Windows Vista نىڭ مەغلۇبىيىتى رىئاللىق، مەغلۇبىيەتنىڭ 10 خىل سەۋەبى

ئىنكاس يوللاش [phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/vendor/twig/twig/lib/Twig/Extension/Core.php on line 1275: count(): Parameter must be an array or an object that implements Countable
Yawuz
يازمىلار: 38
تىزىملانغان ۋاقتى: سەيشەنبە ئاپرىل 10, 2007 6:36 am
ئالاقىلىشىش:

Windows Vista نىڭ مەغلۇبىيىتى رىئاللىق، مەغلۇبىيەت

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Yawuz » سەيشەنبە يانۋار 08, 2008 6:08 pm

[quote]ئەسلى يوللىغۇچى:ئىزدىيارى تورىدىن [i]Topilang[/i] ، ۋاقتى: 2007, 2007 4:51 pm[url=http://www.izdiyari.com/modules.php?name=Forums&file=viewtopic&t=222#504][img]http://www.ukij.org/munber/images/common/back.gif[/img][/url]

[align=center][size=4][color=blue]Windows Vista نىڭ مەغلۇبىيىتى رىئاللىق، مەغلۇبىيەتنىڭ 10 خىل سەۋەبى [/color][/size][/align][align=center][size=4][color=blue]_ بۇ ماقالىنىڭ ئاپتورى مايكروسوفتنىڭ كۈزەتكۈچىسى Joe Wilcox [/color][/size][/align][align=right]

[size=3]12- ئاي بولسا 2007-يىلنى ئەسلەيدىغان ۋە خۇلاسىلايدىغان ۋاقىتتۇر، Windows Vista نىڭ مەغلۇپ بولىشىنىڭ 10 خىل سەۋەبىنى كۆرۈپ باقايلى. دەرھەقىقەت، Vista مايكروسوفتنىڭ كۈتكىنىدەك بولمىدى، مۇتەخخەسىسلەر ۋە قوللانچىلارنىڭ پىكرىنى ھىساپقا ئالمىغاندىمۇ، ئۇنىڭ ئۆزىدە مەغلۇپ بولۇشنىڭ سەۋەپلىرى تولۇپ تۇرۇپتۇ.
Windows Vista نىڭ تەشۋىقات ئىلانى قانداق تىزلىكتە پەيدا بولغان بولسا شۇنداق تىزلىكتە يوقالدى.
مايكروسوفتنىڭ ھەقىقى تارقاتقان سانى دىگىنىدەك كۆپ ئەمەس.
Windows Vista Ultimate Extras (مايكرو سوفتنىڭ قوشۇمچە مۇلازىمەت بولاقچىسى) ھەققىدىكى گېپى ئاخىردا قۇرۇق گەپكە ئايلىنىپ قالدى.
مايكروسوفت Vistaنىڭ ئىزباسارى Windows7 پىلانىنى ئاشكارىلىدى.

10 چوڭ سەۋەپ تۆۋەندىكىدەك:
1. نەشرى بەك كۆپ. پايدىنى كۆزلىگەندە 6 خىل نەشرى(Starter Editionنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغاندا)بولۇش ھىچ گەپ ئەمەس، ئەمما بازارنى كۆزلىگەندە بۇ بىر ئاپەت، ئەمەلىيەتتە ئىككى خىل نەشرى بولسىلا بولىدۇ، يەنى ئادەتتىكى قوللانچىلار ئۈچۈن Vista Home Premium، سودا قوللانچىلىرى ئۈچۈن Vista Enterprise
2. ئامىرىكا ۋە ياۋروپادىكى مونوپۇللۇققا قارشىلىق. بۇنىڭ تەسىرى ئاستىدا ئەسلىدە Vista غا قېتىلىپ تارقىتىلىدىغان ئىقتىدارلار ئايرىم تارقىتىلىشقا مەجبۇر قىلىندى.
3.ھەمرايى Office 2007 بولماسلىقى. 1995-يىلدىن 2006-يىل 12-ئاينىڭ 30-كۈنىگىچە مايكروسوفت Office بىلەن Windows نى تەڭ تارقىتىپ باققىنى يوق، ئۇندىن بۇرۇن بولسا Office بىلەن Windows95 نىبىللە تارقىتىپ مۇۋاپىقىيەتكە ئىرىشكەن، ھازىرمۇ شۇنداق قىلسا بولاتتى.
4. ئىلان ستراتىگىيىسى. گەرچە Vista ئۈچۈن نۇرغۇن ئىلانلارنى بەرگەن بولسىمۇ، ئەمما ۋاقتىدا بولمىدى. سەۋەبى 2005-يىلى ۋە 2006-يىلى يىل بويى Windows XPنىڭ قانچىلىك كۈچلۈك ئىكەنلىگىنى تەشۋىق قىلدى، ئۇ چاغدا Windows Vistaنى ئىلان قىلىشقا پەقەت 18 ئايلا قالغان ئىدى. كىشىلەر Windows XPبۇنداق ياخشى بولسا، ئۇنداقتا بۇنداق تىزلا يەنە Vistaنى چىقىرىپ نىمە قىلىدۇ، دەپ گۇمانلىنىشتى.
5. «ئىكولوگىيىلىك زەنجىر» مۇكەممەل بولمىدى. Vista ئىلان قىلىنىشتىن بۇرۇن تەييارلىق خىزمەتلەر ياخشى ئىشلەنمىدى. 2003 -يىلى بىل گەيتس 2006-يىلىدىكى كومپيۇتېرغا ئۈمىت بىلەن قارىدى، Vista تەتقىقاتى باشلىنىپ كەتتى. Vista ئىلان قىلىنغاندا بولسا كومپيۇتېرلار ئۈمىت قىلغاندەك دەرىجىگە يەتمىدى. ھازىر قارايدىغان بولساق، نۇرغۇن كومپيۇتېرلارنىڭ سەپلىمە ۋە ئىقتىدار جەھەتتىن تەلەپكە يەتمەيدىغانلىقىنى، يەنە Vistaنىقوللايدىغان دىتاللارنىڭ كەملىگىنى ھىس قىلىمىز.
6. لايىھىلىشى. مايكروسوفت بىر نەچچە يىل سەرپ قىلىپ شىركەت، قوللانچىلار، ھەنكارلاشقۇچىلارنىڭ پىكرىنى ئالغاندىن كىيىن Vistaنى لايىھىلەپ چىققان، ئەپسۇس ھەممىگە تەڭ يارىماق تولىمۇ مۈشكۈل ئىشتۇر، مايكروسوفتنىڭ توپلىغان تەكلىپلىرى زىيادە كۆپ بولۇپ كەتكەن.
7. ۋاقتىدا بولمىغان تارقىتىش. نىمىشقا 2006-يىلى يازدىكى دەم ئىلىش كۈنلىرىدە تارقاتمايدۇ؟ دەم ئىلىش مەزگىلىدە بولغان بولسا تارقىتىلىش مىقدارى كۆپەيگەن بولاتتى، چۈنكى پارچە ساتىدىغانلارنىڭ 40% تىجارىتى تەشەككۇر بايرىمى ۋە مىلاد بايرىمى مەزگىلىدە بولىدۇ.
8. مۇرەككەپلىكى. مايكروسوفت Vista غا قۇرۇلما جەھەتتىن چوڭ ئۆزگىرىش قىلغان، بولۇپمۇ بىخەتەرلىك، قوللانچى ئېغىزىنىڭ لايىھىسى قاتارلىقلار بەك مۇرەككەپ بولۇپ كىتىپ، بۇ ئىككى بىسلىق خەنجەرگە ئايلىنىپ قالغان.
9. خېلى مەزمۇت «تام» غا ئۈسسىۋالدى. مايكرو سوفتنىڭ ئەڭ چوڭ رىقابەتچىسى ئۇ ئۆزى، شۇڭا بازارغا سالغان يڭى مەھسۇلاتىنىڭ رىقابەتچىسى ئۆزىنىڭ بۇرۇنقى مەھسۇلاتىدۇر. دەل كەپقالغىنى Vista نىڭ ئەجدادىWindows Xp نىڭ يىتەرلىك دەرىجىدە مۇكەممەل بولۇپ قىلىشى.
10. Windows Xp نىڭ ئىكولوگىيىلىك تورى. مايكروسوفت كۆپ قىتىم Windows نىڭ ئىكولوگىيىلىك تورى يەنى: پروگراممېرلار، ھەمكارلاشقۇچىلار، قاتتىق دىتال سودىگەرلىرى، قوللانچىلارغا يۇقۇرى ئۈنۈم يارىتىپلا قالماستىن يەنە Windowsنىڭ مۇۋاپىقىيىتىنى ئىلگىرلىتىدۇ ،دىگەن. ئوخشاشلا بۇ تور ئاخىرىدا Vista نى توسۇپ قويدى. چۈنكى Windows Xp ناھايىتى ئۇزاق مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇپ، Windows نىڭ ئىكولوگىيىلىك تورىدا مەزمۇت ئورۇن تىكلىدى[/size][/align][/quote]


[align=center][size=3][/size] [/align]

[[i] بۇ يازمىنى ئاخىرقى قېتىم تەھرىرلىگۈچى: Yawuz ، ۋاقتى: 2008-1-9 00:11 [/i]]



Perhat_k
يازمىلار: 180
تىزىملانغان ۋاقتى: جۈمە ئاپرىل 06, 2007 4:46 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Perhat_k » جۈمە سېنتەبىر 05, 2008 2:07 am

[i][color=Indigo][size=3]«دىھقان» ناملىق ئەزا يازمىسى:[/size][/color][/i]
[quote]
مەن Windows Vista دىن بەكلا بىزار بولدۇم!!!!!!!!!!!!!!!!!... بۇندىن كېيىن قەتئىي ئىشلەتمىسەم دەيمەن. چۈنكى بۇ سىستېما مۇكەممەل ئەمەسكەن. كومپيۇتېرىمدىن كۆپ قېتىم مەسىلە كۆرۆلۈپ، مېنى بەك ئاۋارە قىلدى. مەسىلەن، ئەڭ ئاددىيسى، كومپيۇتېرنى قوزغاتقاندا دائىم قوزغاتقۇچ دېسكا سېلىشنى تەلەپ قىلىپ تۇرۇۋالىدۇ. سالمىسام، ئىكران قوزغالماي، قارا ھالەتتە تۇرۇۋالىدۇ. توك بېسىمى كىچىككىنە ئېگىز- پەس بولسىلا سىستېمىنى نورمال قوزغىتىشقا مۇمكىن بولماي، يەنە قايتا سىستېما قاچىلاشقا مەجبۇر بولىمەن. قىسقىسى، يەنىلا كۇچانىڭ سوپۇنى ياخشىكەن. قېرىنداشلار، سىلەرمۇ شۇنداق ئىشقا دۇچار بولۇۋاتامسىلەر؟
[/quote]
[color=Gray]([u]تىيما مەلۇم قىلىش[/u] دىگەن تۈرنى بىسىپ يوللاپ قويۇپتىكەن، بۇ يازمىسى ماڭا قىسقا ئۇچۇر شەكلىدە كەپ قاپتۇ، مۇشۇ مۇناسىۋەتلىك تىيمىسىغا يوللاپ قويدۇم)[/color]

Perhat_k
يازمىلار: 180
تىزىملانغان ۋاقتى: جۈمە ئاپرىل 06, 2007 4:46 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Perhat_k » جۈمە سېنتەبىر 05, 2008 2:15 am

ئۇنداق كۆپ كاشىللار چىقمايتتى، مىنىڭ ئۆيۈمدىمۇ Vista قاچىلانغان، شۇنداق نورمال.
سىز دىگەندەك توك بىسىمى ۋە دىسكا سىلىش دىگەندەكلەرنى ھازىر ئاڭلىشىم.
مىنىڭچە توكنىڭ ئىشى كومپىيۇتېرىڭىزنىڭ توك مەنبەسى ئۈسكۈنىسى (电源)بىلەن (يەنى، ئاساسىي ماشىنا ئىچىدىكىسى بىلەن) مۇناسىۋەتلىك بولىشى مۇمكىن.
قوزغاتقۇچ دىسكا سىلىڭ، دەپ تۇرۋىلىشى سىزنىڭ سىموس پارامىتىرلىرىدىكى كومپىيۇتېر قوزغىلىش تەرتىۋى؛ Vista قاچىلاشتىكى قىسمەن سەۋەنلىكلەر، Vista قاچىلاش ئەسلى ھۆججىتىڭىز، قوش سىستىما قاچىلىغانمۇ، ... قاتارلىق ئامىللار بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولىشى مۇمكىن.

دىھقان
يازمىلار: 1
تىزىملانغان ۋاقتى: پەيشەنبە سېنتەبىر 04, 2008 10:24 am
ئالاقىلىشىش:

مەن Windows Vista دىن بەكلا بىزار بولدۇم

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان دىھقان » يەكشەنبە سېنتەبىر 07, 2008 12:50 pm

گەرچە ماڭا سەپلەپ بەرگەن كومپىيوتىر يېپيېڭى بولسىمۇ (Windows Vista قاچىلانغان) لىكىن سۈرئىتى بولۇپمۇ سانلىق مەلۇماتلارنى بىر تەرەپ قىلىش،قوزغىلىش سۈرئىتى Xp غا يەتمەيدىغانلىقىنى ھىس قىلپ قالدىم ، ھەم Xp نڭ ئىقتىدارلىرىنى مۇكەممەلرەك كۆردۈم . ئۇنىڭ ئۈستىگە Windows Vista دىن تولا كاشىلا كۆرۈلدى . ( مەن ھىچقانداققايتا سىستىما قاچىلاش ياكى قالايمىقان مەشغۇلاتلارنى قىلمىغاندىم) ماڭا ئوخشاش بىرەر يېزا -بازارنىڭ ئائىلە مەدەنىيەت ئارخىۋىنى ئىشلەيدىغانلار ۋاقىتقا ، سۈرئەتكە ، مۇقۇمچانلىققا بەكرەك كۆڭۈل بۆلىدىغان گەپكەن ،شۇڭا Windows Vista نىڭ يۇقارىقى تەرەپلىرى Xpغا قارىغاندا ئاجىز ئىكەن .مەندەك خىزمەت قىلىدىغان باشقا قېرىنداشلارمۇ مۇشۇنداق ئەھۋالىنى ئۇچىراتقانمىدۇ ؟

ئىنكاس يوللاش
[phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/vendor/twig/twig/lib/Twig/Extension/Core.php on line 1275: count(): Parameter must be an array or an object that implements Countable
[phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/vendor/twig/twig/lib/Twig/Extension/Core.php on line 1275: count(): Parameter must be an array or an object that implements Countable

گە قايتىش

توردىكى ئەزالار

مۇنبەردىكى ئەزالار: 6 ۋە 0 مېھمانلار