىلىش بۇيرۇقىنىڭ سىنبەلگىسى ئۈستىگە ئەكىلىپ مائوس سول كونۇپكىسىنى قويۇپ بەرسەك، DOS مەشغۇلات كۆزنىكى ئىچىلىپ بىزدىن ئاگاھلاندۇرۇش سورايدۇ، ئەگەر پۇشايمان قىلساق Ctrl+Cبىرلەشمە كونۇپكىسىنى باسساق ئۆچۈرۈشنى بىكار قىلۋەتكىلى بولىدۇ، ئەگەر راستىنلا ئۆچۈرمەكچى بولساق، خالىغان كونۇپكىنى باسساق مەڭگۈلۈك ئۆچۈرۈش بۇيرۇقى ئىجرا قىلىنىدۇ. ئۆچۈرۋەتكەن ھۆججەتىڭىزنى ھەرقانداق دىتال بىلەن قايتۇرۇپ ئەكەلگىلى بولمايدۇ.
[/size]



Perhat_k
يازمىلار: 180
تىزىملانغان ۋاقتى: جۈمە ئاپرىل 06, 2007 4:46 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Perhat_k » چارشەنبە نويابىر 14, 2007 2:47 am

بولىدىكەن، لىكىن يازغان كودىڭىزدىكى مۇناسىۋەتلىك كۆرسەتمە ئۇچۇرلار ئۇيغۇر كونا يېزىقىدا بولغاچقا، توپ ئىجرا قىلىش ھۆججىتى شەكلىدە ساقلاپ، ئاچقاندىن كىيىن، ۋە ئىجرا قىلغاندا ھەممىسى سوراق بەلگىسى شەكلىدە چىقىۋالدى، لىكىن پروگرامما ئىجرا بولدى.
يۇقاردىكى كود تىكى كۆرسەتمە ئۇچۇرلارنى ULY دا (ياكى خەنزۇچە، ئىنگىلىزچە) يازغاندا نورمال كۆرۈندى.
:handshake :)

Computer
يازمىلار: 88
تىزىملانغان ۋاقتى: جۈمە ئاۋغۇست 31, 2007 3:53 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Computer » شەنبە نويابىر 17, 2007 5:10 am

ھە، خەنزۇچىدىن تەرجىمە قىلغانتىم، خەنزۇچە كۆرسەتمىلەرنىمۇ قوشۇپ تەرجىمە قىلىۋىتىپتىمەن. لىكىن بۇ ئۆچۈرش تېخنىكىسى ياخشى جۇمۇ، بەزىدە باشقىلار تىپىۋالمىسا بولاتتى، دىگەن نەرسىمىزنى بارماق دىسكىغا كۆچۈرۋىلىپ ئاندىن مۇشۇ خىل ئۇسۇلدا ئۆچۈرۋەتسەك، OK دىگەن گەپ.

Perhat_k
يازمىلار: 180
تىزىملانغان ۋاقتى: جۈمە ئاپرىل 06, 2007 4:46 am
ئالاقىلىشىش:

BURKUTناملىق ئەزا يازمىسى:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Perhat_k » چارشەنبە ماي 28, 2008 2:02 am

[b]ئەسلى قىسقا ئۇچۇر:[/b] [url=http://www.ukij.org/munber/pm.php?action=view&folder=inbox&pmid=939][] BURKUT بىر يازما مەلۇم قىلدى[/url]
[quote][i]BURKUT[/i] سىزگە تۆۋەندىكى يازمىنى مەلۇم قىلدى، تەپسىلي مەزمۇنىنى تۆۋەندىكى ئۇلانمىنى بېسىپ كۆرۈڭ:
[url]http://www.ukij.org/munber/viewthread.php?tid=180&page=1#pid915[/url]
مەلۇم قىلىشىتىكى سەۋەب: مەن بۇنىڭدىن پايدىلىنالمىدىم
بۇيرۇقلارنى خەنزۇچە قىلىۋەتكەن بولسا
مەن ئىنكاس يازاي دىسەم يازالمىدىم
سىز ماڭا ۋاكالىتەن يېزىپ بەرگەن بولسىڭىز سىزدىن كۆپ مىننەددار بولغان بۇلاتتىم[/quote]

BURKUT ياخشىمۇسىز؟
سىز مۇنبەرگە تىزىملىغاندا ئىشلەتكەن ئىلخەت ئادرىسىڭىزنى ئاچسىڭىز، مۇشۇ مۇنبەر نامىدىن بىر دەلىلەش ئۇلانمىسى بار ئىلخەتنى تاپشۇرۇپ ئالغان بولىسىز، شۇ ئۇلانمىنى بىر چىكىپ، ھىساۋاتىڭىزنى ئاكتىپلىغاندىن كىيىن، بۇ مۇنبەرگە ئىنكاس ۋە تىيمىلارنى يوللىيالايسىز.
ئەگەر كەلگەن ئىلخەت ئۆچۈرۈپ سالغان بولسىڭىز، مۇنبەرگە كىرگەندىن كىيىن، سەخسىي كونترول تاختىڭىزنى ئاچسىڭىز، سول تەرەپ رەسىم ئاستىدا «Email دەلىلەش خىتىنى قايتا ئەۋەتىش» دىگەندەك بىر ئۇلانما بار، شۇنى چىكىپ، يەنە قايتا ئىلخەت ئەۋەتكىزەلەيسىز، ئاندىن ھىساۋاتىڭىزنى ئاكتىپلاپ، يازما يازسىڭىز بولىدۇ.

[[i] بۇ يازمىنى ئاخىرقى قېتىم تەھرىرلىگۈچى: Perhat_k ، ۋاقتى: 2008-5-28 14:09 [/i]]

Perhat_k
يازمىلار: 180
تىزىملانغان ۋاقتى: جۈمە ئاپرىل 06, 2007 4:46 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Perhat_k » چارشەنبە ماي 28, 2008 3:28 am

توپ ئىجرا قىلىش ھۆججىتىنى ياساپ، يوللاپ قويدۇم.
[url=http://www.ukij.org/eza/perhat_k/soft/ochur.rar]چۈشۈرۋىلىڭ[/url].



مۇنبەر يىڭى بوشلۇققا كۆچكەندىن كىيىن، مۇنبەرنىڭ ھۆججەت يوللاش ئىقتىدارىنى ئىشلەتكىلى بولمىدى، مۇنبەر باشقۇرغۇچى ئەزالار ۋاقىت چىقسا بىر قاراپ باقساق.

ئىنكاس يوللاش
[phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/vendor/twig/twig/lib/Twig/Extension/Core.php on line 1275: count(): Parameter must be an array or an object that implements Countable
[phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/vendor/twig/twig/lib/Twig/Extension/Core.php on line 1275: count(): Parameter must be an array or an object that implements Countable

گە قايتىش

توردىكى ئەزالار

مۇنبەردىكى ئەزالار: 5 ۋە 0 مېھمانلار