[ياردەم]Windows XP x64 Edition گە ئۇيغۇرچە كىرگۈزۈش

ئىنكاس يوللاش [phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/vendor/twig/twig/lib/Twig/Extension/Core.php on line 1275: count(): Parameter must be an array or an object that implements Countable
kurbanjan1998
يازمىلار: 1
تىزىملانغان ۋاقتى: جۈمە ماي 15, 2009 10:59 am
ئالاقىلىشىش:

[ياردەم]Windows XP x64 Edition گە ئۇيغۇرچە كىرگۈزۈ

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان kurbanjan1998 » جۈمە ماي 15, 2009 11:48 am

خىزمەت ئېھتىياجى تۈپەيلىدىن يېقىندا 8 گىگابايتىسلىق ئىچكى ساقلىغۇچ ئورنىتىلغان، 500 گىگابايتىسلىق قاتتىق دىسكىلىق ئۈستەل كومپۇتېرىدىن بىرنى ئالغان ئىدىم. Windows Vista نىڭ 32- بىت نۇسخىسى 4 گىگابايتىسلىقتىن ئارتۇق ئىچكى ساقلىغۇچنى تونۇپ بېرەلمەيدىغان بولغاچقا، ماشىنامغا Windows XP نىڭ 64 - بىت نۇسخىسىدىن بىرنى (ھەقىقىي نۇسخا) ئورناتتىم. بۇ ھەقىقەتەن ئىچكى ساقلىغۇچنى تولۇق تونۇپ بەردى. ئەمما «ئويغان» ياكى «ئەل كاتىپ» نىڭ ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچلىرىنى شۇلارنىڭ توربەتلىرىدىكى كۆرسىتىلگەن يول بويىچە ئورنىتىپ باققان بولساممۇ ماشىنا « ئەرەبچە توغرا ئورنىتىلمىغان» دەپ ئىنكاس قايتۇرۇپ تۇرىۋالدى. بولمىسا ئوخشاش ئۇسۇل ماشىنامدا Windows Vista ياكى Windows XP نىڭ 32- بىت نۇسخىسى بار ۋاقىتلاردا نورمال ئىشلىگەن ( تېخى ئۆتكەن ھەپتە). شۇنىڭ بىلەن Windows XP نىڭ 2- ۋە 3- مۇلازىمەت يامىقىنى چۈشۈرۈپ ئورنىتىپ باقساممۇ ئەھۋالدا ئۆزگىرىش بولمىدى. ئەمدى Windows Vista نىڭ 64 - بىت نۇسخىسىنى ئالاي دېسەم مەن تۇرىۋاتقان ياۋروپادا ئۇ ماڭا 350 ياۋروغا توغرا كەلگىدەك. ۋەتەندىن ئېلىپ كەلگەن خەنزۇچە ساختا نۇسخىسىنى ئىشلىتەي دېسەم بۇ يەردە بىر ئايدىن ئارتۇق ئىشلىمەيدىكەن. مېنىڭ بىلمەكچى بولغىنىم:
1: يۇقۇرقى ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچلەر Windows XP نىڭ 64 - بىت نۇسخىسىدا ئىشلەمدۇ؟
2. ئەگەر ئىشلىمىسە بۇنىڭغا باشقا بىرەر چارە بارمۇ؟
بىلىدىغان قېرىنداشلارنىڭ ياردىمىنى ئايىماسلىقىنى سورايمەن. ياردىمىڭلار ۋە مەسلىھەتىڭلار ئۈچۈن كۆپ رەھمەت.

[[i] بۇ يازمىنى ئاخىرقى قېتىم تەھرىرلىگۈچى: kurbanjan1998 ، ۋاقتى: 2009-5-15 17:57 [/i]]

[[i] بۇ يازمىنى ئاخىرقى قېتىم تەھرىرلىگۈچى: Intil ، ۋاقتى: 2009-5-24 22:11 [/i]]



Computer
يازمىلار: 88
تىزىملانغان ۋاقتى: جۈمە ئاۋغۇست 31, 2007 3:53 am
ئالاقىلىشىش:

سالام

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Computer » پەيشەنبە ماي 21, 2009 3:36 am

مىنىڭچە زور كۆپچىلىكىمىز 64بىتلىق نۇسخىسىنى ئىشلىتىپ باقمىغان چىغى، شۇڭا سىزگە جاۋاب قايتۇرالمىغان گەپ.
32بىت نۇسخىسىدا ئىشلىگەن نەرسە چوقۇم 64بىتلىقتىمۇ ئىشلىشى كىرەك ئىدىغۇ، ئەرەبچە تىل تاللاش بۆلىكى توغرا چىقامدۇ سىزنىڭكىدە؟ ئەگەر ئەرەبچە بۆلىكى بولمىسا كونترول تاختىسى --- رايۇن ۋە تىل تاللانمىلىرى--دىن --- تىل كارتىسىدىكى ئاستىنقى قىسمىدىكى تاللاشلارغا توغرا بەلگىسى قويغاندىن كېيىن ئاندىن يۇقارقى ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچلەرنى قاچىلاپ كۆرۈپ بىقىڭ.

Intil
يازمىلار: 485
تىزىملانغان ۋاقتى: پەيشەنبە ئاپرىل 12, 2007 4:50 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Intil » يەكشەنبە ماي 24, 2009 4:06 pm

ياردەم تېمىسىغا «ياردەم» دەپ قوشۇپ قويۇڭلار.

ئىنكاس يوللاش
[phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/vendor/twig/twig/lib/Twig/Extension/Core.php on line 1275: count(): Parameter must be an array or an object that implements Countable
[phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/vendor/twig/twig/lib/Twig/Extension/Core.php on line 1275: count(): Parameter must be an array or an object that implements Countable

گە قايتىش

توردىكى ئەزالار

مۇنبەردىكى ئەزالار: 1 ۋە 0 مېھمانلار