ئۇيغۇرچە Ubuntu مەشغۇلات سىستېمىسى ۋە Open Office نى سىناش چاقىرىقى

باش سۈرەت
gheyret
يازمىلار: 125
تىزىملانغان ۋاقتى: چارشەنبە ئاپرىل 04, 2007 12:34 pm
ئالاقىلىشىش:

ئۇيغۇرچە Ubuntu مەشغۇلات سىستېمىسى ۋە Open Office

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان gheyret » سەيشەنبە ئىيۇل 27, 2010 12:49 pm

بىر مەزگىللىك تىرىشچانلىق ئارقىلىق كودى ئاشكار بولغان پۈتۈنلەي ھەقسىز ئىشخانا يۈرۈشلۈك دېتالى Open Office ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىنىغاندىن كېيىن، Open Office نىڭ رەسمىي تور بېكىتىدە ھەر قايسى مەشغۇلات سۇپىلىرى Windows, Linux, Mac OS, Solaris نىڭ 32 خانىلىق ۋە 64 خانىلىق سىناق نەشرى ئېلان قىلىندى.
بۇ ئىشخانا يۈرۈشلۈك دېتالى كودى ئېچىۋېتىلگەن Office دېتالى بولۇپ، OpenOffice.org ئۆزى تۈزۈپ ھەقسىز تارقاتقان دىتال Windows、Linux、MacOS ،Solaris كۆپ خىل مەشغۇلات سىستېمىلىرىدا نورمال خىزمەت قىلالايدۇ . ئۇنىڭ تېكست تەھرىرلەش، ئېلېكترونلۇق جەدۋەل، كۆرسەتمە، سىزمىچىلىق، فورمۇلا، ساندان قاتارلىق ئىقتىدارلىرى تولۇق.
بۇنىڭ تۆۋەندىكىدەك بىر قانچە خىل ئەزالىرى بولۇپ، ئادەتتە بىز نورمال ئىشلىتىۋاتقان مىكروسوفت office بىلەن ئوخشاش ھەتتاكى ئۇنىڭدىن يۇقىرى ئىقتىدارغا ۋە قولايلىقلارغا ئىگە .
Writer بىز ئىشلىتىۋاتقان word قا ئوخشاش يېزىق بىر تەرەپ قىلىدۇ .
Calc بىز ئىشلىتىۋاتقان Excel غا ئوخشاش جەدۋەل بىر تەرەپ قىلالايدۇ .
Impress بىز ئىشلىتىۋاتقان PowerPoint بىلەن ئوخشاش ئىقتىدارغا ئىگە
Math فورمۇلا بىر تەرەپ قىلىش، ماتېماتىكىلىق فورمۇلا كىرگۈزۈش ئالاھىدىلىكىگە ئېگە
Draw رەسىم سىزىش، بىر تەرەپ قىلىش قورالى
Base ساندان بىر تەرەپ قىلىش
يۇقىرىقىدەك Microsoft Office دا بار ئىقتىدارلاردىن باشقا يەنە Microsoft Office تا يوق قوراللارمۇ ۋە ئىقتىدارلارمۇ بۇ دىتالغا يىغىنچاقلانغان . ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ دېتال پۈتۈنلەي ھەقسىز بولۇپ، ئوغرى نەشرىدىكى دېتاللاردەك تىزىملىتىڭ، مۇنچە كۈنلۈك دەپ بىزار قىلىدىغان ئۇچۇرلار چىقىۋالمايدۇ .بۇ ئىشخانا يۈرۈشلۈك دېتالى ھېچقانداق نەشر ھوقۇقى ياكى كومپيۇتېرغا قاچىلاش چەكلىمىسى يوق. ئوغرى نەشرىدىكى دېتاللارنى يوشۇرۇن ئىشلەتكەندەك ئەندىشە يوق، بۇ Open Office ئىشخانا يۈرۈشلۈك دېتالىنى خاتىرجەم ئىشلىتەلەيسىز. بۇ يۇمشاق دېتالنىڭ كۆرۈنمە يۈزى ئۇيغۇرچە تەرجىمە قىلىنغان بولۇپ، ئىشخانا ئىشلىرىنىڭ ھۆددىسىدىن تامامەن چىقالايدۇ.

Open Office نى تەرجىمە قىلغان ساھران ئەپەندىگە كۆپ تەشەككۈر ئېيتىمەن.
تەپسىلاتىنى تۆۋەندىكى PDF دىن كۆرۈڭ.

[url]http://kenjisoft.homelinux.com/openoffice_test.pdf[/url]

تەكلىپ پىكىرلەرنى مۇشۇ يەرگە ياكى ئېلخەت ئارقىلىق يوللاڭ.


غەيرەت كەنجى

Bidar-Qutlan
يازمىلار: 163
تىزىملانغان ۋاقتى: سەيشەنبە ئاپرىل 03, 2007 4:54 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Bidar-Qutlan » سەيشەنبە ئىيۇل 27, 2010 1:31 pm

مەن بۇ يۇمتالنى تۈنۈگۈن ۋىدوۋس7نىڭ ئۈستىگە مۇۋەپپىقىيەتلىك قاچىلىۋالدىم، بىر قۇر ئىشلىتىپ كۆردۈم، ھازىرچە يولۇققان مەسىلە ئۇيغۇرچە كۆرۈنۈشلىكىدە خەتلىرىمىزنىڭ سۈپىتى بىرقەدەر تۆۋەن، يەنە قىسمەن جايلىرى ئېنگىلىزچى ھالەتتىن ئۆزگىرىپ بولالماپتۇ، بۇندىن كېيىن بىر مەھەل «تىرناقتىن كىر ئىزدەش» نۇقتىسىدا تۇرۇپ تەپسىلى كۈزۈتۈپ، يەنە ئىشلىتىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەرنى دوستىمىز سەھران ئەپەندىمگە يوللاپ بەرمەكچىمەن.
خەت سۈپىتىنى چىرايلىق كۆرۈنىدىغان قىلىش ئۈچۈن ۋېندوۋس ئېكسپى بولغان بولسا، فونت رېگ ۋە ئىكران خاسلىقىدىكى تەڭشەكلىرى ئارقىلىق چىرايلىق قىلىۋېلىشنى بىلەتتىم، ئەمما ۋېندوۋس 7 دە قانداق قىلىپ چىرايلىق قىلىشنى بىلەلمىدىم.
بۇ يۇمتالنىڭ ھازىرچە ماڭا ئەڭ ياققان يېرى 1- دىن ھالاللىقى، 2- دىن ساقلاش ۋاقتىدىلا ھىچقانداق يۇمتالسىز، بىۋاستە پ د ف ھالىتىدە ساقلىغىلى بولغانلىقى.

Eltekin
يازمىلار: 193
تىزىملانغان ۋاقتى: يەكشەنبە ئاپرىل 22, 2007 5:28 pm
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Eltekin » چارشەنبە ئىيۇل 28, 2010 2:26 pm

ئۇيغۇرچە Ubuntu مەشغۇلات سىستېمىسى ۋە Open Office نى چۈشۈرۈش مەنزىلىنى مەن بىلەلمىدىممۇ ياكى تاپالمىدىممۇ ھېچ يۇلۇقمىدى... نەدىن ئىرىشىمىز؟ يۈكلەش مەنزىلىنى يوللىۋەتكەن بولساڭلار.

ilyas331
يازمىلار: 10
تىزىملانغان ۋاقتى: دۈيشەنبە ماي 28, 2007 4:46 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان ilyas331 » پەيشەنبە ئىيۇل 29, 2010 2:38 am

[quote]ئەسلى يوللىغۇچى: [i]Eltekin[/i] ، ۋاقتى: 2010-7-28 20:26 [url=http://www.ukij.org/munber/redirect.php?goto=findpost&pid=3032&ptid=580][img]http://www.ukij.org/munber/images/common/back.gif[/img][/url]
ئۇيغۇرچە Ubuntu مەشغۇلات سىستېمىسى ۋە Open Office نى چۈشۈرۈش مەنزىلىنى مەن بىلەلمىدىممۇ ياكى تاپالمىدىممۇ ھېچ يۇلۇقمىدى... نەدىن ئىرىشىمىز؟ يۈكلەش مەنزىلىنى يوللىۋەتكەن بولساڭلار.[/quote]

ئاۋۇ ئۈستىدىكى PDF نى چۈشۈرسىڭىز ، ئىچىدە ھەممىسى باركەن.

باش سۈرەت
gheyret
يازمىلار: 125
تىزىملانغان ۋاقتى: چارشەنبە ئاپرىل 04, 2007 12:34 pm
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان gheyret » جۈمە ئىيۇل 30, 2010 5:59 am

قانداق يىگىتلەر، جىمىپ قالدىڭلارغۇ؟ ئوقۇش تەس كېلىۋاتامدۇ. مۇشۇنداق نەرسىلەرگىمۇ ۋاقتىڭلارنى چىقىرىپ قويۇڭلار. تەرجىمىگىغۇ يېقىن كەلمەيسىلەر، قىلغان تەرجىمىنى كۆرۈپ بولمىغان يېرى ھەققىدە بىر نەرسە دېيىشىڭلارنى ئارزۇ قىلىپ بۇ تېمىنى يوللىغان.
غەيرەت كەنجى

Intil
يازمىلار: 485
تىزىملانغان ۋاقتى: پەيشەنبە ئاپرىل 12, 2007 4:50 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Intil » جۈمە ئىيۇل 30, 2010 6:06 am

[quote]ئەسلى يوللىغۇچى: [i]غەيرەت[/i] ، ۋاقتى: 2010-7-27 18:49 [url=http://www.ukij.org/munber/redirect.php?goto=findpost&pid=2984&ptid=580][img]http://www.ukij.org/munber/images/common/back.gif[/img][/url]
... تەكلىپ پىكىرلەرنى مۇشۇ يەرگە ياكى ئېلخەت ئارقىلىق يوللاڭ.... [/quote]
دەپسىز، ئېلخەت ئادرىسىنى قالدۇرماپسىز. شۇنىمۇ قالدۇرۇپ قويسىڭىز .
باشقا تورلاردا تەشۋىق قىلىشقىمۇ ئىجازەت بىرىڭ. ھازىر بىلىم تورلىرى خېلى كۆپىيىپ قالدى.

Intil
يازمىلار: 485
تىزىملانغان ۋاقتى: پەيشەنبە ئاپرىل 12, 2007 4:50 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Intil » جۈمە ئىيۇل 30, 2010 6:10 am

[free]راست ، ئۇ ك ئى ج دا ئېئوت تونۇتۇلمىغاچقا كۆپ قىسىم تورداشلارغا غەيرى تۇيۇلىشى مۇمكىن. ئۇندىن باشقا بەزى تورداشلار بۇ يەردىكى مۇنازىرىگە قاتنىشىشتىن ئەيمىنىشى مۇمكىن. [/free]

kulke0997
يازمىلار: 111
تىزىملانغان ۋاقتى: پەيشەنبە نويابىر 29, 2007 10:40 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان kulke0997 » شەنبە ئىيۇل 31, 2010 9:47 am

مەن Open Office نى تولۇق قاچىلاپ سىنىغان ھەم ئىشلىتىپ باققان. ئەمما Ubuntu نى قاچىلىدىم لېكىن ئىشلىتەلمىدىم. Ubuntu نىڭ ئۇيغۇرچىسىنى قەيەردىن چۈشۈرىمىز. مەن قاچىلاپ ئۇنىمۇ سىناب باقاي. ئاۋۇ PDF تا قەيەردىن چۈشۈردىغانلىقى يوقكەن.

Eagle
يازمىلار: 141
تىزىملانغان ۋاقتى: دۈيشەنبە دېكابىر 01, 2008 9:13 pm
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Eagle » يەكشەنبە ئاۋغۇست 01, 2010 12:32 pm

قىيىنچىلىققا يولۇققانلار بۇ تېمىنى كۆرۈڭلار:

VirtualBox بىلەن Ubuntu مەۋھۇم كومپيۇتېر قۇرۇش

[url]http://www.ukij.org/munber/viewthread.php?tid=586[/url]

sonic
يازمىلار: 15
تىزىملانغان ۋاقتى: چارشەنبە ئاۋغۇست 04, 2010 4:26 pm
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان sonic » چارشەنبە ئاۋغۇست 04, 2010 5:17 pm

تىل بولىقىنى چۈشۈر ۋاتىمەن... مېنىڭ سورايدىغىنىم-(1)ئۇيغۇرچە خەت يازغاندا ئوڭدىن باشلاپ يېزىش كونۇپكىسىنى تاپتىم، لىكىن ھىچ ئامال قىلىپ باسالمىدىم! خەتنى سولدىن يېزىۋاتىمەن. (2)ئەرەپچە خەت نۇسخىسىغا تاللىساق خەت نۇسخىسى شۇنداق چىرايلىق (ئۆلچەملىك) چىقىدىكەنيۇ لىكىن «ۇ»(مېنىڭ بىلگىنىم)ھەرپىنى ئۇرساملا يەنە «چەمبەر»:L خەت نۇسخىسىغا كېلىپ قالدى...
(ئىشلەتكىنىم ئۇبۇنتۇ 10.04، مېنىڭچە ئىشلەتكىنىمدە ئۇيغۇرچە ئايرىم فونىت قاچىلمىساممۇ نۇرمال ھۆسنىخەت شەكىلدە كۆرۈندى)

ئىنكاس يوللاش
[phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/vendor/twig/twig/lib/Twig/Extension/Core.php on line 1275: count(): Parameter must be an array or an object that implements Countable

گە قايتىش

توردىكى ئەزالار

مۇنبەردىكى ئەزالار: 1 ۋە 0 مېھمانلار