پەنسانار (كومپىيۇتۇر)غا win7 قاچىلىۋىلىڭ!

ئىنكاس يوللاش [phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/vendor/twig/twig/lib/Twig/Extension/Core.php on line 1275: count(): Parameter must be an array or an object that implements Countable
شەمشەر
يازمىلار: 9
تىزىملانغان ۋاقتى: سەيشەنبە ئىيۇن 15, 2010 12:18 pm
ئالاقىلىشىش:

پەنسانار (كومپىيۇتۇر)غا win7 قاچىلىۋىلىڭ!

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان شەمشەر » چارشەنبە ئىيۇن 16, 2010 2:33 am

[size=5] ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىندىشىم!
ئەسكەرتىش: يازمامدا كومپىيۇتۇر ئاتالغۇسى پەنسانار دەپ ئىلىنىدۇ، توغرا چۈشۈنەسىلەر
سىز بەلكىم ھازىرغىچە شۇ xp نى ياكى vista نى ئىشلىتىۋاتقانسىز، زامان ھازىر نەدە ، بىز نەدە. windows شىركىتى 2009 -يىلى xp,vista لاردىن يىڭى بولغان win7 سىستىمىسىنى ئىلان قىلدى، بۇ سىستىما ھازىر ئاساسەن ئومۇملاشتى دىيىشكە بولىدۇ. بەزىلەر بۇنى ئىشلەتسەك ياخشى ئەمەسكەن، بەزى يۇمتاللارنى قوللىمايدىكەن دىيىشىڭلار مۇمكىن، لېكىن ئەمەلىيەتتە ئۇنداق ئەمەس، مەن بۇ سىستىمىنى ئىشلىتىۋاتقىلى مانا يىرىم يىل بولدى، بىرەر يۇمتالنى تونۇمىغىنىنى بىلمەيمەن. xpدا قىلغاننىڭ ھەممىنى ئوخشاشلا قىلغىلى بولىدىكەن.
بەلكىم سىز win7 ghost نۇسخىسىنى ئىشىلىتىۋاتقانسىز، ئەمدى ئۇنداق ghost نۇسخىنى تاشلاڭ. مەن سىزگە بىر ھەقىقى نەشىردىكى win7 نى تونۇشتۇرىمەن.
لىكىن بۇ سىستىمىنىڭ پەنسانارغا قويىدىغان تەلىپى سەل يۇقۇرى. سىزنىڭ پەنسانارىڭىزنىڭ ئىچكى ساقلىغۇچىسى چوقۇم 1G دىن چوڭ بولىشى كېرەك! ئەگەر بۇ شەرتكە چۈشسىڭىز قىنى باشلايلى.
مەنمۇ دەسلەپ كومپىيۇتۇرۇمنى سىتىۋالغاندا (توردىن سىتىۋالغان) ئىچىگە ھىچ نىمە قاچىلىماي قۇرۇقلا ئەۋەتىپتىكەن، دەسلەپتە xp ئىشلەتتىم كىيىن vista ئىشلەتكىم كىلىپ، ۋىستا قاچىلىتاي دەپ بازارغا ئاچىقسام 200 يۇەن دىمەسمۇ، ئاچچىقىم كىلىپ بولدىلا دەپ يىنىپ كىرىپ ghost نۇسخىسىنى چۈشۈرۈپ ئىشلەتتىم، لېكىن بۇ تازا ياقمىدى، ئەمدى قانداق قىلاي دەپ ئولتاسام بىر يەردە windows شىركىتىنىڭ باياناتى تۇرىدۇ، يىزىلغىنىدا vista سىستىمىسى windows تارىخىدىكى ئەڭ ناچار سىستىما ئىكەن. شۇنىڭ بىلەن ئۇيان ئىزدەپ بۇيان ئىزدەپ مۇشۇ سىستىمىغا ئۇچىرىشىپ قالدىم ، ئىشلىتىش جەريانىدا نۇرغۇن ئەسلى نۇسخا دەپ ئاتالغان بازاردا بىرەر ئىككى يۈز يۇەندىن ساتىدىغان سىستىمىدىنمۇ ياخشىلىقىنى ھىس قىلدىم( ئەلۋەتتە بۇنى باشقىلار ئىنكاس قىلغان) . شۇنىڭ بىلەن بۇنى سىلەرگە سۇندۇم.ئەگەر يولۇققان ھەرقانداق مەسىلە بولسا سۇنساڭلار كۈچۈمنىڭ يىتىشىچە ياردەم قىلىمەن. سىلەر سورىساڭلار شۇ بانادا بىزمۇ ئىزدىنىپ ئۈگۈنۈپ قىلىشىمىز مۇمكىن،
مانا بۇ ئۆز ئارا ئۈگۈنۈش ئەلۋەتتە.

چۈشۈرۈش ئادرىسى: [url=ftp://124.115.177.55/共享文件夹/装机工具/7600.16385.090713-1255_x86fre_client_zh-cn_Retail_Ultimate-GRMCULFRER_CN_DVD.iso]چۈشۈرىمەن[/url] سىغىمى 2.43G كىلىدۇ. سەل چوڭراق!

چۈشۈرۈپ بولغاندىن كىيىن winrar دىن پايدىلىنىپ پىرىستىن يىشىڭ.

ئاندىن يىشىلگەن ھۆججەت قىسقۇچ ئىچىنى ئىچىڭ، ئىچىدىكى رەڭلىك ھالەتتە
كۆرۈلگەن setup.exe نامىدىكى رەسسىمنى چىكىڭ،
ئىچىلغان ھالەتتىن سىز 现在安装 دىگەننى تاللاڭ، چاشقىنەك بىلەن چەكسىڭىز بولىدۇ.
سەل ساقلاپ تۇرۇپ يەنە ئىچىلغان كۆزنەكتىن ئىككىنچىسىنى يەنى خاتا بەلگىسى بار بولغان ھالەتتىكىنى تاللاڭ. بۇنىمۇ چاشقىنەك بىلەن چىكىڭ!
ئاندىن سىزدىن توختامغا قوشۇلۇشنى تەلەپ قىلغان بىر كۆزنەك ئىچىلىدۇ، بۇنىڭدىن سىز قوشۇلۇشنىڭ ئالدىغا توغرا بەلگىسى قويۇپ، كىيىنكى قەدەمنى يەنى 下一步 نى بىسىڭ.
ئىچىلغان كۆزنەكتىن يەنىلا ئىككىنچىسىنى يەنى 自定义(高级) دىگەننى تاللاڭ.ئىچىلغان كۆزنەكتىن سىز قايسى دىسكىنى تاللىسىڭىز بولىۋىرىدۇ، ئەگەر ھازىرقى xp نىمۇ بۇ win7 نىمۇ ئىشلەتسەم دەپ ئويلىسىڭىز بۇمۇ بولىدۇ. سىز D نى تاللىۋەتسىڭزلا بۇ مەقسەتكە يىتەلەيسىز، يەنى C دىسكىدا xp نى D دىسكىدا win7 نى ئىشلىتەلەيسىز. (مەن بۇ يەردە ئازراق قوشۇپ قويۇشنى ئويلاپ قالدىم، يەنى قوش سىستىما ئىشلىتىش ھەققىدە، مەنمۇ قوش سىستىما ئىشلىتىۋاتقان، لىكىن بىر قىتىم xp بۇزۇلۇپ قىلىپ قايتا قاچىلىسام، چاتاق چىقتى، يەنى win7 نى قوزغۇتالماي قالدىم، شۇنىڭ بىلەن ئۇيان ئىزدەپ بۇيان ئىزدەپ بىر يۇمشاق دىتال تاپتىم. بۇ نەرسىنى xp شارائىتىدا قوزغۇتۇپ قويسىڭىز بىردەمدىن كىيىنلا win7 نىڭ قوزغۇتۇش پىروگىراممىسىنى قوشۇپ بىرىدىكەن، قايتا قوزغاتقاندا تاللاش تۈرى چىقىدىكەن، بۇنداق بولغاندا ئىككى سىستىمىنى ئايرىم ئايرىم قاچىلاپ ئاندىن شۇ نەرسىدىن پايدىلىنىپ قوزغۇتۇش تۈرىنى تاللىۋەتسىلا بولىدىكەن، ماڭا بەك ياقتى. ئەگەر ئىھتىياجلىقلار بولسا يىڭى تىما ئارقىلىق يوللايمەن!)
ئەگەر C نى تاللىسىڭىز xp نىڭ ئورنىغا win7 نى قاچىلايدۇ. ئەگەر پۇشايمان قىلسىڭىز مۇشۇ باسقۇچتا يىنىۋالسىڭىزمۇ ئۈلگۈرىسىز! قاچىلاپ بولغانىدىن كىيىن سىز توردىن ئاكتىپلاش دىتالى چۈشۈرۈپ سېستىمىڭىزنى تىزىملىتىۋىتىڭ ، چۈنكى ئۇنداق قىلمىسىڭىز پەقەت 30 كۈنلا ئىشلىتەلەيسىز! قانداق ئاكتىپلاشتۇرىمەن دەپ سورايسىز ھەقاچان، بۇنىڭ ئامالىمۇ بار، [url=http://down2.jz5u.com/dpin/0000000275012784218/1259037538/83a55eaedf99a62519bc4da246eec1af/soft-2009-12/win7loader.rar]بۇنى چۈشۈرۈڭ[/url]
ئاندىن پىرىستتىن يىشىپلا ئىچىدىكىنى قوزغاتسىڭىز ئاندىن 激活 دىگەننى چىكىۋىتىپ بىردەم ساقلاپ تۇرسىڭىز، قايتا قوزغىتىشنى تەلەپ قىلغاندا قايتا قوزغاتسىڭىزلا بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن سىز ھەقىقى نەشىردىكى بىر win7 غا ئىرىشتىڭىز دىگەن گەپ،
مەسىلە بولسا سوراڭ! قولۇمدىن كىلىشىچە ياردەم قىلىمەن!
شەمشەر يازمىسى![/size]



شەمشەر
يازمىلار: 9
تىزىملانغان ۋاقتى: سەيشەنبە ئىيۇن 15, 2010 12:18 pm
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان شەمشەر » چارشەنبە ئىيۇن 16, 2010 3:21 am

ھە راست ئۇنتۇپ قاپتىمەن، بۇلارنىڭ ھەممىنى چوقۇم چاقماق چۈشۈرگۈچتە چۈشۈرىسىز- ھە!
بولمىسا چۈشۈرەلمەسلىكىڭىز مۇمكىن!

ئىنكاس يوللاش
[phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/vendor/twig/twig/lib/Twig/Extension/Core.php on line 1275: count(): Parameter must be an array or an object that implements Countable
[phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/vendor/twig/twig/lib/Twig/Extension/Core.php on line 1275: count(): Parameter must be an array or an object that implements Countable

گە قايتىش

توردىكى ئەزالار

مۇنبەردىكى ئەزالار: 2 ۋە 0 مېھمانلار