[تەكلىپ]ئۇيغۇرچە قوشۇلغان XP نى داۋاملاشتۇرساق

ئىنكاس يوللاش [phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/vendor/twig/twig/lib/Twig/Extension/Core.php on line 1275: count(): Parameter must be an array or an object that implements Countable
kulke0997
يازمىلار: 111
تىزىملانغان ۋاقتى: پەيشەنبە نويابىر 29, 2007 10:40 am
ئالاقىلىشىش:

[تەكلىپ]ئۇيغۇرچە قوشۇلغان XP نى داۋاملاشتۇرساق

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان kulke0997 » جۈمە ئىيۇن 27, 2008 5:21 am

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەزىز دوستلار
ھەممىمىزنىڭ خەۋىرىدە بار ئالىپ ئەپەندىم تۇنجى بولۇپ ئۇيغۇرچە قوشۇلغانGhost XP 1.4 ۋە بىۋاستە قاچىلىنىدىغان (گوست ئەمەس) Xp 2.1 نى ياساپ چىقىپ كەڭ تورداشلارنىڭ زور ئالقىشىغا ئېرىشتى ھەمدە نۇرۇن كىشىلەر ياقتۇرۇپ ئىشلەتتى ۋە ئىشلىتىپ كېلىۋاتىدۇ. چۈنكى بۇ سىستېمىلاردا ئۇيغۇرلارغا كېرەكلىك بولغان ئاساسلىق قوللىنىشچان ئۇيغۇرچە دېتاللار ، كىرگۈزگۈچلەر ۋە ئۇيغۇر كومپيۇتېر ئىلمى جەمئىيىتى (UKIJ) تارقاتقان بارلىق خەت نۇسخىلىرى بار بولۇپ بۇ باشقا خەنزۇلار ئىشلەپ تارقاتقان سىستېمىلارغا قارىغاندا قولايلىق ھەم يۇقارقى ئۇيغۇرچە دېتاللارنى قاچىلاش ئاۋارىچىلىقى ئاز بولغانلىقتىندۇر.
بۇ سىستېمىلار ئىشلىنىپ ئۇزۇنغا قالماي بىلىك – ئىنتىل تەرجىمە گۇرۇپپىسى ئۇيغۇرچە Windows XP نى تەرجىمە قىلىپ ھەقسىز تارقاتتى، بۇمۇ بىز ئۇيغۇرلارغا نىسپەتەن چوڭ بىر يېڭىلىق ھەمدە بىر بۆسۈش. بۇ سىستېما تارقىتىلغاندىن كېيىنمۇ توراداشلارنىڭ زور ئالقىشىغا ئېرىشتى. بۇنىمۇ نۇرغۇن كىشلەر ئىشلىتىپ كېلىۋاتىدۇ . بۇ سىستېما خەنزۇتىلى بىلمەيدىغانلارغىمۇ زور قولايلىقلارنى ئېلىپ كەلدى.
ئەمدى مېنىڭ بۇ تېمىنى يېزىشىمدىكى ئاساسىي مەقسەت مۇنداق:
يۇقارقى ئۇيغۇرچە قوشۇلغان ۋە ئۇيغۇرچە سىستېمىلار يېڭىلىنپ باقمىدى ھەم يېڭىلانمىدى. ( بۇنداق دېگىنىمىدە باشقا مەقسەت يوق...) شۇڭا مۇشۇ سىستېمىنى ياسىغان ، ياساشقا قاتناشقان ئۇستازلار ۋە باشقىلار(مۇشۇ جەھەتتە تەجرىبىسى بارلار) ھەمكارلىشىپ (ئەلۋەتتە ئۆزى خالاپ ، مەجبۇرلاش يوق ، ئۆزىمىزنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا ئاساسەن ئىش كۆرسەك بولىدۇ.) مۇشۇ سىستېمىلارنى ھەر ئايدا ، ئەگەر ھەر ئايدا بولمىغاندا ئىككى ئايدا بىر قېتىم يېڭىلاپ يەنى ھەر ئايلىق ياماقلىرىنى ياماپ يوچۇق بولسا قولىمىزدىن كېلىشىچە ئېتىپ توردا بىلىك – ئىنتىل نامى بىلەن تارقاتقان بولساق. (بۇ يەردە ئاساسلىق كۆزدە تۇتۇلغىنى ئۇيغۇرچە قوشۇلغان XP دۇر) .
ھازىر خەنزۇلارغا قارايدىغان بولسا ئۇلارنىڭ نۇرغۇن گۇرۇپپىلىرى بار ، مەخسۇس مۇشۇ XP نى تەتقىق قىلىدىغان ، ئۆزى ياساپ ئۆزگەرتىش كىرگۈزىدىغان ، ھەر ئايلىق ياماقلىرىنى تولۇپ ياماق ئايدا بىر قېتىم نەشىرىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ ئېلان قىلىدىغان . مەسىلەن: جۈجۈ ماۋ ، يۈلىن ، دېپىن ، كومپيۇتېر شىركىتى ، .... دېگەندەك. بىزمۇ ئۇلاردە تولۇق ئېلىپ بارالمىساقمۇ مۇشۇ ئۇيغۇرچە قوشۇلغان XPنى داۋاملىق يېڭىلاپ يۇقىردا دېيىلگەندە تارقاتقان بولساق ئۇستازلار ۋە باشقا تورداشلار قانداق قايدىكىن...!!؟



ئىنكاس يوللاش [phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/vendor/twig/twig/lib/Twig/Extension/Core.php on line 1275: count(): Parameter must be an array or an object that implements Countable
[phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/vendor/twig/twig/lib/Twig/Extension/Core.php on line 1275: count(): Parameter must be an array or an object that implements Countable
[phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/vendor/twig/twig/lib/Twig/Extension/Core.php on line 1275: count(): Parameter must be an array or an object that implements Countable

گە قايتىش

توردىكى ئەزالار

مۇنبەردىكى ئەزالار: 2 ۋە 0 مېھمانلار