بارماق دىسكا ۋە ساقلاش كارتىلىرىنى توغرا ئىشلىتىش ئۇسۇلى

ئىنكاس يوللاش [phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/vendor/twig/twig/lib/Twig/Extension/Core.php on line 1275: count(): Parameter must be an array or an object that implements Countable
Omar14
يازمىلار: 150
تىزىملانغان ۋاقتى: يەكشەنبە ئىيۇن 03, 2007 12:48 am
ئالاقىلىشىش:

بارماق دىسكا ۋە ساقلاش كارتىلىرىنى توغرا ئىشلىتىش

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Omar14 » چارشەنبە ئاۋغۇست 27, 2008 4:22 am

[color=Blue]ئىلاۋە:
مەزكۈر ماقالە «كومپىيۇتېر ۋە تۇرمۇش» ژورنېلىنىڭ 2008-يىللىق 3-سانىغا بىسىلغان بولۇپ ئاپتۇرى ئۆمەرجان تۇرسۇنقاسىم (Omar14) دوسلارنىڭ پايدىلىنىشىغا سۇنۇلدى[/color]



[size=5][align=center]بارماق دىسكا ۋە ساقلاش كارتىلىرىنى توغرا ئىشلىتىش ئۇسۇلى ۋە دائىم كۆرلىدىغان كاشىللارنى بىرتەرەپ قىلىش ئۇسۇللىرى[/align][/size]

بارماق دىسكا ۋە ساقلاش كارتىلىرىنى توغرا ئىشلىتىش ئۇسۇللىرى
يېڭىدىن ساقلاش كارتىسى ياكى بارماق دىسكا سىتىۋالغان ۋاقىتتا ئۇنى ئىشلەتكەندە يانفۇنلارغا ياكى رەقەملىك فوتو ئاپراتلارغا سالغاندا نورمال ئىشلەتكىلى بولسا داۋاملىق ئىشلەتسەك بولىۋىردۇ ، ئەگەر كومپىيۇتېرغا ئۇلاپ ئاچقان ۋاقىتتا سېستىما <تېخى فورماتلانمىغان>(未格式化) دەپ ئۇچۇر كۆرسەتسە ساقلاش كارتىسىنى كىرەكلىك رەقەملىك ئۈسكىنىگە (يانفۇن ياكى رەقەملىك فوتو ئاپپارات) سىلىپ شۇ ئەسۋاپ تەمىنلىگەن سىستىما قۇرالىق ئارقىلىق شۇ ئەسۋابنىڭ ئۆزىدىلا فورماتلاش ئىلىپ بىرىش كىرەك .
شۇ ئىشلەتكۈچى ئەسۋاب ئارقىلىق فورماتلاش مەشغۇلاتى ئىلىپ بارغاندا شۇ ئەسۋابنىڭ توكىنىڭ يىتەرلىك بولىشىغا ئالاھىدە كاپالەتلىك قىلىش كىرەك ،چۈنكى فورماتلاش مەشغۇلاتى توكىنى بەك خورىتىدىغان مەشغۇلات بولغاچقا ئەگەر باتارىيەدە توك يىتەرلىك بولماي تۇرۇپلا فورماتلاش مەشغۇلاتى ئىلىپ بارغاندا يىرىمىغا كىلىپلا توكى تۈگەپ فورماتلاش تولۇق تۈگىمەستىنلا ساقلىغۇچنىڭ فېزىكىلىق بۇزلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ .شۇڭلاشقا مۇشۇنىڭغا ئالاھىدە دىققەت قىلىش كىرەك .
بارماق دىسكىنى بولسا بىۋاستىلا كومپىيۇتېر ئارقىلىقلا فورماتلىساق بولىدۇ (كومپىيۇتېردا فورماتلىغاندا بارماق دىسكىنىڭ ھۆججىت سىستىمىسىنى FAT32 قىلىپ تەڭشەش كىرەك ).
ساقلاش كارتىلىرىنى رەقەملىك ئۈسكىنىلەرگە نىسبەتەن ئىلىپ – سالغاندا چوقۇم شۇ ئۈسكىنە ئۆچۈك ھالەتتە بولىشى كىرەك ، بولۇپمۇ ئەقلى ئىقتىدارلىق يانفۇنلاردىن كارتىنى چىقارغاندا يانفۇننىڭ تاقاق بولىشىغا چوقۇم كاپالەتلىك قىلىش كىرەك .
بارماق دىسكا ۋە ساقلاش كارتىسىنى كومپىيۇتېرغا ئۇلاپ ئىشلىتىپ بولغاندىن كىيىن كومپىيۇتېردىن چىقىرۋىتىشتە ئاۋۋال ئۈستەل يۈزى ئوڭ تەرەپ ئاستىدىكى يىشىل بەلگىنى يەنى قاتتىق دىتالنى بىخەتەر ئۆچۈرۈش (安全删除硬件) نى باسىمىز ،بۇ ۋاقىتتا بارماق دىسكا ياكى كارتا ئوقۇغۇچنىڭ كۆرسەتكۈچ چىرىغى ئۆچىدۇ شۇ ۋاقىتتىلا ئاندىن كومپىيۇتېردىن چىقىرۋالساق بولىدۇ .
كۆپ كۆرۈلدىغان كاشلىلار ۋە بىرتەرەپ قىلىش ئۇسۇللىرى
1.



Computer
يازمىلار: 88
تىزىملانغان ۋاقتى: جۈمە ئاۋغۇست 31, 2007 3:53 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Computer » يەكشەنبە ئاۋغۇست 31, 2008 11:30 am

ياخشى تىيما ئىكەن، 60-بەتتە كۆردۈم ماقالىڭىزنى.
بۇ يەرگە چاپلاپ ياخشى قىپسىز، ژورنالنى دائىم كۆرەلمەيدىغانلارغا ياخشى پايدىلانغۇ بولغۇدەك.

ئىنكاس يوللاش
[phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/vendor/twig/twig/lib/Twig/Extension/Core.php on line 1275: count(): Parameter must be an array or an object that implements Countable
[phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/vendor/twig/twig/lib/Twig/Extension/Core.php on line 1275: count(): Parameter must be an array or an object that implements Countable

گە قايتىش

توردىكى ئەزالار

مۇنبەردىكى ئەزالار: 6 ۋە 0 مېھمانلار