شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇپ چىققان Linux

باش سۈرەت
gheyret
يازمىلار: 125
تىزىملانغان ۋاقتى: چارشەنبە ئاپرىل 04, 2007 12:34 pm
ئالاقىلىشىش:

شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇپ چىققان Linux

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان gheyret » جۈمە ئىيۇن 06, 2008 4:28 pm

سالام كۆپچىلىك، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇپ چىققان Linux نىڭ يېڭى نەشرى چىقتىمۇ؟ مەن بۇرۇن چىققان نەشرىنى كۆرگەن ئىدىم، ئۈستەل يۈزى مۇھىتى ئۈچۈن KDE ئىشلىتىپتىكەن، مەن ئۇنىڭ تەرجىمە ھۆججەتلىرىنى ئەسلىگە قايتۇرۇپ PO ھۆججىتى ھاسىل قىلغان ئىدىم.
مەن شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدىكىلەرنى تەرجىمە ھۆججەتلىرىنى چوقۇم KDE مەركىزىگە يوللاپ بېرىدىغۇ دەپ ئويلىسام، مانا 3 يىل بولدى KDE مەركىزىدە كۆرۈنمىدى. شۇڭا مۇشۇ پۇرسەتتە شۇ ھۆججەتلەرنى Ubuntu غا يوللىساق دەپ ئويلاۋاتىمەن. تەرجىمە ۋە ئىملادا خاتالىقلار خېلى بار ئىكەن. ئەگەر شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇپ چىققان Linux نىڭ يېڭى نەشرى بولسا (2005-يىلى 7-ئايدىن كېيىكى) شۇنىڭ تەرجىمە ھۆججەتلىرىنى ئەسلىگە قايتۇرۇپ ئىملا ۋە باشقا خاتالىقلارنى تۈزىتىپ Ubuntu غا يوللىساق دېگەن ئويدا، كۆپچىلىك قانداق قارايدىكىن.


غەيرەت كەنجى

adil
يازمىلار: 4
تىزىملانغان ۋاقتى: دۈيشەنبە سېنتەبىر 17, 2007 3:07 pm
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان adil » شەنبە ئىيۇن 07, 2008 7:32 am

بەلكىم شۇنداق قىلىش ھازىرقى ياخشىراق ئامال بولۇشى مۇمكىن. چۈنكى بىر مەشغۇلات سېستىمىسىنى تەرجىمە قىلىپ چىقىش ئۇنچە ئاسان ئىش ئەمەس. ubuntu نىڭ تەرجىمە قىلىش تور بىتىگە كىرىپ قاراپ باقسام خىلى كۆپ چوڭ تىللاردىكى تەرجىمىسىمۇ 90% دىن ئاشقانلىرى ئازكەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇنىڭ يىڭىلىنىشىمۇ شۇنداق تىز. شۇڭا مۇشۇ ھازىرقى ئاسانراق ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولىدىغان يول بولسا كىرەك.

uiim
يازمىلار: 12
تىزىملانغان ۋاقتى: شەنبە ئۆكتەبىر 13, 2007 10:56 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان uiim » يەكشەنبە ئىيۇن 08, 2008 3:47 am

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!
مېنىڭچە بۇ ئىشقا ئەسلىدىكى تەرجىمە قىلغان ئورۇننىڭ ماقۇللىقىنى ئالغان ئاساستا بىر تەرەپ قىلساق دەيمەن.:)

باش سۈرەت
gheyret
يازمىلار: 125
تىزىملانغان ۋاقتى: چارشەنبە ئاپرىل 04, 2007 12:34 pm
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان gheyret » دۈيشەنبە ئىيۇن 09, 2008 1:06 pm

ئەسسالامۇئەلەيكۇم،

قارىغاندا يېڭى نەشرىنىڭ بار يوقلىغىنى ھېچكىم بىلمەيدىغان ئوخشايدۇ.
كۆپچىلىكنىڭ تەرجىمە ئىشلىرىغا پايدىسى بولۇپ قالسۇن دېگەن ئۈمىدىدە KDE نىڭ تەرجىمە قىلىنغان ھۆججەتلىرىنى(شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئۇيغۇرچىلاشتۇرغان Linux) تورغا قويۇپ قويدۇم پايدىلىنارسىلەر.
[url]http://kenjisoft.homelinux.com/kde_txt.zip[/url]
غەيرەت كەنجى

adil
يازمىلار: 4
تىزىملانغان ۋاقتى: دۈيشەنبە سېنتەبىر 17, 2007 3:07 pm
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان adil » دۈيشەنبە ئىيۇن 09, 2008 1:48 pm

ئۇ 4.1 نەشىرىدىن كىيىن يىڭىلانمىدى، ئۇنى داۋاملاشتۇرۇشنى ئويلاشمىدىمۇ قانداق؟ Red Flag Linux نىڭ 5.0 نەشىرلىرى چىققان چاغلاردا ئاشۇ بۇرۇنقى ئۇيغۇرچلاشتۇرۇش ھۆججەتلىرىنى ئىشلىتىپ باقسام ئىشلىمىگەن، قىزىل بايراق شىركىتى 5.0 نەشىرىدە خىلى چوڭ ئۆزگىرىشلەرنى كىرگۈزگەن بولۇپ، بۇرۇنقى نەشىرىدىكى ئىشلىتىش ئۇسۇللىرىدىن تارتىپ خىلىلا چوڭ ئۆزگەرتىشلەرنى قىپتىكەن، شۇڭا بۇرۇنقى بىر قىسىم يۇمشاق دىتاللارمۇ ئىشلىمەيدۇ دىگەننى كۆرگەندەك قىلغان. ئىشقىلىپ شىنجاڭ ئۇنۋېرستىتىدىكىلەرنىڭ بۇ ئىشنى قايتا تىلغا ئالغىنىنى ئاڭلاپ باقمىدۇق.
ئەمدى ئۇلارنىڭ ماقۇللىقىنى ئىلىشقا كەلسەك، بۇ ئىشقا ماقۇللۇق بىرەلىگىدەك كىسىپ بىر نەرسە دىيەلەيدىغان ئادەمنى تاپماق ناھايىتى مۈشكۈل. گەرچە شىنجاڭ ئۇنۋېرستىتىدىكىلەر بۇ ئۇيغۇرچە نەشىرىنى ئەسلى كودىنى قوشۇپ، قايتا تارقاتسا بولىدىغان قىلىپ تارقاتمىغان بولسىمۇ، لىكىن Linux ئەسلىدىنلا ئەركىن ئۆزگەرتىپ، يىڭىلاپ تارقاتسا بولىدىغان ئەركىن يۇمشاق دىتال بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۇنچە چوڭ چەكلىمىگە ئۇچرىماسلىقى كىرەكتى(ئەلۋەتتە سودىغا ئىشلىتىدىغان كەسپىي ياكى مۇلازىمىتىر نۇسخىسى بولمىغاندىكىن). ئۇنىڭ ئۈستىگە شىنجاڭ ئۇنۋېرىستىتى بۇ نۇسخىسىنى تارقاتقاندىن كىيىن ئۇنىڭغا قارىتا يىڭلاش ۋە قوللاش مۇلازىمىتى تەمىنلىمىگەچكە، ئۇلارمۇ بۇ ئىشلارغا قارشى چىقىپ نەشىر ھوقۇقى دەۋاسى قىلىپ يۈرىشى ناتايىن، شىنجاڭ ئۇنۋېرىستىتىدىكىلەر ئۇنچىلكمۇ بولۇپ كەتمىگەندۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە بىرسى بۇنى پۇلغا سىتىشنى، پايدا ئىلىشنى كۆزلەپ قىلمىغاندىكىن، ئۇيغۇرلار ئۈچۈن دەپ قىلىۋاتقاندىكىن. ئۇلارنىڭ ماقۇللىقىنى ئىلىپ يۈرۈشنىڭ زۆرۈرىيىتى يوق دەپ ئويلايمەن(ھەم ماقۇللۇق بىرىش بەرمەسلىككە بىر نەرسە دەيدىغان ئادەمنىمۇ تاپماق تەس).

Intil
يازمىلار: 485
تىزىملانغان ۋاقتى: پەيشەنبە ئاپرىل 12, 2007 4:50 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Intil » دۈيشەنبە ئىيۇن 09, 2008 2:03 pm

بۇ تېمىدا ساتىمەن دېگەن گەپ باركەن
[url]http://www.intil.cn/bbs/ShowPost.asp?ThreadID=5417[/url]

Eltekin
يازمىلار: 193
تىزىملانغان ۋاقتى: يەكشەنبە ئاپرىل 22, 2007 5:28 pm
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Eltekin » سەيشەنبە ئىيۇن 10, 2008 2:03 pm

سالام كۆپچىلىك. شىنجاڭ ئونۋېرسىتىتى ئۇ لىنۇكىس نى دۆلەتنىڭ نەچچە يۈز مىڭ يۈەنلىك تەتقىقات يۈەنلىك مەبلىغىنى ئېلىش ئۈچۈن تەرجىمە قىلغان بۇلۇپ، تەرجىمە قىلىپ بۇلۇپ دۆلەتكە دوكىلات قىلىپ بۇلۇپ ئالقىشقا ئىرىشىپ بولغاندىن كىيىنلا ( تەتقىقات مەبلىغىنى تۈگۈتۈپ بۇلۇپلا) ئاخرىنى ئويلاشمىغان. ئەگەر يەنە تەرجىمە قىلىشقا توغرا كەلسە دۆلەت قايتا تەتقىقات مەبلىغى بەرمىسە ئېتىۋەتسىمۇ داۋاملاشتۇرمايدۇ. دىمەك، خەلىق ئۈچۈن دەپ قىلىدىغانلار ئاز. شۇڭا ، بىز ئۇلارنىڭ قىلغىنىنى كۈرۈپ پايدىلانساق ، زۈرۈر تېپىلغاندا ئىشلەتسەك تامامەن بۇلىدۇ. چۈنكى ئۇنىڭغا دۆلەت مەبلەغ بەرگەن بولسىمۇ تىگىشلىك ھەق بىرىلىپ بولغان. دۆلەتنىڭ پۇلى خەلىقتىن كىلىدۇ. دىمەك خەلىق شىنجاڭ ئونۋېرسىتىتىنى قوللىغان ۋە تەتقىقات مەبلىغى بەرگەن. نەشىر ھۇقۇقى دەيدىغانغا سەت تۇرا. چۈنكى بۇنى يەنىلا ئۇيغۇر ئۈچۈن ئىشىلتىمىز. ھەرگىزمۇ مەلۇم بىر شەخسنىڭ مەنپەتى ئۈچۈن قىلمايۋاتىمىز. شىنجاڭ ئونۋېرسىتىتىدىكى قېرىنداشلىرىمىزمۇ ئوخشاشلا ئۇيغۇر خەلىق ئۈچۈن دەپ تەرجىمە قىلغان تۇرسا.
شىنجاڭ ئونۋېرسىتىتى قوللاپ بەرسە بۇلىدۇ.

Sawut
يازمىلار: 9
تىزىملانغان ۋاقتى: شەنبە ماي 26, 2007 10:55 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Sawut » شەنبە ئىيۇن 14, 2008 5:12 pm

شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتىتىدىكىلەر ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇشغان Red Flag Linux نىڭ نەشرى 4.1 دە توختاپ قالغان ئوخشايدۇ. ئالدىنقى يىللىرى پۈتۈن شىنجاڭنى ئايلاندۇرۇپ كۆرگەزمە قىلغان ھەم ھەقسىز ھالدا چەكلىك ساندا تارقاتقان ئېدى . ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي Red Flag Linux نىڭ 5.0 نەشرى ئېلان قىلىندى . ھازىر 6.0 نەشرى ئېلان قىلىنغىلىمۇ يېرىم يىلدىن ئاشتى . ئۈستىدىكى تورداش دېگەندەك شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتىتىدىكىلەر ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇشغان يامىقىنى قاچىلاش ئەسلا مۈمكىن ئەمەس. ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچنى قاچىلاشمۇ مۈمكىن ئەمەس . ئۇلار ياسىغان ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچتە زور مەسىلە ساقلانغان. بولۇپمۇ قوش تىرناق يەنى « » چۈشۈپ قالغان . ئەمما مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە بولىدىغىنى Red Flag Linux نىڭ ئۇيغۇرچىسى ، Open Office نىڭ ئۇيغۇرچىسىغا ناھايىتى كۆپ ئەجىر سىڭدۈرگەن .
يىلنىڭ بېشىدا ئېلان قىلىنغان Open Suse Linux تا ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ قوشۇلغان. بۇ بەك مۇكەممەل بولغان ئىكەن . بۇ كىرگۈزگۈچنى مۇھەممەد ئابدۇللا ئەپەندى ياسىغان ئىكەن . مۇھەممەد ئابدۇللا ئەپەندى ئۆزىنىڭ «يۇلغۇن » تور بېتىدە تەمىنلىگەن Fedora Linux قا ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ قوشۇش ھەققىدىكى يازمىسىمۇ ئىنتايىن مۇكەممەل بولۇپ Fedora Linux نىڭ 8.0 نەشرىدىمۇ مۇۋەپپىقىيەتلىك ئىشلىدى . شۇغىنىسى قوش تىرناقنىڭ ئېچلىشى يېپېلىش تەرتىۋىدە مەسىلە بار . توغرا ئەمەس.
شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتىتىدىكىلەر ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇشغان Red Flag Linux نىڭ ئۇيغۇرچە Kde بۆلەكلىرىنى تۈزۈتۈپ ئىشلىتىش ئاقىلانە تاللاش . كېيىنكى قەدەمدە Open Office نىڭ ئۇيغۇرچە تىل ھۆججىتىنىمۇ پايدىلىنىشقا ئەرزىيدۇ .
Red Flag Linux نىڭ 6.0 نەشرىگە ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچنى قوشالمىغاندىن كېيىن ، ئەركىن باتۇر مۇئەللىمگە E-mail ئەۋەتكەن ئېدىم . ئەركىن مۇئەللىم ئۆزىنىڭ ئۇ گۇرۇپپىدىن چېكىنىپ چىققانلىقىنى ، باشقا تەپسىلاتتىن ئۆزىنىڭ خەۋەرسىز ئىكەنلىكىنى ، ئۆزىنىڭ باشقا تەتقىقات تېمىسى بىلەن ئالدىراش ئىكەنلىكىنى ئېيتقان ئېدى .

[[i] بۇ يازمىنى ئاخىرقى قېتىم تەھرىرلىگۈچى: Sawut ، ۋاقتى: 2008-6-14 23:14 [/i]]

ئىنكاس يوللاش

گە قايتىش

توردىكى ئەزالار

مۇنبەردىكى ئەزالار: 3 ۋە 0 مېھمانلار