Linux توغرىسىدا بىر نەچچە سۇئال !

DolanliK
يازمىلار: 34
تىزىملانغان ۋاقتى: پەيشەنبە سېنتەبىر 13, 2007 1:13 am
ئالاقىلىشىش:

Linux توغرىسىدا بىر نەچچە سۇئال !

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان DolanliK » پەيشەنبە ئىيۇن 17, 2010 2:33 am

ئەسسالامۇ - ئەلەيكۇم :
مەن UKIJ مۇنبىرىنىڭ قايتا ئېچىلغانلىقنى كۆرۈپ ناھايىتى خۇشال بولدۇم، ئۇزۇندىن بېرى يۇلۇققان مەسىللەرنى سورايدىغان جاي تاپالماي قالغان ئىدىم ، بۇ كومپيوتىر ئۇستىللىرى توپلاشقان جاينىڭ قايتا كۆز ئالدىمدا نامايەن بولغىندىن ھەقىقەتەن خۇشال بولدۇم .

مەن Linux مەشغۇلات سېستىمىسىغا قىزىقىپ (مەكتەپكە مەركەزدىن بەرگەن مۇلازىمىتىردا Linux سېستىمىسى بار ئىكەن ) قېلىپ، ئاز تۇلا مۇشۇ ھەقتە ئىزدىنىپ باقتىم ، ئەمما خەت ئۇقۇشنى بىلمىگەن ئادەمگە 1000 كىتابنى تىزىپ بەرگەن بىلەن بىر خەت ئۇقىيالمىغاندەك ، مىنىڭ بۇ سېستىما ھەققىدە ساۋادىم بولمىغاچقا قايسى جەھەتتە ئىزدىنىشنى بىلەلمىدىم .
مىنىڭ سۇرايدىغان سۇئاللىرىم تۆۋەندىكىچە: (مەن ئۆيۈمدىكى كومپيوتىرغا قاچىلاپ ئۆگەنمەكچى)
1. Linux نىڭ نۇرغۇن نەشىرلىرى ۋە تۈرلىرى بار ئىكەن ، مەن web مۇلازىمىتى قۇرۇشنى ئۆگەنمەكچى، شۇڭا قايسى نۇسخا ياكى نەشىرىنى ئىشلەتسەم بۇلىدۇ. (مەن Fedora بىلەن Redhat نى چۈشۈرۈپ ساقلاپ قويدۇم)
2. مەن قاتتىق دىسكامدىن 50G ئورۇننى مەخسۇس Linux قاچىلاش ئۈچۈن بوش قويدۇم ، ئەمدىكى مەسلە مۇشۇ رايۇننى Linux ئۈچۈن قانداق رايۇنلارغا ئايرىمەن ؟
3. قاچىلاپ بلغاندىن كىيىن web مۇلازىمتىنى قانداق قاچىلايمەن ؟
4. يەنە باشقا مەن بىلىشكە تىگىشلىك ئىشلار بارمۇ ؟

Linux مەشغۇلات سېستىمىسنى ئىشلىتپ باققان ۋە مۇشۇ ھەقتە بىلىمى بارلار ياردىمىڭلارنى ئايمىغايسىلەر !

ئىلخەت: [email]keysarjan@163.com[/email]



Uyson
يازمىلار: 4
تىزىملانغان ۋاقتى: دۈيشەنبە يانۋار 05, 2009 5:08 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Uyson » جۈمە ئىيۇن 18, 2010 4:36 am

مەن ئادەتتە Ubuntu نىڭ ئۇستەل نۇسقىسىنى ئىشلىتىپ باققان، XAMPP نى ئىشلىتىپ MySQL+PHP مۇلازىمىتىرى قۇرغىلى بولىدۇ.بەك ئاسان. ئادرىسى:[url]http://www.apachefriends.org/zh_cn/xampp-linux.html[/url]
مەن ئادەتتە پىروگىرامما ئېچىش ئۇچۇن ئىشلەتكەن. ئەگەر سىز بۇ مۇلازىمىتىرنى سىرىتقا ئېچىش ئۇچۇن ئىشلەتسىڭىز بىخەتەرلىكنى ئويلاشمىسىڭىز بولمايدۇ(بۇ توغرىسىدا ئانچە ئۇقمايمەن ).

[[i] بۇ يازمىنى ئاخىرقى قېتىم تەھرىرلىگۈچى: Uyson ، ۋاقتى: 2010-6-18 10:37 [/i]]

kumushoq
يازمىلار: 25
تىزىملانغان ۋاقتى: دۈيشەنبە ئاپرىل 13, 2009 9:44 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان kumushoq » جۈمە ئىيۇن 18, 2010 1:29 pm

لىنۇكىسنىڭ قايسىلا تۈرىدە بولسۇن مۇلازىمىتىر قۇرغىلى بولىدۇ، بىراق سىز لىنۇكىسقا يېڭى بولسىڭىز مېنىڭچە ئۇبۇنتۇ دىن باشلىسىڭىز ياخشىراق، باشتا ئۇبۇنتۇ دەسكتوپنى چۈشۈرۈپ ئىشىلتىپ ئاساسلىق بىلىملەرنى ئۆگىنىۋالغاندىن كېيىن ھەقىقىي مۇلازىمىتىر قۇرۇشقا توغرا كەلگەندە ئۇبۇنتۇ server نەشىرىنى ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ.
لىنۇكىسنى تۇنجى قېتىم قاچىلىغاندا دېسكىڭىزدىكى ئايرىغان 50 گىگابايت رايوننى ئايرىم بىر رايون قىلىپ ئۇنى ئۆچۈرىۋەتسىڭىز 50 گىگابايت ھېچقانداق رايونغا ئايرىلمىغان بوش ئورۇن پەيدا بولىدۇ، ئۇبۇنتۇنىڭ دېسكىسىنى سېلىپ ئورنىتىپ قاتتىق دېسكىنى رايونغا ئايرىش دېگەن يېرىگە كەلگەندە قاتتىق دېسكىدىكى بىكار يەرلەرنى ئىشىلتىمەن، ئاپتوماتىك رايونغا ئايرىسۇن دېگەننى تاللىسىڭىزلا ئاپتوماتىك بوش 50 گېگابايت ئورۇننى ئىشىلتىپ ئۇبۇنتۇنى ئورنىتىدۇ، ھەرگىز بارلىق قاتتىق دېسكا بوشلۇقىنى ئىشىلتىمەن دېگەننى تاللاپ سالماڭ.
قاچىلاپ بولغاندىن كېيىن apache, mysql دېگەنلەرنى قاچىلاپ مۇلازىمىتىرىڭىزنى تەڭشىسىڭىز بولىدۇ، بۇنى desktop ئۇبۇنتۇ دىمۇ قىلغىلى بولىدۇ، قىلىدىغان ئىش ئانچە جىق ئەمەس، ئەمما رەسىمىي ماڭدۇرۇش ئۈچۈن بىخەتەرلىك، تېزلىك دېگەندەك نەرسىلەرنى ئويلاشسىڭىز بەلكىم يەنە توردىن تەجىربىلىك كىشىلەرنىڭ بۇ توغىرلىق يازغان نەرسىلىرىنى ۋە شۇ دېتاللارنىڭ قوللانمىلىرىغا مۇراجىئەت قىلسىڭىز بولىدۇ.

DolanliK
يازمىلار: 34
تىزىملانغان ۋاقتى: پەيشەنبە سېنتەبىر 13, 2007 1:13 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان DolanliK » سەيشەنبە ئىيۇن 22, 2010 11:41 am

ئۇنداق بولسا ئالدى بىلەن Ubuntu نى قاچىلاپ باقاي ، بىلمىگەن يەرلەر بولسا تەلىم ئالارمەن ، رەھمەت! ~

Jewlaniy
يازمىلار: 29
تىزىملانغان ۋاقتى: يەكشەنبە ئۆكتەبىر 07, 2007 4:34 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Jewlaniy » پەيشەنبە ئىيۇن 24, 2010 4:30 pm

مېنىڭچە Redhat بولىدۇ مۇلازىمىتىر قىلىشقا. مەن Redhat نىڭ ئائىلە نەشىرىنى ئىشلىتىپ باققان. ئۇنىڭ مۇلازىمىتىر نەشىرى ھەقلىققۇ دەيمەن.
مېنىڭ ھازىرغىچە ئىشلىتىپ باققان Linux سىېستىمىلىرىدىن:
Redhat
OpenSUSE
Ubuntu
Red Flag
Fedora
قاتارلىقلىرى بار ماڭا بەكىرەك ياققىنى Redhat ئۇنىڭدىن قالسا OpenSUSE

Jewlaniy
يازمىلار: 29
تىزىملانغان ۋاقتى: يەكشەنبە ئۆكتەبىر 07, 2007 4:34 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Jewlaniy » پەيشەنبە ئىيۇن 24, 2010 4:32 pm

ھە راست YLMF نىڭ سېستىمىسىنى ئىشلىتىپ باقتىڭلارمۇ؟
خېلى يامان ئەمەستەك قىلىدۇ جۇمۇ.
Ubuntu نى ئۆزگەرتىپ XP غا ئوخشىتىپ قويۇپتۇ بۇ خەق.

ئىنكاس يوللاش

گە قايتىش

توردىكى ئەزالار

مۇنبەردىكى ئەزالار: 4 ۋە 0 مېھمانلار