قاتتىق دىسكا رايونىنى يوشۇرۇش ۋە چەكلەش ئۇسۇلى

ئىنكاس يوللاش [phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/vendor/twig/twig/lib/Twig/Extension/Core.php on line 1275: count(): Parameter must be an array or an object that implements Countable
kulke0997
يازمىلار: 111
تىزىملانغان ۋاقتى: پەيشەنبە نويابىر 29, 2007 10:40 am
ئالاقىلىشىش:

قاتتىق دىسكا رايونىنى يوشۇرۇش ۋە چەكلەش ئۇسۇلى

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان kulke0997 » پەيشەنبە سېنتەبىر 02, 2010 6:17 am

بەزى ۋاقىتلاردا كومپيۇتېرىڭىزدىكى قاتتىق دىسكا رايونلىرىدىن بىرەرنى يوشۇرۇپ قويۇش ياكى چەكلەپ قويۇش ئېھتىياجى تۇغۇلىدۇ. يەنى C دىسكا رايونى ياكى شۇنىڭدەك باشقا دىسكا رايونلىرىنى يوشۇرماقچى ۋە زىيارەت قىلىشنى چەكلىمەكچى بولساق 超级兔子 ۋە 优化大师 غا ئوخشاش دېتاللارنى ئىشلىتىشكە توغرا كېلىدۇ. ئەمدى بۇ دېتاللار بولمىغان ئەھۋال ئاستىداچۇ؟ ئۇ چاغدا قانداق چەكلەيمىز ۋە يوشۇرىمىز؟ بەلكىم نۇرغۇن تورداشلار بىلمەسلىكى مۇمكىن. Windows نىڭ نۇرغۇن ئىقتىدارلىرى ئەمەلىيەتتە ئۆزىدە بار. بۇنى بىز ئىشلىتىپ باقمىغان ۋە ياكى ئىشلىتىش ئۇسۇلىنى بىلمىگەنلىكتىن يۇقارقىدەك قولايلىق دېتاللارغا ھاجىتىمىز چۈشىدۇ ۋە ئارتۇق يۈك قىلىپ ئۇ دېتاللارنى قاچىلىۋالىمىز. 超级兔子 ۋە 优化大师 غا ئوخشاش باشقا دېتاللارمۇ ئەمەلىيەتتە ئالاھىدە ئىقتىدار بار دېتاللار ئەمەس پەقەت سىرتقى شەكىل ئارقىلىق ئىچكى جەھەتتە windows نىڭ ئۆزىدە بار بولغان ئىقتىدارلىرىنى بىزگە تېزلا كۆرسىتىپ بېرىدۇ ۋە ئەلالاشتۇرۇپ بېرىدۇ خالاس. تۆۋەندە مەن ئۇ دېتاللارنى ئىشلەتمەي تۇرۇپمۇ سىستېمىمىزنىڭ قاتتىق دىسكا رايونلىرىنى يوشۇرۇش ۋە زىيارەت قىلىشنى چەكلەش ئۇسۇللىرىنى كۆرسىتىپ ئۆتمەكچىمەن.
ئاۋۋال قاتتىق دىسكىدىكى مەلۇم رايوننى يوشۇرۇشنى كۆرسىتىپ ئۆتەي؛
ئالدى بىلەن «باشلاش» تىزىملىك رايونىدىن «ئىجرا قىلىش» تۈرىنى چېكىپ تۆۋەندىكى بۇيرۇقنى يازىمىز.
[code]
gpedit.msc
[/code]
[img]http://yuk.qutyar.net/eser/kompiyuter/windows/20100902/e19af2e3168ff960fecb54e5e4f8fe09.jpg[/img]
ئاندىن چىققان كۆزنەكتىن «ئەزا ئورۇنلاشتۇرۇش»(用户配置) تۈرىگە كىرىمىز، ئۇنىڭدىن «قېلىپ باشقۇرۇش» (管理模板) غا كىرىپ «Windows بىرىكمە دېتالى» (Windows组件) نى تاللاپ ئاستىدىكى «Windows مەنبە باشقۇرغۇچى» (Windows资源管理器) دېگەن تۈرنى تاللايمىز. ئاندىن ئوڭ تەرەپتىكى [«كومپيۇتېرىم» دىكى بىر قىسىم قوزغاتقۇچلارنى يوشۇرۇش](隐藏"我的电脑"中这些指定的驱动器) دېگەن تۈرنى تاللايمىز، تۆۋەندىكى رەسىمدىكىدەك:
[img]http://yuk.qutyar.net/eser/kompiyuter/windows/20100902/edd315854489fa4096d3597a826a8c7d.jpg[/img]
ئاندىن بۇ تۈرنى قوش چەكسەك تۆۋەندىكىدەك كۆزنەك چىقىدۇ:
[img]http://yuk.qutyar.net/eser/kompiyuter/windows/20100902/f4356896a82f9b51802d312142200bea.jpg[/img]
ئەسلى نورمال ھالەتتە بۇ«ئورۇنلاشتۇرۇلمىغان»(未配置) ھالىتدە تۇرىدۇ. بىز ئاستىدىكى «قوزغىتىش»(已启用) نى تاللاپ «تۆۋەندىكى بىرىكمدىن بىرنى تاللاڭ» تۈرىدىن «پەقەت C قوزغاتقۇچنىلا» تۈرىنى تاللاپ قويىمىز. تۆۋندىكى رەسىمدىكىدەك: (بۇ يەردە مەن C رايوننى يوشۇرۇشنى مىسالغا ئالدىم باشقا رايونلارنىمۇ تاللاپ يوشۇرۇۋالساق بولىدۇ)
[img]http://yuk.qutyar.net/eser/kompiyuter/windows/20100902/676e2f47a55607e33b649a6e37732ed1.jpg[/img]
ئاندىن «ئىشلىتىش»(应用) نى بېسىپ جەزملىۋەتسەك ئىش تامام.
ئەمدى سىز «كومپيۇتېرىم» ئىچىگە كىرىپ قارسىڭىز C رايون يوق ھالەتتە چىقىدۇ. دېمەك سىز دېتال ئىشلەتمەيلا C رايوننى يوشۇرۇۋالدىڭىز.

ئەمدى بىز مەلۇم رايوننى زىيارەت قىلىشنى چەكلەش ئۇسۇلىنى كۆرۈپ ئۆتەيلى.
يۇقارقى باسقۇچلارنى بېسىپ بولغاندىن كېيىن تۆۋەندىكىدەك قىلساقلا بولىدۇ:
[img]http://yuk.qutyar.net/eser/kompiyuter/windows/20100902/ff46bdb9b0b7f5bbfc99d6c86938f246.jpg[/img]
ئاندىن «كومپيۇتېرىمدىكى قوزغاتقۇچلارنى زىيارەت قىلىشنى چەكلەش» نى قوش چېكىپ ئاچىمىز ۋە تۆۋەندىكىدەك تەڭشەيمىز.
[img]http://yuk.qutyar.net/eser/kompiyuter/windows/20100902/d604d5a4d821911dd169a4c147c0ff62.jpg[/img]
بۇنىمۇ جەزملەپ بولغاندىن كېيىن C رايوننى قوش چېكىپ ئاچسىڭىز تۆۋەندىكىدەك ئۇچۇر چىقىدۇ:
[img]http://yuk.qutyar.net/eser/kompiyuter/windows/20100902/f85b67bf3bf2d1a886b04086407bd5aa.jpg[/img]
مانا سىز بۇ ئۇسۇل بىلەنمۇ قاتتىق دىسكىڭىزدىكى مەلۇم رايونلارنى يوشۇرۇپ قويالىدىڭىز. قانداق بۇ ئۇسۇللار بولامدىكەن؟ يارىغان بولسا ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ ئىشلىتىپ كۆرۈڭ. بۇ ئۇسۇللار سىناقتىن ئۆتكەن مەن بىرقانچە قېتىم سىناپ ئاندىن يوللىغان. شۇڭا خاتىرجەم سىنىسىڭىز بولىدۇ.ئەمما مەشغۇلاتنى خاتا قىلىپ كېلىپ چىققان ئاقىۋەتكە مەن مەسئۇل بولمايمەن.
قوشۇمچە:
يۇقارقى تۈرنىڭ ئىچىدە يەنە نۇرغۇن سىستېمىنىڭ ئىقتىدارلىرىنى ئاچىدىغان ۋە تاقايدىغان تۈرلەر بار. ۋاقتىڭىز بولسا سىناپ باقسىڭىز بولىدۇ. ئەمما كومپيۇتېردىن جىق خەۋىرىڭىز بولمىسا بەك ئېتىشىپ كەتمەڭ. بولمىسا سىستېمىنى بۇزۇپ قويۇشىڭىز مۇمكىن.



ئىنكاس يوللاش [phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/vendor/twig/twig/lib/Twig/Extension/Core.php on line 1275: count(): Parameter must be an array or an object that implements Countable
[phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/vendor/twig/twig/lib/Twig/Extension/Core.php on line 1275: count(): Parameter must be an array or an object that implements Countable
[phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/vendor/twig/twig/lib/Twig/Extension/Core.php on line 1275: count(): Parameter must be an array or an object that implements Countable

گە قايتىش

توردىكى ئەزالار

مۇنبەردىكى ئەزالار: 2 ۋە 0 مېھمانلار