«ئۈستەل يۈزى» كۆرۈنمىسە قانداق قىلىش كىرەك؟

ئىنكاس يوللاش [phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/vendor/twig/twig/lib/Twig/Extension/Core.php on line 1275: count(): Parameter must be an array or an object that implements Countable
juxkun
يازمىلار: 19
تىزىملانغان ۋاقتى: يەكشەنبە سېنتەبىر 09, 2007 6:10 am
ئالاقىلىشىش:

«ئۈستەل يۈزى» كۆرۈنمىسە قانداق قىلىش كىرەك؟

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان juxkun » چارشەنبە ئىيۇن 11, 2008 6:56 am

كومپيۇتېرنى قوزغاتقاندىن كىيىن «ئۈستەل يۈزى» كۆرۈنمىسە قانداق قىلىش كىرەك؟
Windowsنىڭ قوزغاتقاندىن كىين ئۈستەل يۈزى كۆرۈنمەسلىكنىڭ سەۋەبى بىر نەچچە خىل،تۆۋەندە بىز بىر تەرەپ قىلىش ئۇسۇلىنى سۆزلەپ ئۆتىمىز.
Windows نىڭ قوزغاتقاندىن كىين ئۈستەل يۈزى كۆرۈنمەسلىكنىڭ سەۋەبى:
1. Windows سېستىمىسنىڭ shell——explorer.exe ھۆججىتى بۇزۇلغان ، يۈتۈپ كەتكەن ياكى يۇقۇملانغان.
2. سېستىمىنىڭ تىزىملاش جەدۋىلىدىكى shell تۈرى ئۆزگەرتىۋېتىلگەن.
3.مەلۈم سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن explorer.exe نورمال ئىجرا بولماس بولۇپقالغان. (ۋىرۇسخور توسىۋېلىش ، پىروگگىرامما توقۇنۇشۇپ قېلىش.....)
ھەل قىلىش باسقۇچىلىرى :
1. بىخەتەر ھالەتتە «ئۈستەل يۈزى» كۆرىندىغان ياكى كۆرۈنمەيدىغانلىقىنىسىناپ باقىمىز. ئۇسۇلى : كومپيۇتېر قوزغىلىش جەريانىدا F8 كونۇپكىسىنىباسساق ئىكراندا تىزىملىك كۆرۈندۇ. («بىخەتەر» ھالەتتە قوزغۇلۇش ۋاقتى سەلئۇزۇنراق.)
[img]http://tech.ccidnet.com/col/attachment/2008/6/1520299.jpg[/img]
ئەگەرئۈستەل يۈزى كۆرۈنسە ، سېستىما قوزغالغاندا قوزغىلدىغان پىروگگىراممىلارنىئەمەلدىن قالدۇرۋېتىپ باشقا پىروگگىراممىلىرى بىلەن توقۇنۇشۇپ قالدىمۇتەكشۈرۈپ بېقىڭ.(ئوشۇقچە تۈرلەرنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش ئۈچۈن بۇماقالىدىنپايدىلنىڭ . ([url=http://juxkun.blogbus.com/logs/20884809.html]http://juxkun.blogbus.com/logs/20884809.html[/url])
2.ئەگەر ئۈستەل يۈزى يەنىلا كۆرۈنمىسە ، بىرلا ۋاقىتتا shift+alt+deleteياكى shift+ctrl+esc كونۇپكىسى ئارقىلىق ۋەزىپە باشقۇرغۇچنى ئاچىمىز.ئاندىن يېڭى ۋەزىپە قۇرۇش تۈرىگە regedit نى كىرگۈزۈپ تىزىملاش دەپتىرىنىئاچىمىز، [HKEY_LOCAL_MACHINE\ SOFTWARE\Microsoft\WindowsNT\CurrentVersion\Winlogon] تۈردىكى Shell تۈرىنىڭ بار يوقلىقىنىتەكشۈرىمىز، Explorer.exe تۈرى ئۆزگىرىپ كەتكەن بولسا . ئۆزگەرتىپقويىمىز. رەسىمدىكىدەك.
[img]http://tech.ccidnet.com/col/attachment/2008/6/1520301.jpg[/img]

3.ئەگەر بۇ تۈردە چاتاق يوق بولسا ، [HKEY_LOCAL_MACHINE\SOFTWARE\Microsoft\Windows NT\CurrentVersion\Image File Execution Options] بۇتۈردە explorer.exe دىگەن تۈرنىڭ بار يوقلىقىنى تەكشۈرىمىز ، ھەمدە باربولسا ئۆچۈرۋېتىمىز.
[img]http://tech.ccidnet.com/col/attachment/2008/6/1520303.jpg[/img]


4.ئەگەر ئۈستەل يۈزى يەنىلا كۆرۈنمىسە ، بىرلا ۋاقىتتا shift+alt+deleteياكى shift+ctrl+esc كونۇپكىسى ئارقىلىق ۋەزىپە باشقۇرغۇچنى ئاچىمىز.ھەمدە explorer ياكى %systemroot%\system32\dllcache\ explorer.exe نىكىرگۈزۈپ جەزىملەشتۈرىمىز.
[img]http://tech.ccidnet.com/col/attachment/2008/6/1520305.jpg[/img]


5.ئەگەر يەنىلا كۆرۈنمىسە ، ۋەزىپە باشقۇرغۇچ ئارقىلىق ۋىرۇسخورنىڭ باشپىروگگىراممىسىنى قوزغۇتىمىز ھەمدە ۋىرۇسخورنىڭ تازلاش ياكى ئايرىشخاتىرسىدە explorer.exe نىڭ بارياكى يوقلىقىنى تەكشۈرىمىز، ئەگەر ئايرىشتۈرىدە explorer.exeبولسا ، ئۇھالدا 4. ئۇسۇلنى سىناپ باقسىڭىزبولىدۇ.(ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانمىغان بولسا ھەرگىز خاتا ھالدائايرىۋەتمەيدۇ.)
6. ئەگەر dllcache مۇندەرىجىسى ئاستىدىكى explorer.exeنى قوزغۇتۇش ئارقىلىق ئۈستەل يۈزىنى كۆرگىلى بولسا ، ۋەزىپە باشقۇرغۇچئارقىلق ئۇنى windowsئاستىغا كۆچۈرۈپ قويۇپ قايتا قوزغۇتۇپ بېقىڭ. ئەگەرقوزغاتقاندىن كىيىن «ھوقۇق بىرىلمىگەنلىك» ياكى «زىيارەت قىلىش چەكلەندى »قاتارلىق خاتالىق كۆرۈلسە ، سېستىمنىڭ ۋاقتىنى سەل ئالدىغا سۈرۈپ قويۇپقايتا قوزغاتسىڭىز بولىدۇ.
7. ۋىرۇسلار ئادەتتە كۆپ قىسىم ئورۇنلارنىئۆزگەرتىۋېتىدۇ، يۇقارقى ئۇسۇللار ئارقىلىق يەنىلا ھەل قىلغىلى بولمىسا ،ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ PEدىسكىسى ئارقلىق رېمۇنىت قىلىشىنى تەۋسىيە قىلىمىز.بۇنىڭ ئۈچۈن ئوخشاش نەشىردىكى Windows نىڭ Windows ياكى dllcacheمۇندەرىجىسى ئاستىدىكى explorer.exe ھۆججىتىنى مۇشۇ كومپيۇتېدىكى Windows مۇندەرىجىسى ئاستىغا كۆچۈرۈپ قويساقلا بولىدۇ. ئاندىن كىيىن 2. ، 4.تۈردىكى تۈرلەرنىڭ نورمال ياكى ئەمەسلىكىنى تەكشۈرۈش لازىم.
ئەگەريۇقارقى 7 خىل ئۇسۇل بىلەن يەنىلا ئوڭشالمىسا ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ مۇھىمھۆججەتلىرنى زاپاسلىۋېلىپ سېستىمىنى قايتىدىن قاچىلىشىنى تەۋسىيەقىلمىز(ھۆججەتنى زاپاسلاش ئۈچۈنPE Win قورال دىسكىسىدىن پايدىلانسابولىدۇ.)
_________________________________________
تېخىمۇ نادىر مەزمۇنلار[size=6] [url=http://juxkun.blogbus.com/]جۇشقۇن بلوگ[/url] [/size]دا
مەنزىل : [url=http://juxkun.blogbus.com/]http://juxkun.blogbus.com/[/url]



teshnayi
يازمىلار: 21
تىزىملانغان ۋاقتى: شەنبە مارت 21, 2009 1:27 pm
ئالاقىلىشىش:

بلوگ دىگەن نىمە؟

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان teshnayi » جۈمە ماي 08, 2009 4:41 am

بلوگ دىگەن نىمە؟
ئۇنىڭ نىمە ئالاھىدىلىكى بار؟
نىمە ئەھمىيىتى بار؟
نىمە رولى بار؟
تور بەت بىلەن ئوخشاشلىقى ياكى پەرقى بارمۇ؟
ئۇنى شەخسى تور بەت دەپ چۈشۈنىشكە بولامدۇ؟
ئەگەر ئۆزىمىزنىڭ بىر بلوگى بولۇشىنى ئۈمىت قىلساق، ئۇنىڭغا قانداق ئېرىشىمىز؟ ياكى ئۇنى قانداق قۇرىمىز؟

ئىنكاس يوللاش
[phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/vendor/twig/twig/lib/Twig/Extension/Core.php on line 1275: count(): Parameter must be an array or an object that implements Countable
[phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/vendor/twig/twig/lib/Twig/Extension/Core.php on line 1275: count(): Parameter must be an array or an object that implements Countable

گە قايتىش

توردىكى ئەزالار

مۇنبەردىكى ئەزالار: 5 ۋە 0 مېھمانلار